تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 2363|ئىنكاس: 11

خۇدايىمغا ئەرزىم بار «پوۋىسىت» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
15025
يازما
17
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
257
تىزىملاتقان
2011-9-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-31
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 22:56:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
[img=500,362][/img]
ئاپتورى :     «كۈيچى»   
                                                        
                                                                      «1»   
   
    -دادوي!! ئاپاق دادوي ، تۇرە ، ماڭا ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىتە دادوي !!
-ۋاي بالام ، قۇيساڭا ، داداڭنىڭ  ھىرىپ جۇللۇقى چىقىپ كەتتى بۈگۈن ،مەندە بىردەم ھادۇق ئالىدۇ ، سەندە باشقا ئويان ئويناپ تۇرىدۇ !!ھە بالام !؟
گەرچە ئۆيىمىز شەھەردە بولمىسۇ شەھەرگە يىقىن ئىدى، دادام چوڭ ئىدارىدە خىزمەت قىلمىسىمۇ ئەمما ماشىنىمىز بار ئىدى ، ھې ھې ھې ...، دادام نىمىش قىلىدۇ ؟ دادام مۇشۇ شەھەردىكى بىر باشلىقنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان كەسپى شوپور ،ئادەتتە دادام كۆپىنچە ۋاقىتلاردا باشلىقنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەپ قايتىپ كىلەتتى ، مەنمۇ دادامغا ئەركىلىپ ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگۆتۆپ قۇي دەپ قەغىشلىك قىلىپ تۇرۇۋالاتتىم .
-ياق دادوي ، تۈنۈگۈنمۇ مۇشۇنداق دىگەن ئىدىڭ ! ئەمدى ئۈگۈتىسە!!
-بالام ، ما ئوغام بالا دىگەن گەپ ئاڭلايتقان ماقما ؟ ھەجەپ غىجىڭ بولاپ قاپسىز ، ئانىڭىزنى بەكلام دورىدىڭىز ماخما بالام،
-ئوي دەيتتى ياندا خېمىر يۇغۇرۇۋاتقان ئانام تەر بولوپ : - مىنى دوراپتىمىش ، سىلىنى دورىدى ، بىكار بولغاندىكىن ھېرىپ كەتتىم دەپ ياتقۇچە بالىنى خۇش قىلىپ ئەكىرسىلە بولمامدۇ ؟ئولتۇرۇپ ماشىنا ھەيدىگەنگە قانچىلىك ھېرىپ كىتەتتى ئادەم ؟
-مانا مانا ، مۇشۇنداق چېچىلىدىغان، تولا گەپ قىلدىغان مىجەزىڭلا ما بالىغا سىڭىپ قالدى ئەمەسما؟ سەن خەقنىڭ دەردىغۇ مۇشۇ ئۆيدە ئادەم دەم ئالغىلى بولمايدۇ زادى ؟
دادامنى ئاچچقلاۋچاتامدىكىن دىسىڭز چىرايدى كۈلكە ، چاقچاقمىكىن دىسىڭىز گىپى قەشقەرچە ......
شۇنداق قىلىپ دادام دائىم ماڭا ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىتەتتى ، مەنمۇ 15لەرگە كىرىپ قالغىنىمغا قارىماي دادامغا بۇۋاق بالىلاردەك ئەركىلەپ ئۇنى گىپىمگە كىرگۈزەتتىم ......
يىللار قۇغلىشىپ مەنمۇ ئالى مەكتەپكە ماڭدىم ، دادام قولىمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ ماڭا بىرمۇنچە نەسىھەتلەرنى قىلىپ مىنى مەكتەپكە ئۇزۇتىپ قۇيدى .
ئالى مەكتەپنىڭ بىرىنجى يلى يللىق ئىمتاھان بىرىۋاتقان مەزگىللەردە دادامنىڭ قاتناش ھادىسىسىگە يۇلۇق جىددى قۇتقۇزۇشقا كىرىپ قالغانلىق خەۋىرى كەلدى ، ئۇقۇتقۇچىمدىن رۇخسەت سورىسام «ئىمتاھان ئەتىلا تۈگەيدۇ ، بىرىپ بولوپ بىراقلا مىڭىڭ »دەپ مىنى تۇستى، ئەتسى ئەتتىگندە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ ئىككىنچى كۈنى چۈشتە ئۆيگە كەلسەم دادامنى ئالدىمدىلا يەرلىككە قۇيۇپ يىنىپ كىلىشىپتۇ ، دىيىشچە مىنى بەك ئۇزۇن ساقلىغانمىش ، يازنىڭ كۈنى بولغاچقا مېيتىنى ئۇزۇن ساقلىسا بولماسمىش ..........
شۇنداق قىلىپ دادامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر چىرايىنى كۆرەلمەي داغدا قالدىم ،تەتىل توشقاندا ئانام مىنى مەكتەپكە كىتىشكە زورلاپ ھاردى ،مەن ئانامنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا قارىماي ئۆيدە قىلىپ پول تېپىپ ئۆينى باقماقچى بولدۇم ، دادام ئىشلىگەن ئورگاندىكىلەر بىزگە بىر تالاي پول بەرگەن بولسىمۇ ئانام ئالساق بولمايدۇ ،دادىڭىز جەننەتتە خاتىرجەم ياتسۇن دەپ ھەممىنى ئاجىزلارغا ۋە مەسچىت قۇرلىشىغا دەپ بىر پۇڭمۇ ئىلىپ قالمىدى ...
مەن ئۆزۆمچە ئۆيدە قىلىپ ئۆينى باقىمەن دىگىنىم بىلەن كىچىكىمدىن ھىچقانداق ئىش قىلماي ئۇقۇپلا يۈرگەچكە ھىچ ئىشنى قالماشتۇرۇپ قىلالمىدىم ، ئۇقۇغانغا دىپلوم بولمىسا ھىچكىم ئالمايدىكەن ، قارا ئىش قىلىشقا بىزدەكلەر چىدىمايدىكەنمىز .
ئاخىر ئانام بىلەن مەسلەھەتلىشىپ مەن ئۆزىمنىڭ بىلگىنى بۇيىچە تاكسى شوپورى بولدىغان بولدۇم ، ئانام باشتا قەتئى قۇشۇلمدى ،ئۇ دادامنىڭ ىشىدىن كىيىن يولدا ماشىنا كۆرسىمۇ ئىزىدا تۇرۇپ قالدىغان بولوپ قالغان ئىدى، كىيىن مىنىڭ ئۆيدە بىكار يۈرۈپ يامان كىشىلەر بىلەن ئارلىشىىپ قېلىشىمدىن قۇرقتى بولغاي ماقۇل بولدى ، مەن ئۈچ ھەپتىلىك مەشىقتىن كىيىن مۇۋەپىقىيەلىك ھالدا يول يۈرۈش كىنىشكىسى ئالدىم ، شۇنىڭ بىلەن بىر تۇنۇشۇمنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن شەھەر ئىچىدىكى بىر يەككە يۈك تىرانسىپۇرت شىركىتىدىن ئايلىق تاكسى ھەيدەيدىغان ئىش تاپتىم . گەرچە مائاشىم ئۇنچە يۇققىرى بولمىسىمۇ ئۆينىڭ خراجىنى كۆتۆرۆپ كىتەتتى ، ئانام بولسا بۇرۇندىنلا ئىشتى قالغان بولوپ ئازغىنە يىرىمىزدە تىرېقچىلىق قىلاتتى !! «2»
-ئىستانىسىمىز مۇخبىرى خەۋىرى ، بۈگۈن چۈشتىن كىيىن سائەت ئىككىلەر ئەتراپىدا تەڭرىتاغ رىستۇرانىدا دۆلەت تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان زەھەر ئەتكەسچىلىرى ۋە شەھەرلىك ج خ ئىدارسىدىكى ئۇفىسېر -ساقچىلار ئارىسىدا بىر مەيدان قانلىق ئېتىشىىش بولدى ، ئىگىلىنىشچە ساقچى تەرەپ دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ ، گۇرپا تەشكىللەپ ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇشقا ئاتلانغان ،نەتىيجىدە قۇراللىق ئېتىشىش كىلىپ چىققان بولوپ ئەتكەسچىلەردىن ئىككى كىشى نەخ مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ، باش كاتتۋېشى تىرىك قۇلغا چۈشكەن ، يەنە بىر شايكىسى قېچىپ كەتكەن .....، نۆۋەتتە بۇ دىلو تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە...
ماشىنامنىڭ رادىئوسىدىن چىقىۋاتقان بۇ خەۋەر مىنى ئۆزىگە تارتتى، توۋا دەيتىم ئىچىمدە ، بۇيەرلەردىمۇ قۇراللىق ئېتىشىدىغانلا بەر ئىكەن ، خۇدايىم ، نىمە ئىشلار بولوپ كىتىپ بارىدۇ !؟
شۇ خىياللار بىلەن كىتىۋاتسام ، يول بۇيىدا ناھايتى ئالاقەزادە بولوپ تۇرغان بىرسى ماشىنا تۇسۇپ قالدى، تۇلىمۇ كەچ بولوپ كەتكەچكە ئەمدى كىرا تارتقۇم يۇق ئىدى ، ئەمما قاراشقا بۇ كىشىنىڭ مۇھىم ئىشى باردەك قىلاتتى، شۇڭا ئاللاھ يولىدا بىر ياخشى ئىش قىلىپ قۇياي دەپ ماشىنىنى يولنىڭ ينىغا يىقىن قىلىپ توختاتتىم .ئۇ ناھايتى تىز ماشىنا چىقىتى ، چىقتىيۇ ماڭا قىيامەت قايىم بولدى !

ئۇ قۇلىغا پىچاق ئىلىۋالغان بولۇپ مىنىڭ بۇغۇزۇمغا تەڭلەپ خەنزۇچە سۆزلىدى :
- نىمادې ، كۆەي كەي !! كۈۋەيدىئار !!!«ئاناڭنى ، تىز ھەيدە ، تىز بول »
مەن نىمىش بولغىنى ئاڭقىرىپ ماشىنىنى خوتقا سېلىپ بولغىچە كەينىمىزدىن ساقچى ماشىنىسىنىڭ چىقىرىغان ئازۋازى ئاڭلاندى !مەن ئوڭغۇل دوڭغۇل قۇزغىتىپلا ماششىنى ئەڭ تىز سۈرەتتە ھەيدەشكە باشلىدىم .
-ئالدى تەرەپتىكى ماشىنا ، دەرھال ماشىنىنى توختات، دەرھال ماشىنىنى توختات!
ساقچى ماشىنىسىدىن بىرسى كانايدا شۇنداق دەپ ۋارقىرىماقتا ئىدى ، مەن ئەيمىنىپ يىنمدىكى بۇ ئاداشقا قارىدىم ،. ئۇ بىر كەينىگە ،بىر ئالدىغا قاراپ ئوڭغا ، سولغا دەپ يول كۆرسەتمەكتە ئىدى ،قارىغندا ئۇ بۇيىقىن ئەتراپنى پىششىقى بىلىدىغاندەك قىلاتتى. بوغوزىمغا تەڭلەنگەن تىغ مىنىڭ ئۇنىڭ گىپىنى سۆزسىز ئاڭلىشىمنى تەلەپ قىلىپ مىنى قۇرقۇتماقتا !!
-نىمادې؟كۈۋەي !! كۈۋەي !!!
شۇنداق دەپ پىچاقنى تېخىمۇ چىڭ بسپ مىنىڭ بىر قۇرقۇنجىمنى ئىككى قىلىپ قۇيدى ، مەن ئەمدى چىڭراق تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي بار كۈچۈم بىلەن ماينى دەسسەپ ھەيدەپ كىتىۋاتاتىىم ، ساقچى ماشىنىسى بىزگە يىتىشىۋالاي دىگەندە بىز ئاللىقاچان شەھەر سىرتىغا چىقىپ قالغان ئىدۇق، ئۇ ماڭا بىر توپىلاڭ يولنى كۆرسىتپ شۇ تەرەپكە مىڭىشنى بۇيرىدى ،ساقچىلار بولسا توختىماي بۇيرۇق قىلىپ ماشىنىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋاتاتتى،
ئالاھەزەل شۇنداق قوغلىشىپ يىرىم سائەت ماڭغاندىن كىيىن بىز بىر قۇمۇشلۇق قاپلىغان كۆل بۇيىدىكى چىغىر يولغا چىقىپ قالدۇق ، ماشىنىنىڭ مىڭىشى تېخىمۇ تەسلەشمەكتە ئىدى، ئەمما ئۇ ماڭا يەنىلا شۇنداق تەھدىد سىلىپ مىنى ئالدىراتماقتا ، مەنمۇ ئىچىمدە خۇداغا ئاچىقلاپ كىتيىپ باراتتىم مەن ياخشى ئىش قىلاي دەپ بۇنداق قىلسام بۇ ئەمدى...........
تۇيۇقسىز ماشىننىنىڭ ئالدى چاقى بىر پاتقاققا كىرىپ قىلىپ مېڭىشتىن توختىدى، بۇ چاغدا ساقچىلار بىلەن ئارىمىزدا پەقەت ئەللىك مىتىرچە قالغان ئىدى، مەن قانچە قىلساممۇ ماشىنىنى بۇ كاتەڭدىن چىقىرالمىدىم ،. ئۇ مىنىڭ بىشىمغا پىچاقنىڭ دەستىسى بىلەن ئىككىنى قۇيۇپ :نىتامادى ، مېي يوڭ !!«ئانناڭنى ، يارىماس » دەپ قۇرسىقىمغا يەنە بىر نى تېىپ ماشىنىدىن يومىلاپلا چۈشۈپ قۇيۇق قۇمۇشلار ئارىسىغا كىرىپ غايىپ بولدى .مەن ئاغرىققا چىدىماي قۇرسىقىم بىلەن بىشىمنى قاماللىغىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم !
ئۇنىڭغىچە ساقچىلار يىتىپ كەلدى ،ھەممىسى قۇراللىق بولوپ ماشىنامنىڭ ئەتراپنى قۇراللىق قۇرشاپ چەمبەرچاس تۇرۇشتى ، بىر نەچچىسى بايامقى خەنزۇنى قۇغلاپ قۇمۇشلۇققا كىرىپ كەتتى ، بىرسى تولىمۇ ئاۋايلاپ دەسسەپ كىلىپ ماشنىنىڭ مەن بار تەرەپتىكى ئىشكنى چاققانلىق بىلەن ئاچتىدە چەبدەسلىك بىلەن مىنى بىرقوللاپ ماشىندىن تارتىپ يەرگە چۈشۈردى ، ئۇنىڭغىچە بىرنەچچىسى مىنىڭ تەتۈر ياتقۇزۇپ كىشەنلەپ بولوشتى .
-يۇۋاش بول ! ئاناڭنى ، خەپ گۇي !!ھىلى ئىدارىغا بارغادا كۆرىسە قالغىنى !!
- مىنى قۇيۇۋېتىڭلا ،مەن گۇناھسىز ، مىنى نىمىشقا تۇتۇسىلەر!!مىنى قۇيۇۋىتىڭلار !!
- نىمە دەيدۇ ما گۇي!! دەپ دىۋەيلەپ كەلدى بىر ساقچى ئالدىمغا ۋە تۈ مۇشىت بىلەن يۈزۈمگە بىر نى سېىلىپ :
-نىمە گۇناھىڭ بارلىقىنى بىلمەمسىنا ؟ ھىلى بىلىپ قالىسە !!
ناھەق تاياق مىنىڭ جان جەھلىمدىن ئۆتۆپ كەتتى
- مىنى قۇيۇۋېتىش ،مەن گۇناھسىز، كۆزۆڭ كورمۇ سىلەرنىڭ !؟ قۇلۇمنى بۇشىتىۋېىش !!
-يۇۋاش بول ھاراملىق ، سەندەك ئىپلاسىنىڭ بارلىقىنى بىلمەپتۇق ئۇلارنىڭ ئارىسدا ، ئىشەك گۇي !!
-نىمە دەۋاتسىلەر ، مىنى قۇيىۋىتىڭلار !!
بولدى دېدى ياندىكى بىرسى ماڭا مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراپ قۇيۇپ ؛-بۇنى ئاپىرىپ سولاپ قۇيۇڭلار ،بىز بۇ يەرنى بىر قۇز تەكشۈرۈپ ئا گۇينى تۇتۇپ ئاندىن كەينىڭلاردىن بارىمىز ،ھىچكىمنىڭ كىتىشىگە رۇخسەت يوق !!
-بولدۇ جۈيجاڭ !!
شۇنداق دىگنچە مىنىڭ ينىمىدكى ئىككى ساقچى مىنى ئىىتترىپ دىگەندەك ماشىنىغا سىلىپ ئىدارىگە قايتىپ كەلدۇق ، يولدا مەن ئۇلاردىن تۇختىماي «مىنى نىمىشقا تۇتىسىلەر . مەن گۇناھىسىز » دەپ شۇنچە سورىساممۇ ئۇلار ماڭا پىسەنىت قىلماي تۇرۇلۋالدى ، ئاخىرىدا قۇرسىقىمغا ئىككى مۇشۇت يەپ مەنمۇ جىم بولدۇم !
مىنى بىر قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قۇيتۇشتى ،مەن بەك قۇرۇقۇپ كەتكەن ئىدىم ، ئۆينىڭ ئىچى بەك قاراڭغۇ بولغاچقا باشقا نىمە بارلىقىنى بىلمەكمۇ تەس ئىدى !!
مەن ئۆمىلەپ تۈرۈپ ئۆي ئىچىدە بىر ھازا ئۇياق -بۇياقنى كۆزەتتىم ئۆي ئىچى قۇرۇقتەك قىلاتتى ، ئازاپ يۈرۈگۈمنى چىرمىۋالدى ،مەن نىمىشقا مۇنداق قىسمەتكە يۇلۇقۇپ قالىمەن !؟ نىمە ئۈچۈن ، مەن پەقەت شۇ ئاللاھ يولىدا بىر ........

شۇنداق ئاچچىق خىياللا بىلەن قانچلىك ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن ،بىر چاغدا ئۆينىڭ ئىشىكى ئىچلىپ بىر نەچچە قۇراللىق ساقچى كىرىپ مىنى سۆرەپ دىگەندەك باشقا بىر ئىشخانىغا ئىلىپ كىرىدى ، بۇ ئۆينىڭ ئۇتتۇردىن ئىككى يانغا ئايرىلغان بولوپ ئارىدا تۆمۆر رىشاتكا بار ئىكەن ، قارشى تەرەپتە بىر جۈپ ئۈستەل-ئۇرۇندۇق قۇيولغان بولوپ بىر قاراشتىنلا سوراقخانا ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
                                             «3»
-ئىسمىڭ نىمە ئادىشوي !؟ دىدى مەن ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بولغىچە قۇلتۇقىغا خاتىرە قستۇرۇپ كىرگەن خەنزۇ يولداش ئويغۇرچىنى بۇزۇپ سۆزلەپ .ئۇنىڭ يىنىدا بىز نەچچە سائەتلەر ئىلگىرى مىنى ئەكتىڭىلار دەپ بۇيرۇق سوققان يۇغان قۇرساق بىر ئاداش «ئىھتىمالىم ئۇمۇ چوڭ باشلىق بولسا كىرەك »غادىيىپ ئولتۇرۇراتتى .
-ئېلشات.
-ئاداش ، ئەتتىگندە ئىچىمنى سىقماي تۇلوق ئىسىمنىڭى دىسەڭا ؟
يوغان قۇرساق باشلىق سۇراققا رەسمى چۈشكەندەك قىلاتتى .
-ئېلشات تۇرسۇن .
- نەچچە ياش ؟
-22ياش .
-نەدىنا ئۆزلە ؟
-ئىشۇ شەھەر سىرتىدىكى يىڭى ئولتۇراق رايۇندىن ،
-نمىش قىتمزا ئادەتتە؟
-تاكسى ھەدىيتمە .
-مۇشۇ شەھەردىلاممۇ يا باشقا شەدىما باما؟
-مۇشۇ خوتەن شەھرىدە .
-مەن سىلىنى باشقا يەدىما ھەيدەمتىكى دىيتمە ، شۇنداما ئىدەش ؟
ئۇنىڭ پۇزىتىسيىسى ناھايتى كەسكىن ئىدى ،
-سىلە مىنى خاتا چۈشىنىپ قاللا باشلىقكا ، مەن راستىنلا گۇناھ قىلمىدىم ، مىنى بىكاردىن- بىكارغا تۇتۇپ مەيەگە سولاپ قۇيدىڭلار.
-خى !؟ شۇنداقمۇ . سەن سولتەكزە ، مەندەك ئىدارە باشلىقىنى ئايپاڭۋاش كۈرۈپ قالدىڭما ؟ ھېي ...، دىگنە ، ما ئەتكەسچى سولتەكلەر بىلەن قاچاندىن بىرى ئاغىز-بۇرۇن يالىشىپ يۈدىڭا ؟ مانەت گۇي!
-ماڭا ئۇۋاق قىلماڭ با شلقكا ، مەن راستىنلا گۇناھسىز ، مەن ھىچنىمىنى بىلمەيمەن ،
شۇنداق دەپ توۋلاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىتىپتىمەن ، كەينىمدە تۇرغان ئىككى قۇراللىق ساقچى مىنى زورلاپ ئولتۇرغۇزۇپ قۇيدى ،
-ئوكامۇي ، مە قالاڭ ، ما بىز بىكا قاغان ئەدەم ئەمەس مىيەدە،
-سەندە ئا ئەتتىگەنكى جىنايتىچىنى كاندا تۇنۇيتا ؟
-مەن تۇنۇمايمەن ،راستىنلا ، ماڭا ئىشىنىڭلار .
-ئەمسە نىمىشقا ئۇنى قاچۇرۋىتىشكە شارائىت يارىتىپ بىرىسە ؟
-ئۇ ماڭا پىچاق تەڭلەپ تەھدىد سالدى ، ،مەندە باشقا ئامال يوقتى .
-ھۇجۇن ، ما باھانىنىڭ كەگىننى نىمە دەي ، ساڭا دەي ، سىنى ئاشۇ زەھەر ئەتكەسچىلرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قالاپ تۇتۇپ تۇرۇۋاتىمىز، سەن ئەتتىگەن ياردەم قىلغان ئۇ شىرىكىڭ قۇمۇشلۇقتا قېچىپ كەتتى ،سىنىڭ گۇناھىڭ يەنە بىر نۇقتا ئىغىرلىدى دىگەن گەپ ، بىلەمسە ؟
-جىنىم ئاكا ، مىنى قۇيېتىڭلا ،مەن راستنلا گۇناھسىز،
-ئاي .دىدى ينىدىكى خەنزۇ بىزار بولغان ئىپادىدە -؛-بۇمداق دەپ جان تۇشمايتۇ ، ئەتە كىللى ، ئا گۇينىما ئەتە قايتا سۇراق قىلىڭلا .شۇنداق دەپلا ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا مىڭىشتى .
-باشلىق ئاكا !
مەن شۇنداق دەپ ۋارقىراپ بولغىچە كەينىمدىن ئىككى ساقچى كىلىپ مىنى سۆرۆپ دىگەندەك ھىلىقى قاراڭغۇ ئۆيگە ئەكىرىپ سولاپ قۇيششتى .مەن يەنىلا جان -جەھلىم بىلەن ۋارقىرىماقتا ئىدىم .
-مەن گۇناھىسىز ، مىنى نىمىشا تۇتىسىلەر ، مىنى قۇيىۋېتىڭلا !
ئەمما ھىچكىمنىڭمۇ مەن بىلەن چاتىقى يۇق ئىدى .توۋلاپ -توۋلاپ كانىم ئاغرىپ ئۈنۈم پۈتۈپ ئاۋازىممۇ چىقماي قالدى ........
قاراڭغۇدا ئەتە يەنە نىمە دەششەتلەر بۇلۇپ كىتەر دىگەنلەرنى قۇرقۇنىچ ئىچىدە خىيال قىلپ پەقەت ئۇيقۇم كەلمىدى. ئىچىم تىتىلدا ئۆينىڭ ئىچدە ھەر تەرەپكە مىڭىپ باقتىم، تامنى سىلاپ سىيپاپ باقتىم ، بۇ ئۆينىڭ بىرەر يىرىدە دىرىزە -يۇچۇق دىگەن نەرسە باردەك ئەمەس ئىدى، پەقەت ئىشكنىڭ ئۇدۇلىدىكى تامنىڭ تۈۋىگە بىر ئەسكى شال پاخىلى قۇيۇپ قۇيۇلغان ئىدى ،ئاخىرى ئىرادىگە پۈتۈپ شال پاخىلى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ يىغلاپ ساپتىمەن ، شۇنداق يىغلاپ قاچانلاردا ئوخلاپ قالغىنمىنى بىلمەيمەن ! «4»
-كا جۈجاڭ ، بىر ئەدەم ئېلشاتىنىڭ ئۆيىگە ، ئىشلەيدىغان يىرىگە بىرىپ ئەھۋال ئىگەللەپ كەسۇن .
-ماقۇل ،مەن ھازىرلا ئادەم ماڭدۇرۇراي !
ئەتىتىگەندە غاراڭ غۇرۇڭ كانايلادىن ۋارقىراپ ئېيتىلغان بۇ ئاۋاز مىنى ئويغىتىۋەتتى، تاڭ خلى سۈزۈلگەن بولوپ ئۆينىڭ ئىچى گۇڭگا يۇرۇڭ ئىدى ، مەن كىچىچە شال پاخىلنىڭ ئۈسىتىدە تۈگۈلۈپ يىتىپ ئوخلاپ قاپتىمەن،
ئۆي ئىچىگە بىر قۇز نەزەر تاشلىدىم ،مىنىڭ كچىدىن ماۋۇ تاملارنى سىلاپ-سىپاپ يۈرۈپ يۇچۇق تاپالمىغىنىم بىكار ئەمەسكەن ، بۇ ئۆينىڭ ئاشۇ كىرىىغان ئشكىدىن باشقا يەنە كۈن چىقماس تامدا شىمالى تامدا ئادەمنىڭ مۇشتى پاتقىچىلىك ئۈچ تۆشۆكتىن باشقا دىرىزىسمۇ يۇق ئىكەن ، ئاستىمدىكى مۇنۇ ئەسكى پاخال «كۆرپىمۇ » بۇ ئۆينىڭ بىردىنبىر ئەتىۋالىق نەرسىسى ئىكەن ، ئۇنىدىن باشقا ۇ ئۆيدە باشقا ھىچمە كۆزگە چېلىقمايتتى .

