تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1386|ئىنكاس: 4

«تارىم»ھەققىدە سۆھبەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4776
يازما
36
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
1366
تىزىملاتقان
2010-8-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-27 22:11:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                    «تارىم»ھەققىدە سۆھبەت
    شىنجاڭ تىلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ھەپتىلىك پىروگىرامما ئۇقتۇرۇشىدىن مەلۇم بولىشىچە، ماي بايرىمى مەزگىلىدە، يەنى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى (پەيشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 8.00 دە، شىنجاڭ تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى ئونۋېر ىسال سەنئەت (5-قانال)قانىلىنىڭ «مەدەنىيەت بوستانى» پىروگىراممىسىدا «‹تارىم›ژۇرنىلى ھەققىدە سۆھبەت» كۆرسىتىلىدىكەن.
    خەۋەر تېپىشىمىزچە،بۇ قېتىمقى «سۆھبەت»كە ئاتاقلىق يازغۇچى- شائىرلىر ىمىزدىن ئەخەت تۇردى، ئوسمانجان ساۋۇت، ياسىن زىلال ئەپەندىلەر ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئانا ژۇرنال«تارىم»نى چۆرىد ىگەن ھالدا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى،شۇنداقلا ھەرقايسى ژانرلىرى ھەققىدە ئەھمىيەتلىك پىكىر بايان قىلىدىكەن.
    بۇ قېتىمقى «سۆھبەت»كە يەنە، 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «تارىم ژۇرنىلى نەشرىياتى - 2012يىللىق ئاپتورلار سۆھبەت يىغىنى»غا قاتناشقا 130 دىن ئارتۇق يازغۇچى-شائىر ۋە ئەدەبىيات ئەھلى ئىشتىراك قىلغان ئىكەن. ئىشىنىمىزكى، بۇ قېتىملىق «سۆھبەت» «تارىم» ژۇر نىلى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبياتى ھەققىدىكى ئەھمىيەتلىك بىر مەيدان سۆھبەت بولۇپ قالىدىغانلىقىدا گەپ يوق. كەڭ تاماشىبىنلار، جۈملىدىن بارلىق ئەدەبىيات ئاشىنالىرىنىڭ ۋاقتىدا كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
36534
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 22:21:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى بىرى : ئەدىب دەۋرنىڭ ۋىژدانى دەپتكەن شۇنداققۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىزدا ياخشى ئۈزۈلمەيۋاتىغۇ يىقىنياقى .
دەۋرنىڭ ۋىژدانلىرىنى سىغىنىپ تۇرمەن.

UID
12244
يازما
46
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1336
تىزىملاتقان
2011-6-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 22:28:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

         بەك ياخشى بوپتۇ ،  « مەدەنىيەت بوستانى » پىروگراممىسىغا ۋە پىروگرامما ئىشلىگۈچىلەرگە تەشەككۈرلەر بولسۇن .مەن « تارىم  » ژورنىلىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن . دادام رەھمەتلىك  « تارىم » ئانا ژورنال  دەپ بەك ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيتتى ، پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن  دادامغا بۇ ژورنالنىڭ يېڭى سانىنى ئېلىپ ئۆيگە كەلسەم  قىممەتلىك سوۋغات ئېلىپ كەلگەندەك خۇش بولۇپ كېتەتتى ...........

UID
36534
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-4-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-14
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 12:24:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ باھانە بىلەن «تارىم» توغۇرلۇق پىكىر قىلۋالمامسىلەر مۇنبەر ئەھلى.........

UID
5242
يازما
88
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1888
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-7
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-4 11:10:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى تارىم بۇرۇنقى تارىمغا يەتمەيدۇ. بۇرۇن كۆزۈم تۆت بولاتتى  يېڭى سان چىققۇچە،ھازىر ئوقۇمىغىلىمۇ ئۇزاق بوپتۇ.‹‹ دۇنيا ئەدەبىياتى››، ‹‹تارىم ››ژورنىلى ئىسىل ژورناللار ئىدى. ‹‹شىنجاڭ مەدەنيىتى››گىمۇ كۆز تەگكەندەك تۇردىغۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش