ئالدى بىلەن ئىنتىل تىل تەربىيلەش مەركىزىنىڭ بۇ قىتىمقى پائالىيىتىنى تەبىرىكلەيمەن، شۇنداقلا ئاتلان، سابا، ئىنتىل...غا ئوخشاش خەلقىمىز مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ تېخىمۇ گۈللەپ، تىخىمۇ مۇكەممەلىشىشىنى ۋە سان جەھەتتىن تىخىمۇ كۆپىيىپ، تەربىلەش تۈرلىرى جەھەتتىن تىخىمۇ موللىشىپ، خەلقىمىزنىڭ كۈنسايىن ئىشىۋاتقان بىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرىشىنى ئۈمىدقىلىمەن. ئوقۇتۇش ئىستىلى ۋە تەربىيە جەھەتتىن كۆپ ئىزدىنىپ، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۇسلۇب يارىتىشقا، يات مەدەنىيەتلەر بىلەن مىللىي كىملىكىمىز ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقلەرنى ئوقۇغۇچىلار قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرۇشقا، قىسىقىسى پەقەت تىل تەربىيلەش ئورنىلا ئەمەس ئۇنۋېرسال بىلىم بۇلىقىغا ئايلىنىشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن!
بۈگۈن ئۇنۋېرىستىتىمىز(ئىچكىرىدە) قۇرۇلغانلىقنىڭ 60يىللىق خاتىرە كۈنىدىكى سەنئەت كېچىلىكىدە كوچا ئۇسۇللىرىنىڭ كۆپلىكىدىن ھەيران قالغانتىم، ھەمدە مېنىڭ مىللىتىم ئارىسىدا بۇنداق ئەمەس دەپ تەسەللىي تاپقانتىم. ئىنتىلنىڭ بۇ پائالىتىدىمۇ باركەن، ئاۋۇ بوينىنى سوزۇپ تۇرۇپ كۆرىۋاتقان ياشلارغا ھەيران قالدىم...بۇ خىل ئۇسۇللارنىڭ زادى قانداق ئىجابىي تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى قانچە ئويلاپمۇ چۈشىنەلمىدىم .... بەلكىم بۇ مەندىكى «ئارقىدا قالغان» لىقنىڭ ئىپادىسىدۇر، مەنمۇ بىر ياش ئىدىم بولمىسا

ئەلكۈيى تورى بۇ كىچىلىكنى شۇنداق ياخشى سۈرەتكە ئېلىپتۇ، كىرىشتۈرىلىشىمۇ ياخشى چىقىپتۇ، ئەلكۈيىدىكى بارلىق خىزمەتداشلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئىشلىرىڭلارنىڭ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن!