تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 1652|ئىنكاس: 14

تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
32098
يازما
229
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
229
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-8
توردا
171 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 18:17:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىش





  قاتتىق يامغۇردىن كېيىن،بىر توپ ساياھەتچى پاناھلانغان جايدىن چىقىپ ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ باشلىشى بىلەن ئون نەچچە مىتىر كەڭلىكتىكى ئاسما كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ،جىلغىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدىكى مەنزىرە نۇقتىسىغا ئۆتۈشتى.لېكىن7-8ياشلاردىكى بىر بالا لەپەڭلەپ تۇرغان ئاسما كۆۋرۈكتىن ئۆتكىلى ئۇنىمىدى.ئاتا-ئانىسى نەسىھەت قىلسىمۇ بولمىدى.ئاخىرى ئوغۇل بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى قالدۇرۇپ قويۇپ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈشتى.بۇ چوڭلارنىڭ بالىلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى دائىملىق ئامالى ئىدى.لېكىن ئوغۇل بالا يەنىلا ئەسلىدىكى ئورنىدا تۇراتتى.ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ بىر دانە سىپىرلىق ئويۇنچۇقىنى ئويناۋاتاتتى.
  دەل مۇشۇ ۋاقىتتا غەلىتە بىر ئاۋازدىن كېيىن بالىنىڭ كەينىدىكى تاش پارچىلىرى گۈمۈرۈلۈپ جىلغىغا چۈشۈشكە باشلىدى.قارىشى قىرغاقتىكى كىشىلەرنىڭ قىيا-چىيالىرىدىن كېيىن،بالا ئۆزىگە كېلىۋاتقان خەتەرنى سەزدى،بىراق ئۇ كۆۋرۈك تەرەپكە يۈگۈرمەي جىلغا تەرەپتىكى تاغ يولى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى ۋە بېخەتەر يەرگە بېرىۋالدى.بىردەمدىن كېيىن تاغدىن ھەيۋەتلىك لاي-لاتقا ئېقىنى شىددەتلىك ئېقىپ كېلىپ،ئاسما كۆۋرۈكنى ۋەيران قىلۋەتتى.پەقەت ئاسما كۆۋرۈكنى تۇتۇپ تۇرىدىغان بىر تال توم سىم ئارقانلا قالدى.ھەممەيلەننىڭ چىرايىنىڭ خۇنى قالمىغاندى.
خەتەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ساياھەتچىلەر ئېسىنى تېپىپ خۇشال بولۇشتى،بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى يەنىلا جىددىيلەشكىنىدىن نىمە قىلىشىنى بىلمەي قارىشى قىرغاقتىكى بالىسىغا قاراپ نىمىلەرنىدۇر ئىشارەت قىلاتتى.كىشىلەر بىر-بىرىگە قارىشىپ ھەممىسى ئىلاجسىزلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
  بۇ چاغدا20ياشلار ئەتىراپىدىكى بىر يىگىت ئوتتۇرىغا چۈشتى:
  _جىددىيلەشمەڭلار،بالىنى مەن ئېلىپ كېلەي،_دېدى ئۇ.ھەممەيلەننىڭ ھەيرانلىق نەزىرى ئۇنىڭغا ئاغدۇرۇلدى.بەزىلەر ئۇنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەردىكى سېرىك ئۈمىكىنىڭ ئارتىسى ئىكەنلىكىنى تونىۋالدى.يىگىت چەبدەسلىك بىلەن پولات سىم ئۈستىگە سەكرەپ چىقتى.دەرۋەقە،يىگىت پولات سىم ئۈستىدە خۇددى تۈز يولدا ماڭغاندەكلا راۋرۇس ماڭدى،سەبداشلىرىنىڭ ئەنسىرىگىنىنىڭ ئەكىسىچە جىلغىدىن قىينالمايلا ئۆتتى.
  بىراق ھېلىقى بالا جاھىللىق قىلىپ يىگىتنىڭ ئۆزىنى كۆتۈرۈپ مېڭىشىغا ئۇنىمىدى.يىگىت ئۇنى مۈرىسىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ،ئىككى پۇتىنى توختىماي مىدىرلاتتى.ئاندىن ئوغۇل بالىنى قورقۇتۇپ:
  _سەن يەنە ياۋاش بولمايدىكەنسەن،مەن سېنى جىلغىغا تاشلىۋېتىمەن!_ دېدى.
  بالا ئاخىرى شۈكلىدى.
  بۇ قېتىم يىگىت ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن ماڭدى،قەدەملىرى ئىلگىركىدىن كۆپ ئاستىلىدى.ساياھەتچىلەر دېمىنى ئىچىگە يۇتۇشۇپ،جىددىيلەشكەن ھالدا ئۇنىڭ مۈرىسىدىكى ئوغۇل بالىغا قاراشتى.يىگىت بىر قانچە قەدەم ماڭغاندىن كېيىن،مۈرىسىدىكى يۈككە ماسلىشىپ قالدى.ئۇنىڭ قەدىمى تىزلىشىپ ھەركىتى بۇرۇنقىدىن چاققانلاشتى.يىگىت ئىنتايىن تىزلىكتە پولات سىمنىڭ يېرىمىدىن ئۆتۈپ جىلغىنىڭ ئۇ تەرىپىگە يېقىنلاشتى.بۇ چاغدا يىگىت ھېچكىم قىياس قىلمىغان بىر ھەرىكەتنى ئىشلىدى.ئۇ مۈرىسىدىكى بالىنى مەيدىسىگە ئېلىپ كۆتۈرۈپ،ئاندىن ئالدى تەرەپكە قارىتىپ ئېگىز چۆرىدى.كىشىلەرنىڭ ئەنسىز ۋارقىراشلىرى ئىچىدە،ئۇ چەبدەسلىك بىلەن بېرىپ بالىنى تۇتىۋالدى.ئاندىن پولات سىم ئۈستىدىن پەسكە سەكرەپ چۈشتى.كۆپچىلىك«ياخشى»دەپ ۋارقىراشتى ھەمدە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭراتتى.
  ئوغۇل بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى يىگىتكە مىنەتدارلىق بىلدۇرىۋاتقان چاغدا،ئوغۇل بالا تۇيۇقسىز يىغلاپ كەتتى:
  _مېنىڭ ئويۇنچۇقۇم ئاشۇ تەرەپتە قاپتۇ.
  كىشىلەر جىلغا تەرەپكە قارىۋېدى،بالا بايا ئولتۇرغان جايدا پارقىراپ تۇرغان بىر مېتال جىسىمنى كۆرۈشتى.
  _بولدى قىلايلى،ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن يەنە يېڭىسىنى ئېلىپ بېرىمىز،_دېيىشتى بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى.
  _شۇ ئەمەسمۇ،شۇنچىلىك كىچىك نەرسە تەۋەككۇل قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ،_دەپ نەسىھەت قىلىشتى كۆپچىلىكمۇ.
  ھېلىقى يىگىت كۈلۈپ قويۇپ:
  _ھېچ ۋەقەسى يوق،مەن يەتتە ياش ۋاقتىمدىن باشلاپ مەشىق قىلىپ،پولات سىم ئۈستىدە 15يىل ماڭدىم.ئەگەر بېخەتەرلىك سىمى بولغان بولسا،موللاق ئاتساممۇ چاتاق چىقمايتتى،_دېدى.
  يىگىت سۆزلىگەچ،بەدىنىنى بىر سىلكىلا پولات سىم ئۈستىگە چىقتى.
  _خەق بىزنىڭ بالىمىزنى قۇتقۇزدى.يەنە شۇنچە خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ ئويۇنچۇقىنى ئېلىپ بەرگىلى مېڭىۋاتىدۇ.بىز ئۇنىڭغا ئوبدانراق رەھمەت ئېيتىشىمىز لازىم!_دېدى بالىنىڭ ئانىسى.
  بالىنى دادىسى تەسىرلەنگەن ھالدا:
  _مەن يېڭىدىن سالغان بىنادا يەنە تۆت يۈرۈش تۆت ئېغىزلىق ئۆي بېكار،ئۇنىڭغا بىرىنى ھەدىيە قىلساق ھېچقانچە ئىش ئەمەس،_دېدى.
  بۇ چاغدا يىگىت جىلغىنىڭ ئوتتۇرسىغا بېرىپ بولغاندى،شۈبىھىسىزكى،ئۇ بالىنىڭ دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندى،ئۇ سەل توختاپ كەينىگە قاراپ:
  _راستمۇ؟_دېدى.
  _ناھايىتى بىر قانچە يۈز مىڭ يۈەنلىك نەرسىغۇ؟بىزنىڭ بالىمىز بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇ قانچىلىك نىمىتى؟_دېدى ئوغۇل بالىنىڭ دادىسى.
  يىگىت ئالدىغا قاراپ داۋاملىق ماڭدى.بۇ قېتىم ئۇ ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئاۋايلاپ ماڭدى.بىراق ئۇ بىر دەلدۈگۈنۈپلا،ۋارقىرىغىنىچە جىلغىغا چۈشۈپ كەتتى!


(مەن بۇ ئەسەرنى ئىلگىرى ئوقۇپ ساقلاپ قويۇپتىكەنمەن،مەنبەسىنى بىلمەيمەن،كەچۈرۈڭلار)

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
583
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
583
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
217 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 22:13:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      چوڭقۇر مەنىلىك ھېكايە ئىكەن ، قېرىندىشىمىز ئارزۇيارغا كۆپ رەھمەت . بۇ ھېكايە تەرمىلەر ژورنىلىغا بېسىلغان بولىشى مۇمكىن . تەرمىلەر ژورنىلىدا مۇشۇ خىلدىكى ھېكايىلەر كۆپ بېسىلىدۇ . شەيتان ۋەسۋەسىسىدن ئاللاھ ساقلىسۇن .

UID
35793
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-4-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-20
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 23:35:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھىكايە ئىكەن

UID
34132
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-30
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 00:45:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىيىشنى پەقەت بىللەمىدىم،سىلەرچۇ دوسىتلار؟

باھا سۆز

poqbash  ئېنكاسىزىڭىزغا ئەگەشتىم  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 10:09:18

UID
35982
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-4-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-12
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 04:55:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاللىدىكى ئازغىنە تەۋرىنىش سىزنى ھالاكەتكە باشلىشى مۇمكىن.

UID
4470
يازما
182
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
3242
تىزىملاتقان
2010-8-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-8
توردا
55 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 11:18:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىيەتنىڭ ئالىسى ،خۇدانىڭ بالاسى دەيدىغان چوڭلار،نىيەت ئەڭ ياخشى تەڭشەك.نىيەت بۇزۇلدى دېمەك، تەڭشەك ئۆز رولىنى يوقاتتى دېمەكتۇر.

UID
35620
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 14:58:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا،خالىس نىيەت بىلەن  باشقىلارغا ياردەم بىرىش ئۆزىنىمۇ  باشقىلارنىمۇ  خۇشال قىلىدۇ  ئۆزىمۇ  ياخشى كەيپىياتتا  بولىدۇ  .  بىراق  ئۇنىڭغا نەپسانىيەتچىلىك  ئارلاشسا  شۇئىشنى بىرباشقا ئەپچىقىش  تەس تۇيۇلىدۇ.شۇڭا باشقىلارغا خالىس نىيەتتە  بولۇش ئەڭ مۇھىم.بۇ بالا باشقىلارغا ياردەم بىرىش  مىنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىم دەپ  ئويلاپ ئۇنىڭدىن كىلىدىغان پايدىنى  ئويلىمىغان بولسا  مەيلى غەلبە قىلسۇن ياكى مەغلۇپ بولسۇن  كۆڭلى خاتىرجەم دىلى يورۇق بولغان بولاتتى.

UID
35620
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
9
تىزىملاتقان
2012-4-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-20
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 15:04:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇبالا دەسلىۋىدە خالىس نىيەتتە ياردەم قىلغان  كىيىن ئۇنىڭغا بىرىدىغان  نەرسىنى بىلگەندىن كىيىن ئۆزىدىن ماختىنىش خايىشى  شەكىللەنگەن  مانا بۇ  خۇددى ماختانچاق پاقىنىڭ ھىكايىسىگە ئوخشايدۇ.

UID
5684
يازما
187
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5438
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 22:35:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ كۇلكىلىككەن بىراق بۇراس ئادەمنى ئويغا سالىدىغان ھىكايىكەن

UID
4302
يازما
283
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8579
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 10:25:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەر ھىس قىلدىڭلارمۇ ئەمىليەتتە بىزدىمۇ تىنىچ ئائئلەردە تۇيۇقىسىز بىيىش ياكى ئاللاھ بىرىش كەيفادىگەنلەر كىلىپ قالسىا بىزمۇ ئۆزىمىز بىلمەي ئەسلىدىكى تىنىچ تەڭپۇڭلىقىمىزنى بۇزىمىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش