ئىگىسى: khan

قىزىل راۋاقتىكى چۈش (شىئېر تەرجىمىسى)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
26834
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2012-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-12
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 12:23:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى ئۆتمۈش شەپەقتەك لوياڭدىكى رەڭمۇرەڭ بوستان،
ھالا ئەمدى بۈگۈن يامغۇر بىلەن ئۈستىنى قۇم باسقان.
نىچۈككى تاشلىنىپ جىنگۇ بېغىدا تاشلىنىپ گۈللەر،
يېشىللىق يوق، تېرەكنىڭ پوتلىسىغا رازى كۆك ئاسمان.
كېتىپ بۇلبۇل، راۋاق-شىپاڭ، گىياھلار قوينىدا ئەرۋاھ،
قەدىناس قارلىغاچ-قۇشلار ماكانسىز ھەر تەرەپ سەرسان.
ئىدى چىڭياڭ سارايى نەزمە بابىدا ئەجەب ئاۋات،
قۇرت قوڭغۇز، پاقا بۇدەم سېسىق سۇدا سۈرەر دەۋران.
         ______ «سۈن خۇچېن باغچىسىدىن ئۆتكەندە» . سەيدۇللا (1272~؟ ) لەقىمى تيەنشى، تەخەللۇسى جىجەي. ئىمىن ئەھمىدى تەرجىمىسى


   يەنىلا چوڭلارنىڭ تەرجىمىلىرى ئېسىل بولىدۇ-دە. سىز ئۆزىڭىزنىڭ يازغىنىنى شاكال دەپسىز، شۇڭا شاكالنى باھالاپ ئولتۇرماي(چاقچاق). ئۆمۈچۈك، تور تارتىش قاتارلىق سىمۋوللۇق ئوبرازلارنى چۈشۈرۈپ قويۇپسىز. خەن كلاسسىك شېئىرىيىتىدە سىمۋولدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىلىدۇ. سىز ئۇلارنى چۈشۈرۈپ قويسىڭىز، ئەسلىدىكى مەنىسى ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن قاپىيەنى ياخشى ئويناپسىز.

باھا سۆز

khan  مۇمكىن بولسا بۇ شىئېرنىڭ خەنزۇچىسىنى كۆرگەن بولساق.  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 15:44:47

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
321
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
711
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
244 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 15:43:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ROHZAT يوللىغان ۋاقتى  2012-4-12 12:23
قېنى ئۆتمۈش شەپەقتەك لوياڭدىكى رەڭمۇرەڭ بوستان،
ھالا  ...

روھزات ئەپەندى، تەلىمىڭىزگە كۆپ رەھمەت. سىز مىسال كەلتۈرگەن شىئېرمۇ ناھايىتى ياخشى تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن. ناھايىتى ھۇزۇرلاندىم. سوۋغىتىڭىزغا رەھمەت.
ئۆمۈچۈك، تور تارتىش قاتارلىق سىمۋوللۇق ئوبرازلارنى چۈشۈرۈپ قويۇپسىز.
بۇ گەپنى جايىدا دەپسىز. بىراق سىز دېگەن سىمۋوللۇق ئوبرازلار ئەسلى شىئېردا دېيىلىپ بولدى. مېنىڭ قايتا ئەسكەرتىپ ئۆتۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوققۇ دەيمەن. ئەگەر چوقۇم ئەسلى ئەسەردىكىدەك دېيىش زۆرۆر دېيىلسە، بۇ تەقلىد بولماي نۇسخىلاش بولۇپ قالامدېكىن دەيمەن. مېنىڭچە شىئېردىكى تەقلىد شۇ شىئېردا ئىپادىلەنگەن ئوي - پىكىرنى باشقىچىرەك تەرىزدە ئىپادىلەپ بېرىش بولسا كېرەك. مەن بۇ شىئېرنى ئەسلى شىېردىكى ئوي - پىكىرگە ۋە شىئېرنىڭ شەكلەن ئالاھىدىلىكىگە (بەدىئىيلىكىگە) ئىجادەن تەقلىد قىلدىم. مېنىڭدەك تۈزۈك شىئېر يېزىپ باقمىغان ۋە بىرەر پارچە شىئېر ياكى ھېكايە تەرجىمە قىلىپ باقمىغان ئادەمنىڭ يازغان بۇ تەقلىدىنىڭ ئەسلى ئەسەرنىڭ ئالدىدا چېنىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. مۇشۇنداق تەنقىدلىرىڭىزنى قارشى ئالىمەن.

UID
5242
يازما
89
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1889
تىزىملاتقان
2010-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 17:07:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇكېرىم خوجا باشلىق تىلشۇناس تەرجىمانلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ نەقەدەر پاساھەتلىك تىل ئىكەنلىكنى مۇشۇ نەزمىلەردە قالتىس ئىپادىلەپتىكەن. ( نەچچە تاغار ئېشىپمۇ قاپتىكەن)

UID
26834
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2012-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-12
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 19:10:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
khan يوللىغان ۋاقتى  2012-4-12 15:43
روھزات ئەپەندى، تەلىمىڭىزگە كۆپ رەھمەت. سىز مىسال كەل ...

   مەن شېئىر بىلەن بوپ كېتىپ سىزنىڭ باشتا يازغانلىرىڭىزغا دىققەت قىلماپتىمەن، كەچۈرۈڭ. تېخى سىزنى شېئىرنى قايتا تەرجىمە قىپ باققان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قاپتىمەن.  مەن بۇ كىتابنىڭ(غەربىي يۇرت ئاز سانلىق مىللەت شائىرلىرىنىڭ تاللانما شېئىرلىرى 西域少数民族诗选) ليۇ جىڭمىن قاتارلىقلار تۈزگەن خەنچىسنى بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىدە ئوقۇغانىدىم. كېيىن نەشرىيات كۈتۈپخانىسىدا ئىمىن ئەھمىدى ئاكىمىز تەرجىمە قىلغىنى چىقىپتىكەن، ئەكېلىپ كۆرۈۋاتقان. سېتىۋالاي دېسەم توردىنمۇ ئالغىلى بولمىدى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كىتابى بولغاچقا، مەنمۇ شۇ ئۈرۈمچىدىكى ئاغىنىلەر ۋاقتى چىققاندا سېلىۋەتسە دەپ قاراپ ئولتۇردۇم.

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
321
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
711
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-11
توردا
244 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 19:38:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aili0998 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-11 19:25
سۇڭجىياڭنىڭ ئىسىيان نەزمىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى توردىن س ...

ماۋۇ ساۋابلىق ئىشنى جايىدا ھەم ياخشى قىلىپسىز قېرىندىشىم. «سۇ بويىدا» ناملىق  ت ت دا سۇڭجياڭنىڭ مەيخانىدا كەيىپ ھالدا مەيخانىنىڭ تېمىغا مۇشۇ شىئېرنى يازغان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلگەندەك بولدى.

مەن ئۆزۈم جاڭجۇدىمەن خىيالىمدا كېزەر شەندۇڭ،
يۈرەرمەن چەتتە سەرگەردان يۈرەككە تولدى ھەسرەت-مۇڭ.

بۇ مىسرالارنى يادلىۋالغان ھەم ئۈرۈمچىدە مۇساپىرەتتىكى ۋاقتىمدا قانچە قېتىم ئۆزۈمگە مىسال قىلىپ ئوقۇغىنىم يادىمدا. بۇنى مۇنداق ئۆزگەرتكەن ئىدىم (ئۆزۈمگە تەققاسلاپ)

مەن ئۆزۈم ئۈرۈمچىدە، خىيالىمدا كېزەر توقسۇن،
ئانا يۇرتتىن كېچەر بولسام، خۇدا ئۇرسۇن.

ئىشقىلىپ ئاجايىپ تەرجىمىلەر بولغان يىللار ئىدى. ئېسىت. ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئەپەندى ئېچىنىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «بۇرۇن خەنزۇتىلىنى بىلىدىغان  ئادەم ئاز، لېكىن تەرجىمانلار، ساپالىق تەرجىمانلار كۆپ ئىكەندۇق. ھازىر بولسا بىزدە خەنزۇتىلىنى بىلىدىغان ئادەم كۆپ، ئەمما تەرجىمان ئاز، ساپالىق تەرجىمانلار تېخىمۇ ئاز.»
ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ئەپەندى يەنە مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئاپتونۇم رايون دۇنياۋى ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىشقا 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سالىدىغان بولدى. ئەمما بىز پۈتۈن ئاپتونۇم رايوندىن بۇنداق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىدىغانغا 80 تەرجىمان تاپالمىدۇق. (ئەسلى يىللىق پىلان 150 ئىكەندۇق.)»

UID
26834
يازما
29
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
29
تىزىملاتقان
2012-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-12
توردا
50 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 19:59:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
khan يوللىغان ۋاقتى  2012-4-12 19:38
ماۋۇ ساۋابلىق ئىشنى جايىدا ھەم ياخشى قىلىپسىز قېرىند ...

سۇشى نەزملىرىدىن بىر پارچە(1)



   روھزات تەرجىمىسى



江城子 乙卯正月二十日夜记梦
  苏轼  


 ,十年生死两茫茫

不思量,自难忘  

千里孤坟,无处话凄凉

纵使相逢应不识,尘满面,鬓如霜

  夜来幽梦忽还乡,小轩窗,正梳妆

相顾无言,惟有泪千行

料得年年肠断处,明月夜,短松冈

جياڭ چېڭزى يىماۋ (يىلى) ئارائاينىڭ يىگىرمىنچى كېچىسىدىكى چۈش خاتىرىسى

سۇشى

(مەرسىيە نەزمى)

سەن كېتىپ ئون يىل مانا بىز بىخەۋەر،

ئەسلىمەي دەيمەن يەنە ئۇنتۇش قىيىن.

ھەسرىتىم تۆكمەككە يوق ھېچبىر ماكان،

شۇ غېرىب قەبرەڭ يىراق مىڭ چاقىرىم.


يۈزلىرىڭ تۇپراق، مېنى باسقان ساقال،

ئۇچرىشىپ قالساقمۇ تونۇشماس سىياق.

چۈشلىرىم قايتىپتۇ يۇرتقا تۈن كېچە،

پەنجىرە ئالدىدا سەن، قولدا تاغاق.


باقىمىش كۆزلەر پەقەت ئۈنسىز قاراپ،

ياش تۆكۈپ يامغۇر كەبى، ھەسرەت ئېغىر.

ئويلىسام يىل قوينىدا كۈرمىڭ ئازاب،

مۇڭلىنىپ ئايدىڭدا چاتقاللىق ئېدىر.



روھزات تەرجىمىسى، ئۇيغۇرچە نۇسخىسى يوق بولۇشى مۇمكىن.  مەنبە: ئىزىنىش تورى


باھا سۆز

khan  «يۈزلىرىڭ توزان» دەپ ئالساق قانداق بولار؟ تۇپراق دېگەن سۆز سەل....................................  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 21:03:53

UID
22385
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 20:34:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇشىئرلار نى مەن كىچىكىمدە دوراپ دوسلىرىمغا ئۇقۇپ بىرەتتىم ،ھازىر يادىمدىن كۆتۈرلۈپ كىتىپتكەن ، مانا بۇشئرلارنى قايتا ئۇقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم . قۇلۇڭلارغا دەت كەلمىسۇن! «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» نىڭ ئەسلى ئۇيغۇرچە تەرجىمە فىلىمى يوقمىدۇ؟ توردىن ئىزدەپ تاپالمىدىم.

باھا سۆز

khan  توردا بولۇشى ناتايىن. بىراق داۋبەنچىلەردىن 4 يۈەنگە سېتىۋالالايسىز.  يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 20:55:36

UID
35243
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-4-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 22:05:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچانلىقىڭىزغا بارىكاللا!

UID
35246
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-4-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-13
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 22:12:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىستىداتلىق تەرجىمانلىرىمىزگە قايىلمەن!

UID
5883
يازما
57
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
2437
تىزىملاتقان
2010-9-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-28
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-13 01:27:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنچى تەرجىمىڭىزمۇ بەك ياخشى چىقىپتۇ.ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش