تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 5244|ئىنكاس: 28

پىشىپ يىتىلگەن ئادەمگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ 20 تۈرلۈك ئۆلچىمى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
8427
يازما
10
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
221
تىزىملاتقان
2011-1-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-12
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 23:45:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پىشىپ يىتىلگەن ئادەمگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ 20 تۈرلۈك ئۆلچىمى



بىر ئادەمنىڭ يېشىنىڭ چوڭ بولۇشى ئۇنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى ئەمەس. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا گۈدەكلىكتىن قۇتۇلغىلى، پىشىپ يىتىلگەن ئادەم بولغىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندىكى كىشىلىك تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك 20 تۈرلۈك ئۆلچەمگە قاراپ، ئۆزىنىڭىزنىڭ قانچە تۈرىگە چۈشىدىغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ بىقىڭ.

بىر ئادەم قانداق بولغاندا باشقىلار ئۇنى «ھەقىقى پىشىپ يىتىلگەن ئادەم» دەپ قارايدۇ؟ نۇرغۇن ئادەم ئاددى ھالدا كىشىلەرنىڭ يىشىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىدۇ. ئەگەر سىز بۇ مەسىلىنى ئۆزىڭىز بىلەن ئوخشىمىغان مەدىنىيەت ئارقا كۆرۈنىشىگە ئىگە كىشلەر بىلەن مۇنازىرە قىلىپ قالسىڭىز، بۇ كۆز قاراشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بايقايسىز. ئەگەر سىز ئۇلاردىن بالىلار بىلەن چوڭلارنىڭ ياش چىگىراسىنى قانداق ئايرىش كىرەك؟ دەپ سوراپ قالسىڭىز دائىم ئوخشاش بولمىغان جاۋاپقا ئىگە بولىسىز. چۈنكى ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ سۇبىكتىپ تونۇشىغا ئاساسەن جاۋاپ بىرىدۇ. يىتىلگەن ياكى يىتىلمىگەنلىگىنى ياشقا قاراپ ئايرىغىلى بولمايدۇ، بەلكى ھىسيات جەھەتتىكى پىشىپ يىتىلىشىگە قاراپ ئايرىش كېرەك.

ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ھىسىيات جەھەتتە يىتىلگەن ئادەم بولىدۇ؟  تۆۋەندىكى 20 تۈرلۈك ئۆلچەمنى «ھەقىقى پىشىپ يىتىلگەن ئادەم» ياكى ئەمەسلىكىگە ئايرىشنىڭ ئۆلچىمى دەپ قاراشقا بولىدۇ:

1.        پىشىپ يىتىلىش بىر خىل ھالەت ئەمەس بەلكى بىر ئىزچىللىققا ئىگە جەرياندۇر. بۇنىڭ ئۆزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى تونۇش كىرەك.  

2.        ھەسەتخورلۇق ۋە ھەۋىسىنى كونتىرول قىلالىشى كىرەك.

3.        باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى بولۇشى كىرەك.

4.        كۈندىلىك ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا سەۋىرىچان ۋە جانلىق بولۇشى كىرەك.

5.        ئادەم دائىم ھەممە ئىشتا ئۇتالمايدۇ، بۇ ئەمەلىيەتنى قۇبۇل قىلىش كىرەك. خاتالىقتىن ساۋاق ئىلىش، كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان نەتىجىدىن ئاغرىنىپ يۈرمەسلىك كىرەك.

6.        مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلغاندا، ناچار تەرىپىگىلا ئىسلىۋالماي، ياخشى تەرىپىنىمۇ كۆرۈش كىرەك.

7.        نىمىنىڭ ئەقىلغا تايىنىپ چىقىرىلغان قارار، نىمىنىڭ بىردەملىك ھىسىياتقا تايىنىش ئىكەنلىكىنى بىلىش كىرەك.

8.        ھەرقانداق ماھارەت ۋە تەبىئى تالانتى بولغان بىلەنمۇ يەنىلا تەييارلىقنىڭ تولۇق بولغىنغا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىش كىرەك.

9.        ئاچچىقى ۋە كەيپىياتىنى كونتىرۇل قىلالىشى كىرەك.

10.        باشقىلارنىڭ ھىسىياتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، شەخسىيەتچى بولماسلىقى كىرەك.

11.        ئۆزىنىڭ ئىھتىياجى بىلەن ئارزۇسىنى پەرقلەندۈرەلىشى كىرەك.

12.         ئۆزىگە ئىشىنىشى، ئەمما ئۆزىنى چوڭ چاغلىۋالماسلىقى كىرەك.

13.         بىسىمنى تەمكىنلىك بىلەن يىڭەلىشى كىرەك.

14.        ئۆزىنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشى، تىگىشلىك مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالالىشى كىرەك.

15.         قۇرقۇنۇچنى بويسۇندۇرالىشى كىرەك.

16.        ھەربىر ئىشنىڭ چوقۇم ھەق ياكى چوقۇم ناھەق بولمايدىغانلىقى، قاراڭغۇ تەرىپىمۇ بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىش كىرەك.

17.        ئۆز كەمچىلىكىنى باشقىلارنىڭ كۆرسىتىپ بىرىشىنى قۇبۇل قىلىش، بۇنى ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى ۋاستە قىلىش كىرەك.

18.        شەخىسنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ۋە غۇرۇرىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىش كىرەك.

19.        ھەقىقى مۇھەببەت ۋە بىردەملىك مۇھەببەتنى پەرقلەندۈرەلىشى كىرەك.

20.        باشقىلار بىلەن كەڭ دائىرىدە ئارلىشىشنىڭ ئىلگىرلەشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئىكەنلىكىنى بىلىش كىرەك.

ئومۇمەن، ھەقىقى پىشىپ يىتىلگەن ئادەم ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلىشى، شارائىت يار بەرگەندە ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىشلارنى قىلىشى كىرەك. مۇشۇ ئىككى خىل ئەھۋالنى پەرقلەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ۋاقتى ۋە زىھنىنى لايىقىدا ئورۇنلاشتۇرالىشى كىرەك. پىشىپ يىتىلگەن دىگەن گەپ ھەرگىزمۇ مۇكەممەللەشكەن دىگەننى بىلدۈرمەيدۇ.بەلكى نۇرمال چوڭ ئادەم بولدى دىگەننى بىلدۈرىدۇ. يۇقىرىقىلار ئادەتتىكى ئادەملەر قىلالمايدىغان ئىشلار ئەمەس. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 16:32  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
7387
يازما
18
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
318
تىزىملاتقان
2010-11-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-12
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 07:43:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاز بىر قىسمىنى تۇلۇقلىسام مەنمۇ پىشىپ قالغۇدەكمەن

UID
33708
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-3-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-22
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 10:21:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پىشىپ مەي باغلاپ كېتىپتىمەن .

UID
34132
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-30
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 14:01:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تىخى پىشىپ يىتىلىشنىڭ قارسى بار يەرگىمۇ كەلمەپتىمەن(بۇنى كۆرگەندىن كىيىن ھېس قىلدىم).ماڭا پايدىسى بار ئىكەن،ساقلىۋالاي .

UID
34132
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-30
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 14:06:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2،3،5،6،7،9،10،14،17جىسى كۆپ قىسىم «زىيالىلاردا»بار بولغاچقا نېمە ئىشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ؟

UID
6825
يازما
485
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
11746
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-23
توردا
209 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 16:32:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بىر ئادەمنىڭ پىشىپ-يىتىلىپ،يۇقىرىدىكى شەرتلەرنى تۇلۇق ھازىرلىيالىشى مۇمكىن ئەمەس،شۇنداقتىمۇ ئادەم ئۈزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش يۇلىدا توختىماي ئىزدەنسە،نۇرغۇن سەۋەنلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالىشى مۇمكىن.

باھا سۆز

تۈركىنە  خو ، پىكىرىڭىزنى قوللايمەن .  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 17:31:38

UID
34340
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-4-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-29
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 16:51:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەكلىپلەركەن، ساقلاپ قوياي... تىما ئىگىسىگە رەھمەت!...

UID
11177
يازما
103
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1633
تىزىملاتقان
2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 18:50:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلەن گەپلەركەن جۇما ، مەنمۇ مۇنۇ گەپلەرنى ئۆزۈمگە يىغىنچاقلاپ ييغۇرۇپ  پىشۇرۇپ دىەەندەك قىلىپ ئۆزۈمنى  پىشۇرىۋالاي غورا پىتى تۇرىۋەرمەي.
  ياخشى تىما ئىكەن تىما ئىگىسىگە تەشەككۈر.

UID
5684
يازما
187
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
5438
تىزىملاتقان
2010-9-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-21
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 20:57:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ پىشاي دەپ قالدىممۇ نىمە...........

UID
32578
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-3-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-22
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 22:39:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان بۇ ئۆلچەم مەنچە  ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىكەن. قارىغاندا مەن پىشىپ يىتىلىشتىن خېلى يىراق ئىكەنمەن.خېلى شەرتلەر ھازىرلانماپتۇ.تىرىشمىسام بولمىغىدەك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش