بۇنىڭغا نۇرغۇن دوسلارنىڭ قىزىقىپ قېلىشى تەبىئىي ، سىز شۇنداق ئويلىشىڭىز مۇمكىن پۇل كارتىسىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ قانداق پۇل ئالغىلى بولسۇن ، بۇنىڭدا بىخەتەر بۇلامدۇ دىگەندەك .....................
1.بۇ كەسىپ تۈرىنى يولغا قويغان بانكا <<جۇڭگۇ - سودا سانائەت بانكىسى工商银行 >> .شۇڭىلاشقا قولىڭىزدا چوقۇم ئۆز نامىڭىزدا بىجىرگەن سودا -سانائەت بانكىسىنىڭ پۇل كارتىسى بولۇشى كېرەك .
2.سىز چوقۇم بانكا تىجارەت زالىغا بېرىپ << قول تېلىغۇن بانكىسى手机银行 >> كەسىپىنى ئاچتۇرغان بولىشىڭىز شەرىت ، تور ئارقىلىق ئۆزىڭىز ئېچىۋالغان بولسىڭىز بولمايدۇ .
3.ئاشۇ قولىڭىزدىكى جۇڭگۇ سودا - سانائەت بانكىسى پۇل كارتىسىنىڭ<< پۇل يۆتكەش ۋە پۇل تۆلەش转账,支付 >> ئىقتىدارى ئېچىلغان بولۇشى شەرىت .
يۇقارقى شەرىت بۇيىچە كارتا بىجىرىپ ھەممىنى تەييار قىلىپ قويغاندىن كېيىن كارتا ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ پۇل ئېلىش ماشىنىسى 取款机دىن نەق پۇل ئالالايسىز .
ئەمدى نەق گەپكە كېلەيلى : سىز نىمىشقا كارتا ئىشلەتمەي پۇل ئالىمەن دىيىشىڭىز مۇمكىن ، ئەلۋەتتە كارتىڭىزنى ئېلىپ يۈرگەندە بۇنداق قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق . بىراق سىز پۇل كارتىڭىزنى ئۇنتۇپ قالغاندا جىددىي پۇل لازىم بولۇپ قالسا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىسىز ئەلۋەتتە .
كارتا ئىشلەتمەي تۇرۇپ قول تېلىفۇن ئارقىلىق پۇل ئېلىش ئۇسۇلى :
قول تېلىفۇنىڭىز ئارقىلىق سودا - سانائەت بانكىسىنىڭ قول تېلىفۇن بانكىسى تور بېتىگە كىرىسىز ،ئاندىن <<预约取现ئالدىن كېلىشىپ پۇل ئېلىش >> دىگەن تۈرنى چېكىپ<< ئالدىن كېلىشىش نۇمۇرى >> نى بېكىتىسىز ، بۇ ۋاقىتتا سېستىما تېلىفۇنىڭىزغا بىر ۋاقىتىلىق پۇل ئېلىش <<مەخپىي نۇمۇرى 密码 >> نى ئەۋەتىپ بېرىدۇ .سىز بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئەتراپىڭىزدىكى سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ خالىغان پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا << تېلىفۇن نۇمۇرىڭىز ، ئالدىن كېلىشىش نۇمۇرى ۋە سېستىما تەمىنلىگەن ۋاقىتلىق مەخپىي نۇمۇر >> نى كىرگۈزسىڭىز شۇ زامان پۇلىڭىزنى ئالالايسىز .
كارتا ئىشلەتمەي تۇرۇپ بىر قېتىمدا ئېلىشقا بولىدىن پۇل چېكى 1000 يۈەن ، بىر كۈن ئىچىدە ئېلىشقا بولىدىغان پۇل چېكى 5000 يۈەن .
مەنبە :
http://www.icbc.com.cn/icbc/工行风貌/工行快讯/工行创新推出无卡取现服务.htm