ئۆسكۈدەك
ئەخمەتجان توختى (بۆرە ئوغلى)
سالام قىلسا باشلىقىم دەپتۇ بىرى ئۆسكىدەك،
قارىغاندا پۇل-پىچەك ئاپتۇ خېلى ،ئۆسكىدەك.
نەدە ئۇنداق ئادەم بار قول ئاستىغا ئىگىلگەن،
دىمەك ئاشۇ باشلىقنىڭ پوقتۇ گېلى،ئۆسكىدەك.
ئەشۇ سالام تۈپەيلى مەن تەخسىكەش ئاتالدىم،
بىلىپ-بىلمەي ۋاي توۋا! ھەسەتخورغا ماتالدىم،
سېتىپتىمەن ۋىژداننى،چېقىپتىمەن ئۆزگىنى،
مەندىن نى-نى ياخشىلار قاپتۇ نېرى ئۆسكىدەك.
دەپتۇ تېخى كىر گەدەن بىر دېھقاننىڭ پۇشتى ئۇ،
پېيى تەتۈر ئۆرۈلگەن <قۇشقاچ> ئىدى قۇشتى ئۇ،
ئەمدى قانداق بولغىنى سالام قىلدى <ئەنقا>مۇ،
ئاڭا قىلغان سوۋغىنىڭ كەپتۇ دېرى،ئۆسكىدەك.
دەپتۇ يەنە <سالام>غا پۈكۈلدى ئۇ ئېگىلدى،
دەپسەندە قىپ ۋىژداننى ناكەسلىككە چېگىلدى،
سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپتۇ نەدە بۇنداق ئادەم بار،
قالمىغاندۇ دوك بولۇپ ساقتۇ بېلى،ئۆسكىدەك.
دەپتۇ يەنە قوشناممۇ ئۇ ئەزەلدىن چىڭ ئىدى،
نەدە نەپ بار پۇرايتى قۇلاقلىرى دىڭ ئىدى،
دادىسىغا بەرمىگەن پۇلنى باشقا كۈن چۈشسە،
يانچۇقىغا باشلىقنىڭ ساپتۇ گېرى،ئۆسكىدەك.
دەپتۇ بوۋاي ئەمەلگە ئېرىشەرمىش يول بىلەن،
ياكى سېتىپ ئالارمىش قانچە بولسا پۇل بىلەن،
ئالماق بولۇپ ئوغلىغامېنى ئىزلەپ دىدى ھەم،
دەل جايىنى دەپ بەرسەڭ نەقتۇ مېلى ئۆسكىدەك.
بولدى قىلىڭ باشلىقىم قىلماڭ ئەمدى سالامنى،
ئۆتۈپ كېتىڭ قارىماي ئاۋۇتماڭ دىل يارامنى،
تۆھمەت تۇغدى ئۆز-ئارا قىلغان ئەشۇ سالاممۇ،
ماختاپ يۈرمەڭ بىراۋغا يوقتۇ يېرىم ئۆسكىدەك.
ئاشىقلىقمۇ تۇغۇدۇ شائىر
مۇھەببەتتە كۆيمىگەن كىم بار،
مەنمۇ ساڭا مەھكەم ماتالدىم.
سېنىڭ ئۈچۈن يازىمەن شېئىر،
ئىشقىڭ سەۋەب شائىر ئاتالدىم.
يىغىندىسى يازغان قوشاقلار،
قەلبىمدىكى دەرتلىك ئەلەمنىڭ.
ئاق قەغەزدە يورغىلار تىنماي،
پۇتى سۇنماس ئەسلا قەلەمنىڭ.
كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ تەنھا،
مەجنۇنتالغا دەردىم تۆكىمەن.
تولۇن ئايدىن ئىزلەپ تەسەللى،
پىغانىمدىن شېئىر پۈكىمەن.
شىۋاقلاردىن ئىزلەپ ھىدىڭنى،
كۆل بويىغا كېلىپ تۇرىمەن.
يەتكۈزەر دەپ ساڭا شېئىرىمنى،
شاماللارغا ئوقۇپ بېرىمەن.
كېچىسىمۇ ئالدىراش قەلەم،
چۈشلىرىمدە بولىسەن زاھىر.
بەرھەق ئىكەن بۇۋىلار ئېيتقان،
<<ئاشىقلىقمۇ تۇغۇدۇ شائىر>>.
پۇل تاپاي
بولدى ئۇخلاپ ياتقۇچە ئەمدى ئىشلەپ پۇل تاپاي،
جاپالاردىن قاچقۇچە ئەمدى ئىشلەپ پۇل تاپاي.
بولسىمۇ پۇل بىكارلىق تۈگەيدىكەن شۇ پېتى،
بەركىتمۇ باشقىچە، ئەمدى ئىشلەپ پۇل تاپاي.
ئۆتۈلگەندە قەدىرى رەستىلەردە ئېگىلدىم،
بولدى ۋىژدان ساتقۇچە ئەمدى ئىشلەپ پۇل تاپاي.
كېلەرمىكىن دەپ تېخى ئويناپ باقتىم قىمارمۇ،
توختا ھۇشۇق ئاتقۇچە ئەمدى ئىشلەپ پۇل تاپاي.
چىقىۋاپتۇ كوچىغا پۇل دىگەچكە ئۆزگىلەر،
ئۇيقۇسىنى ئاچقۇچە ئەمدى ئىشلەپ پۇل تاپاي.
ئەجەپ تېزكەن ئويلىسام بۇ ھاياتنىڭ يورغىسى،
چاچنى قىرو باسقۇچە ئەمدى ئىشلەپ پۇل تاپاي.
بىكار يۈرسە ئەگەركىم پۇل چۈشمەيدۇ ئاسماندىن،
ھورۇنغا ئۈن قاتقۇچە ئەمدى ئىشلەپ پۇل تاپاي.
2012-يىلى10-مارت شەھىرى بۆرتالا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-31 16:07