تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 7104|ئىنكاس: 56

يەھۇدىلار نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىنى كونترول قىلالايدۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
613
يازما
167
تېما
78
نادىر
0
جۇغلانما
4604
تىزىملاتقان
2010-11-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
23 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 15:28:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق بىر گەپ بار: دۇنيانى كونترول قىلىدىغان ئامېرىكا، ئامېرىكىنى كونترول قىلىدىغانلار بولسا يەھۇدىلار. يەھۇدىلار ۋالت كوچىسىنى كونترول قىلىپلا قالماستىن ، ھوللىۋۇد ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ساھەسىنىمۇ كونترول قىلىۋاتىدۇ.بۇ خىل كۆز قاراش بىر ئاز مۇبالىغە قىلىۋېتىلگەن بولۇشى مۈمكىن ، لېكىن ئامېرىكا نوپۇسىنىڭ ئاران 3% تىنى ئىگەللەيدىغان يەھۇدىلارنىڭ ئامېرىكا جەمىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە زور رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتقانلىغى شۈبھىلەنگىلى بولمايدىغان ھەقىقەت.

ئامېرىكىنىڭ پۇل خالتىسىنى كونترول قىلىش
ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ، ئۆتكۈر سودا قىلىش ئىقتىدارى


يەھۇدىلارنى «دۆلەتمەن» دېگەن سۆز بىلەن باغلاپ تۇرىدۇ.فۇربۇس ژورنىلىغا بېسىلغان ئامېرىكىلىق ئالدىنقى 40 باينىڭ ئىچىدە 16 سى يەھۇدى. يەھۇدىلار قۇرغان گوتمان. ساكس، ئاكا-ئۇكا لېيمان قاتارلىق مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى، «پۇل مۇئامىلە چوڭ تىمساق»ى سولىس، «پاي چەك ئىلاھى» بافىت قاتارلىقلار ۋەكىللىك قىلغان يەھۇدى پۇل مۇئامىلە مۇتەخەسىسلىرى ۋالت كوچىسىنى ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى جان تومۇرىنى كونترول قىلىپ تۇرماقتا.
ئامېرىكىنىڭ كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ يەھۇدىلارنى ئاساس سالغان دېيىشكە بولىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ھوللىۋۇد رىۋايىتىنى بەرپا قىلغانلار دەل ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن قۇرۇق قول كالفۇرنىيەگە كەلگەن بىر تۈركۈم يەھۇدىلاردۇر. ئۇلارنىڭ ئىچىدە گانا شىركىتىنى قۇرغان گانا 4 ئاكا-ئۇكىمۇ بار. ھوللىۋۇدنىڭ داڭلىق چولپانلىرى ئىچىدە باربارا . شىسۈيشېن، ستىفېن. سىپىربەگ قاتارلىقلارمۇ يەھۇدىلاردۇر.

ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ساھەسىدە يەھۇدىلارنىڭ تەسىرى تېخىمۇ چوڭقۇر. 1917-يىل تەسىس قىلىنغان پۇلىس مۇكاپاتىدىن ھازىرقى ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ۋە ئەدىبىيات ساھەسىدىكى ئەڭ ئالى مۇكاپات ئوسكار مۇكاپاتىغىچە بۇ مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلغانمۇ داڭلىق يەھۇدى باي يۈسۈف.پۇلىس. نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى، ۋالت كوچىسى گېزىتى ۋە ئامېرىكىدىكى ئۈچ چوڭ تېلۋىزىيە تورىمۇ ھەر ۋاقىت ئامېرىكىلىقلارنىڭ خەلق رايى ۋە سىياسى قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. بۇ مۇھىم ئورۇنلارنىڭ باش باشقۇرغۇچىسى ياكى غوللۇق ئادەملىرىمۇ يەنىلا يەھۇدىلاردۇر.


23 تىن 6 مىليونغىچە


ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان مۇشۇنداق مۇۋەپىقىيەتلىرى بىلەن بىللە يەھۇدىلارنىڭ بەختسىزلىكلىرىمۇ ئاز ئەمەس. 1654-يىل دىنىي جەمىيەتنىڭ زىيانكەشلىگىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن 23 نەپەر يەھۇدى ئامىستىردام(ھازىرقى نيويورك شەھرى)غا كېلىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. يەھۇدىلارنىڭ ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىشى مانا مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ. 355 يىل جەريانىدا يەھۇدىلار ھەر خىل خېيىم- خەتەرلەرگە تولغان كۈرەشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئادەتتىكى بىر كۆچمەنلەر توپىدىن تەرەققى قىلىپ ئامېرىكا جەمىيىتىكى ئاساسلىق كۈچكە ئايلىنىدۇ.
يەھۇدىلار تۇرمۇشتا قانچىلىك جاپا تارتسىمۇ بالىلىرىنىڭ ئالى مائارىپتىن بەھرىمان بولۇشى ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. مائارىپ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ يەھۇدىلار پەن-تېخنىكا، بىلىم ساھەسىگە قەدەم قويىدۇ.
گىتلېر قوزغىغان يەھۇدىلارغا قارشى ھەركەت 2-قېتىملىق يەھۇدىلارنىڭ كۆچۈش دولقۇنىنى قوزغايدۇ. 1933-يىلدىن 1945-يىلغىچە 200 مىڭ يەھۇدى مۇساپىر ھەر خىل يوللار ئارقىلىق ئامېرىكىغا كېلىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالبېرت ئېينىشتىيىنمۇ بار. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان 60 يىلدىن بۇيان يەھۇدىلارنىڭ نوپۇسى مۇقىم ئېشىپ ئومۇمى سانى ئاللىقاچان 6 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى.


ۋاشىنگىتوننىڭ قارارلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش



يەھۇدىلار گەرچە باياشات بولسىمۇ ئۇلارنىڭ باشتىن كەچۈرگەن ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرى ئۇلارغا نىسبەتەن ئۇنتۇپ كەتكىلى بولمايدىغان ئەسلىمە. شۇڭا ئۇلار مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن دائىم دىنغا ئىخلاس قىلغانغا ئوخشاش سىياسىغۇ ئىخلاس قىلىپ ۋاشىنگىتوندا چىقىرىلغان ھەر خىل قارارلارغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
يەھۇدىلارنىڭ سىياسىغا قاتنىشىش ئۇسۇللىرى ھەر خىل بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى سايلامغا بېلەت تاشلاش. 18 ياشتىن يۇقۇرى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ سايلامدا بېلەت تاشلاش نىسبىتى 50% كىمۇ يەتمەيدۇ، لېكىن ئامېرىكىلق يەھۇدىلارنىڭ بېلەت تاشلاش نىسبىتى 90% كە يېتىدۇ، سايلامنىڭ نەتىجىسى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان سايلام ۋەزىيىتىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. يەھۇدىلارنىڭ سىياسىغا قاتنىشىش ئۇسۇللىرىدىن يەنە بىر خىلى بولسا سىياسى پائالىيەتلەرگە پۇل ئىئانە قىلىش. يەھۇدىلارنىڭ گەرچە پىخسىقلىقتا نامى چىققان بولسىمۇ لېكىن پۇل ئىئانە قىلىش مەسلىگە ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ. 2000-يىل ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا پۇل ئىئانە قىلغان بايلارنىڭ ئالدىنقى بەشى ئىچىدىن تۆتى يەھۇدى.
پەردە ئارقىسىدا تەسىر كۆرسەتكەندىن باشقا ، يەھۇدىلار ئاكتىپلىق بىلەن ئالدىغا چىقىپ سىياسىغا ئارلىشىدۇ. بۇرۇنقى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھېنرى.كېسىنگىر، بۇرۇنقى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ رەئىسى گېلىنسىپەن، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى رامو. ئىسرائىل. يىمەننۇر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يەھۇدى. پارلامېنتتا ئۇزۇندىن بېرى 10 دىن 15 كىچە يەھۇدى پارلامېنت ئەزاسى بار. پالاتا ئەزالىرى ئىچىدىمۇ 10% ئەتراپىدا ئورۇننى يەھۇدىلار ئىگەللەيدۇ.
نۇرغۇنلىغان ئازاپ-ئوقۇبەتلەر يەھۇدىلارنىڭ قەيسەر ئىرادىسى ۋە كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچىنى يىتىشتۈرگەن. لېكىن بۇ خىل كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچى ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى تارايتىپ مەسىلىلەرگە پەقەت ئۆزىنىڭ قەۋمىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدىغان قىلىپ قويغاندەك تۇرىدۇ.


ئەلكۈيى تورىدىن: ئايسۇلتان تەرجىمىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-30 23:30  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
37042
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-4-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-3
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 17:37:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم ،ئەلكۇيى مۇنبىرىدىكى سىرداشلار. ياخشىمۇ سىلەر.مەن بىر يىڭى ئەزا بولوش سۇپىتىم بىلەن  ھەممىڭلاردىن تىنىچ-ئامانلىق سورايمەن. شۇنداقلا مۇنبەرگە تۇنجى كىرىپ كۆرگەن تېمام يەھودىلار ئۆستىدە بولوپ، مىنىڭچە  ئازاپ -ئوقوبەتلىك  ئۆتمۆش  ئۇلارنى بەكلا چىداملىق تاۋلاپ چىقىپتۇ.ئۇلار ھەر مىنۇت-ھەر سىكىنۇت شۇ ئۆتمۆشنى كۇز  ئالدىغا كەلتۇرۇپ تىرىشسا كىرەك....

UID
33689
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 01:19:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

تىرىشچان ئەزا

دۈشمىنىمنىڭ دۇش

UID
5562
يازما
57
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1227
تىزىملاتقان
2010-9-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-15
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 06:46:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەلەستىندىكى ئاشكارا ئېزىلۋاتقان مۇسۇلمانلارنى يەنىمۇ ئىزشتىن باشقىنى ئويلىمايدۇ بۇلار.

UID
12811
يازما
180
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3480
تىزىملاتقان
2011-6-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
46 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 09:52:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىزىش 3تۇرلۇك بۇلىدۇ ،يەنى قورال بىلەن ئىزىش ، قوش ئولچەملىك قانۇن ئارقىلق ئىزىش ، ئىقتىساد بىلەن ئىزىش . پۇتۇن دۇنيانىڭ ھىسداشلىقىعا ئىرىشپ كىلىۋاتقان يەھۇدىلار  ئالدىنقى ئىككى تۇردە ئىزىلىپ ،ئىقتىسادى جەھەتتە ئىزىلىپ  باقمىعان ،شۇڭا ئۇلار عورورىنى ،ھاياتى كۇچىنى يوقاتمىعان . ئەمما 3جەھەتتە تەڭ ئىزىلىش ،ئىزىلگۇچىلەرنى ھەممەنىمىسىدىن مەھرۇم قىلىدۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

تارىم ئۆركىشى

UID
10314
يازما
78
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
2688
تىزىملاتقان
2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 11:09:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرلا ئېغىز گەپ _ پۇل .

UID
6825
يازما
485
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
11746
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
209 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 14:17:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياھۇدىلار چۈشكىرىپ قالسا،ئامرىكا(ئېڭگىلىسلار) زۇكامداپ قالىدۇ،دىگەن بۇ ھۈكۈم يۇقىرىدىكى ماقالىدە دىيىلگەن پىكىر مەزمۇنىنى تېخىمۇ يۇرۇتۇپ بېرەلىشى مۇمكىن.

UID
2581
يازما
200
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
6232
تىزىملاتقان
2010-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 16:32:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abm165 يوللىغان ۋاقتى  2012-5-1 09:52
ئىزىش 3تۇرلۇك بۇلىدۇ ،يەنى قورال بىلەن ئىزىش ، قوش ئو ...

ھەقىقەتەن تۇغرا ئىتتىڭىز

UID
25899
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-1-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-1
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 19:19:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياھۇدىلار چۈشكىرىپ قالسا،ئامرىكا(ئېڭگىلىسلار) زۇكامداپ قالىدۇ،دىگەن بۇ ھۈكۈم يۇقىرىدىكى ماقالىدە دىيىلگەن پىكىر مەزمۇنىنى تېخىمۇ يۇرۇتۇپ بېرەلىشى مۇمكىن   

UID
28222
يازما
49
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
49
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 21:11:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  گىتلىر دەل يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ ئاخىردا پۈتۈن دۇنياغا خۇجا بۇلىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق قىلغان ،گىتلىرغا ئائىت ماتىرياللاردىن بۇنى ئېنىق كۆرۋېلىشقا بۇلىدۇ .دىمىسىمۇ بۇ يەھۇدىيلار زامان ئاخىر بولغاندىمۇ بىز ھايات قالىمىز دەپ پىلان سوقماقتا .بۇنى ئالدىنقى بىر ئايدا ئىلان قىلىنغان «دونيادىكى ئەڭ چوڭ سىرلىق تەشكىلات -فىرى مىسىن تەشكىلاتى »دىگەن ئەسەردە ئۇقۇغانتىم !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش