ئەھمىيەتلىك تېما! پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانا ئەجىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەقەللى مەجبۇرىيىتى بولىدۇ. بۇنىسى ھەقىقەت! ئازغانلار ئۈچۈن يول كۆرسىتىشتە ھامان قاتتىق قول پوزىتسىيىدە تۇرۇپ تەنبىھ بېرىش مېنىڭچە ئاقىللىق ئەمەس. ھازىرقى زامان بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ خىلمۇ-خىل ئەيىپ نۇقسانلاردىن خالى بولمىقىمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەس. چۈنكى بۇ دەۋردە پەرزەنت تەربىيىسىدە ئائىلىدە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلىگىنىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. تىرىكچىلىك كوچىسىدا ئالدىراش يۈرگەن شۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپ تەربىيىسىگە بېرىپ قويۇشى، ئائىلىدە تېلېۋىزۇر تەربىيىسىگە يول قويۇشى، بۇ خىل ناچار ئامىللارنىڭ پەيدا بولىشىغا ئاساسى سەۋەب بولسا كېرەك. يەنى ئەجداتلارنىڭ تەربىيە ئۇسۇلى پۈتۈنلەي تاشلىنىپ قالغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولسا كېرەك.
شۇڭا، مېنىڭچە مۇنبەردە ئازغان ياشلىرىمىزغا ھەقىقەتنى توغرا ئۇسۇلدا يورۇتۇپ، ئۇلارغا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنىڭ نىمىلىكىنى يۇمشاق تەلەپپۇزدا ، توغرا مەيداندا تۇرۇپ كۆرسىتىش كېرەك.
بىز خەلقئارا مەدەنىيەتلەر تېز ئالمىشىش دەۋرىگە كىرگەن ئوتتۇز يىل مابەينىدە ئەجداتلار ئەنئەنىۋىي تەربىيە ئۇسۇلىدىن ئايرىلىپ قالغان كۆپ قىسىم تۆۋەن ساپالىق خەلقىمىز ئارىسىدا خىلمۇ-خىل ئىجتىمائى زىددىيەتلەرنى كۈتىۋالدۇق. بۇنىڭغا قارىتا ئالدىن ئۇيغانغان زىيالىلىرىمىز ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى شەرھىيىلەپ، يېتىشىۋاتقان زاپاس قوشۇنىمىزنى بۇ قاتمال مەدەنىيەت كاتگورىيىسىدىن تارتىپ چىقىرىشقا كۈچ سەرىپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەجىرلىرىگە ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆزىگە يارىشا ساۋابىنى بەرسۇن!!! بۇ يەردىكى پەرزەنت ۋە ئاتا-ئانا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تەھلىلىدە كەلگۈسى ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن پايدىلىق پىكىر قىلىش ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجە شۇكى، ياخشى، ساغلام، پاكىز ئەقىدە-ئېتىقادى قاراش بولغان ئومۇمىي خەلق كەيپىياتى يارىتىش ۋە ئۇنى قوغداش. مەقسەتكە يېتىشنىڭ ھەر تۈرلۈك يولى بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئىچىدە بىزگە كېرىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان ئەنئەنىۋىي ئەخلاق-ئېتىقاد تەربىيىسى ۋە رىغبەت تەربىيىسى . بۇ مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم خالاس. شۇڭا تورداشلارنىڭ ئۆز پىكىرلىرىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا قوبۇل قىلىشىنى سورايمەن.
http://www.uqur.net