مەن ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ يەنە جىدىيلىشىكە باشلىدىم ، قانداق قىلسام بولار ، كىم ماڭا ياردەم قىىلار ؟......
بىردەمدىن كىيىن بىرسى ئىشىكىنى قاتتىق تاراقلىتىپ ئاچتى ۋە بىر قاچا تاماق بىلەن ئازراق سۇنى قۇيۇپ قۇيۇپ تىزلا كەينىگە ياندى !
-مىنى قۇيۇۋىتڭلار ،مەن گۇناھسىز ، مىنى قۇيۇۋىتڭلار، ........
-ماڭغنىغا سەت كاكىرماي ئاداش ، ھىلىق تاماق ئەكەلگەن كىشى ماڭغا شۇنداق دەپ دوق قىلدى .دە كەينىگە يىنىپ ئىشكنى ئەتمەكچى بولدى . مەن ئىشككە قىسلىۋېلىپ ئۇنى ئەتكىلى قۇيمىدىم ،قۇلۇم كىشەنلەكلىك ئىدى ،
-ھەي سولتەك .ئاكاڭنىڭ يەنە ئىشى با ، بىشىمىنى ئاغرىتماي بىر ياققا ئۆت ، ھىلى بىكار ....
- ھە ؟ قانداق قىلىتتىڭ؟ مىنى چىقىرۋىتڭلار ، مەن گۇناھسىز تۇرسام .....
-ئاناڭنى ......
-ھۇ ئىپلاس ، ئاغزىڭنى يۇم ، گۇندىپاي !
ئۇمىڭ چىشلىرى كىرىشىپ كەتتى ، دە مىنى مەيدەمدىن كەينىمگە ئىترىىپ ئچىگە كىرگۈزۈۋەتتى ،مەن يەنە كىلىپ ئىشككە قىستۇرۇلىۋالدىم .ئۇنىڭغىچە يەنە بىر ساقچى پەيدا بولدى ، مەن گۇندىپاينى بىر تىپىك بىلەن كەينىگە موللاق ئاتقۇزۇپلا سىتقا قاراپ قاچتىم ، باشقىلار نىمە ئىش بولغىنى بىلىپ مىنى قۇغلاپ بولغىچە مەن ئۇلارنىڭ يىيندىن ئۆتۆپ كىتىپ بولاتتى،
-ئەتكەسچى قاشتى ،ئۇنى تۇتۇڭلار !
مەن ئالدىمغا ئۇدۇل كەلگەن تەرپ بىلەن قىچىپ بىر چاغدا ئوبۇرنىغا كىرىپ قاپتىمەن .كەينىمدىن ساقچىلار تاپ بېسىپ كىلۋاتاتتى.
-قانداق قىلىش كىرەك ؟ مەن ئارتۇقچە ئىككىلەنمىدىم ،ھاجەتخانىنىڭ ئاستىدىن سەكرەپلا سىتقا چىقتىم ، باشقىلار كەينىمدىن سەكرىمىگەن بولسا كىرەك ،ھىچكىم ئەگشمىدى .
سىتتا قۇيۇق ياۋا ئوت چۆپلەر قاپلىغان ئىىتىزدىن ئېىشىپ ئۆتۆپ ئىگىز تامغا دۇچ كىلىپ قالدىم .قۇلۇم باغلاقلىق بولغاچقا چىقالماي بەكلام قىينالدىم ،تامنىڭ ئۈستىدىمۇ تىكەن سىم بارئىدى .
مەن ياندا قۇيۇلغان بىر نەچچە كىسەكنى ئەكىلىپ تامغا ياماشتىم ،ئەمدى تامغا يامىشىپ چىقىپ بولاي دىگندە نەدىن كەلگەن بىر ساقچى ، پۇتۇمدىن پەسكە تارتىپ مىنى يەرگە ئۇچۇرۇپ چۈشۈردى ،
بىشىم قىيىپ زىڭىلداپ كەتتى ،كۆزۆمنى ئاران ئاچتىم ئۇ ماڭا قاراپ شىددەت بىلەن ئېتىلدى، مەن بارلىق كۈچىمنى ئوڭ پۇتۇمغا يىغىپ ئۇنىڭ قۇرسىقىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتىم ، ئۇ كەينىگە ئۇچۇپ چۈشتىيۇ شۇ چۈشكەنچە ئىككىنجى قىتىم مىدىرلاپ سالمىدى ، مەن ئۇ چاغدا بەك جىق ئويلاپ كەتمەپتىمەن ، ئۇنىڭ شۇيەردە ئۆلۆپ قالارىنى مەن نەدىن بىلەي ،جاننى قۇتۇقۇزۇش ئۈچۈن مەن يەنە بىر قىتىم تامغا ياماشتىم ، ئەمدى ئۈسىـتىگە چقىپ بولوشىمغا بىر توپ ساقچى يۇپۇرلۇپ كەلدى ،
-توختا ، نە قاچىىسەن !؟
مەن قۇرقۇنىچتا تىكەن سىم كىرىپ قانىتىۋەتكەن قۇلۇمنى قۇيۇۋىتىپ ساپتىمەن ، يەرگە شۇنداق قاتتىق يىقلدىمكىن جاھان چۆرگىلەپ كەتتى ، ئەمما خۇداغا شۈكرى ، مەن سىترتقا يىقلغان ئىدىم ،

ئورنۇمدىن تۇتۇرپ ، بىر قاپاق تارىۋالغان ئادەمدەك ئالدى كەينىمگە بىر نەچچە قەدەم داجىپ كەتتىم ، يانپىشىم بىلەن سول قۇلۇم قاتتىق ئاغرىپ تۇراتتى، مەن چىشىمنى چىشلەپ شەچەر سىرتىغا قاراپ قاچتىم ،
كەينىمدىن ساقچىلارنىڭ توختا لىرى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇراتتى

داۋامى بار   
  ئاپتورى: كۈيچى                  
               «5»
شاللىقلار بىلەن ئۇدۇل ئۆينى كۆزلەپ قېچىپتىمەن ، خۇدىى ئۆيگە بارسام ئانام مىنى بۇ بالا قازادىن قۇتقۇزۇۋالىدىغاندەك ، ئەمما ساقچىلارنىڭ مىنى ئىزلەپ ئۆيگە كەينىمدىنلا بىرىپ بولوشىنى بۇ قىچىپ ئايلىنىپ قالاي دىگەن كاللام ھىچ ئويلاپ يەتمىگەن ئىدى.
- ئانا ....، ئانا ......
- ھە بالام ، مانا ،،مانا ........
ئانام مىنىڭ ئەپتىمگە قاراپ ھاڭ تاڭ قالدى ، مەن ئانامغا چۈشەندۈرۈشنى ئويلىىشىپ بولغىچە يىراقتىن ساقچى ماشىنىسىنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
-بالام بۇ نىمىش ئەمدى ؟ ئۈستى بىشىڭ نىمە بوپ كەتتى ؟ قۇلۇڭغا سىلىۋالغانىنىڭ نىمە ئۇ ؟
ئانام سۇئال دىگننى قاردەك ياغدۇرۋەتتى ،مەندە جاۋاپ بەرگۈدەك ۋاقىت نەدە ؟مەن ئانامنى تارتىپلا ئىچگە ئەكىرىپ .ئىشكىنى ئىچىدىن قۇلۇولىدىم دە-'ئۇتتۇر سايمان قۇيىدىغان ئۆيگە كىردىم،تۆمۆر كىسىدىغان ھەرنى ئىلىپ ئاۋال قۇلۇمنى كىشەندىن بۇشاتتىم.
ئانام كەينىمدىن كىرگەن بولوپ ھەيرانلىقتا ماڭا قاراپ قېتىپلا قالغان ئىدى.
-بالام ، زادى نىمە ئىش بولدى ،ماڭا بىر دىگنىە !!
-ئىشىكنى ئاچ ، ئىشىكنى ئاچ !!!
ئىشىك قاتتىق ئۇرۇلدى ، ئانام بۇ ئاۋازدىن تىرىڭڭىدە بولوپ كەتتى ،مەن ئانامغا يالۋۇرۇشقا باشلىدىم ،
- جېىنىم ، ئانا ، مەن گۇناھسىز ، ئۇلارنى ئۆيگە كىرگۈزمەڭ !ماقۇلمۇ جىنىم ئانا .....
-بالام ، بۇ زادى نىمىش ؟ئاناڭغا ئىنىق ...
-ئشىكىنى ئاچ ، ئىشكنى ئاچ ....
ئشكىنى قاتتىق ئورولىشى ئانامنى سۆزدىن توختاتتى ، ساقچى ماشىنىسىنىڭ ھوۋقۇشتەك ئاۋازى تېخىچە بىسىمىغان ئىدى.
ئانام ئۆرۆلۈپلا ھويلغا چىقىپ كەتتى . مەن قۇرقۇنجىدا ئانامنىڭ كەينىدىنلا چقىتىم .
-كىما سىلەر ؟ نىمىشڭلار بارا؟
-بىز ساقچى . ئۇزلۇقچە ئىشكنى ئېچىڭ ، بولمىسا چۇۋۇپ كىرتمىز !
ئانام كەينىگە ئۆرلۆپ ماڭا لاپپىدە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ،ئاستا ئىشكككە قۇلىنى ئۇزاتتى .
-ئانا . جىنىم ئانا ، مەن گۇناھسىز .....
مەن شۇنداق دەپ ۋارقىرىدىم ، ئانامنىڭ قۇلى ھاۋا دەقىقە تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن ئاخىر قۇلۇپقا قۇلىنى ئۇزاتتى،
-ئانا ، مەن گۇناھىسىز
مەن يەنە بىر قىتىم ۋارقىردىم ، ئەمما ئانام يەنىلا ئىشىكىنى ئاچتى.
مەن كەينىمگە بۇرۇلۇپلا ئارقا ئىشىك بىلەن قاچتم ،ساقچىلار كەينىمدىن قوغلاپ ئۆيگە كىرىشتى، مەن ئارقا ئىشىك بىلەن باققا چىقتىم ، ئۆينىڭ كەينىدىن ئىككى ساقچى پايلاپ تۇرغان ئىكەن ،مەن ئىشىكتىن چىقىپلا تامنى بويلاپ قاچتىم « چۈنكى مىنىڭمۇ ئازاراق قانۇنى ساۋاتتىنى خەۋىرىم بار ئىدى، ساقچى قارشى تەرەپ ئۇق چىقارمىغۇچە ، ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالمىغۇچە ئوق چىقارمايتتى »
ئۇلار كەينىمدىن قوغلاپ كىلىشتى ،قۇشنىمىزنىڭ بىغى چىتلاق بىلەن ئىتىلگەن بولغاچقا مەن ئامالسىز تام بويلاپ چوڭ يولغا قېچىشقا مەجبۇر بولدۇم، ئويلىمغان يەردىن چوڭ يولغا چقىشىمغىلا قوشنىمىزنىڭ ئۆيىگە تەكشۈرۈپ كىرگەن ساقچىلار ئوڭ تەرەپتىن قوغلاپ كىلىشتى ، مەن قاتتى قىستاق ئىچىدە يەنە ئۆينىڭ ئالدىغا قىچىپ كەلدىم ، قانداق قىلىش كىرەك ؟كاللامدا كىنولاردىكى ساقچى ماشىنىسىنى بولاپ قاچقان كۆرۆنىشلەر ئەكىس ئەتتى، مەن بۇراندەك يۈگۈرەپ ماشىىنغا ئۆزۆمنى ئاتتىم ، كىچىكىدىنلا ماشىنا بىلەن ھەپىلشىپ كۆنگەن مەن ئۈچۈن ماشىنا ئىرىقىتكى سۇ ئىدى ،
ئالمان تالمان ماشىنى قۇزغىتىپ بولغىچە ئۆيىدىن ئىككى ساقچى يۈگۈرەپ چىقتى ، مەن چاققابلىق بىلەن ماشىنىنى خوتقا سالدىمدە ، مايغا بار كۈچۈم بىلەن دەسسدىم ،ئەمما كۈتىلمىگەن ئىش يۈز بەردى !

ئۆينىڭ كەينى تەرىپىدە مىنى ئارقا تەرەپتىن تۇتۇشقا چىققان بىر ساقچى باشقىلارنىڭ ئاۋازنى ئاڭلاپ كەينىگە يۈگۈرۈپ چىققانمۇ ،ئىشقىلىپ، ماشىنا قاتتىق سۈرئەت ئىشىۋاتقاندا ، ئۇ يۈگۈرۈپ دىگۈدەك يولغا چىىقىپ قالدى ، جان دىگەن تاتلىق نەرسە ، ئۇ ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولدى ، ئەمما پۈتۈنلەي خاتالاشتى، ئۇ كەينىگە يانماي ئالدى تەرەپكە يۈگۈردى، مەنمۇ ماشىنىنى ئاران يانغا بۇرۇپ ئۈلگۈردۈم ،ئەپسۇس ، مىڭ ئەپسۇس ،تاش يولدا تورمۇز دىگەنمۇ بىكارچى نەرسە ، بىچارە ساقچى «ئاكام » كەينىگە ئۇچۇپ كەتتى-دە ، يولنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشتى ، كەينىمدىن ساقچىلارنىڭ ۋارقىراشلىرى ئاڭلاندى، مەن قانداق قىلىشنى بلمدىم، ئەگەر مۇشۇنداق توختاپ قالسام ، مىنى ئەمدى تۈرمىگە سولىشىدۇ ، بولمىسا ...
ئاللاھ مەن قانداق قىلاي !؟
ماشىنىنى بىر قەدەم كەينىگە ياندۇردۇم ، ئۇنىڭغىچە ساقچىلار ماشىنىغا يىتىشىپ قالغان ئىدى ، قانداق بولدىكىن بىلىدىم، ماينى قاتتىق كۈچەپ دەسسەپ ساپتىمەن ، بىچارە ئاكاشنى ئىككىنچى قىتىم بىسىپ ئۆتۆپ كەتتىم ..................................
ئاھ خۇدا ، مىنى كەچۈر ، مىنى كەچۈرگىن دەيتىم ئىچمدە ، ماڭمۇ جان ، كىرەك ،ماڭىمۇ ئەرلىنلىك كىرەك ...
-پاڭ...پاڭ پاڭ !!
ماشىنىڭ كەينىدىن ئېتىلغان بىر نەچچە پاي ئوق كەينىدىكى ئەينەكنى تېشىپ قۇلاق تۈۋىمدىن ۋىڭىلداپ ئۆتۆپ ئالدى دىرىزنى چاك كەتكۈزدى ....
مەن ...، راستىمنى دىسەم شۇ چاغدا ئىشتىىمغا چىقىرۋەتمىدىم ،ئەمما قالغانننىڭ ھەممىسى بولدۇم ، خۇدا جان دىگەن ھەقىقەتەنمۇ بەك تاتلىق ئىكەن !!
يەنە بىرنەچچە پاي ئوق ئېتلدى ،مەن قۇرقۇنىچ ئىچىدە ماينى قاتتىق بىسىپ ئۇزاپ كەتتىم .....

                                                 «6»
ساقچى ماشىنىسنىڭ مۇنداق تىز سۈرئەتتە كىلىۋاتقىنى كۆرگەن كىشىلەر ھاڭ تاڭ بولوشۇپ قارىشىپ قالاتتى.
شۇنداق قچىپ ئاخىرى شەھەر بىلەن قاراقاشنى تۇتاشتۇرىغان بىر سايلىققا كىلىپ توختىدىم ،بۇرۇن دادام دائىم مىنى مۇشۇ يەرگىچە ئەكىلىپ ئاندىن قايتۇرۇپ كىتەتتى ،بۇيەردە بىر كىچىك ئىقىن بار ئدى .
ئۈستىبىشىم گەندە پۇراپ تىنغۇسىز بولوپ كەتكەن ، ھەم مۇشۇنداق ساقچى ماشىنىسىنى ھەيدەپ قىچىشمۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس ئىدى ، شۇڭا ماشىنى سايلىقنىڭ بىر چىتىگە توختىتىىپ سۇدا بىر يۇيۇنىۋالدىم .ئاندىن چوڭ يولغا چىقىپ قاتناش تۇسۇپ گۇما ناھىيسىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتىم .
ئىككى كۈن بولدى ، بىر قىرى بوۋاينىڭ كونا بىر ئېغىز ئۆينى ئىجارىگە ئىلىپ تۇرىۋاتقىلى ، تاماقنىمۇ ئىشىك تۈۋىدىكى بىر ئاشپۇزۇلغا چۈشۈپ ئىلىپلا چقىپ ياتاقتا يىدىم ، ئاغىنىلەردىن نەچچە رەت تلفۇن كىلىپ ھاردى ،
ئىككىنچى كۈنى كەچتە مەن ئاشپۇزۇلغا يەنە بىر چۈشتۈم ، ئەمدى تاماقىنى كۆتۆرۆپ ياتاققا مىڭىۋاتقاندا پەستە ئۇرۇندۇق قۇيۇپ ئولتۇرغان ئۈچ-تۆت ياشانغان كىشىنىڭ قىلىشىۋاتقان پارىڭى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى ،
-ئاڭلىدىڭلارمۇ ؟ تەيشەن مىمانخانىىستا ساقچى بىلەن ئېتىشىپ قچىپ كەتكەن گۇينىڭ بىرسىنى شەلىك بىر تاكسىچى شىرىكى قاچۇر ۋىتىپتۇ ..
- ھە راسىت ، راسىت ، دەپ تەستىقلىدى ياندىكى ئايال تىزلا : -ئىككى كۈن بولدى ، دەنشىدە مۇشۇ خەۋەر ، ئاڭلىسام ئۇ شوپور بالا سولاقتىن قىچىپ كىتىپتۇ ، بىر ساقچى تۇتۇۋاپتىكەن ، كاللىسىغا مىخ سانجىۋىتىپتىمىش ...
-يەنە بىر ساقچىنى ماشىنىدا ئككى قېتىم سۇقاپ ئۆلـتۈرۈپتۇمىش !
كۆز ئالدىم قاتتىق قارڭغۇلاشتى، دىمەك مەن ئىككى ساقچىنى ئۆلـتۈرگەن قاتىل بولوپ قاپتىمەندە ....، ئاھ خۇدا ،مەن گۇناھسىز، مەن قەستەن قىلمىدىم .
خۇددى ھىلال بىرسى مانا ماۋۇ قاتىل دەپ تۇتۇپ بىرىدىغاندەك تىز -تىز قەدەملەر بىلەن ياتاققا كىردىم ، توكنىمۇ ئۆچۆرۆپ قاراڭغۇدا قۇشۇق بىلەن بۇرنۇمغا نەچچە رەت يەپ غىزالانغاچ ، بۇنىڭدىن كىين قانداق قىلىششنى ئويلاشتىم ، ئويلىغانسىرى مىنى تىترەك بىسىپ كىتىپ باراتتى.......

بۈگۈن مەن قىچىپ يۈرۈۋاتقلى ئۈچ كۈن بولدى ، بۇيەرلەردە ھىچبىر تىۋىش يۇق، خۇدىى ھىچ ئىش يۈز بەرمىگەندەكلا .پەقەت شۇ ئۆي ئىگىسى ئايال مىنىڭدىن بىرنەرسىدىن گۇمانلانغاندەك پات-پاتلا چىرايىمغا سەپ سىلىپ قاراپ كىتەتتى،ئوغرىنىڭ يۈرۈكى پوك-پوك دىگەندەك ئۇ ماڭا قارىغانچە مەن خۇددى ئۇ مىنى بىلىپ قالغاندەك تىتىرەپ كىتىەتتىم -دە؛ ئىتتىك قەدەملەر بىلەن ئۇنىڭدن يىراقلايتىم .
چۈشتە ئاۋايلاپ پەسكە چۈشتۈم ، بىر ئاممۋى بوتكىغا كىرىپ ئۆينىڭ نۇمۇرىنى مىڭ تەستە باستىم ، ئەمدى مۇزىكا چىقىشىغا ئەنسىزلىك ئىچدە قۇيۇۋەتتىم ،ئەگەر مۇشۇ تاپتا ئۆيدە ساقچى بولوپ قالسا....، ياق ، مەن ئۇنداق ئاخماق ئەمەس ، ئۆزۆمنى تۇتۇپ بىرەمدىم ، ياق ئۇنداق قىلمايمەن .
ئەمما بۇيەردە مۆكۈنىپ تۇرۇۋىرىشمۇ بىر ياخشى چارە ئەمەس ئىدى ،قانداق قىلسام بولار؟ كاللام قۇماچ بولوپ كىتىپ باراتتى.يىنىمدىكى ئېلىۋالغان پۇلۇممۇ ساناقىلىقلا قالدى ،ئىچمدە يەنىلا بىر ئىغىز گەپ :-مەن گۇناھسز ،مەن قەستەن قىلمىدىم .
ياتاققا قايتىپ كىرىپ ئىشىكىنى ئىچدىن دۈم تاقاپ قاتتىق ئويلىنىشقا چۈشتۈم ....
-ئەگەر مەن بۈگۈن ئۆيگە قايتىپ كەتسەم ، ساقچىلارنىڭ مىنى تۇتۇۋېلىشى مۇقەررەر ، ئۇلار مىنى تۇتۇۋالسا ، ئەڭ ئاز دىگەندىمۇ ئىككى ساقچىنى ئۆلتۈردۈڭ دەپ ماڭا بەتنام چاپلاپ«ئەمىليەتتىمۇ مەن شۇنداق قىلدىم ، ئەمما قەستەن ئەمەستە!»مىنى ئېتىۋىتە!!!!!! ، مىنىڭ ئۆلگۈم يوق ،راسىت گەپ قىلىۋاتىمەن . مەن دىگەن بىر ئوغول ، ئائىلىمىزنىڭ بىردىنبىر ۋارىسى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئەمدى22گە كىردىم ، شۇڭا ئۆلۆپ كەتسەم بولمايدۇ ، مەن ئۆلسەم ئانام قانداق قىلدۇ...............؟
ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىر مۇشۇ يەردە بىر ئىش قىلىپ ئازراق پول تېپىپ ، خوتەن تەۋەسىدىن بىر مەزگىل چقىپ كەتمەكچى بولدۇم، شۇنىڭ بىلەن چاپاننى قايتا كىيىپ سىرتقا ئىش ئىزلەپ چىقتىم، ئوغرىدەكلا ھەممە ياققا ئەستايىدىل قاراپ مىڭىۋاتىمەن ، خۇددى خەقلەرنىڭ ھەممىسى مىنى بىلدىغاندەك ، مىنى ساقچىلارغا تۇتۇپ بىرىدىغاندەكلا .........
ئۇيان چۆرگىلەپ بۇيان چۆرگىلەپ ئاخىر گۇما خەلىق مەيدانىغا يىقىن يەردە قۇرلۇش قىلۋاتقان يەرگە كىلىپ توختىدىم ،قۇرلۇش قىلىۋاتقانلاردىن بۇيەدىكى ئىش بېشىنى سوراپ تېپىپ ئۇنىڭغا بۇيەردە ئىشلۈگۈم بارلىقىنى دىدىم ، ئۇ بىر خەنزۇ يولداشكەن ، مىنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەمنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرۆپ«نىمە دىگەن بىلەن مەن بۇ قۇرلۇشقا ئىشقا چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان ، ئالى مەكەتەپنى پۈتتۈرمىگەن 'ئالى مەكتەپ' ئۇقۇغۇچىسى ئىدىم » ، مىنىڭ نىمىش قىلدىغىنىمنى سورىدى ،مەن يالغاندىن نەچچە ئىغز تۇقۇدۇم ،ئۇمنىڭ خىزمەت «تەجىربەمنىڭ كەملىكنى بىلگەندىن كىيىن »مىنى ئاۋال بىرنەچچە كۈن خىش تۇشۇپ تۇر،كىيىن باشقا ئىشقا يۆتكەيمەن دەپ قۇلۇمغا خىش تۇشۇيدىغان ھارۋىدىن بىرنى تۇتقۇزدى ،
كچىكىمدىن ماشىنىڭ تۆپىسىدە ئولتۇرۇپ ماشىنا ھەيدەپ كەلگەن مەن ئەمدىلىكتە ماشىنغا لىق يۈل بېسىپ ئۆزۆم ئىىترىپ قىش-كىسەك تۇشۇپ يۈردۈم ، نەچچەيلەن ماڭا گەپ قىلماقچى بولوپ مىنى گەپكە سېلىپ باقماقچى بولوشتى ،ئەمما مەن ئشلىرىمنىڭ چىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن گاچا بولوۋېلپ يۈردۈم ، ئۇلارنىڭ مىنى تۇنۇپ قالماسلقى ئۈچۈن يۈزۈمگە ماسكا تاقاپ ................،ئىشقىلىپ يۈرەك پوك-پوك .نەچچە كۈن ئۆتۆپ كەتتى ، يەنىلا جىم ، قەيەرلەردىن ساقچى ماشىنىسىنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلانسا تىنىم شۈركىنىپ ،بەدىنىم توخۇ ئەت بولوپ كىتىدۇ .ما ئىش بولغان خەنزۇمۇ خۇددى مىىنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا قىلاتتى .
شۇنداق قىلىپ بۇ يەردە يىرىم ئاي ئىشلەپتىمەن ، تولوق تارقىتىمىز دەپ مىنىڭ يىرىم ئايلىق مائاشىمنىمۇ قۇلۇمغا بىرشتى ،قۇلۇمغا پولنى ئالدىمدە ،ئالدى- كەينىمگە قارىماي ياتاققا قاراپ قاچتىم .....،يولدا ماڭغاچ بىردە نەچچە يىلنىڭ بۇيانىدا مايلىشپ پارقىرغان قۇلۇمنىڭ ئەسكىرەپ كونا لاتىغا ئوخشاپ قالغىنىغا قارىسام ، بىردە قۇلۇمدىكى يىرىم ئايلىق مۇئاشمغا قارايتىم ،كاللامدا ئەتىلا بۇيەردىن كەتمەكچى بولدۇم .
                                             «7»
ياتاققا كىرىپ نەرسىلىرىمنى بىر قۇز يۇغۇشتۇردۇم ، ئاندىن يىقىن ئەتراپتىكى بىرساتىراچخانىغا كىرىپ ساقال بۇرۇتلىرىمنى پاكىز قىردۇردۇم ، 10يىلنىڭ ما بەينىدە ئاقلانمىغان كاللام بۇ قىتمقى ئالاھىدە سەپەر ئۈچۈن بىرقتىم قايتا تازىلاندى !

ئاپتوبۇس بىكەتتىن ئاستا قوزغالدى ، مەن قۇرقۇنىچتىن تىتىرەپ كەتكەن يۈرۈگۈمنى چىڭ بىسىپ كۈزۈمنى يۇمۇۋالدىم ،ئەنە شۇنداق قىلىپ «قارا»غا كەتكەن مەن توغۇلوپ ئۆسكەن يۇرتۇمدىن ئايرلىدىم.

ئاپتۇبۇس ئىلگىرلىمەكتە ، بۇرۇنقى چاغلاردا ساۋاقدالىرىم بىلەن كۈلۈشۈپ ماڭغان بو يۇللار ماڭا ئەمدە خۇددى گۆرگە ماڭغان ئۆلۆكنى ئەسلەتمەكتە ئىدى ،
ماشنا مىڭىپ ئىككىنىچى كۈنى ئەتتىگەن سائەت ئونلاردا ئۇلانباي تەكشۈرۈش چازىسىغا كىلىپ توختىدى ،يۈرۈگۈم دەششەتتك دىپىرلىماقتا ، ئاھ خۇدا ، مەن ئەمدى تۈگەشتىم ، بۇيەردە بۇنداق يەرنىڭ بارلىقنى بىلگەن بولسام مىڭىپلا چىقاتتىمكەن ئۈرۈمچىگە !!
شوپور ھەممىمىزنىڭ كىملىكنى يىغىپ پەسكە ئىلىپ چۈشۈپ كەتتى، كەينىندىن ئاپتۇمات تۇتقان ئىككى ساقچى ماشىنغا چىقىپ ھەممىمىزنىڭ ماشىندىن چۈشۈپ بىر بىرلەپ ئۆتىشىمىزنى دىدى،ماشىنىڭ ئچىدە كامار بولغان بولسىمۇ كىرۋالغان بولسام ھە !؟ئانا خوش ئەمدى ....، خۇش بۇ دۇنيا !!شۇنداق دەپ تىتىرەك ئولاشقان ھالدا شەپكەمنى چىڭ كىيىپ پەسكە چۈشتۈم ......
-ھە بىر-بىرلەپ ئۆتۆڭلار، ھەي ، قىستاشماڭلار ....
كىتاپلادىن يۈرەك قىپىدىن چىقىپ كەكۈدەك بولاپ كەتتى دىگەن گەپلەرنى جىق ئوقويتىم ،ئەمما بۈگۈن مىنىڭ بىشمىغا كىلىپ ، ئاھ خۇدا ، ھىس قىلىۋاتىمەن ، يەتتە ئەزايىم چىپ -چىپ تەرلەپ كىتىپ بارىدۇ ،مەن ..مەن

مانا نۆۋەت ماڭا كەلدى .ئۇلار ماڭا تازا زەن سىلىپ قاراپ بولوپ ، بىرنىمىلەرنى دەپ كۇسۇرلىشىپ بولغاندىن كىيىن ، بىرسى كەينىگە يۈگۈرگنىچە تىزىملاش پونكىتى تەرەپكە قاراپ كىرىپ كەتتى ، مان ئەمدى تۈگەشتىم ، ئاھ خۇدا ......
-سەن ئالدىڭغا ماڭ ، دىدى خەنزۇ ساقچى ئالدى تەرەپنى ئىما قىلغاچ ...
تاس قالدىم كەينىمگە ئۇچۇپ چۈشكىلى ،ئۆزۆمنى تەستە جىمىقتۇرۇپ ئالدىمغا ماڭدىم ، كەينىمدىكلەر بىر بىرلەپ ئۆتتى ،ماشىنا بىر قۇز تەكشۈشرۈلگەندىن كىين شوپور بىزنى ماشىنغا چىقىڭلار دىدى، يۈك تاقىلارنى قاتىدىن بىسىپ ماشىنغا چىقىشقا باشلىدۇق ، بۇ چاغدا ھىلىقى ساقچى يەنە بىر ساقچىنى باشلاپ ، ماشىنغا يەنە بىر چقتى ، مە ئاللىقاچان ئاشۇ قىتىم خۇددى شاللىىلاردىن ئۆيگە ماشىندىن تىز يۈگۈرەپ بولغاندەك ، ماشىنىغا قىسىتىلىپ يۈرۈپ چىقىۋالغان ئىدىم،
-ئىلشات تۇرسۇن ، دىگەن كىم !؟
ئاھ خۇدا دەپ ئىغىر تىندىم، مانا ئەمدى مەن تۈگەشتىم ، ئىككى ساقچىنى قەستەن ئۆلتۈرگەن ۋە زەھەر ئەتكەسچىسى دەپ مىنى تۈرمىگە سولاپ ئەتىسى ئىتىشىدۇ !!
ماشىنا ئىچىدىكىلەر ھەممە تەرەپكە قاراپ مىنى ئىزلەيتتى ، مەن گەپ قىلماي جىممدە تۇرۇۋالدىم ،
-بۇ ماشىندا ئۇنداق ئادەم يوقما ؟
ھەممەيلەن :
-بىلمىيتمىز ،
- ۋاي تاڭ ،
-ئۇستام ، نەدىكى ئىشنى دىمىي ، ماشىنىنى ھەيدىڭاھاي، ئالدىرايتمىزيا بىز !
ساقچى:
-بىرەسىڭلا تۇنۇمامسىلە ئۇنداق دەپ ئىسمى بار ئادەمنى !؟
ھەمميلەن بىر ئېغىزدىن ياق دىيىشتى .
مەنچۇ ؟ مەن بۇچاغدا خۇددى دۇزاق مالائىكىلىرى دۇزاققا سۆرەپ مىڭىشقا كەلگەندە پۈتۈن بەدىنى قىتىپ قالدىغان ئادەملەردەك «مومام دائىم شۇنداق دەيدىغان» قىتىپلا قالدىم !
ماشىنا ئاستا قوزغالدى ،. ساقچىلار چۈشۈپ ماشىنغا قاراپ چاس بەردى-دە كەينىگە بۇرۇلوپ كىتىپ قالدى !
ئىچىمدە ئولوغ ئاللاغا مىڭلارچە تەسەننا ئۇقۇپ، پەخەمبىرىمگە دۇرت يوللاشقا باشلىدىم !!
ئۈرۈمچى ، شۇنداق بىر سىرلىق شەھەر ! قايناق ، بىراق ناتۇنۇش ، ئاۋات ، ئەمما بەك سوغۇق « بولوپمۇ مەندەك مۇساپىرلار ئۈچۈن ».
بۇرۇن ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل ئۇقۇغاچقا ئۈرۈمچى ماڭا بەك ناتۇنۇشمۇ ئەمەس ئىدى !ئۈچتاشقا چۈشۈپلا بىر تاكسىنى بولاپ ئۇدۇل شەرقى ئايلانما بازار«دوڭخۈۋەن شىچاڭ» تەرەپكە كەلىم ،چۈنكى ئۇتەرەپلەردە مىنىڭ بىر تۇنۇشۇم بار بولىدىغان ، ئۇنىڭغا تېلپون قىلاي دىسەم يانفۇنىمنى تاپالمىدىم ، قەيەرلەدە چۈشۈپ قالغىنى بىلمىدىم .
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاداش بىلەنمۇ ئالاقە قىلالمدىم !
شۇيەردىن مىڭ تەستە بىر ياتاق تىپىپ«گەرچە مۇئەللەقتىراق بولمىسىمۇ »ئورونلاشتىم ، ئاندىن پەسكە چۈشۈپ بىرنەچچە ئاق نان بىلەن مىنرال سۇ ئىلىپ ياتاققا قايتىپ چقىتىم ، مىنىڭچە بولغاندا بۇيەرلەردە خېلى ئۇزۇن تۇروپ قالاتتىم،شۇڭا پۇلنى تىجىشىم كىرەك ئىدى !
تاماقنى يىگەچ يەنە قانداق قىلىش ھەققىدە باش قاتۇردۇم !
                                                      «8»
مانا بۈگۈن مەن ئۆيدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولوپ يۈرگىلى ساق يەتتە ئاي بولوپتۇ . ئاخىر قانداق بولسا بولسۇن ،.ئۆيگە بىر باراي ، ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ ئانامنى بىر كۆرۆپ ئۆلەي دەپ خوتەنگە بارىدىغان ماشىنىدا ئۆيگە كىتىۋاتىمەن !
بۇ يەتتە ئايدا ، مەن ئانام بىلەن بىر قىتىممۇ ئالاقىلىشپ باقمىدىم ،ئۆيگە تىلفۇن قىلىپمۇ ھاردىم ، ئادەتتە باشقىلارنىڭ نۇمۇرنى تېلفۇنمغا كىرگۈزۈپلا بولدى قىلدىغان مەن يا باشقا دوستلىرىم بىلەن ئالاقىلىشەلمىدىم .ئەڭ يامان بولغىنى مەن ئۈرۈمچىگە چىقىپ ئۇزۇن بولمايلا تېلۋىزوردا كۆرگەن خەۋەر بولدى ؛خەۋەردە :خوتەندە تۇتۇلغان زەھەرئەتكەسچىسى ۋە قاراماي، تۇمۇشۇق قاتارلىق جايلاردىن تۇتۇلغان زور بىر تۈركۈم زەھەر ئەتكەسچىلىرنىڭ ئۈچىگە ئۆلۆم جازاسى بىرىلدى ، ئىككى كىشى مۇددەتسىز قاماق جازاسى ، قالغىنىنى يۇققىرىسى 15. تۈۋىنى ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بىرلدى ، خوتەندە قىچىپ يۈرگەن بىر تۈركۈم زەھەر ئەتكەسچىلىرى پات يىقنىدا تۇتۇلىدۇ !ۋە ھاكازالا !!
ئەنە شۇ خەۋەرنى كۆرگەندىن كىيىن مەندىكى قۇرقۇنىچ يەنە بىرقىتىم كۈچەيدى !شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۈرۈمچىدىن قىچىپ تۇرپانغا چىقىپ كەتتىم ، تۇرپاننىڭ يزىلىرىدا مەدىكار ئشلەپ ئۇزۇن ۋاقىتلار ئۆتۆپ كەتتى ، يەنە ئۈرۈمچىگە قايتىپ چىقتتىم ،بۇ چاغدا بۇ ئىشلار بىر قۇز بىسىققانمۇ قانداق ، ھىچقانداق خەۋەر ئاڭلىمدىم ، بىر ئايدىن ئۇشۇقراق ۋاقىت ئۆتۆپ كەتتى ، مەندىكى قۇرقۇنىچممۇ قۇياشتىن كىينىكى تۇماندەك ئاستا -ئاستا تارقاشقا باشلىدى. ئەمما بۇقا مۆرەيدۇ، پوتى تىتىرەيدۇ دىگەندەك ، مەن يەنىلا قايتىشقا جۈرئەت قىلاممىدىم ،،مانا ئاخىرى جاننىنى ئالقانغا ئىلىپ ئۆيگە ماڭدىم !
ئاپتۇبۇس كەچ سائەت 7لەر ئەتراپىدا خوتەن ئۇزۇن يوللۇق بىكەتكە چۈشتى، ماشىندىن بىرنەرسىلىرمىنى چۈشۈرۈپلا ئالدىراش شەپكەمنى كىيىپ تاكسىدىن بىرنى تۇسۇدۇم ، چىقىپلا ئۆيۆمىنىڭ ئادىرسىنى دەپ بىشىمىنى تۆۋەن قىلىپ ئولتۇرۋالدىم ،
-يىراق سەپەدىن كىپسىلە ھە ؟
-ھە ؟ مەن ترىڭڭىدە بولوپ كەتتىم ،ئاران ئسىمنى يىغىپ ؛-ھە..ھەئە . يىراقتىن كەلدىم ،
-قالىسام مەشەلىكتەك قىپ تۇرىسلە ؟
-ئوخخو دىدىم ئىچىمدە ، تازىمۇ بىر قۇم قازى ئاداشنىڭ ماشىنىسىغا چىقىتىممۇ نىمە ؟
-ھە ، مەن مەشەلىك. دىدىم مەن بىشىمنى كۆتۆرۆپ ئۇنىڭغا قاراپ ساپتىمەن !
ماشىنا شۇھامان ئىزىدا توختدى ، شوپور ماڭا تازا بىر سەپ سېلىپ قارىغاندىن كيىن .خۇددى بىر نەرسىسىنى يۇقۇتۇپ قۇيۇپ تىپىۋالغان ئادەمدەك ۋارقىراپ ماڭا :
-ھوي ، بۇ سەنمىدىڭ !ھەجەپ تۇنۇماپتىمەن !
مەن سەل تېڭىرقاشتىن كىيىن ئىسمىنى يىغىالىدىم ، بۇ دەل بۇرۇن مەن بۇيەردە تاكسى ھەيدىگەندە تۇنۇشقان ، مەن بىلەن بىر رايوندا ئولتۇردىغان ئۇچقۇن ئدى،ئىككىمىز بىر قۇر ئەھۋال سۇراشقاندىن كىيىن ئۇ مەندىن سورىدى ،
-ئاداش ، نىمەلەر بوپ كەتتى زادى ، ھەجەپ تۇيۇقسزلا يۇقاپ كەتتىڭيا ؟
مەن نىمە دىيىنىمنى بىلەلمىدىم ، مەن قاتىللىق قىلغان تۇرسام ئەجىبا بۇ ئادا مۇشۇ خوتەندە تۇرۇپ ھىچنىمنى بىلمىگەنمىدۇر؟
-ھەر راسىت ئاداش ،دىدى ئۇماڭا ئىچ ئاغرىتقاندەك قىلىپ :-سەن يۇقاپ كەتكەندىن كىيىن ئاناڭ تولا ئاغرىقچا بولوپ قالدى ، تېخى تۈنۈگۈنلا مەن ماشىنا بىلەن دوختۇرخانغا ئەكىپ قۇيدۇم ، ھازىرما دوختۇرخانىدا، سەن ئۆيگە بارامسەن يا دوختۇرخانىغمىۇ؟
-ھە ؟؟؟بۇ نىمىش ئەمدى ، بولدى دوختۇرخانغا ھەيدىگنە ماشىنىنى !
دوختۇرخانغا كەلدىم ، ئزىمەت ئىشىم ئالدىراش دەپ مىنى ئانام ياتقان ياتقنىڭ ئىىشىك تۈۋىگىچە ئەكلىپلا يۇقاپ كەتتى، مەن ئۇنى مىنى ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قۇيامدىكىن دەپ قۇرقۇپ بىر كۈزۈم كەينىمدە ئانامنىڭ يىنىغا كىرىدىم .ئانام كارۋاتتا ئاران-ئاران تىنىپ ياتاتىتى، مەن كۆزۆم لىق ياش ھالدا ئانامنى چڭ باغرىمغا بىسىپ ،ئۇنى قۇچاقلىۋالدىم ، ھىدىنى ھىدلىدىم ، ئەمما بۇرۇنقى پۇراقلار پۈتۈنلەي ئۇكۇلنىڭ پۇرىقىغا يەم بولوپ كەتكەن ئىدى، ئانام ماڭا بىر نىمىلەرنى دىمەك بولاتتىيۇ ،ئەمما ئېغىزنى مىدىرلىتالمايتى،يىندا ئارخىپى تۇراتتى ، مەن ئاستا .ئىلىپ ۋاراقلىدىم «يۈرەك كىسىلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى »دىگەندەك خەتلەر ئادەم ئۇقۇغۇلى بولمىغۇدەك سەت جىجىلىپ يزىلغان ، مەن قاتتىق چۆچۆپ كەتتىم ، شۇئان سىرتتا ساقچى ماشىنىسىنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .....،مەن ئانامنىڭ قۇلىغا يەنە بىر رەت سۆيۆپ قۇيۇپ بۇراندەك يۈگۈرۈپ ئارقار ئىشكىتىن چىقىپ كەتتىم ! «9»
سۇس ياققان قار يۈزۈمدىكى ياش بىلەن ئىرىپ ، ئازاپلىرىمغا جۆر بولماقتا ، ئانام داداملارنىڭ قەبرىسى ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان مەن ئاللاھقا ئاچچىق نالە قىلماقتىمەن !
-ئىھ كەرەملىك خۇدا ، سەن ماڭا نىمىلەرنى ئىلىپ كەلدىڭ !يۇق يەردىن بىر ئىشلار بىلەن مىنى دادامدىن ئايرىدىڭ، ماڭا بىر قارا سۈركەپ ،مىنىڭ ئاقلىقىم ئىسپاتلانغۇچە مىنى ئانا يۇرتۇمدىن ئايرىپ سەرگەردان قىلدىڭ ، كىشىلەرگە كاللىسى تاشقا تىگىپ ھۇشىدىن كەتكەن ، ماشىنام سۇقۇپ يىنىڭ يارلانغان ئىككى ساقچىنى ئۆلگەنگە چىقاردىڭ ، دە مىنى ياقا يۇرتلارغا سەرگەردان قىلدىڭ ،مىنىڭ گۇناھىسزلىقىم ئىسپاتلانغاندا مەن خەۋەرسىز قالدىم ، ئاقىۋەت يەتتە ئاي سەرگەردان بولدۇم ،ئۆيگە كىلىپ كەلمەي ئاناممۇ تۈگەپ كەتتى ، .ئاشۇ قىتىم قۇرقۇنىچتا مەن پىرۋامنى ئۇلانبايدا چۈشۈرۈپ ساپتىمەن ، ھازىر قايتىدىن مەشىق قىلىپ پىىراۋا ئالماقچى ، شۇ سەۋەپ خىزمىتىممۇ يۇق بولدى ، مەن توي قىلماقچى بولغان قىز ئىككى ئاي بۇرۇن ئۆيدىكىلىرىنىڭ زورلىشى بىلەن باشقا بىرسىگە ياتلىق بولوپ كىتىپتۇ ، ھازىر مەندە بارى پەقەت شۇ گۆردەك سۇغۇق ھەم جىمىجىت ئۆي خالاس !
بۇ دەتلىرىمنى بىر يەرگە بىرىپ ئەرىز قىلاري دىسەم .ئەشۇنداق بىرگەپنى ئىككى قىلىپ چوڭايتىدىغان گەپ تاپارلارنى سورايدىغان يەر يوقكەن ،ھەم مىنىڭ بۇ ئەرىزنامەنى قانداق يىزىشنى بىلمىدىم ، سەم ھەممنى كۆرۆپ تۇردۇڭ ، شۇڭا ئۆزۆڭ بىر ئادىل سوراپ قۇيغىن ! ئەي خۇدا ئاڭلاۋاتامسەن؟بەندەڭنىڭ ساڭا ئەرزى بار !
ئەي ئولوغ ئىگەم ! ماڭا ئىگە بول ! مىنىڭ ساڭا ئەرزىم بار !!!!!!
تۈگىدى
2011يىلى -22نويابىر شىيامىن .

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

ئۈمىدلىك ئەزا

چۈشەنمىدىم

UID
16396
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
260
تىزىملاتقان
2011-10-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-25
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-30 03:15:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋازلىق ئەسەر قىلللىپ يوللانغان بولسا....

UID
10718
يازما
58
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1289
تىزىملاتقان
2011-4-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-24
توردا
22 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 20:02:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىسىداشلىق قىلىمەن

UID
33483
يازما
47
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
47
تىزىملاتقان
2012-3-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 23:35:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بەك ياخشى يوللانغان ئەسەركەن بۇ .... مەنمۇ تەڭ جىددىيلىشىپ ئوقۇدم دىسە ....

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
594
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
594
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-7
توردا
222 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 23:44:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        خوتەن تەلەپپۇزى ياخشى چىقىپتۇ .

كۆيۈمچان ئەزا

سەمىمىيلىك - گۆھ

UID
3799
يازما
208
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
7359
تىزىملاتقان
2010-7-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 13:00:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئادوۋكاتتىن بىرىگە ھاۋالە قىلسىڭىز،ئەينى ۋاقىتتىكى سىزگە تەھدىت سالغان خەنزۇنى تاپالىسا شۇ گۇۋاھلىق بەرسە بولاتتى ،ئاندىن  ئۆزىڭىزنى مەلۇم قىلسىڭىز ئادوۋكات ياردەم قىلسا ،سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەن دەپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىكى مۇمكىن،ھايالا بولساق ياخشى ئىپادە بىلەن مۇددەتنى قىسقارتقىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ ،ئامال بولمىغاندا چىرايىڭىزنى ئۆزگەرتىپ باشقا ئىسىمدا ياشارسىز ...

كۆيۈمچان ئەزا

سەمىمىيلىك - گۆھ

UID
3799
يازما
208
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
7359
تىزىملاتقان
2010-7-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 13:01:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ جاھاننىڭ تەتۈرلىكىگە ئىچىم ئېچىشىۋاتىدۇ... بۇنداق ئىشلار كۆپ جاھاندا

UID
36717
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-4-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 13:10:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زالىملار ئۈچۈن ياشىسۇن جەھەننەم

UID
15025
يازما
17
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
257
تىزىملاتقان
2011-9-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-31
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 22:37:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ehtiram يوللىغان ۋاقتى  2012-5-2 13:00
ياخشى ئادوۋكاتتىن بىرىگە ھاۋالە قىلسىڭىز،ئەينى ۋاقىت ...

ئەسسالام ،ئاۋال ئەسەرنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇغىنىڭىزغا رەھمەت ، بۇ بىر تۇقۇلما ، ئەگەر سىزنى راستىنلا شۇ ھالەتكە كەلتۈرگەن  بولسا مەن ئۆزۆمنىڭ ئەمگىكىدىن رازى بولدۇم ! چۇقۇم تېخىمۇ تىرىشىمەن !

كۆيۈمچان ئەزا

سەمىمىيلىك - گۆھ

UID
3799
يازما
208
تېما
20
نادىر
0
جۇغلانما
7359
تىزىملاتقان
2010-7-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-18
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 11:57:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش