تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 462|ئىنكاس: 0

مۇھەررىرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشى ۋە بۇرچى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
36812
يازما
1
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-4-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-28
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 01:13:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇھەررىرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشى ۋە بۇرچى

                                    شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى مۇھەررىرى
                                                      ئۆمەرجان . ئە

       مۇھەررىر ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئاندىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ھەمدە مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدۇ. ئومۇمەن مەدەنىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مۇھەررىرگە نىسبەتەن ئۇنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشى نەشر بۇيۇملىرىنىڭ(كىتاب، گېزىت-ژۇرنال دېگەندەك) سۈپىتىگە شۇنداقلا نەشر كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي ئەڭ مۇھىمى يەنە مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىشى بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك. مۇھەررىر ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ جەمئىيەتنىڭ يۈكلىگەن بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك. ئەگەر تەھرىرلىك ۋە نەشىرياتچىلىقنى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ گەۋدىسى دېسەك، ئۇنداقتا مۇھەررىر بولسا مەدەنىيەت مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىشتىكى‹‹ئۆتكەلنى تۇتقۇچى››قاراۋۇل ھېسابلىنىدۇ. تەھرىرلىك پائالىيىتى(خىزمىتى) مەدەنىيەتتىن ئايرىلالمايدۇ. ھالبۇكى مەدەنىيەت تەھرىرلىك پائالىيىتى ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، مۇھەررىرنىڭ مەدەنىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىلا ئاندىن مۇھەررىرنىڭ بۇرچىنى ئېنىق بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

1. مۇھەررىر بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى
       مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسلىق قىلىنىشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مەدەنىيەت تارقىتىش ۋە مەدەنىيەت جوغلاش(كونا مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ ساقلىنىشى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يېڭى مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ كۆپىيىش جەريانى،مۇنداقچە ئېيتقاندا جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىدۇر)ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. تەھرىرلىك بىلەن نەشىرياتچىلىق مەدەنىيەت جوغلاش ۋاسىتىسى ۋە جەريانى بولۇپ، بۇ جەريان مۇھەررىرنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشىغا موھتاج. مۇھەررىر بىر قاتار پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئاشۇ ھەقىقىي قىممىتى بار بولغان مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيىتىنى ناھايىتى تېزلا ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تارقىتىش سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈپ ئىنسانلار ئورتاق ئىگە بولغان ئىدىيەۋى مەدەنىيەتنىڭ تارقىتىش سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈپ ئىنسانلار ئورتاق ئىگە بولغان ئىدىيەۋى مەدەنىيەتنىڭ جوغلانمىسىغا ئايلاندۇرىدۇ. تەھرىرلىك پائالىيىتى جەريانىدا مۇھەررىر مەدەنىيەت ئامىللىرىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ. مۇھەررىر تەھرىررلىك پائالىيىتىگە قاتنىشىشتىن ئىلگىرى تىل-يېزىقتىكى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى تولۇق ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئاندىن قولىغا قەلەم ئېلىشى كېرەك.
           مۇھەررىرنىڭ تاللىشى بىر خىل مەدەنىيەت تاللىشىدۇر(مەدەنىيەت تاللاش - مەدەنىيەت تېخىمۇ كۆپ خىللاشقان چاغدا، مەلۇم خىلدىكى مەدەنىيەتكە نەزەر سېلىپ قايسىسىنىڭ ئاساسىي ئېقىمدىكى مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى بىلىشتۇر). نەشىرياتچىلىق پەيدا بولغاندىن بۇيان قالاق مەدەنىيەت تەنقىد قىلىنىپ ئەنئەنىۋە مەدەنىيەت ياقىلاندى ۋە كەڭ تەشۋىق قىلىندى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە مۇھەررىرلەر ۋەتىنىمىز ھەرقايسى مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت جەۋھىرىنى قىزىپلا قالماي يەنە نەزەر دائىرىسىنى كەڭ ئېچىپ باشقا ئەللەرنىڭ بىزگە پايدىلىق مەدەنىيەت جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىپ ھەم تارقىتىپ كەلمەكتە. بۇ جەرياندا مۇھەررىرنىڭ كۈچىگە، يەنى مەدەنىيەت تاللىشىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. مەسىلەن: ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ مەدەنىيەت پەرقىدىن قارىغاندا مىللى مەدەنىيەتنىڭ ئامىللىرى ئاساسلىقى تەپەككۇر مەدەنىيىتى، رايون مەدەنىيىتى، دىن مەدەنىيىتى، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزى مۇھەررىرلەردە ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئائىت بىلىملەرنىڭ كەمچىل بولۇشى تۈپەيلى، ماس كېلىدىغان مەدەنىيەتنى توغرا تاللىيالماسلىق سەۋەبىدىن ئاخىرقى ھېسابتا خاتا چۈشىنىش ۋە سۆزنى جايىدا ئىشلىتەلمەي ئۇقۇمنى توغرا ئىپادىلىيەلمەسلىكتەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

2. مۇھەررىرنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشى
      ئەڭ ئاۋۋال مۇھەررىر مەدەنىيەت جوغلاش ئېڭىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. تەھرىرلىك پائالىيىتى ئىككى مۇھىم فۇنكسىيىگە ئىگە. بىرى، ئۇچۇر تارقىتىش. يەنە بىرى، مەدەنىيەت جوغلاش(توپلاش). ئۇچۇر توپلاش مەدەنىيەت جوغلاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى؛ ھالبۇكى مەدەنىيەت جوغلاش بولسا ئۇچۇر توپلاشنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى. مەدەنىيەت جوغلاش ئېڭى بولسا مۇھەررىرنىڭ تەھرىرلىك پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم ئىدىيەۋى ئاڭ. مۇھەررىر مەدەنىيەت جوغلاش ئېڭىنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ كەسكىن، تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئورنىنى تىكلىيەلەيدۇ، يەنى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايدۇ؛ ھەمدە تەھرىرلىك پائالىيىتىدىكى پائالىيەتچانلىقىنى كۈچەيتىپ ئۇچۇر توپلاش بىلەن مەدەنىيەت جوغلاشنىڭ بىردەكلىكىنى تېخىمۇ مۇكەممەل تاماملىيالايدۇ. كونكىرىېتنى ئېيتقاندا، مۇھەررىر بولسا پەن-مەدەنىيەت پائالىيىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان، ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان ۋاسىتىچى. ئۇ ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ بەرپا بولۇش جەريانىغا بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ ھەم تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھەررىر مەدەنىيەت جوغلاشقا قارىتا چوقۇم ئىلمى، قاتتىق مۇئامىلىدە بولۇشى، ھەمدە ھەقىقىي قىممىتى بار بولغان مەدەنىيەتنى مەدەنىيەت تارقىتىش سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈپ ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەدەنىيەت جوغلانمىسىغا ئايلاندۇرۇشى، يەنە بىرتەرەپتىن قىممىتى يوق، چاكىنا مەدەنىيەتنى شاللىۋېتىشى، بۇ ئارقىلىق مەدەنىيەت جوغلاشنى ساپلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش لازىم.
      مۇھەررىر ياخشى بولغان سىياسىي ۋە ئەخلاقى ساپانى ھازىرلاشتىن سىرت ئەڭ مۇھىمى، بىر قەدەر يۇقىرى بولغان مەدەنىيەت ساپاسىغا ئىگە بولۇشى لازىم. ئادەتتە مۇھەررىر بولغانلار كۆپىنچە بىرلا كەسىپنى پۈتكۈزگەن بولىدۇ. خىزمەت جەريانىدا ئۇنىڭ بىرلا كەسىپكە ئائىت كىتاب-ماتېرىياللارنى تەھرىرلىشى ناتايىن. شۇڭا كۆپ خىل پەن مەدەنىيەت بىلىملىرىنى قوبۇل قىلىشى لازىم. ئوخشىمىغان پەن بىلىملىرى ئارىسىدىكى ئۇقۇملار بىر –بىرى بىلەن گىرەلەشكەن ياكى سىڭىشكەن بولىدۇ. بىر پارچە ئورىگىنال ئومۇمەن بىرلا پەنگە چېتىشلىق بولماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، مۇھەررىرنىڭ بىلىم دائىرىسى كەڭ بولۇشى، تەبىئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەندىن ئورتاق خەۋەردار بولۇشى كېرەك. تەھرىرلىك نەزەرىيىسىنى ئەمەلىي خىزمەتكە يېتەكچى قىلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا تەھرىرلىك نەزەرىيىسىگە بولغان چۈشەنچىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەمدە ئەمەلىي خىزمەت تەجرىبەسى بىلەن ئەقلىي تەپەككۇرى ئارقىلىق ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش، تەنقىد قىلىش، قايتا ئويلىنىش، ئاخىردا يۈكسىلىش لازىم. مۇھەررىرنىڭ سۈپەت ئېڭى سۈپەتنى نەشر بۇيۇملىرىنىڭ جېنى دەپ قاراش ئېڭى بولۇپ، گەپنىڭ مېغىزىنى دېگەندە: ‹‹سۈپەت بىرىنچى›› دېگەن ئاڭدۇر؛ ئۇنىڭدىن قالسا رىقابەت ئېڭىدۇر. نەشر بۇيۇمى مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ. يەنى مەدەنىيەت خاسلىقىغا ھەم تاۋار خاسلىقىغا ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن نەشر بۇيۇملىرى ھامان بازارغا سېلىنىپ كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، سېتىلىدۇ ھەمدە بازارنىڭ(سېتىۋالغۇچىلارنىڭ) نازارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ. بازارنى ئىگىلەيمەن دەيدىكەن چوقۇم جاپاغا چىداپ تىجارەت قىلىش، بىخەستەلىك قىلماسلىق لازىم. ھازىرقى رىقابەتلىك جەمئىيەتتە مۇلازىمەت ئېڭى ھەربىر مۇھەررىرنىڭ كاللىسىدا ئايدىڭ بولۇشى كېرەك. ئەڭ ئاۋۋال ئوقۇرمەنلەرنى 1-ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلار رازى بولغۇدەك نەشر بۇيۇنلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كېرەك. بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر نەشىرياتچىلىقىدا چىقىش يولى ئىزدەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ.
       مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيىلىنىش ئەمەلىيەت داۋامىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ھەرگىزمۇ بىكاردىن-بىكارلا ئالدىمىزغا قويۇلۇپ قالمايدۇ ھەم بۇرۇندىنلا پەيدا بولۇپ قالغانمۇ ئەمەس. بولۇپمۇ باشقىلاردىن ئاڭلىغان ياكى ئۇچراپ قالغان ئىشەنچىلىك ھەم قىممەتلىك خەۋەرلەرنى ياكى كىتابلارنى كۆرۈش ئارقىلىق ياخشى روھى ھالەتنىڭ ھەمراھلىقىدا بىلىم سەۋىيىمىزنى ئۆستۈرۈش داۋامىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خېلى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن كېيىن بىلىپ-بىلمەيلا مەدەنىيەت جەھەتتە لاياقەتلىك تەربىيىلىنىپ چىقالايمىز. لېكىن شۇنىمۇ بىلىپ قېلىش زۆرۈركى، مەدەنىيەت جەھەتتە تەربىيىلىنىش نۇرغۇن نەرسىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەدەنىيەت جەھەتتە تەربىيىلەنگەن كىشىنىڭ(مۇھەررىر، يازغۇچى قاتارلىق) چوقۇم ئىجابىي شەخس بولۇپ كېتىشى ناتايىن. چۈنكى بەزىلەر ھەتتا ۋەتەن خائىنى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: داڭلىق يازغۇچى لۇ شۈننىڭ ئىنىسى دەل شۇلارنىڭ مىسالى. بۇ كىشى كېيىن جۇۋ زورېن(周作人)ھەقىقەتكە قايتقان.

3. مۇھەررىرنىڭ مەدەنىيەت بۇرچى
      مۇھەررىرنىڭ خىزمىتى— مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىىش. ۋەھالەنكى تەھرىرلىك ۋە نەشىرياتچىلىق بىر تۈرلۈك مەدەنىيەت كەسپىي بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئىجتىمائىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان.
     مەدەنىيەت— ئىنسانلار مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىر تال چاقناۋاتقان گۆھەر. دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيتىى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغان. مۇھەررىر بۇرچلىرىنىڭ بىرى—ئاشۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ھەمدە ئۇنى كەڭ جارى قىلدۇرۇش. مۇھەررىر تارىختىن بۇيان مىللىي مەدەنىيەتنى قوغدىغۇچى پەرىشتە بولۇپ كەلمەكتە.مۇھەررىر بولمىسا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىيىتى بولمايدۇ. مۇھەررىر مىللىي مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ روھى دۇنياسىنى يۈكسەلدۈرىدۇ. مىللىي مەدەنىيەت ئۆز نۆۋىتىدە مۇھەررىرنىڭ مىللىي روھىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. 21 -ئەسىردىكى مۇھەررىرلەر ئىجاد قىلىش ۋە ئىنسانلار مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا باتۇرلاچە دەۋرنىڭ يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھايات قىممىتىنى باشقىلارغا تونىتىدۇ. ئۇلار ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ تارقاتقۇچىسى بولۇپ دۆلىتىمىز مۇھەررىرلىرىنىڭ قىممىتىنى تونۇتۇشتىكى ئەڭ يۇقىرى نامايەندە. مۇھەررىرلەر كەڭ پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ئوخشاش پۈتكۈل ئىجتىمائىي پەن-تەتقىقاتىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە سوتسىيالىستىك بازار ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش جەريانىدىكى زور نەزەرىيىۋى مەسىلىلەر ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى باش بولۇپ تەتقىق قىلىش ۋەزىپىسىنى ھەمدە سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تارقىتىشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى ئۈستىگە ئالغان؛ تېخىمۇ كەسكىنرەك ئېيتقاندا، يۇقىرىقى باش تارتىپ بولالمايدىغان ئۇلۇغ ۋەزىپە زىممىسىگە يۈكلەنگەن. مۇھەررىرنىڭ مەدەنىيەت بۇرچى بولسا مۇكەممەل مەدەنىيەت چىگراسىنى قوغلىشىشتىن ئىبارەت.
       مۇھەررىر مەدەنىيەت تاللىغاندا تەبىئىي ۋە رىئالنى بولغان ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ھەمدە بىيولوگىيەلىك تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشى لازىم. ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە تەدرىجىي ئۆرلىشى كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدۇ. ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە خىلاپ بولغان تاللاش چىن بولمايدۇ. مۇھەررىر مەدەنىيەت تاللىغاندا مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. جەمئىيەت ئەخلاقىغا يات بولغان مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى بولمايدۇ. پەقەت تەبىئىيلىك بىلەن رېئاللىقنى قوغلىشىپ ھەم ئۇنى تەشەببۇس قىلغاندىلا ئاندىن مۇكەممەل، ئەتىۋارلىق مەدەنىيەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
تەھرىرلىك پائالىيىتى جەريانىدىكى مۇھەررىرنىڭ مەدەنىيەت تاللىشى ھەرقايسى ئەل مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مەسىلەن: خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھىندىنىزىم مەملىكىتىمىزگە تارقالدى ھەمدە ئەسلىدە بار بولغان كۇڭزىچىلىق، يولچىلىق مەدەنىيىتى(中国道文化)بىلەن توقىنىشىپ، ئۆزئارا سىڭىشىپ ئارىلىشىپ كەتتى. نەتىجىدە جۇڭگوچە بۇددا دىنى مەدەنىيىتى ۋۇجۇدقا كەلدى. يەنە مەسىلەن: مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا غەرب ئىلمى مودا بولۇپ ئەكسىچە كىشىلەر ئارىسىدا شەرق ئىلىمىنى تەھسىل قىلىش ئاجىزلاشتى-دە، غەرب يېقىنقى زامان مەدەنىيىتى مەملىكىتىمىزگە ئېقىپ كىرىپ، ئەسلىدىكى مەدەنىيەت بىلەن ئارىلىشىپ(بىرىكىپ) مەملىكىتىمىزدە يېڭىچە مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى، يېڭىچە مەدەنىيەت ھالىتىنى شەكىللەندۈردى. مەملىكىتىمىز تارىخىدىكى بۇ ئىككى قېتىملىق مەدەنىيەتنىڭ ئارىلىشىشى(بولۇپمۇ چەت ئەل مەدەنىيەتىنىڭ سىڭىپ كىرىشى) ئاساسلىقى كىتابلارنىڭ تەرجىمە قىلىنىش، تەھرىرلىنىش(مەزمۇن قوشۇش ياكى ئېلىۋېتىش) جەريانىدا شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇ جەريان مۇھەررىرنىڭ مەدەنىيەتنى ئۆزئارا يۇغۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

پايدىلانمىلار:
[1]张积玉.编辑学新论.北京:中国社会科学出版社,2003
[2]杜祥玙.谈编辑的文化素养:出版发行研究,2002,4
[3]吴飞.编辑与社会文化的传播:编辑之友,2001,4

مەزكۇر ماقالە ‹‹زامانىمىز ئاخباراتچىلىقى ››ژورنىلىدىن ئېلىندى، قالايمىقان تور بەتلەرگە كۆچۈرمەڭ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش