بۇ تەڭلىمە M=a((P+A)*(I+Bu)*(T+K نى ماتىماتىكا ئۇقۇمى بويىچە تەھلىل قىلساق ، پۇرسەت ۋە ئامەت ھەر ئىككىسى يوق بولسا ، يەنى 0گە بولسا ئاخىرقى نەتىجە يەنى مۇۋەپىقىيەتمۇ 0 بولمامدۇ ؟
قەستەن قۇسۇر ئىزلەپ يۇقۇرقى جۈملىنى يېزىپ بولۇپ ، قايتا ئويلاپ باقسام ھەقىقەتەنمۇ پۇرسەت ۋە ئامىتى يوق ئادەم مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىغۇدەك . بۇ تەڭلىمىدىن قۇسۇر تاپالمىدىم .
رىياللىقتا گەرچە پۇرسەت، ئامەت ۋە تالانت چەكلىك بولسىمۇ، ئىقتىدار(I) ۋە قىزىقىش (K)نىڭ مۇۋەپپەقىيەت تەڭلىمىسىدىكى قىممەت ئېلىش دائىرىسىنى تەدرىجى چوڭايتىشقا بولىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى تىرىشچانلىق(Bu)نىڭ قىممەت ئېلىش دائىرىسى مۇسبەت چەكسىز بولىدۇ! يەنە كېلىپ توختاۋسىز تىرىشچانلىق(ئۈنۈملۈك بەدەل: يەنى، ئەجىر-مېھنەت ۋە ھەر خىل سېلىنما) كۆرسىتىۋاتقان ئادەم ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۈرلۈك پۇرسەت(P) ۋە تەلەي(A)لەرنى سەزگۈرلۈك بىلەن چارلاۋاتقان(سكاننىرلەۋاتقان) بولىدۇ ھەم پۇرسەت ۋە ئامەتنى تۇتۇۋېلىش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ تىرىشىش ئەمەلىيىتىنىڭ ئۆزىمۇ ئىقتىدار(I)نى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ بىۋاستە جەريانىدىن ئىبارەت بولىدۇ. مانا بۇ بىز بىۋاستە كۆرۈپ يېتەلەيدىغان ئەمەلىيەت!
بۇ يەكۈن توغرا چىقىرلىپتۇ ، ئەسلىدە مۇشۇنداق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزلەنگەن بىر توردىشىمىز سىزگە ھەمسۆھبەت بولۇپ ، مۇنازىرلەشكەن بولسا ياخشى بولاتتىكەن . سودا ساھەسىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ پايدىسى بار تېما بوپتۇ . قۇسۇر ئىزلىگەچ ، ئويلىنىپ ئوقۇپ چىقسا ، پايدا مەنپەئەت كۆرگىدەك .

ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت .
تېخى يېقىندىلا 1994- يىللىق نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتنىڭ ساھىبى ناش (Nash) توغرىلىق بىر فىلىم كۆرگەن ئىدىم . ناش ھازىرقى زاماندىكى تەسىرى ئەڭ زور ماتىماتىك دەپ قارىلىدىكەن . ئۇ كىشىمۇ ماتىماتىكىلىق فورمۇلا تۇرغۇزۇپ ئىقتىسادشۇناسلىق ، جەميەتشۇناسلىق ، ھەر تۈرلۈك بېتىم - كېلىشىم مەسىلىلىرنى تەتقىق قىلىشتا زور تۆھپە قوشقانلىقتىن نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ئىكەن . فىلىمدىكى ناش تەڭلىمىسىنى بىر تور بىكەتتە ئەمەلىي مەسىلىگە تەدبىقلاپ مۇنداق چۈشەندۈرۈپتۇ : جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئات بەيگسى توغرىسىدىكى ھىكايە ، بۇ ھېكاينى بەلكىم كۆپچىلىك ياخشى بىلىدۇ . ئىككى پادىشاھ بىر پارچە زىمىننى تالىشىپ ئات بەيگىسى ئۆتكۈزىدۇ .كۈچلۈك تەرەپنىڭ ئەڭ ياخشى ئېتى ئاجىز تەرەپنىڭ ئەڭ ياخشى ئېتىدىن يۈگۈرەك ئىكەن . ئوتتۇراھال ئېتىمۇ ئاجىز تەرەپنىڭ ئېتىدىن ياخشى ئىكەن ، ناچار ئېتىمۇ ئاجىز تەرەپنىڭ ناچار ئېتىدىن ياخشى ئىكەن . ئاجىز تەرەپتىكى بىر دانىشمەن پادىشاھىغا يول كۆرسىتىپ ، قارشى تەرەپنى يېڭىش ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ ياخشى ئېتىغا ئۆزنىڭ ئەڭ ناچار ئېتىنى ، ئوتتۇراھال ئېتىغا ئەڭ ياخشى ئېتىنى ، ناچار ئېتىغا ئوتتۇرا ھال ئېتىنى بەيگىگە سېلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ ، نەتىجىدە 2 دە 1 نەتىجە بىلەن كۈچلۈك بولغان قارشى تەرەپنى يېڭىپ ئۆز زىمىنىنى ساقلاپ قالىدۇ . ماتىماتىكىلىق مودىل ئارقىلىق ئەمەلى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇمكىن . ئەلكۈيىدە تېخى بۇنداق چوڭقۇرلۇققا ئىگە تېمىنى ئۇچۇرتىپ باقمىغان ئىدىم . ئەجىرىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت . ئامان بولۇڭ مۇئەللىم .