تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1805|ئىنكاس: 12

مەتبەئە تىخنىكىسىنى ئۇيغۇرلار كەشپ قىلغان   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
34576
يازما
10
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 12:06:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە:مەتبەئە تىخنىكىسىنى ئۇيغۇرلار كەشپ قىلغان!
ئاپتورى:سەلجۇق سىلسۇپەر (تۈركىيە)



تۈركچىدىن ئاغدۇرغۇچى:تاھىر ئىمىن
(2012-يىللىق ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى ئالدىن تەبرىكلەيمەن.ئەسەر تەرجىمىسنى ئۆز ئەقىدىسى ۋە مەدەنىيتى يولىدا باشتىن-ئاخىر جاھىللىق قىلالايدىغانلار ئۈچۈن بېغشىلايمەن.)

ئىزاھات:ماقالىدا مەتبەئە تېخنىكىسنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىجات قىلىنغانلىقى بىر قىسم تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئاساسدا يورۇتۇپ بېرىلىدۇ.


مەتبەئە تىخىنىكىسنىڭ ئىجات قىلىنىشى نەشىرىيات ۋە ئاخباراتچىلىق تارىخى بويىچە،كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەت تەرەپتىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ھادىسدۇر.غەرپلىكلەر مەتبەئە تېخنىكىسنى ئىجات قىلغان كەشپىياتچى سۈپىتىدە يوھان گۇتىنبۇرگنى كۆرسەتسىمۇ،ھەقىقەتتە مەتبەئە تېخىنىكىسنى ئۇيغۇرلار گۇتىنبۇرگتىن بۇرۇنلا 6-ئەسردە ئىجات قىلغان.
دەسلەپكى مەزگىلدە تۆلەس،كىينكى دەۋرلەردە توققۇز ئوغۇز نامى بىلەن ئاتالغان بۇ قەۋم 744-يىلىغا بارغاندا تۇنجى ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان.بۇ دۆلەت 840-يىلىغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋە قىرغىزلار تەرىپىدىن يېقىتىلغان.دۆلەتنىڭ يېقىلىش سەۋەبى بىلەن ئۇيغۇرلار ئىچكى ئاسيادا بەش بالىق،تۇرپان،خوجا قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بارغان ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتى ،كۈلتۈرىنى تۇرپاندا داۋاملاشتۇرۇپ ئولتۇراقلىشش ھاياتىغا قەدەم قويغان.ئۇيغۇرلار باشقا تۈركى خەلقلەردىن بۇرۇن بۈيۈك مەدەنىيەتلەر بىلەن ئالاقە قۇرۇپ،بىلىم،كۈلتۈر،تىجارەت قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى شەيئىلەرنى ئۆگېنىپ،ئوتتۇرا ئەسردىكى ئەڭ مەدەنى مىللەتلىرىدىن بىرى بولغان.
981-984-يىللىرى خوجاغا چىن (جۇڭگو)ئەلچىسى سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن ۋاڭ يەندي ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك خاتىرلەيدۇ:‹‹بەش بالىقتا بەك كۆپ ئۆيلەر،مۇنارلار ۋە باغچىلار بار ئىكەن،ئۇيغۇرلار ئەقىللىق،توغرا خاراكتېرلىك ۋە نومۇسلۇق ئنسانلار ئىكەن،ئالتۇن،كۈمۈش،مس ۋە تۆمۈردىن بىر نەرسە ياساشنى بىلىدىكەن،تەشتەك،قاچا،قازان ساھەسىدە مۇكەممەل ئەسەرلەرنى ياراتقانىكەن.››ئەلچى ۋاڭ يەندي يەنە تۇرپاندا توقۇلغان ئۇيغۇر رەخېتلىرىگە ھەيران قالغانلىقىنى ،ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆيىدە مۇتلەق ھالدا بىر كىتابخانا تېپىلىدىغانلىقىنى،ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىنى ناھايتى ياخشى ئاشلاپ ئشلىتىدىغانلىقىنى،تۆمۈر ۋە پولات تاۋلاپ قورال ياسايدىغانلىقىنى،ھەتتا قورال سودىسنى ئۆز قوللىرىغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادە ئېتىدۇ››.
يەنە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كۆمۈرنى بايقاپ نۇرغۇن ساھەلەردە ئشلەتكەنلىكى مەلۇم.
ئۇيغۇر تۈركلىرى كۆكتۈرك ئېلىپبەسدىن كېيىن 14 ھەرپلىك ئۇيغۇر ئېلىپبەسنى ئشلەتكەنىدى.
تۈركولوگ ئا.ۋون .لى كوگنىڭ بايانىغا ئاساسلانغاندا،ياۋروپاغا سلىشتۇرغاندا،ئۇيغۇر تۈركلىرى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ياۋرپادىن خېلىلا بۇرۇن باشلىغان.ياۋروپادا ساناقلىق كىشلەر ئوقۇش –يېزىشنى بىلسە،ئۇيغۇرلاردا دىېھقانلار،يېزا ئاھالىلىرى،سودىگەر ،قسقىسى ھەممە ئادەم ئوقۇش-يېزشنى بىلەتتى.تۇرپان ئۇيغۇرلىرى ،يەرلىك كۈلتۈرلەر ئىچىدە ئەڭ ئىلغار كۈلتۈرنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى.مانى دىنى ۋە بۇددا دىنى ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرتىل شۋىسىدە تەرجىمە قىلىنىشى بىلەن ناھايتى گۈللەنگەن بىر باي ئەدەبى تىل تەرەققى قىلغانىدى.بۇ قول يازمىسى ياكى بېسىلغان كىتاپلارنىڭ بىر قسمى مىڭ بۇددا (دۇنخۋاڭ)غارىدىكى ئېتىكاپخانىلىرىدا تېپىلىدۇ.تېپىلغان ئەسەرلەر ئارىسدا،ئالتۇن-يارۇق (ئالتۇن چىراق)،سەككىز يۈكمەككە ئوخشاش بوغۇم ۋەزنى بىلەن يېزىلغان دىنى قەسىدىلەر ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.نام-شەرىپى مەلۇم بولغان تۇنجى ئۇيغۇر شائىرى بولسا-ئاپرىنچۇر تېكىن ئىدى.
ئا گىرۇنۋىدىل .ئا ۋون لىكوگ،ئاۋرىل ستەيىن قاتارلىقلار ئوتتۇرا ئاسيادا ئىلىپ بارغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش ۋە تەتقىقاتلار نەتىجىسى- مىنياتۇرلار ۋە شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن بېزەلگەن ئۇيغۇر يازمىلىرى ۋە بېسلغان كىتابلار بىلەن تولغان كۈتۈپخانىلار نىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ.
بۇ ئارخېئولوگىيەلىك قېزشلاردا بايقالغان يازما ۋە باسما ئەسەرلەر ،تاشكېمىر ۋە ئويمىلار ،خارابىلەر ئارىسدا ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن بىر ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان.ئۇيغۇرلار يەنە قەغەز ياساشنىمۇ بىلەتتى.
ئەمما تولىمۇ ئەپسۇسكى،بىز تۈرك دۇنياسى بۇ قىممەتلىك ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قسمىنى  ئەنگىلىيە،گىرمانيە،روسيە،ھىندىستان ،جۇڭگو مۇزىيلىرىغا يوللاپ قاراپ ئولتۇردۇق.
7-ئەسردىن 9-ئەسرگىچە ئۆز زامانسنىڭ ئەڭ ئىلغار توپلۇم (مىللى بىرلىك)نى شەكىللەندۇرگەن ئۇيغۇر تۈركلىرى كىتاب بېسىش تېخنىكىسنىمۇ ئىجات قىلغان.بۇ چاغداش(دەۋرىمىز) مەتبەئە تېخنىكىسنىڭ ئاساسنى تەشكىل قىلغان ھەرىكەتچان ھەرپ سستىمىسنى تەتبىقلايدىغان باسمىچىلىق تېخنىكىسى ئىدى.
ئا گىرۇنۋىدىل .ئا ۋون لىكوگلار 1902 -1907يىللىرى شنجاڭنى (ئەسلى ئەسەردە باشقىچە تارىخى نام بىلەن ئاتالغان-ت) قېدىرىپ تەكشۈرۈش جەريانىدا،تۇرپاندا ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان قاتتىق ياغاچتىن قېلىنغان يۈزلىگەن ھەرپلەرنى تاپقان.
شۇنىڭدىن كىين (1906--1909)پ .پېللىئوت ،مىڭ بۇددا (دۇنخۇۋاڭ)غارلىرىدىن چىقارغان تۈركچە ھەرپلەر دۇنيادا مەتبەئە ھەرپلىرى بويىچە ئەڭ قەدىمكى ھەرپلەردۇر.
مەنبەسى:تۈرك ئنسكلوپىدىيەسى ،3-جىلىت ،ئسمەت بىرانىك .ئۇيغۇرلاردا مەتبەئە.
رۇس ئالىمى ئولدىنبېرگ قەشقەر ۋە تۇرپان ئەتراپىدىكى تەكشۈرۈشلىرىدىن كىين زامانىۋى ئۇقۇمدىكى مەتبەئەنىڭ پىروتوتىپى بولغان ھەرىكەتچان ئۇيغۇر ھەرپلىرىنىڭ بايقالغانلىقىنى ،فىرانسۇز ئالىمى ج. ر. رىسلەر مۇ يارۋوپادىن 600 يىل بۇرۇن تۈرك دۆلىتىدە بېسلغان ئەسەرلەردىن بېلىنگەن ۋە ئۇيغۇر مەتبەئە تىخنىكىسنى موڭغۇللارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ياۋروپاغا توشۇغانلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ.
مەتبەچىلىك تېخنىكىسى تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان تەتقىقاتچى توماس چارتېر :‹‹يەر شارىدا مەۋجۇت بولغان ئەڭ قەدىمكى مەتبەئە ھەرپلىرى ئۇيغۇر تىلىدا بولۇپ،تۈركچىگە مەنسۇپتۇر.مەتبەئە تېخنىكسنى جۇڭگولۇقلارغا مەنسۇپ دەپ قاراش شۈبھىلىكتۇر، چۈنكى سىلابىك ھەرپلەردىن تەشكىل تاپقان خەنزۇچىنىڭ شۇ تارىخى شارائىتتا مەتبەئە تېخنىكىسغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس.بۇنىڭ ئەكسچە،14 ھەرپلىك ئۇيغۇر ئىېلپبەسنىڭ مەتبۇئات تېخنىكىسغا ئۇيغۇن كىلىشى ئەڭ قولايدۇر.››
تۇرپان،بەشبالىق ،قاراغوجا،ياركەنت،خوتەن ۋە باشقا ئۇيغۇر شەھەرلىرىدە ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا قولغا چۇشۇرۇلگەن ،قاتتىق ياغاچتىن ياسالغان ھەرىكەتچان ھەرپلەر ئۇيغۇر تۈركلىرىدە مەتبەئە سەنئىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلغۇسز دەرىجىدە ئسپاتلىماقتا.
ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى بىلەن ھەقلىق بىر شۆھرەتكە ئۇلاشقان پىروفىسور ئانمارىيا ۋون گابائىن ‹‹تۇرپان كوللىكېتىپ باسمىلىرى››(-تۇرپان تېكىستلىرى-دەپمۇ ئاتىلىدۇ››)ناملىق ئەسىرىدە جۇڭگو ۋە ئۇيغۇر كىتابچىلىقى ھەققىدە بەك مۇھىم ئۇچۇرلارنى بەرگەن:
ئا ۋون گابائىننىڭ قارىشچە،‹‹جۇڭگودا سىلىندىر شەكىلدىكى قول يازمىسى بولغان كىتابلاردا بەت نۇمۇرى يوق.بۇنىڭ ئەكسچە،مىڭ بۇددا ‹‹دۇنخۇۋاڭ)غارلىرىدىن چېقىرىلغان يازما ۋە باسما كىتابلاردا كىتابنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇلۇڭىدا بەت نۇمۇرى بار ئىدى.ئا ۋون گابائىن خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ:‹ئۇيغۇرلارغا دائىر خۇسۇستا كەسكىن بىر قانائەتكە ئىگە بولدۇق››دىگەن.
ئا ۋون گابائىن بىر تېمىغا تېخىمۇ بەك دىققەت قىلغان: جۇڭگولۇقلار ھەرىكەتلىك ھەرپلەرنى بىردىن بىردىن ئەمەس،كەلىمىلەر ۋە گېرامماتىكىلىق قوشۇمچە ھالىتىدە تۆكۈشى كىرەكلىكى،خەنزۇ تىلىنىڭ قۇرۇلمسنىڭ ھەرىكەتچان ھەرپلەرنى پەيدا قىلىشىغا ۋە بۇ ئارقىلىق مەتبەئەدە بېسشقا ئۇيغۇن ھالەتتە بولمايدىغانلىقى ،مەتبەئەنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بايقالغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
پىروففىسور ئا ۋون گابائىن جۇڭگو يارلىق پەرمانلىرىنى بېستا ئشلىتىدىغان قەغەزنىڭ قوپال ۋە قېلىن ئىكەنلىكىنى،يارلىقنىڭ قەغەزگە بېسلالمايدىغانلىقىنى ،بۇنىڭ ئەكسچە ئۇيغۇر باسمىچىلىقىدا قوللىنىلغان قەغەزنىڭ ئىنچىكە ئىكەنلىكىنى ،ئۇيغۇر يازمىلىرىدا كۆرۈلگەن كىتاب بېزەش سەنئىتىنىڭ دۇنيادا بايقالغان تۇنجى ئۆرنەك ئىكەنلىكىنى ،بۇلارنىڭ ياكى رەڭسز قويۇلىدىغانلىقى ياكى رەڭلەر بىلەن بېزىلىدىغانلىقى ،ئوخشاش ئەھۋالنىڭ باسما بويۇملىرىدىمۇ كۆرۈلىدىغانلىقى .قولدا يېزىلغان ياكى بېسلغان كىتاپلارنىڭ جانلىق ئۇسلۇب جەھەتتىن جۇڭگو ئۇسلۇبىدىن يۇقىرى تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
گابائىن خانىم شەكىل ۋە مىنياتۇرلاردا كۆرۈلىدىغان ئىتنولوگىيەلىك ئامىللارنىڭ ،كىيم-كىچەكلەرنىڭ،پۇتىغا كېيلىدىغانلار ئىچىدىن ئاياغنىڭ ،يۈز قسمى،ساچ ۋە ساقال جەھەتتىن تامامەن تۈركلەرگە خاس ئىكەنلىكىنى ۋە جۇڭگو سەنئىتىگە ھىچقانداق ھالەتتە ئوخشتالمىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا گابائىن ئۇيغۇر يازمېلىرىغا رەسم كىرگۈزۈش تېخنىكىسنىڭ جۇڭگودىن پەرقلىق ھالدا يۇڭ ۋە قومۇش قەلەم بىلەن ئشلىنىدىغانلىقى،جۇڭگولۇقلاردا بولسا پەقەت يۇڭ قەلەم بىلەنلا ئشلىنىدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
ئستانبۇل ئۇنىۋېرستېتى قەدىمې مائارىپ مۇتەخەسسلىرىدىن بىرى پىروففىسور ھەلمۇس سئودا بوسسرت ئىككىنچى نۆۋەتلىك تۈرك تارىخى قۇرۇلتىيىدا سۇنغان ‹‹تەبئى سەنئەتنىڭ كەشىپ قىلىنىشى››ناملىق ماقالىسدە ،مەتبەئەنىڭ جۇڭگولۇقلار تەرىپىدىن ئەمەس،ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بايقالغانلىقىنى ھەر خىل پاكىتلار بىلەن ئسپاتلىدى.پىروففىسور بوسسرت :‹‹دەسلەپتە ھەرپ سانى ئاز بولغان بىر ئېلىپبە بولۇشى كېرەك ئىدى،ۋە ھالەنكى خەنزۇچىدا بولسا ھەرپ ئەمەس 4384 بىرلىك بوغۇم بار ئىدى››.


توماس فىرانسز چارتىر :‹‹مەتبەئەنىڭ غەرپكە ئېلىپ بېرىلىشىدا ۋە تارقىلىشىدا،تۈركلەرنىڭ بەك چوڭ رولى بار››-دىگەنىدى.
ئالبېرت ۋون لىكوگ ،ھەلمۇرت بوسېرت ۋە لاسزلو راسونى قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر تۈركولوگلارمۇ مەتبەئەنى تۈركلەرنىڭ ئىجات قىلغانلىقىنى ۋە 1241-يىلىدا ئالتۇن ئوردا كۈچلىرىنىڭ گېرمانىيەگە كىرگەن چېغىدا (غەرپنىڭ-ت)مەتبەئەنى شۇ ۋاستە بىلەن ئۆگەنگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
يېڭى مەتبەئەنى ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىجات قىلغان،گۇتىنبېرگ بولسا پەقەت مەتبەئەنى كىرشتۈرۈپ تەرەققى قىلدۇرغان.
مەنبەتۈركلەر ئنسكلوپىدىيەسى.3-قىسم ،ئسمەت بىرانىك ،ئۇيغۇرلاردا مەتبەئە)
تور ئادېرسى: http://www.ilgazetesi.com.tr/201 ... cat-etti-2/0122563/




ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
586
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
586
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
218 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 23:45:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى دەۋرىمىزدە ، ئۆتمۈشتىن كەلگۈسى بەكرەك موھىم بولسا كېرەك . تارىختىكى شان-شۆھرەتكە مەپتۇن بولۇپ ، ئەس - ھوشىنى يوقىتىپ قويساق ياخشى بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن .

باھا سۆز

Gz520  تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىق .  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

UID
34576
يازما
10
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 00:30:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخنى بىلىش،تەتقىق قىلىش-بىلىم ۋە ئىزدىنىش خاراكتىرلىك ئش.ئىلمى خىزمەت تۈرىگە تەۋە بولغان تارىخى ئىزلىنىشنى تارىخىقا مەپتۇن بولۇش دەپ چۇشىنىش قانداق گەپ؟
ھازىر ۋە كەلگۈسىدە تارىخنىڭ تەسىرى ۋە سايىسى بولىدۇ،ئۇنىڭدىن قۇتۇلغىلىمۇ بولمايدۇ.تارىخى تەتقىقات ئارقىلىق ھەقىقەتلەر ئاشكارا بولىدۇ.شۇڭا تارىخنى تەتقىق قىلىش دۇنياۋى خاراكتىرلىك ئش.ئەمما تارىخنى بىلىش بىلەن تارىخقا مەپتۇن بولۇش ئايرىم بولغان ئىككى ئۇقۇم.
ئۇيغۇرلاردا ‹‹يەتتە ئەجدادىنى بىلمىگەن ئۇيدۇر››دەيدىغان ماقال بار.شۇڭا بىلىش نۇقتىسىدىن ئالغاندا ،تارىخنى ئۆگىنىش زۆرۈر.
ئۆز تارىخىدىن ئىپتىخارلىنىشىنى بىلمىگەن ،ئۇنىڭدىن غورۇر ھىس قىلىشنى بىلمىگەن كىشىدە ئاشۇ سەلتەنەت ئۇچۇن تىرىشىش ئىدىدىيسىمۇ ئاجىز بولىدۇ.تارىخنى چۇشەنگەن،ئىپـتىخار ھىس قىلىپ ،بۇگۇنكى ھاياتنى قەدرلەپ تىرشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ خاتا يېرى بار دەپ كىم دىيەلەيدۇ؟
تارىختىن ئىپتىخار ھس قىلمايدىغان بىرەر مىللەت ،قەۋم بارمۇ؟
مەسلە شۇ تارىختىكى جاسارەتنى ئەسلەش ۋە ئۇنى بۇگۇنى ئۇچۇن تەجرىبە سۇپەتتە پايدىلىنىپ كەلگۈسى ئۇچۇن ئاكتىپ ۋە ئەمەلى خىزمەت قىلدۇرۇش.بۇنچىلىك ئاددى گەپنىمۇ تارىخقا مەپتۇن بولۇش،بۇگۇننى ئۇنتۇش دەپ چۇشنىدىغانلارنىڭ تەتۇر تەپەككۇرىنىڭ مەنبەسنىڭ يىلتىزى-يەنىلا ئەمەلىيەتسزلىكتىن ئىبارەت.

تارىخ-تەجرىبە .ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى بىلىش ئاقىللارنىڭ ئىشى،ئۇنى ئىنكار قىلىش -ئەسلىنى بىلمەسلىككە،نۆۋەتتىكى رىئاللىقىنى يىلتىزدىن مەھرۇم قىلىشقا سەۋەب بولىدۇ.

UID
34340
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-29
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 01:18:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹كۈننى ئىتەكتە توسقىلى بولماس››
ئاشكارا بۇلۇشقا تىگىشلىك ئىشلار ۋاقتى سائىتى كەلگەندە مانا مۇشۇنداق بىر بىرلەپ ئاشكارە بولىدۇ. پەخىرلىنىش كىرەك... ئەرزىيدۇ پەخىرلىنىشكە... سەلتەنىتىمىز، تارىخىمىز، ئەنئەنىمىز ھەر يەردە نۇر چاچسۇن ئاللاھىم.... بۇندىن كېيىنمۇ تارىخ بەتلىرىگە پۈتۈلگۈدەك شان شەرەبلەرنىڭ ساھىبى قىلغايسەن ئاللاھىم...

كۆيۈمچان ئەزا

ıytılıp boldi nurgun gap so

UID
2725
يازما
185
تېما
15
نادىر
0
جۇغلانما
6217
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-13
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-29 21:34:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تارىخنى بىلىش پەخىشلىنىش ئۈچۈن بولىدىغان بولسا يۇقارقىدەك نۇرغۇن ئالىملار قىممەتلىك ھاياتىنى تارىخشۇناسلىققا ئاتىۋەتمەس ئىدى .بۈگۈن ئەتە ئۈچۈن تارىخ تۈنۈگۈن بۈگۈن ئۈچۈن تارىخ بولۇپ قالىدۇ .ماھىيەتتە تارىخ كەلگۈسىنىڭ يارقىن ئەينىگىدۇر .

UID
37135
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2012-5-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 20:08:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن پەخىرلىنىشكە ئەرزىگۇدەك ئىشكەن، بۇرۇنقى تارىخ دەرسلىرىمىزدە مەتبەئەنى خەنلەر كەشىپ قىلغان دەپ ئۆگىنەتتۇق، قارىغاندا كىيىنكىلەر ئۈچۈن تارىخقا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ.      
             مېنڭچە بۇنى تارىخقا مەپتۇن بولۇش دېسە قاملاشمامدۇ قانداق؟ ئۇنداقتا قانداق مەزمۇندىكى بولسا ئاندىن  تارىخقا مەپتۇن بولمىغان بولىدۇ؟ مېنىڭچە بۇنىڭغا سىزمۇ جاۋاپ بېرەلمەيسىزغۇ دەيمەن ،ئىلمىي سورۇندا ئىلمىيلىككە ئىتبار بېرىڭ، كېيىن ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلىڭ.   

باھا سۆز

Gz520  ئۆزگرتىش ئىنتايىن مۇشكۇل  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

UID
34576
يازما
10
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
10
تىزىملاتقان
2012-4-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-1 21:02:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت- مەدەنىيەت نازارىتى -مەتبەئە تىخنىكىسى ھەققىدە ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئىچىپ ،ھىچبولمسا مەتبەئە تىخنىكىسنى ‹‹پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار ئىجات قىلغان››دىمىسمۇ ،ئەمما جۇڭگولۇقلارنىڭ مەتبەئە تىخىنىكىسنى كەشپ قىلىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قوشقان تۆھپىسنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ،بۇ مەزمۇننى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇچە تارىخ دەرسىلىكلىرىگە كىرگۈزۇشى،ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۆز ئەجدادىغا ۋە ئۆز مىللىتىگە ئىشنىش ،ئۇلارغا ۋارسلىق قىلىش،داۋاملىق قەد كۆتۈرۈش ئۈچۈن مائارىپقا كۇچەش تۇيغۇسنى قوزغاشقا كۆڭۈل بۆلۈشى كىرەك ئىدى.
شۇنداقلا خەنزۇ ئالىملىرى ،زىيالىيلىرى ۋە ياشلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەزەلدىن مەدەنىيەتتىكى ئورنى كۇچلۇك بولغان ،پەقەت ئەدەبى ۋە سەنئەت ساھەسدىلا ئەمەس،تېخنىكا ساھەسىدىمۇ زور تۆھپسىى بار خەلق ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇشى كىرەك ئىدى.بۇ مىللەتچىلىك ئەمەس،بەلكى رىئال پاكىتلار ئارقىلىق غۇرۇرىنى قايتۇرۇپ كىلىش ، ئۆزىگە تەئەللۇق نەرسلەر ئارقىلىق ئۆزى ۋە باشقىلارغا ھەقىقەتنى جاكارلاش ...

UID
33275
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-3-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 10:05:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزەلىدىن ياخىشى ئىش باشىقلارغا تەۋە،يامان ئىش بىزگە تەۋە بۇلۇپ قېلىۋاتمامدۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

ھەق سوزلەش گۇزەل ئەخلاق!

UID
10851
يازما
320
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1341
تىزىملاتقان
2011-4-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
184 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 10:49:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسەلام!
    ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز! ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر!
تارىخى تىما بولغاچقا مۇشۇ ھەقتە ئىككى ئېغىز گەپ قىلاي: سىز «دەسلەپكى مەزگىلدە تۆلەس،كىينكى دەۋرلەردە توققۇز ئوغۇز نامى بىلەن ئاتالغان بۇ قەۋم 744-يىلىغا بارغاندا تۇنجى ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان.» دەپ ئاپسىز. مەن سىزنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا، يەنى مىلادىنىڭ ئالدى كەينىدە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان «غەربى يۇرتتىكى 36 بەگلىك  » ھەققىدە ئىزلىنىپ كۆرىشىڭىزنى ئۇمۇت قىلىمەن! ياكى يۇقارقى جۇملىڭىزنى « دەسلەپكى مەزگىلدە تۆلەس،كىينكى دەۋرلەردە توققۇز ئوغۇز نامى بىلەن ئاتالغان بۇ قەۋم 744-يىلىغا بارغاندا ئۇرخۇن ۋادىسىدا تۇنجى ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغان.» دەپ ئېلىش پاكىتقا  تېخىمۇ ئۇيغۇن دەپ قارايمەن. ئەلبەتتە مەنمۇ تارىخشۇناس ئەمەس، دىمەكچى بولغىنىم بۇنداق مەسىلىلەردە «تۇنجى»،  «كەنجى» دىگەندەك مۇتلەق قاراشلارنىڭ ئىلمىيلىكى يىتەرلىك بولمايدۇ!

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-5-2 14:53):
يەنە مۇشۇ مۇنبەرگە يوللانغان ئەجداتلىرىمىز ياشىغان زېمىن«»دىگەن يازمىمۇ يۇقارقى قارىشىمنى دەلىللەپتۇ.

UID
17957
يازما
136
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1726
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-2 23:58:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەخ گەپ بوپتۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش