ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

كۆرۈش: 4093|ئىنكاس: 24

قىزىل راۋاقتىكى چۈش (شىئېر تەرجىمىسى)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
229
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
619
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-10
توردا
168 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 20:52:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ناملىق رومان ۋە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ مۇۋەپىقىيەتلىرى بىلەن ئەدەبىيات ساھەسىنى ۋە تېلېۋىزىيە ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغان ئىدى. بۇنىڭدىن بىز ئۇيغۇرلارمۇ مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە. بولۇپمۇ بۇ رومان بىلەن تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تەرجىمىسىدىكى پاساھەت ھازىرمۇ ئەقلىمىزنى لال قىلىدۇ. بەلكىم بۇ تەرجىمىلەر ئىچىدە ۋە ياكى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن يېرىنى شۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ تۈگەللىمىسىدىكى ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئوقۇغان (好了歌 بۇنى قانداق تەرجىمە قىلدىكىن بىلمىدىم) دېگەن شىئېر دېسەك مېنىڭچە خاتا بولماس. بۇ شىئېرنىڭ تەرجىمىسىدىكى پاساھەت ۋە بالاغەت تەرجىماننىڭ تولىمۇ ئىستىبداتلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ. مېنىڭچە بۇنداق ئېسىل تەرجىمە قىلىنغان شىئېرلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.
مەنمۇ ئۆزۈمنى چاغلىماي بۇ شىئېرنى قايتا تەقلىد قىلىپ يېزىپ باقتىم. مېنىڭ يازغىنىم پەقەتلا تەقلىد نۇسخىسى بولۇپ، تەرجىمىسىمۇ ئەمەس، قايتا ئىجادىيەتمۇ ئەمەس. ئابدۇكېرەم ئابلېزنىڭ گېپى بويىچە «قاپىيە ئويناپ قويدۇم.» بۇ خۇددى غازى ئەمەتنىڭ مۇقام ناملىق رەسىمىنى سۈرەتكە تارتىۋالغاندەكلا ئىش. ئەسلى ئەسەر بىباھادۇر. تەقلىد نۇسخىسى بولسا شاكالنىڭ ئورنىدا. تورداشلارنىڭ ئەسلى ئەسەرگە سېلىشتۇرۇپ تەنقىدىي نۇقتىدا باھا بېرىشىنى سورايمەن.
ئەسكەرتىش: تەنقىدنى قارشى ئالىمەن.

ئۇيغۇرچە (ئەسلى تەرجىمە)

ئۆز ۋاقتىدا بەگ غوجاملار تولغان ساراي،

غۇربەت بېسىپ، قۇرۇق سۆلەت دالان بولدى

بىر چاغلاردا بەزمە، مەشرەپ قاينىغان جاي،

گۈللەر توزۇپ، دەل - دەرەخلەر خازان بولدى.

زەر تورۇسقا ئۆمۈچۈكلەر باغلىدى تور،

گۈل پەنجىرلەر ئوت - گىياغا ئاشيان بولدى.

ئۇپا ئەڭلىك، خۇشپۇراقنىڭ نە ھاجىتى؟

قىراۋ قوندى، چاچقا قېرىلىق ئايان بولدى.

كېچە تۇپراق ئارا كىرسە مۇردا، بۈگۈن __

ئاشىق مەشۇق ھۇجرا ئارا پىنھان بولدى.

ساندۇق ساندۇق ئالتۇن كۈمۈش ساقلىغانلار،

كۆز ئاچقىچە گادايلىشىپ ۋەيران بولدى.

ئۆمرى قىسقا دەپ ئۆزگىدىن ئاھ ئۇرغانلار،

كېلىپ ئۆزى ئۇ ئالەمگە راۋان بولدى.

ئاتىسىدىن قاتتىق تەنبىھ ئالغان زاتلار،

ئېھتىمالىم قىلمىشلىرى ئەسيان بولدى.

بايۋەتچىدىن ئۆزىگە جور ئىزدىگەنلەر،

تاپقان جايى خۈنۈك چالا مەيدان بولدى.

تاجىسىنى كىچىك كۆرۈپ كەيمىگەنلەر،

كىيىپ قوۋۇق ياتقان يېرى زىندان بولدى.

ئاخشام تېخى جۇل جۇل توندىن غىڭشىغانغا،

بۈگۈن بەگلىك چاپىنىمۇ يامان بولدى.

بىرى تەختتىن چۈشسە يەنە بىرى چىقتى،

ئاقىۋەتتە ماڭا يات يۇرت ماكان بولدى.

قويغىنە بۇ ئەپسانىنى، ھەننىۋاسى __

باشقىلارغا ئاخىر تويلۇق چاپان بولدى.


ئۇيغۇرچە (خان)

بەگلەر كېتىپ، شۇ ئىمارەت، شۇ سارايدىن،

چاشقانلارغا قەسىر، ماكان__كامار قالدى.

ئىچىپ شەربەت، قىزىپ ئىشرەت، قۇرۇپ بەزمە،

سېسىپ شەھۋەت، خازان بولغان باغلار قالدى.

نېلۇپەرنىڭ يېشى قانچە سورىما بەس،

پىشايۋاندا مۇڭلار تۆكۈپ چىلتار قالدى.

خېرىدارسىز زىبالىقنىڭ نە كېرىكى؟

زۇلمەت بېسىپ، كۈلۈپ ئاتقان تاڭلار قالدى.

جۈپ ئۆردەكلەر كەتتى قايان، سوراي كىمدىن؟

مەشۇق كەتتى، ئەمدى كىمگە نىگار قالدى؟

ئالتۇن-كۈمۈش باقى ئەمەس، يۈتتى ئۈنسىز،

ئىڭىل مەينەت، ئۆيدە ئەخلەت چاۋار قالدى.

ئۆتەر يىللار، ئاتار تاڭلار، ئۆمۈر سۇدەك،

كېتىپ ھەممە، نام نىشانسىز مازار قالدى.

ئەي خالايىق، تۇردى كىملەر ئىبادەتتە،

جاھان تەتۈر، ئۆلدى مۆمىن، گۆركار قالدى.

ۋادەرىخا، گۈلگە قازدىڭ نىچۈن لەھەت؟

گۈللەر توزۇپ، بۇلبۇل يىغلاپ زار-زار قالدى.

ئەمەل ساتقان ئەمەل ئالدى، تويمىدى ھېچ،

ماكان باققان زامان باقماي، خار زار قالدى.

زىمىستانغا قىلىپ غەۋغا، تىترەر جانلار،

يىرتىلدى تون، مۇزلىدى تەن، باھار قالدى.

تاجى دۆلەت كىمدە تۇرماس، بۇھەقىقەت،

ئۆچتى شۆھرەت، ئەمدى لەنەت دىشۋار قالدى.

قويغىنە بۇ ئەپسانىنى، ھەممىسىدىن __

باشقىلارغا ئاخىر تويلۇق تاۋار قالدى.


陋室空堂,

当年笏满床;

衰草枯杨,

曾为歌舞场;

蛛丝儿结满雕梁,

绿纱今又在蓬窗上。

说甚么脂正浓、粉正香,

如何两鬓又成霜?

昨日黄土陇头埋白骨,

今宵红绡帐底卧鸳鸯。

金满箱,银满箱,

转眼乞丐人皆谤。

正叹他人命不长,

那知自己归来丧?

训有方,

保不定日后作强梁。

择膏梁,

谁承望流落在烟花巷!

因嫌纱帽小,

致使锁枷扛;

昨怜破袄寒,

今嫌紫蟒长。

乱烘烘你方唱罢我登场,

反认他乡是故乡。

甚荒唐,

到头来都是为他人作嫁衣裳。




تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-10 20:58):
ئىستىبداتلىق ئەمەس، ئىستىداتلىق، خەنزۇچىسىنىڭ تىنىش بەلگىلىرىنى ئوڭشاپ.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
6284
يازما
261
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7663
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-10
توردا
55 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 09:45:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىل راۋاقتىكى چۈش ناملىق بۇ تېلېۋىزىيە فىلىمىنى ئۆز ۋاقتىدا مەنمۇ بەك قىزىقىپ كۆرگەن.  فېلىمنىڭ نۇرغۇن تەپسىلاتلىرى ھىلىمۇ ئىسىمدە. بولۇپمۇ ئاخىرىدىكى بۇ شىېر ئادەمنىڭ يۈرىكىگە تېگىدۇ ۋە چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
خان، سىزنىڭ يازغان شىئېرىڭىزمۇ ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ.  

UID
6284
يازما
261
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7663
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-10
توردا
55 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 09:46:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ شىېرنى قايتا كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىرىشتۈرگىنىڭىزدىن خۇشال بولدۇم.

UID
34077
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-14
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 11:51:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەل ساتقان ئەمەل ئالدى، تويمىدى ھېچ،

ماكان باققان زامان باقماي، خار – زار قالدى.

بىزنىڭ يۇرتلاردا يىزا باشلىقىلىق ئەمىلى ئوچۇق ئاشكارە 100000يۇەن. (چاقچاق ئەمەس)

UID
31495
يازما
8
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
8
تىزىملاتقان
2012-3-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-9
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 13:00:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك پاساھەتلىك تەرجىمە بوپتۇ، بارىكاللا!
شېئىر تەرجىمە قىلماق ئاسان ئەمەس، ئۇ سىزنىڭ ئالدى بىلەن شائىر، ئاندىن تەرجىمان بولۇشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

UID
12601
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
67
تىزىملاتقان
2011-6-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-10
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 15:13:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاساھەتتە بالاغەتكە يەتكەن.بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى.

UID
35092
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-4-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-11
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 15:38:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
:كۆپ يىللاردىن بېرى بۇ شېئىرنى ئىزدەپ يۈرەتتىم.رەھمەت سىزگە خان!

تىرىشچان ئەزا

ئۇيغۇران

UID
16846
يازما
229
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
619
تىزىملاتقان
2011-11-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-10
توردا
168 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 17:58:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرسىز تورداشلار، خەنزۇچىسىنىڭ تىنىش بەلگىلىرى ئالدىغا چىقىپ قاپتۇ. بۇنى ۋوردتىن چاپلىغان ئىدىم. چاپلىغاندا بىر ئوبدان ئىدى. يوللاپ بولۇپ تەھرىرلەي دېسەم، تەھرىرلەش ئىقتىدارى بولمىغاچقا تەھرىرلىيەلمەي قالدىم. ئەگەر بىلىدىغانلار بولسا ئۆگىتىپ قويغان بولسا، ئىملا خاتالىقلىرىنى ئوڭشىۋالغان بولسام، تولىمۇ خۇرسەن بولاتتىم.

UID
9361
يازما
73
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2173
تىزىملاتقان
2011-2-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-11
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-11 19:25:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇڭجىياڭنىڭ ئىسىيان نەزمىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى توردىن ساقلىۋالغان يېرىمدىن ئاچىقىپ خەنزۇچىسى بىلەن بىرگە يوللاپ قويدۇم،
كىچىكىمدىن قىلىپ ئەجىر ئوقۇپ دەستۇر كالامنامە،
يېتىلدىممەن زەكىيلىكتە تولۇپ پەمۇ-پاراسەتكە .
غەيۇر يولۋاس كەبى ياتتىم قاقاس تاغنى ماكان ئەيلەپ،
يۈرەكتە قالمىدى تاقەت چىداپ يۈردۈم پىغان ئەيلەپ .
بەختسىزلىك چۈشۈپ باشقا چېكىلدى يۈزلىرىمگە خەت،
بۈگۈن جاڭجۇغا پالاندىم قىلاي ئەمدى نىچۈك تاقەت.
كېلىپ يەتسە ئەگەر بىر كۈن قىساسىمنى ئېلىشقا پەيت،
بۇيارمەن قانغا شۈنياڭنى چىقار دەردىم قىلارمەن ھېيىت .
مەن ئۆزۈم جاڭجۇدىمەن خىيالىمدا كېزەر شەندۇڭ،
يۈرەرمەن چەتتە سەرگەردان يۈرەككە تولدى ھەسرەت-مۇڭ.
ئەمەلگە ئاشسا گەر بىر كۈن دىلدىكى ئارمان،
كۈلەرمەن شۇندا خۇاڭچاۋنى ئاتاپ نامەرت، تېپىپ دەرمان.



خەنزۇچىسى:

。自幼曾攻经史,长成亦有权谋
。恰如猛虎卧荒丘,潜伏爪牙忍受
。不幸刺文双颊,那堪配在江州
!他年若得报冤仇,血染浔阳江口
。心在山东身在吴,飘蓬江海谩嗟吁
!他时若遂凌云志,敢笑黄巢不丈夫

郓城宋江作

كۆيۈمچان ئەزا

دوستلۇق دائىما ئ

UID
8110
يازما
138
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3948
تىزىملاتقان
2010-12-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-4
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 11:21:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئىرلارنى يوللاپسىلەرغۇ ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش