كۆرۈش: 2086|ئىنكاس: 6

رومان، پوۋېست ۋە ھېكايە     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4776
يازما
36
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
1366
تىزىملاتقان
2010-8-18
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 10:23:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                رومان، پوۋېست ۋە ھېكايە
     بۇ توغرىدىكى ئۇقۇم كاللامدا ئېنىق بولسىمۇ، يەنىلا نەشر قىلىنغان لۇغەتتىكى تەبىرنى ئالغىنىم ياخشىراقتەك تۇرىدۇ.
   رومان (فىرانسۇزچە سۆز) سىغىمچانلىقى ئەڭ زور بولغان ئەدەبىي ژانىرنىڭ بىر خىلى، بايان خاراكتېرىدىكى ئەدەبىي بەدىىي ئەسەر.
   رومان ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇرەككەپ ئىجتىماىي تۇرمۇش كارتېناسى بىلەن زىددىيەت، توقۇ نۇشنى بايان قىلالايدۇ. بۇ مۇرەككەپ تۇرمۇش كارتېناسى ۋە زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ تولۇق ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن، تالاي قاتناشقۇچىلارنى گەۋدىلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رومان ئەڭ چوڭ كومپوزىتسىيە (قۇرۇلما)غا ئىگە. قەھرىمانلارنى تولۇق ۋە ئەتراپلىق گەۋدىلە ندۈرۈش ئۈچۈن، رومان قەھرىمانلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھادىسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ. روماندا مۇرەككەپ ئىچكى ھېس-تۇيغۇ، بىر پۈتۈن تەرەققىيات جەريانى يېزىلىدۇ.
   رومان تۇرمۇشنى تەسۋىرلەشتە چەكسىز ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەدەبىياتتا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئادەتتە بىر روماندا بىر دەۋرنىڭ قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن، شى نەيئەننىڭ «سۇ بويىدا»، ماۋ دۇننىڭ «تۈن يانغاندا» ۋە قەييۇم تۇردىنىڭ «كۈرەشچان يىللار»،جالالىدىن بەھرامنىڭ «لېيىغان بۇلاق»(6 توم)، ياسىنجان سادىق چوغلا ننىڭ «باھادىرنامە»(6 توم) قاتارلىق رومانلىرى يۇقىرىدىكى سۆزىمىزنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ.
رومانلار ئۆزلىرى ئىپادىلىگەن مەزمۇنى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. لېكىن ۋارىقى كۆپرەك، قېلىنراق بولسا رومان، نېپىزرەك بولسا پوۋېست، ئازغىنە بىرقانچە ۋاراقلىق بولۇپ قالسا ھېكايە دېيىش توغرا ئەمەس. ئەلۋەتتە، ھەجىم ئۇلارنىڭ ئىگىلىگەن ۋەقەلىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنداق قاراش ماھىيەتلىك قاراش بولماستىن، نوقۇل شەكىلۋازلىق بولىدۇ. رومان شېىرىي ئۇسۇلدا يېزىلىشىمۇ مۇمكىن.
   تارىخىي رومانلار تارىختا بولۇپ ئۆتكەن چوڭ-چوڭ ۋەقەلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئاساس قىلىپ يېزىلىدۇ. بۇنىڭغا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئويغانغان زىمىن»،سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ «سۇتۇق بۇغراخان»، زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت»، پەرھات جىلاننىڭ «ئىدىقۇت يۇلتۇزى»، ياسىنجان سادىقنىڭ «جاللات خېنىم»،«باھادىرنامە»(6 توم)، ئادىل ئابدۇللانىڭ «باتۇر تەڭرىقۇت» ناملىق رومانلىرىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.
   پوۋېست (رۇسچە سۆز بولۇپ، ئەرەبچىدىكى قىسسەگە توغرا كېلىدۇ) قىسسە خاراكتېرىدىكى ئېپىك نەسرىي ئەسەرلەرنىڭ بىر تۈرى. پوۋېست ھېكايىدىن شۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇكى، ئۇنىڭدا بىر ئەمەس، بىرنەچچە ۋەقە تەسۋىرلىنىدۇ، كىشى ھاياتىنىڭ، يەنى ئەسەردىكى شەخس ھاياتىنىڭ بىر دەۋرى يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن: ئەخەت تۇردى يازغان «قىيانلىق دەريا»، قاھار جېلىل يازغان «مېھرىبان»، سەمەت دۇگايلى يازغان «كىچىك لەقۋا» پوۋېستلىرى يۇقىر ىدىكى سۆزىمىزنىڭ ياخشى دەلىلى بولالايدۇ. بۇ پوۋېستلاردىكى ئالاھىدىلىك شۇكى، بۇنىڭدىكى پېرسوناژلار پوۋېستتىكى ئاساسىي قەھرىمانلارنىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، باش قەھرىمان ئوبرازىنى ئېچىپ بېرىشكە بويسۇندۇرۇلغان. يىغىپ ئېيتقاندا پوۋېست ھېكايىگە قارىغاندا بىرقەدەر مۇرەككەپ ۋە كەڭ داىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، لېكىن رومانغا قارىغاندا ۋەقەلەر ئانچە كەڭ ھەم مۇرەككەپ بولۇپ كەتمەيدۇ.
   ھېكايە بىر خىل قىسقا، ئىخچام نەسرىي ئەسەر. ھېكايە ئادەتتە قىسقا، سەھىپە جەھتتىن كىچىك، سيۇژېتى بىرقەدەر ئاددىي بولىدۇ، پېرسوناژلىرىمۇ ئاز بولىدۇ. ئەكس ئەتتۈرىدىغىنى رېال تۇرمۇشنىڭ تىپىك بىر پارچىسى ياكى بىر تەرىپىلا بولىدۇ.
   جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان مەشھۇر يازغۇچىسى ماۋدۇن ھېكايىگە تەرىپ بەرگەندە: «تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان تۇرمۇش ھادىسىلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى بىرەر مەسىلە ياكى ئۆز ھەجمىگە قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ ۋە مۇرەككەپ بولغان مەزمۇننى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئېپىك ئەسەر – ھېكايە دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
   ھېكايىدە يازغۇچىنىڭ ماھارىتى كىشى ھاياتىدىن كىچىككىنە بىر ئېپىزوتنى ئېلىپ، ئۇنىڭدا ھاياتنىڭ مۇھىم تىپىك تەرەپلىرىنى ئىخچام شەكىلدە تەسىرلىك قىلىپ تەسۋىرلەشتە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن لۇشۈننىڭ «كىچىككىنە بىر ۋەقە» خۇددى شۇنداق، زۇنۇن قادىرنىڭ «مۇئەللىمنىڭ خېتى» ناملىق ھېكايىسىمۇ مول مەزمۇن ۋە تارىخىي ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «ئالتۇن چىشلىق ئىت»، «چوشقىلارغا بايرام» قاتارلىق ھېكايىلىرىمۇ ئەڭ ياخشى مىساللاردىندۇر.
   تەبىرلەر مىللەتلەر نەشرىياتى 1988-يىل 7-ئايدا نەشر قىلغان«ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى»دىن ئېلىندى، مىساللاردىن بىر قىسمى قوشۇلدى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
24152
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
33
تىزىملاتقان
2012-1-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-6
توردا
39 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 00:03:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رومان، پوۋېست، ھېكايىلەرنىڭ پەرقى توغرىسىدا بەك ئەتراپلىق توختىلىپسىز، بەگيار ئەپەندى! دېمىسىمۇ ئارىمىزدا بۇ ژانېرلارنى ئارىلاشتۇرىۋېتىپ، «شائىر يېزىپتۇغۇي روماننى!» دەيدىغانلارمۇ ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ پەرقىنى ئايرىۋېلىپ، ئۇقۇمىنى چۈشىنىشمۇ بىر ئىلمىيلىكتۇر.
  يەنە بىرى، سىز يۇقىرىدا مىسالغا ئېلىپ ئۆتكەن رومان، پوۋېست، ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسىنى مەن ئوقۇپ بولۇپتىكەنمەن. قارىغاندا، قىزىقىشىمىز، تەتقىقات يۆنىلىشىمىز ئوخشاشكەن!

UID
34270
يازما
68
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
68
تىزىملاتقان
2012-4-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-17
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 20:44:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ يېزىقچىلىققا قىزىقىدىغان دوستلار ئۈچۈن كومپاسلىق رول ئوينايدىغان ياخشى تېما بوپتۇ.

كۆيۈمچان ئەزا

دەقيانوس

UID
2638
يازما
158
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
5748
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-25
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 21:38:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخىي رومانلار تارىختا بولۇپ ئۆتكەن چوڭ-چوڭ ۋەقەلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ئاساس قىلىپ يېزىلىدۇ.

مەن تارىخى رومانغا بېرىلگەن بۇ باھاغا قۇشۇلالمىدىم. تارىخى رومانغا چوڭ چوڭ ۋەقە بۇلۇشتىن ئىبارەت تار رامكا بىكىتىۋالساق بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە تارىخى روماننىڭ ئۇبىكتى ۋەقەلام بولماستىن شەخىسمۇ بۇلۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشق تارىخى دەۋىرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدىكى بەك چوڭ -چوڭ بولمىغان ئىشلارمۇ تارىخى رومان ھىساپلىنىدۇ. مەسلەن قىزىل راۋاقتىكى چۈشتىمۇ زور ۋەقەلەر يوق، ئەمما ئۇمۇ تارىخى رومان ھىساپلىنىدىغاندۇ.

UID
34498
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-4-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-1
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-5 16:31:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بوپتۇ،رەخمەت سىزگە!!!!بولسا  بارلىق قېرىنداشلىرىمىز  ئۆزىگە ئەڭ تەسىر  قىلغان  رومان ،ھىكايە،پوۋسىتلارنى  بىزگە تونۇشتۇرۇپ قويغان  بولسا!!!!   مەسىلەن جاللات خېنىم ،قايتا نىكاھ  .......قاتارلىق........!!!!

UID
30393
يازما
82
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
82
تىزىملاتقان
2012-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-19
توردا
60 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 13:33:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dakyanos يوللىغان ۋاقتى  2012-4-3 21:38
تارىخىي رومانلار تارىختا بولۇپ ئۆتكەن چوڭ-چوڭ ۋەقەلەر ...

‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش›مۇ ئەلۋەتتە چوڭ ۋەقەلىكىنى ئارقا كۆرىنىش قىلغان. يەنى زاۋالىققا يۈز تۇتقان مىڭ سۇلالىسىنىڭ  ئاخىرقى پەيىتلىرى.....

UID
34547
يازما
37
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
37
تىزىملاتقان
2012-4-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-14
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 23:11:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش