تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 3421|ئىنكاس: 22

ئامېرىكا:ئەركىنلىك ۋە مۇتەئەسسپلىك (1)     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
34576
يازما
10
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 21:08:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا:ئەركىنلىك ۋە مۇتەئەسسپلىك (1)
تولۇق تېمىسى:غەرپ دۇنياسىدىكى بىز خاتا چۇشەنگەن ئەركىنلىك (ئوچۇقچىلىق) ۋە مۇتەئەسسپلىك

تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن
(2012-يىللىق ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن،ئەسەر تەرجىمىسنى ئۆز ئەقىدىسى ۋە مەدەنىيتى يولىدا باشتىن-ئاخىر جاھىللىق قىلالايدىغانلار ئۈچۈن بېغىشلايمەن)

ئىزاھات:بۇ ئەسەر نۆۋەتتە يتەكچى مىللەت مەتبۇئاتلىرى ۋە تور بېكەتلىرىدە كۆپ كۆرۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ بىرى،ئەسەر جۇڭگولۇقلارنىڭ ئامېرىكىقلارنى جىنسيەت ۋە ئىجتىمائى  ئەخلاق تېمىلىرىدا    ئەيىپلەپ ،ئەمەلىيەتتە  ئۆزى ئامىرىكلىقلاردىن ئۆتۈپ كەتكەن ناچار ئىكەنلىكىنى پاكىتلار بىلەن مۇلاھىزە قىلغان بولۇپ,ياخۇ جۇڭگو تور دەرسخانىسى ،تىيەنيا مۇنبىرى قاتارلىقلاردا ئەڭ كۆپ غۇلغۇلا قىلىنغان .ئەسەر كۆپ بولۇپ،داۋاملىق ھۇزۇرۇڭلارغا ‹‹ھەقسز››سۇنۇلىدۇ!

30 يىل بۇرۇن تۇرمۇشىمىز باي-باياشات ئەمەس،10مىڭ يۇۋەن پۇلىسى بارلار ئالاھىدە ھەم سرلىق تۇيۇلاتتى،ھەتتا پۈتۈن بىر شەھەردە ھەقىقى پۇلىسى بار بىرەر ئادەمنى تېپىشمۇ تەس ئىدى.
بىز ھەممىمىز بىر نەرسىنى بىلەتتۇق،دۇنيادا ئامېرىكا دەپ بىر يەر بار،ئۇ جىنسيەت ناھايتى ئەركىن بىر دۆلەت،ناھايتى ئەسكى ،بەك ناچار بىر دۆلەت بولۇپ،ھەممە يەردە ئۆز مەيلىچە جىنسى مۇناسۋەت قىلىۋاتقانلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن بولغان،زىنا-پاھىشە بىلەن تولغان  دۆلەت دەپ قارايتتۇق.
ئسلاھات-ئېچىۋىتىش يولغا قويۇلغاندىن كىين ،بىزنىڭمۇ تۇرمۇشىمىز ياخشى بولۇپ كەتتى.ئېقتسادىمىز ياخشلاندى،ئىدىيە ئازات بولدى،نەزەر دائىرىمىز كىڭەيدى.تۇرمۇش شارائىتىمىزمۇ بارغانسرى ياخشلاندى.بەزىلەر بىر كىچىدىلا بايۋەتچە بولۇپ قالدى،بايلىققا ئائىت ئەپسانىلەر بىرىنىڭ ئارقىسدىن بىرى خۇددى سھرى-جادۇدەك كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولۇشتى.
بىر چوڭ شەھەر،بىر چوڭ كۆۋرۈك بىر كىچىدىلا كشلەرنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ قالدى.يۇيۇنۇش ئۆيلىرى،ئۇۋلاش مۇلازىمەتلىرى،تىز تاماقخانا،قاۋاقخانىلاردا ئالاھىدە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاياللار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
چىرىك ئەمەلدارلار ۋە بايۋەتچىلەر زور كۆلەم بىلەن ئىككىنچى خوتۇن،ئۇچىنچى خوتۇنلارنى قولتۇقلايدىغان بولدى.جۇڭگولۇقلار گەرچە ئاغزىدا دىمىسمۇ ،بىراق ئەمەلىيەتتە بىر مەيدان جىنسيەت ئىنقىلاۋىنىڭ پەردىسى ئىچىلدى.بۇ چاغدا بەزىلەر:‹‹ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا جىنسەت جەھەتتە بەك كونسرۋاتىپ (مۇتەئەسسىپ) دۆلەت ئىكەن-دىيشتى.
بىز جىنسي ئەركىنلىكنى تىللاپ ،غەزەپلىنىپ يۇرگەن چاغلىرىمىزدا،ئامېرىكا ئاللىقاچان جىنسيەت تېمىسنى سالماقلىق ۋە تەمكىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىپ بولغانىكەن.
جەمئىيتىمىزدىكى نۇرغۇن نادىر شەخسلەر ‹‹جىنسيەت››تەرىپىدىن ‹‹ئازدۇرۇلغان››چاغدا،ئائىلە ۋە نىكاھتىن ۋاز كىچىپ،ئەخلاق ۋە ئېتىكىنى چۆرۈپ تاشلىغان چاغدا ئامېرىكىلىقلار يەنىلا ئۆزىنىڭ ئائىلىسنى قەدىرلەپ كىلىۋاتقان ئىكەن.
ئامېرىكا-يەنىلا ئامېرىكا،ئامېرىكا ئۆزگىرىۋاتىدۇ.بىراق ئەڭ كۆپ ئۆزگەرگىنى يەنىلا ئۆزىمىز ئىكەنمىز.
غەرپتە ئەركىنلىك ،ئوچۇقچىلىقمۇ بار ئىكەن،مۇتەئەسسپلىكمۇ بار ئىكەن،بىراق قەتئى بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئوچۇقچىلىق ئەمەسكەن.بىز دۇنيا ئوربىتسى بىلەن يېقىنلىشپ،جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىن بەھرلىنىۋاتقان چاغدا ،بۇنىڭغا ئەگىشپ كەلگەن قاراڭغۇ تەرەپلەرنى ‹‹غەرپنىڭ يامانلىقى››دىگەن قالپاقنى كەيگۇزۇپ قويىدىكەنمىز.خۇددى ئۆزىمىز بىلەن مۇناسۋەتسزدەكلا.ئەمەلىيەتتە،شەكىلۋازلىق بىلەن زامانىۋىيلىق يولىغا مېڭىش پەقەت ئۆزىنىمۇ ،باشقىلارنىمۇ ئالداشتىن ئىبارەتتۇر.
غەرپنىڭ نامىنى ھەقىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ تونۇش ‹‹ئەجنەبى››لەرگە ياخشى ئسىم قويۇپ بىرىش ئەمەس ،بەلكى ئۆزىمىزگە مەسئۇل بولغانلىقىمىزدۇر.


ئۇلارنىڭ مۇتەئەسسپلىكى –مەسئۇلىيەتچان پوزىتسيە بىلەن ئەڭ ئەقەللى ئادىمىيلىكىنى قوغداشتۇر!


‹‹جىنسيەت ئۇقۇمى››ئۇنچىۋالا ئەركىن ئەمەس،جەمئىيەتتىكى ‹‹ئاساسى ئېقىم››ناھايتى ئەنئەنىچى!
‹‹ھوللىۇۋد››كىنولىرى ۋە ‹‹ئويۇنچى شاھزادە››ژۇرنىلى قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى بىلەن كىشلەر ئامېرىكىلىقلارنىو جنسيەت قارىشنى ئەڭ ئەركىن،ئەڭ ئەسەبى دەپ ئويلايدۇ.بىراق ئامېرىكىدا ئۇزۇن تۇرسىڭىز،كونسرۋاتىپ  ۋە ئەنئەنىۋى جىنسيەت قارىشغا ئىگە كىشلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقايسز!
ئامېرىكىنىڭ جىنسى ئەركىنلىكى پەقەت ‹‹مۇئەييەن ئورۇن››ۋە ‹‹مۇئەييەن ئادەملەر توپى››دىلا مەۋجۇت.ئەمما جەمئىيەتنىڭ ئاساسى ئېىقىمى نسبەتەن خىلىلا مۇتەئەسسپتۇر،ئاممىۋى مەتبۇئات ۋە جامائەت سورۇنلىرى بىزدىن نەچچە ھەسسە ‹‹پاكىز››دۇر.
ئامېرىكىنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا شەھۋانىيلىققا چېتىلىدىغان ئىلان-تەشۋىقاتلارنى ھەرگىز كۆرگىلى بولمايدۇ.ئامېرىكا تېلىېىۋىزيە تىياتىرلىرىدا ھەتتا ئادەم تىللايدىغان سەت گەپلەرنىمۇ چېقىرۋېتىدۇ.نىيۇيوركقا ئوخشاش دېڭىز ساھىلىدىكى خەلقئارالىق شەھەرلەردە سىرتتىن كەلگەن كشلەر كۆپ بولغانلىقى سەۋەبلىك،سرىتتىن كەلگەن مەدەنىيەتنىڭ ئىگەللىگەن سالمىقى نسبەتەن كۆپ. ئەنئەنىۋى جىنسى كۆز قاراش ئۇنچىۋالا روشەن ئەمەس،ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قسمىدىكى ئامېرىكىلىقلار ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا كىچىك شەھەرلەردە ئامېرىكىلىقلار ئسمى جسمىغا لايىق ‹‹پاكىز دىن مۇرتلىرى››دۇر.(ئامېرىكلىقلار ئېتىقاد قىلىدىغان بىر دىنى مەزھەپ پاكىزلار نامىدا-ت).ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسم شتاتلىرىدا پاھشە قىلمىشى چەكلەنگەن،ئشرەت بىلەن مۇناسۋەتلىك بارلىق سورۇنلار چوقۇم بەلگىلەنگەن جايدا بولۇشى كىرەك،بولۇپمۇ دىنى جەمئىيەتلەردىن ،مەكتەپلەردىن يىراق بولۇشى كىرەك.شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ ئشرەت سورۇنلىرى ھەمىشە ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ قارشىلىق نامايىشغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.
ھازىرقى ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى جنسى كۆز قارىشى -20-ئەسرنىڭ 60-يىللىرىدىن بىرى تارقالغان ‹‹جىنسى ئازاتلىق››ئېقىمى بىلەن ئەنئەنىگە قايتقان.ئامېرىكىق جەمئىيەتشۇناسلار مۇنداق قارايدۇ:بىر دەۋر ئامېرىكىقلار ئەينى  چاغدىكى جىنسى جەھەتتىكى ھەددىدىن ئاشقانلىقى بەدىلىگە ئەيدىز كىسلى،جىنسي كسەللەر،ھەممە يەرگە يامرىغان توي قىلمىغان ئانىلارنىڭ ئىچىنىشلىق ئازاپلىرىنى تىگەشتى.كسەلدىن قورقۇش ۋە ئىجتىمائى مەسللەر ھەققىدە ئويلانغاندىن كىين،ئامرىكىلىقلارنىڭ ئەنئەنىگە قايتقان بۇ خىل جىنسيەت قارىشى تېخىمۇ كونسرۋاتىپ (مۇتەئەسسىپ) ۋە ئاقىلانە بولۇشقا باشلىدى.

تەرجىماندىن سۆز:
بۇ ئەسەر مەزمۇنى تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئىدىدىيسى بىلەن مۇناسۋەتسز.شۇڭا كۆپچىلىكتىن رەھمەت تاما قىلمىغان ئەھۋالدىمۇ، ھەر قانداق ئارتۇقچە گۇمانى پەرەزلەرنى تاڭماسلىقنى ئۇمىد قىلىمەن.ھەقىقى ئسىم بىلەن يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ئنسانى ھوقۇقۇمغا قىلىنغان دەخلى-تەرۇزلەرگە ئادوكاتىم ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇرمەن.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
6825
يازما
485
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
11746
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
209 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 23:08:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە جىنسىيەت مىللەتنىڭ نۇمۇس ئېڭىنىڭ قانداق بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن.

UID
36534
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 00:32:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەخمەت
بۇ توغۇرلۇق بىلدىغانلار سۆزلىسۇن مەن ئاڭلاي.

كۆيۈمچان ئەزا

ھەق سوزلەش گۇزەل ئەخلاق!

UID
10851
يازما
320
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1341
تىزىملاتقان
2011-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
184 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 10:34:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك ئەمگەككە تۇتۇش قىپسىز، تەشەككۇر!
ھوقۇقىڭىز ھەقىقەتەن دەخلى-تەرۇزگە ئۇچۇراپ(ئەلبەتتە ئۇنداق بولماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن!) ئادۇكاتىڭىز ئالدىراش بولۇپ قالسا مەن سىزگە ھەقسىز ئادۇكات بولۇپ بېرەي! سىزنىڭ زېھنىڭىزنى يىغىپ داۋامىنى يوللىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن!

UID
5821
يازما
93
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2373
تىزىملاتقان
2010-9-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
25 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 11:58:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەخمەت

كۆيۈمچان ئەزا

ھەبىرجان ئۆلۈمن

UID
11333
يازما
270
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
8490
تىزىملاتقان
2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-20
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 12:47:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بىكەت باشلىقى ئەلكۈيدە نىمىشقا تىمىلارنىڭ يىڭلىنىشى ئاستا

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 14:56:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن ئامرىكا ھەققىدىكى ھەرقانداق ئۇچۇرعا قىززىقاچقا ، ئامرىكىدا تۇرۇپ كەلگەنلەر  بىلەن كوپ ئۇچۇرشۇپ  پىكىر لىشىپ باقتىم ، ئۇلارنىڭ دىگىنى بىزگە ئۇگىتىلگەنلىرىنىڭ ئەكسىچە . ئوتكەندە ئامرىكىدا بىرسى بىرسىنىڭ ئەمەك يىلىنىنى چىشلەپ زەحمىلەندۇرگىنى ئۇچۇن 15كۇنلۇك تۇتۇپ تۇرۇش جازاسىعا ھوكۇم قىلىندى . بىزدىچۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

UID
11805
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2011-5-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-20
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 16:04:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ بىزدىمۇ جىنسىيەت تېمىلىرىنى كورسەك ياكى ئاڭلىساق يۇزىمىز قىزىردىغان دەۋىرمۇ ئاخىرلاشتى. شۇنداق قىلىپ بىزدىكى ئىدىيەمۇ ئازات بولدى دىگەن گەپ.
دىمىسىمۇ بۇ مۇنبەردە تېمىلارنىڭ يېڭىىشىمۇ بەك ئاستىكەن، ئادەم سانى كوپ بولغان بىلەن ئىنكاسلارنى ۋالاق-ۋۇلۇق ،جالاق -جۇلۇق يېزىپ مۇنبەرنىڭ كەيپىياتىنى كوتۇردىغانلارمۇ ئازدەك قىلامدۇ قانداق....... يا بەك ئېغىر بېسىق بىلىملىك باللا بەك كوپمۇ يا؟

UID
29113
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-2-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
33 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 21:50:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ماقالىدىن قانائەت ھاسىل قىلمىدىم. بۇ كىرىش سۆزمۇ قانداق ؟

UID
34576
يازما
10
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 22:56:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىسى: ئامېرىكا:ئوچۇقچىلىق ۋە مۇتەئەسسپلىك (2)

ئامېرىكىقلار ئائىلىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ،نىكاھ قارىشى ساپ
ۋە گۈزەل بولىدۇ.

بىز ھەمىشە:غەرپلىكلەر ئىلغار،ھەممە غەلىتە،قىزىزىقارلىق ئشلار تېپىلىدۇ،ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى،ئوچۇقچىلىقى شەرقلىقلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ دەپ قارايمىز.
نىكاھ تۇرمۇش مەسىلىسدە بولسا،شەرقلىقلەر ھەمىشە كىلىشپ قىلىشقا نەسىھەت قىلىپ،ئايرىلىشنى تەۋسيە قىلمايدۇ،غەرپلىكلەر دەل ئەكسىچە بولۇپ،كۆپ قسمى ئايرىلىشقا تەۋسيە قىلىشى مۇمكىن.بىراق بۇ ئامېرىكىدىكى توي قىلغان ئائىلىلەرنىڭ بىز ئويلىغاندەك بەك ھاياجان ياكى قالايمىقان ،مەسئۇلىيەتسز ئىكەنلىكىدىن دىرەك بەرمەيدۇ.
ئامېرىكىلىقلار توي قىلىشنى پىلانلاشتىن بۇرۇن بەلكىم بىر ئاز ئەركىن بولۇشى مۇمكىن،ئەمما توي قىلغاندىن كىين ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنى ناھايتى ئىنىق بىلىدۇ،ئائىلە دائىم ھەممىنىڭ ئالدىغا تېزىلىدۇ،ھەتتا خىزمەتمۇ ئائىلىگە بويسۇنىدۇ،توي قىلغانلارنىڭ باشقا ئەر ياكى ئاياللار بىلەن كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرى ياكى بىرەرسى بىلەن يېرىم كىچىچە كۆڭۈل ئىچىپ ئولتۇرۇشى يوق دىيەرلىلك.ئامېرىكىدا  ئاجىرىشش ئەركىنلىك،بىراق نىكاھ مەزگىلىدە ئۆز ھەمراھىغا ئەقەللى بولغان سادىقلىقنى ساقلايدۇ،بولۇپمۇ مەدەنىيەت سەۋىيسى ۋە ئېقتسادى شارائىتى بار ئېسلزادىلەر قاتلىمى ئۆز سالاھىيتىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ.جنسى سەتچىلىككە چېتىلىپ قالغان سياسئونلارنىڭ كۇنى تەس بولۇپلا قالماي،كەينىدىن جىنسى جەھەتتىكى ئىغۋا تارقالغان ئاقسۆڭەكلەرنىڭمۇ ئىجتىمائى نوپۇزى ۋە شۆھرىتىگە ئىغىر دەز كېتىدۇ.
20-ئەسرنىڭ 90-يىللىرىدا بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن ‹‹كۆۋرۈكتىكى ئەسلىمە››فىلىمى ئامېرىكلىقلارنى ئىچىپ بەرگەن،بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ئامېرىكىلىقلارنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ھسيات جەھەتتىكى تەڭپۇڭلۇق مەسىلىسنى شەرھىيلەپ بەرگەن.فىلىمدىكى ئايال باش قەھرىمان نىكاھدىن تاشقىرى ھاياجانلىق بىر مۇھەببەتكە دۇچ كەلگەندە،نەچچە رەت ئويلاش ئارقىلىق ئاخىرى يەنە ئائىلىنى تاللىغان،ئۇنىڭ تاللىشى كۆپچىلىكنىڭ قوللىشغا ئېرىشكەن.
مۇتەئەسسىپ بولغان جىنسى مۇناسۋەت قارىشى نۇرغۇن ئامېرىكلىقلارنىڭ نىكاھىدا ئىللىقلىق ۋە مۇقىملىق پەيدا قىلغان.بولۇپمۇ ئاساسى ئورۇننى ئىگەللەيدىغان ئوتتۇرا تەبىقىدىكى ئامېرىكا ئاھالىسى ئارىسدا توي قىلغىلى ئۇزۇن يىل بولغان ئەر-ئاياللار بىر-بىرى بىلەن خۇددى مىھماننى كۇتۇشكەندەك ھۆرمەت بىلەن ئۆتۈشىدۇ.
ئشخانىلىرىدا ھامان ئائىلىسى بىلەن بىرگە چۈشكەن كوللىكتىپ سۈرەت ئسىقلىق بولۇپ،ھىچقاچان ئۆزىنىڭ ئايالى ياكى يولدىشنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى،بالىسى ۋە ئائىلىسگە قانچىلىك مىھرى بارلىقىنى ئازراقمۇ يوشۇرۇپ ئولتۇرمايدۇ.نۇرغۇن كىشلەر توي قىلىش كىشنى مۇھەببەتلەشكەندىنمۇ بەكرەك خۇشال قىلىدۇ.




تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-3 22:58):
داۋامى ھەر كۈنى ئشتىن چۇشۇشكە توغرىلاپ يوللىنىلىدۇ.ئەيىپكە بۇيرۇمىغايسلە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش