ئىگىسى: 0991sumruh

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ۋە ئۇنىڭ «ئىز» ناملىق رومانى ھەققىدە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4795
يازما
22
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
682
تىزىملاتقان
2010-8-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-17
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-17 23:49:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇمۇرۇغ0991 خانىم ،مۇشۇنداق ياخشى تېملارنى يۇللاپ تۇرشىڭزنى ئۈمۇت قىلمەن،ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت.

UID
6054
يازما
255
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7369
تىزىملاتقان
2010-9-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-17
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 09:35:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ ئز› رومانىنى قايتىدىن ئوقۇغاندەك بولدۇم،ئەسەرلىرى ئاز لېكىن ساز يازغۇچى   ئا. ئۆتكۇر ئەپەندى بىزگە ھەقىيقى تارىقنى ئېيتىپ بەرگۇچىكەن. ئۇنىڭغا بەرگەن باھالارمۇ ،روبائىلىرىمۇ شۇنداق تېتىملىق  . ئادەمنى كىملەرگىدۇ نەپراتلەنگۇسىنى كەلتۇردۇ!  يەنە قانداق سۇپەت بىلەن تەرىپلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ، يوللانمىڭىزغا تەشەككۇر!

UID
32588
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
15
تىزىملاتقان
2012-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-26
توردا
30 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 10:23:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

UID
32098
يازما
241
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
241
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 11:14:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر بۇ ئەسىرى ئۈچۈن 20يىل سەرىپ قىلغان،ھەجەپ جاپادا توقۇپتۇدە؟!................
تۆمۈر خەلپە 1891-يىلى تۇرپاندا ئىشلەمچى (كارىز چاپقۇچى) ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى ھەددىدىن ئاشقان ئالۋاڭ-ياساق دەستىدىن ئائىلىسىدىكى تۆت جاننى باقالماي ، 1893-يىلى ياز پەسلىدە قۇمۇلنىڭ قوراي يېزىسىغا كۆچۈپ بېرىپ يەرلىشىدۇ . بىراق قوراي يېزىسى قۇمۇل ۋاڭىغا قاراشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ يەردىكى ئالۋاڭ-ياساق تېخىمۇ ئېغىر ئىدى . شۇڭا ، بۇ يەردىمۇ كۈن ئۆتكۈزۈش تەس بولۇپ ، 1905-يىلى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن تۆمۈرنى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ-دە ، ياز كۈنلىرى نەنمېن سىرتىدا كېسەك قۇيىدۇ ، قىش كۈنلىرى باداۋاندىكى كانلاردا ياللىنىپ كۆمۈر قازىدۇ . لېكىن ئۈرۈمچىدىمۇ جان بېقىش قىيىن بولۇپ ، ئاخىرى قۇمۇلغا قايتىپ بېرىپ ، قۇمۇل بازىرىغا ئورۇنلىشىدۇ ۋە تۆمۈرنى ياغاچچىلىققا شاگىرتلىققا بېرىدۇ . زېرەك ۋە ئەقىللىق تۆمۈر ئۇزاق ئۆتمەي ياغاچچىلىقنى ئوبدان ئۆگىنىۋالىدۇ . ئۇنىڭ دۇكىنى بازاردا بولغانلىقى ئۈچۈن ، ھۆكۈمەت ۋاڭ ئۈستىدىكى شىكايەتلەرنى كۆپ ئاڭلاپ ، ئېزىلگۈچى خەلقلەر بىلەن ئەزگۈچى سىنىپ ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسى زىددىيەتنى چۈشىنىۋلىدۇ .
    1907-يىلى قۇمۇل دېھقانلىرى رەجەپ ئاكا باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ ، بىراق قۇمۇل ۋاڭ تەرىپىدىن پاجىئەلىك باستۇرىلىدۇ .بۇ ئىش تۆمۈرنى سەگەكلەشتۈرىدۇ . شۇڭا ،ئۇ ھەرقېتىم ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ئادەم ئۇرغان ۋە ئادەم ئۆلتۈرگەن زوراۋانلىقلىرىنى ئاڭلىغاندا قاتتىق غەزەپلىنىپ : «رەجەپ ئاكا ھايات بولغان بولسا ، دېھقانلار ئۈچۈن چوقۇم ئىنتىقام ئالغان بولاتتى » دەيدۇ .
    بىر كۈنى ، تۆمۈر خەلپە ۋاڭ ئوردىسىدىكىلەر تەرىپىدىن چوڭ دەرەخكە باغلاپ ئۇرۇپ ، چالا ئۆلۈك قىلىپ قويۇلغان بىر دېھقاننى ئۇستىسىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ داۋالاپ ساقايتىدۇ ، ئۇنىڭ بۇ ياخشى خىسلىتى پۈتۈن قۇمۇل يېزىلىرىغا تارقىلىدۇ . دېھقانلار «بۇ قالتىس باتۇر بالىكەن-ھە ، بۇ ۋاقىتقىچىمۇ ۋاڭ جازالىغان كىشىنى قۇمۇلدا ھېچ كىشى قۇتۇلدۇرالىغان ئەمەس... » دېيىشىپ ، تۆمۈر ھەققىدە تەرىپلەر قىلىشىدۇ .
    دېھقاننىڭ يارىلىرى ساقىيىپ ئائىلىسىگە قايتىش ۋاقتىدا ئۇنى ئۇزىتىپ ماڭغان تۆمۈر : «سىز ئوبدان ساقىيىڭ ، بىزمۇ رەجەپ ئاكىدەك ۋاڭ ئوردىسىنى تاقىۋىتىمىز ، خۇدا نۇسرەت ئاتا قىلسا ، ۋاڭنى قۇمۇلدىن قوغلىۋىتىمىز ... » دەيدۇ . تۆمۈرنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن دېھقانلار ۋە ئۇنىڭ ئۇستىسى ناھايىتى رازى بولىدۇ . تۆمۈرنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغانلىقى (ۋەقە تېرىيدىغانلىقى) نى ئويلاپ ،شۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى ئاسرايدۇ . شۇنداقتىمۇ تۆمۈرنىڭ ھېلىقى دېھقاننى قۇتۇلدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا ئاڭلىنىدۇ ، ۋاڭ تۆمۈر خەلپىنى تۇتۇشقا بۇيرۇيدۇ .
    1910-يىلى ، تۆمۈر خەلپە ئىككىنچى قېتىم ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەنىدى . مۇشۇ مەزگىللەردە شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسى ليەنكۈي ئورنىنى يۇەن داخۇاغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى . يۇەن داخۇا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئوت يالقۇنىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا تۇتىشىپ كېتىشنى توسۇش ئۈچۈن ، ئىچكىرىسىدىن ياڭزېنشىننى چاقىرتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا خۇيزۇلاردىن چېرىك تۇتۇپ بەش باتالىيون تەشكىللەشكە بۇيرۇيدۇ .
بۇ كۈنلەردە تۆمۈر خەلپە ۋەزىيەتكە ئىنتايىن دىققەت قىلىدۇ ، ئىچكىرىدىكى ئىنقىلاۋى پارتىيە ئەھۋالىنى ، جۇمھۇرىيەت ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلايدۇ . ئۇ ئېپى كەلسە ھەركەت قىلىش ئۈچۈن قۇمۇلغا قايتىدۇ .تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى ئۇستىسىغا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بېرىدۇ ۋە ئاخىرقى ھېسابتا ئۆلۈپ كەتسىمۇ رەجەپ ئاكىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالماي قويمايدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم ئىچىدۇ . ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنقىلاپ يولىدا ئىزدىنىدۇ .
    تۆمۈر خەلپە ئىلىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ غەلبە قىلىپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر ئاڭلىغاندىن كېيىن ، قۇمۇل دېھقانلىرىغا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئىلى ئىنقىلاۋىنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە ئاشكارا ھالدا «قۇمۇل ۋاڭنىڭ كۈنى ئاز قالدى» دەيدۇ . تۆمۈر خەلپە قۇتقۇزۇپ قالغان ھېلىقى دېھقان ھەممىلا يەردا تۆمۈر خەلپىنى تەرىپلەپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ، جۈملىدىن ئۇنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئابرويى ئۆسىدۇ. قۇمۇل دېھقانلىرى زور ئۈمىد بىلەن ۋاڭنىڭ ئاغدۇرىلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى .
1912-يىلى 1-ئايدا ، يۇەن داخۇا ئۆلكە مەركىزىگە قاراپ كېتىۋاتقان ئىلى خەلق قوشۇنىنى توسۇش مەخسىتىدە ، قۇمۇل ۋاڭىغا 500 ئەسكەر ئەۋەتىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ . قۇمۇل ۋاڭى خەلققە ئۆزىنى كۆرسىتىش مەخسىتىدە : « يۇەن داخۇا ماڭا ئىشىنىدۇ ، مىنىڭ ۋاڭلىقىم مەڭگۈ ساقلىنىدۇ ، كىمكى ۋاڭ ئاغدۇرىلىدۇ دەيدىكەن ، كاللىسى ئېلىنىدۇ ! » دەپ خەلققە تەھدىت سالىدۇ ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن تەھدىت دەپ ھېسابلىغان ئادەملەرنى ئەسكەرلىككە ئالىدۇ ، تۆمۈر خەلپە ئۆزلىكىدىن ئەسكەر بولىدۇ .
    يېڭىدىن ئەسكەرلىككە ئېلىنغان 500 كىشى قۇمۇلدىن يولغا چىقىدۇ . تۆمۈر خەلپە يول بويى قوزغىلاڭ قىلىش توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئېلىپ ماڭغان خەنزۇ باشلىقنى پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرىدۇ . 500 ئەسكەر تۆمۈر خەلپىنى قولدىن قولغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ ۋە ئۇنى سەردار قىلىپ بەلگىلەيدۇ . بۇ قوشۇن كەينىگە قايتىپ ، چاقماق تېزلىكىدە قۇمۇلغا باستۇرۇپ كىرىدۇ ، دېھقانلار ئۇلارغا كېلىپ قوشۇلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، ئىنقىلاپ باشلىنىدۇ . شەھەرگە قامالغان شاھ مەھسۇت بىلەن شەھەر ئامبىلى بەي ۋېنچاۋ يۇەن داخۇادىن ياردەم سورايدۇ ...
    1912-يىلى 3-ئاينىڭ 11- كۈنى ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى خانى شۇەنتۇڭ ئۆزىنىڭ تەختتىن چۈشكەنلىكى توغرىسىدا پۈتۈن مەملىكەتكە جاكارلايدۇ . 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ، يۇەن داخۇامۇ شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسىلىقىدىن ئىستېپا بىرىدۇ . ئۇچاغدا ھۆكۈمەت ياڭ زېنشىننى شىنجاڭغا تۇتۇق قىلىپ تەيىنلەيدۇ . تۆمۈر خەلپە باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار بۇ خەۋەردىن ھەقىقەتەن خۇشاللىنىدۇ ، جۈملىدىن « شاھ مەھسۇت ئوردىدىن چىقىپ كەتسۇن ! دېھقانلار ئۈستىدىكى ئالۋاڭ-ياساقلار بىكار قىلىنسۇن ! »دېگەن خىتابلار بىلەن شاھ مەھسۇتنى قىستايدۇ .
   ياڭ زېنشىن باركۆلدە تۇرۇشلۇق ھەربى قوشۇن باشلىقى يې شىڭفۇغا قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ .
تۆمۈر خەلپە بار كۆلدىكى ھەربى قوشۇننىڭ قۇمۇلغا يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرىدۇ . يې شىڭفۇ قوشۇننى باشلاپ نەنسەن ئېغىزىغا كەلگەندە ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ ، قىسىملىرى تەسلىم بولىدۇ ، نۇرغۇن قورال غەنىمەت ئېلىنىدۇ ۋە قوزغىلاڭچىلار سانى 2000 دىن ئاشىدۇ .   
   1912-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ، يۈەن داخۇا ئىچكىرىگە قايتماقچى بولغىنىدا ، ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا چيەن گۇاڭخۇەي بىلەن بىرلىشىپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇش بۇيرۇقى بېرىدۇ .
   يۇەن داخۇا بىلەن چيەن گۇاڭخەي بىرلىشىپ قوزغىلاڭچىلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ . تۆمۈر خەلىپە بۇ ئۇرۇشتىمۇ كۆپلىگەن قورال غەنىمەت ئالىدۇ (يۇەن داخۇا ، چيەن گۇاڭخەيلەر 6-ئاينىڭ 15-كۈنى يېڭىلىپ ، ئىچكىرىگە كېتىدۇ ).
   جىددىي ئۇرۇش ھازىرلىقىدا تۇرغان ياڭ زېڭشىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، پىلانىنى ئۆزگەرتىپ ھىيلە-مىكىر پىلانلايدۇ . ئۇ ئوردىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ھاكىمدىن تۆۋەنرەك ئەمەلدار جاڭ سەيتىڭنى تۆمۈر خەلپە بىلەن سۆھبەت قىلىشقا ئەۋەتىدۇ . ئون كۈن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت نەتىجىسىز بولۇپ ، جاڭ سەيتىڭ قايتىدۇ .
    ياڭ زېڭشىن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ، تۆمۈر خەلپىنىڭ ئەڭ يېقىنلىرىدىن بولغان مۇھەممەدجان ھاپىز دىگەن كىشىدىن تۆمۈر خەلپىگە خەت ئەۋەتىدۇ . بۇ خەتتە مۇنداق دېيىلگەنىدى : «مەن سىزنىڭ ئىسيان كۆتۈرىشىڭىزنىڭ قۇمۇل ۋاڭىغا قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلاشماقچى ئەمەسلىكىڭىزنى ئوبدان چۈشىنىمەن ، سىلەرنىڭ ھەركىتىڭلارغا نىسبەتەن مېنىڭ باشتىن-ئاخىر زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتىم يوق ...» دېيىلگەن .
    دەل شۇ كۈنى ياڭزېڭشىن قۇمۇل ئامبىلى بەي ۋېنچاۋغا يازغان بىر پارچە مەخپى خېتىدە : « تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، تۆمۈر قارا نىيەت ئادەم ئىكەن ، ئاسىيلىق قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز شۇغۇللىنىۋاتىدۇ ... پېقىر تۇتۇق كەلگۈسىدىكى بالايى ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى قەتئىي باستۇرۇش نىيىتىگە كەلدىم ...» (ياڭ زېڭشىن : «ئىستىغبار ھوجرىسىدا يېزىلغان خاتىرىلەر» 2-توپلام)
    تۆمۈر خەلپە مۇھەممەدجان ھاپىزدىن : «سىز ياڭ تۇتۇققا (قوماندان ياڭغا) ئىشىنەمسىز ؟ ياڭ تۇتۇقنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىش نىيىتى بولمىسا ، نىمە ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ بىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدۇ ؟ ياڭ تۇتۇق مىنگونىڭ تۇتۇقى تۇرۇپ ، نىمە ئۈچۈن چىڭ سۇلالىسى خانلىقى قۇمۇل ۋاڭىغا بەلگىلەپ بەرگەن ھاشار تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ ؟...'' قاتارلىق 10 نەچچە سۇئال قويىدۇ . مۇھەممەدجان ھاپىز جاۋاپ بېرەلمەي قايتىدۇ .
    بۇ ھىيلىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ياڭزېڭشىن خۇيزۇ باتالىيونىنىڭ كوماندىرى لى شۇفۇ ، ئىچكى ئىشلار كابېنتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جايى گەنسۇ -شىنجاڭ تەپتىش خادىمى يۇەن ساڭ قاتارلىقلارنى 1913-يىلى 3-ئايدا سۆھبەتكە ئەۋەتىدۇ .
    لى شۇفۇ پۇخراچە ياسانغان بولۇپ ، دىنىي بىلىمنى ئىشقا سېلىپ ، ئىسلام مۆتىۋەرلىرى قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ ، تۆمۈر خەلپە تۇرغان ئۆيگە كىرىش بىلەن تەكبىر ئېيتىپ ، قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ مەنىسىنى يېشىپ ، نەقىل كەلتۈرۈپ سۆز باشلايدۇ ۋە ياڭزېڭشىن ئەۋەتكەن ئالاقىنى ئوقۇيدۇ . ياڭزېڭشىننىڭ خېتىدە مۇنداق دېيىلگەنىدى: « بىرىنچى ، قۇمۇل ۋاڭنىڭ دىھقانلارنىڭ ئۈستىگە قويغان ھەرئايدىكى يەتتە كۈنلۈك ھاشار تۈزۈمى .ئككى كۈنگە قىسقارتىلىدۇ . ئىككىنچى ،قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ھۆكۈمەتنىڭ ئاتلىق باتالىيونىغا ئۆزگەرتىلىپ ، تۆمۈر باتالىيون كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ ۋە ئۆلكە مەركىزىگە بېرىپ ئورۇنلىشىدۇ . ئۈچىنجى ، قوشۇندىن قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىشنى خالايدىغان قوزغىلاڭچىلارنىڭ ھەممىسى ئەسلى يۇرتىغا بېرىپ ، دېھقانچىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ ...» لى شۇفۇ بۇ خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ، بىر ئايەت ئوقۇپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ يەنە تەكبىر باشلايدۇ . ئىسلام دىنىي قائىدىسى بويىچە تۆمۈر خەلپە تەكبىرگە قوشۇلۇش ۋە دۇئاغا قول كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولىدۇ .   
بۇنىڭ بىلەن تۆمۈر خەلپە ياڭزېڭشىن قويغان يۇقىرىقى ئۈچ شەرتنى شەرتسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ قالىدۇ .
بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان ياڭ زېڭشىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن قۇۋلۇق-شۇملۇق ئىشلىتىپ ، قۇمۇلدىكى ھەرقايسى تەبىقىدىكى زاتلار ۋە خەلقلەرنى ئارقا-ئارقىدىن تاغقا چىقىرىپ تۆمۈر خەلپىنى تەبرىكلەيدۇ ۋە قائىدە بويىچە ''خەلىپە'' دەپ ئاتايدۇ .
تۆمۈر خەلىپە قىسىمنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ، بۇ پاجىئەنىڭ باشلىنىشى ئىدى . ئۇ چاغدا ئۈرۈمچىنىڭ شەرقى كىچىك دەرۋازىسى سىرتىدا بىر-بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدىغان ئىگىز گازارما بار ئىدى . بىرى ، شەرقى گازارما بولۇپ ، شور بۇلاققا ،يەنە بىرى غەربە گازارما بولۇپ ، دۇڭمىنغا يېقىن ئىدى .
    تۆمۈر خەلىپە قىسىمىنى شەرقى گازارمىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . غەربى گازارمىغا ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ سادىق ئادىمى بولغان ما فۇشىڭ (ماتىتەي) باتالىيونىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ .
    تۆمۈر خەلپە ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن ياڭ زېڭشىن ئەندىشە قىلىپ بىئارام بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇش غەرىزىدە تۆمۈر خەلىپىنىڭ تۇڭچىسىنى سېتىۋىلىپ ، تۆمۈر خەلىپىنى نازارەت قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، مافۇشىڭغا ھۇشيار تۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق بىرىدۇ . مافۇشىڭ 1913-يىلى 9-ئاينىڭ6-كۈنى روزى ھېيتنى تەبرىكلەشكە تەييارلىق كۆرۈش باھانىسى بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى غەربى گازارمىغا ئالداپ ئېلىپ كېلىدۇ ۋە قولغا ئالىدۇ . تۆمۈر خەلىپىنىڭ قوشۇنىنى ئۆز گازارمىسىدا قورالسىزلاندۇرىدۇ .، ئۇنى تۈرمىدە قىيىن-قىستاققا ئالىدۇ . خائىن ئىلگىرىكى سۆھبەتلىرىنى پاش قىلىدۇ ياڭ زېڭشىن قاقاقلاپ كۈلگىنىچە تۆمۈر خەلىپىگە : « گۇناھ مەندە ئەمەس ، مانا بۇ ئۆز ئادىمىڭىز ، مەن سىزنىڭ باتۇرلۇقىڭىز ۋە ئەقىل-پاراسىتىڭىزگە ئىشىنىمەن . سىزگە كەلگەن ئۆلۈمنى تەڭرى ئالدىدىمۇ مەندىن كۆرمىگەيسىز. ئۆلۈم ئالدىدا مەن سىزنىڭ قاتىلىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ ، سىز ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىپ بېرىمەن» دەيدۇ-دە، خائىن تۇڭچىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ .
خائىن نالە-پەريات قىلغاندا ، « ئۆز مىللىتىگە ۋاپا كەلمىگەن سەن ئىتتىن ماڭا ۋاپا كېلەتتىمۇ ؟...»دەيدۇ ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭغا .
مافۇشىڭ تۆمۈر خەلىپىنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ . ئەتىسى ئوردىغا تەكلىپ قىلىنغان ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىغا تۆمۈر خەلىپىگە ھەربى تۈزۈم بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ . پىشقەدەم يىڭجاڭ روزى ھاجى ياڭ زېڭشىنغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ . ياڭ زېڭشىن بۇ ئىشنى مافۇشىڭغا دۆڭگەپ قويىدۇ .
   خەلق ئاممىسى داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ،تۆمۈر خەلىپىنىڭ جەسىتىنى خاڭچىڭدىكى قەبرىستانلىقنىڭ ھازىرقى خاڭچىڭ مەسچىتىدىن 50 قەدەملەر ئىچكىرىدىكى بىر جايغا دەپنە قىلىدۇ .
    تۆمۈر خەلىپە ۋاپاتىدىن كىيىن ، ئۇنىڭ قولىدىكى 300 نەپەر جەڭچىنى قورالسىزلاندۇرۇپ قۇمۇلغا ئاپىرىپ قويىمىز ، دېگەن باھانە بىلەن ئېلىپ مېڭىپ گۇچۇڭدىكى چۈەنزىگەي دېگەن يەردىن ئۆتكەندە ، ئالدىن تەييارلاپ قويغان قىسىملىرى ئارقىلىق قىرغىن قىلىپ تۈگىتىدۇ .
    تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلۈپ 18 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلايدۇ ، قوزغىلاڭ يالقۇنى تېزلا پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلايدۇ . (شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر)

/thread-5538-1-1.html

UID
12313
يازما
86
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1736
تىزىملاتقان
2011-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 14:15:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ‹‹ئىز››ناملىق رومانى خەلقىمىزنىڭ  يېقىنقى زامان تارىخىنى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن  نادىر رومانلارنىڭ بىرى

UID
32424
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-3-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-8
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 17:34:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنى ئەسلەيمىز

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 19:32:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xaqaniye يوللىغان ۋاقتى  2012-3-18 19:05
ئاجايىپ گەپ بوپتۇ ھە بۇ. بەزى ۋاقىتلاردا شۇنداق بىر كۈ ...

توغرا دەيسىز ، سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ ، مېنىڭ ئىېسىمگە مەن ئىشلەۋاتقان شىركەتتىكى بىرسى سۆزلەپ بەرگەن ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالىدى . ئۇ شىركەتنىڭ باش دىرىكتورنىڭ ئىنىسى ئىدى ، يېڭىدىن بىلىم ئاشۇرۇپ كەلگەن ۋاقىتتا مەن بىلەن بىللە ئۆلچەش ئىشىلىرىنى قىلىدىغان ، بىر قېتىم دەم ئېلىپ ئولتۇرغاندا گەپتىن - گەپ چىقىپ ، ئۆزىنىڭ 1991-يىلى قەشقەر يېڭى شەھەر ھەربىي رايونىدا تۇرغانلىقىنى ، شۇ چاغدىكى مالىمانچىلىقتا ، ئۆزىنىڭ قانداق قورقۇپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن . ھازىر شىركەتنىڭ 3-قول باشلىقى بولۇپ قالدى ، مېنى كۆرسىلا ، سىلەر ئۇيغۇرلار بەك قارام ، سەن ئېغىر - بېسىق بول ، قاراملىق قىلما دەپ تولا نەسىھەت قىلىدۇ .

UID
18486
يازما
166
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
166
تىزىملاتقان
2011-12-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-10
توردا
58 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-18 22:16:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، تۆمۈر خەلىپە ، خوجىنىياز پالگان ئاتىلىرىمزنىڭ روھى بىز ئەۋلادلارنىڭ قېنىدا  ، ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن !

باھا سۆز

ArislanMemet  رەسىمنى كۆچۈرۇپ ساقلىۋالدىم .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 21:41:24
ArislanMemet  كۆركەم لايھەلىنىپتۇ .  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-22 21:40:45

UID
11394
يازما
114
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2094
تىزىملاتقان
2011-5-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
103 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 00:00:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمۇر خەلىپە ،غۇجى نىياز ھاجى ۋە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق بوۋىلىرىمىزنى مەڭگۇ ياد ئىتىمىز،ئامىن،دۇئالار شۇلارنىڭ رويىغا تەگسۇن.ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن.

UID
17644
يازما
154
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
154
تىزىملاتقان
2011-11-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
56 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-19 04:18:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ....... «تاپقۇسى بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز يا ئەۋرىمىز» . «ئەۋرىمىز»، سەن قاچان تۆرىلىسەن؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش