تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 8722|ئىنكاس: 42

ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادىمىڭىز كىم     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
8427
يازما
10
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
221
تىزىملاتقان
2011-1-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-12
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 18:01:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادىمىڭىز كىم ؟



ئامېرىكىدىكى مەلۇم ئۇنۋىرسىتىتتا دەرستىن چۈشۈشكە يېقىن پروفىسسور ئوقۇغۇچىلىرىغا:
ھازىر بىز بىر ئويۇن ئوينايلى، قايسىڭلار مەن بىلەن ماسلىشىشنى خالايسىلەر؟دېيىشىگە بىر قىز ئوقۇغۇچى ئالدىغا چىقىپتۇ.
پروفىسسور قىزغا "دوسكىغا تۇرمۇشىڭىزدىكى كەم بولسا بولمايدىغان يىگىرمە كىشىنىڭ ئىسمىنى يېزىڭ" دەپتۇ، قىز پروفىسسورنىڭ دېگىنى بويىچە دوسكىغا ئۇرۇق تۇققانلىرى، قوشنىلىرى ۋە دوسلىرىنىڭ ئىسمىنى يېزىپتۇ.

پروفىسسور: " بۇنىڭ ئىچىدىكى سىزگە نىسبەتەن مۇھىم بولمىغان بىرسىنىڭ ئسمنى ئۆچۈرۋېتىڭ" دەپتۇ،قىز بىر قوشنىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۋېتىپتۇ.پروفىسسور: " يەنە بىرنى ئۆچۈرۋېتىڭ" دەپتۇ.قىز بىر دوستىنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۋېتىپتۇ. " يەنە بىرنى ئۆچۈرۋېتىڭ" ،قىز يەنە بىرسىنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۋېتىپتۇ. مۇشۇنداق قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا دوسكىدا پەقەت قىزنىڭ ئاتا ئانىسى، يولدىشى ۋە بالىسىنىڭلا ئىسمى قاپتۇ.

سىنىپ ئىچى جىمجىتلىققا چۆمۈپ ساۋاقداشلار پروفىسسورغا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ.بۇ ئەمدى ئويۇنغا ئوخشىمايلا قالغانىدى.

پروفىسسور قىزغا: " يەنە بىرنى ئۆچۈرۋېتىڭ" دەپتۇ، قىز ناھايىتى تەسلكتە قارار چىقىرىپ قولىغا بورنى ئېلپ ئاتا ئانىسىنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۋېتىپتۇ." يەنە بىرنى" دەپتۇ پروفىسسور، شۇ چاغدا قىزنىڭ بور تۇتقان قوللىرى تىترەپ ئارانلا قاپتۇ.ئۇ ئاستا ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۋېتىپتۇ دە، "پاڭ"ڭىدە قىلىپ يىغلىۋېتىپتۇ.ئۇنىڭ چىرايىدىن ناھايىتى ئازاپلانغانلىقى چىقىپ تۇرۇپتۇ.

قىز سەل تىنچلانغاندىن كېيىن پروفىسسور ئۇنىڭدىن: " ئەسلىدە سىزگە ئەڭ مۇھىم بولغانلار ئاتا ئانىڭىز بىلەن بالىڭىز بولشى كېرەك ئىدى،چۈنكى ئاتا ئانىڭىز سىزنى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ چوڭ قىلغان.بالىڭىز بولسا سىز ئۆزىڭىز تۇغقان ئەمەسمۇ؟ لېكىن سىز نېمىشقا ئېرىڭىزنى تاللىدىڭىز، ئەرنى تېپىۋالغىلى بولىدىغۇ؟ " دەپ سوراپتۇ.

ساۋاقداشلارمۇ سۈكۈت ئىچىدە بۇ قىز ساۋاقدىشىنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ ئولتۇرۇپتۇ.قىز ئاستا ۋە كەسكىن ھالدا " ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئاتا ئانام مەندىن بالدۇر ئايرىلىدۇ، بالاممۇ چوڭ بولۇپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرگىدەك بولغاندا مەندىن ئايرىلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ماڭا ھەمراھ بولىدىغىنى پەقەت يولدىشىملا خالاس " دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ئويۇن بولماي، " ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم كىم " دېگەن تېمىدىكى بىر سائەتلىك پىسخىك دەرس ئىكەن.

ئۇنداقتا سىزمۇ قەلبىڭىزنىڭ مەڭگۈ كىمگە ئىنتىلدىغانلىقىنى ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق ئەڭ ئاخىرىدا كىمگە تەۋە بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلەمسىز؟ ئەر ياكى ئايال بولۇڭ، ئۆلۈم ئالدىدىكى دەقىقىلەردە دوستىڭىز ياكى سۆيگەن يارىڭىزنىڭ قايسىنىڭ يېنىڭىزدا بولىشىنى ئۈمۈت قىلىسىز؟ مۇشۇ بىر ئۆمۈر ھاياتىڭىزدا كىم سىزنىڭ ئەڭ يېقىن ، ئەڭ مۇھىم ئادىمىڭىز؟

ئادەم بۇ ھاياتتا بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن تاللاشقا ئۇچرايدۇ .قېنى سىزمۇ تاللاڭ، ئويلاڭ، سىناڭ !

مانا بۇ ھايات. ھايات دېگەن ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدۇ. تەقدىر بەكلا رەھىمىسىز...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 16:38  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
31618
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 23:10:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا  بۇھەقىقەتەنمۇ تەس تاللاش ئىكەن.كىشىلىك ھايات دىگەن مانا شۇنداق رەھمسىزدۇر!!!

UID
25814
يازما
70
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
70
تىزىملاتقان
2012-1-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-13
توردا
49 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 23:14:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەتتىممۇ بۇ بىر ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك دەرسىكەن ، نۇرغۇنلىرىمىز بۇ جەھەتتە ئەقلىي ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئويلىنىشتا ئۈلگىلىك دەرس بولالىغۇدەك ....

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
583
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
583
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
217 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 23:15:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخلەت تېما ! باھالاش ئاياقلاشتى .

UID
6284
يازما
261
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7663
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 23:17:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن، لېكىن قىيىن بىر تاللاش ئىكەن.

UID
34904
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-4-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-7
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 23:50:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىلىك  تۇرمۇشتا  بىز  دائېم تاللاشقا  دۇچ كېلدىكەنمىز!

UID
34132
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-30
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 00:01:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپىمىزدىكى يىقىن ئادەمىلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمز،ئۇلارنى يوقلاپ تۇرۇشىمىز كىرەك.ئۇلارنى يوقلاش،ئەسلەش،كۆڭۈل بۆلۈش مىنىڭ ، سىزنىڭ بۇرچىمىزدۇر...

UID
4725
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2010-8-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-18
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 00:21:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇقۇغۇچى بىز كۆپ دەۋاتقان ئامىرىكىلىقلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بۇيىچە «خاتا چىقىرىلغان سۇئال ئىكەن،ياكى جاۋاب بەرمىسىمۇ بۇلىدۇ»دىگەن ئۇسۇللار بىلەن تاللاشنى  رەت قىلسىمۇ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ،بۇنىڭدا بۇ قىزنىڭ جاۋابى توغرىدەك كۆرۈنگەن بىلەن نۇرغۇن ئەخلاق مەسلىسى كېلىپ چىقىدۇ دە.

UID
26627
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-1-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 00:55:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ يازمىنى بىر چاغدا بىر ژۇرنالدىن ياكى گېزىتتىن كۆرگەن ئىدىم. يەنە قايتا بېسىلىپتۇ. مىنىڭچە يەنە بىرسى كەم قاپتۇ. ئۇ قىز ئاخىرىقى ھىسابتا ئىرىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغانلىقنى يازماپتۇ. مىنىڭچە ھەر قانداق بىرئىنسان مەيلى باشقىلار ھەتتا ئىرى بىلەنمۇ بىر سىكۇنتمۇ ئايرىلمايدىغان بولسىمۇ، ئاخىرقى ھىسابتا شۇ ئىنسان چوقۇم ئۇ دۇنياغا يالغۇز كىتىدۇ. ياخشى كۆرگەن كىشىسىنى گۆرگە بىللە ئەكىرىپ كىتەلمەيدۇ،

باھا سۆز

tabassumay  گۆرگە ئىلىپ كىتەلمەيدۇ ، راسلا شۇنداق ....  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 00:24:02

UID
4302
يازما
283
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
8579
تىزىملاتقان
2010-8-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
36 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 09:19:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچىمۇ ھاياتتىكى ئەڭ يىقىن ئادىمىمىز پەقەت ئۆزىمىز يەنى «مەن»

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش