كۆرۈش: 4447|ئىنكاس: 25

ئىنسانلار ۋە ئىززەت-ھۆرمەت     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 23:12:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانلار ۋە ئىززەت-ھۆرمەت

تۇردى توختى

———جەمىيەتنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئوخشاش ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن،ھېچبولمىغاندا باشقىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇش ھۇقۇقىغا ئىگە.
—————— رونالد .م. دۋوركىن(ئامرىكا)

يۇقىرىقى نەقىلدىن شۇنداق بىر نوقتىنى چۈشىنىش تەس ئەمەسكى-دۇنياغا كۆز ئاچقان ھەر بىر ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا ياشاش ۋە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرشىش ھۇقۇقى بۇلۇدۇ.باشقىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ھۆرمىتىگە ئىرشىپ  ياشاش ۋە باشقىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرشىشتىن ئىبارەت ئادەتتىكى ئىنسان ئېتىياجى قاندۇرۇلمىسا،بۇنداق ئىنسانلار ،ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىن ئىبارەت بۇ رىياللىق قوينىدا خار ۋە بىئىتىبار بولۇپ،ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا ئادەم سۈپىتىدە ياشىۋاتقانلىغى ھىچقانداق بىر ئىنسساننىڭ دىققىتىنى تارتىيالمايدۇ.بۇنداق خار بولۇپ قالغان ئىنسانلارنى باشقا ئىنسانلار قۇل دەپ قاراپ،قۇللارغا قىلىدىغان مۇئامىلىلىرىنى قىلىشىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئۈزىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇش ھۇقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ،باشقىلارنىڭ ھەم ئۈزىنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرشىش ئۈچۈن ياشاش ۋە ھاياتلىق كۆچۈرۈش جەريانىدا جاپالارغا چىداپ،ئۆزنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن تىرشىش لازىم.
بۇ بىزنىڭ يۇقىردىكى نەقىل ھۈكۈمدىن ئىرىشكەنلىرىمىز بولۇپ،بۇنىڭدىنمۇ ئادەمنىڭ ئادەمدەك ياشاش ئىختىدارى بولمىسا ئۇنىڭ بۇ ئالەمدە شۇنداقلا ئۆلگەندىن كىيىنمۇ ھېچقانداق ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە قەدىر- قىممىتى بولمايدىغانلىغىنى،شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمدەك ياشا ئىستىگىدە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ، ئىززەت- ھۆرمىتى،قەدىر-قىممىتىنى ئۈزىنىڭ ساقلاشلىغىنىڭ نەقىدەر مۇھىملىغىنى،چۈنكى خۇداننىڭمۇ‹‹ئادەملەرنى خار-ئىزىز قىلىپ ياراتماي،يارتىشتا باراۋەر ياراتقانلىغى››نى،شۇڭا ياشاش جەريانىدىكى ئەجرىمىزنى تېخىمۇ كۆپەيتىشىمىزنىڭ لازاملىغىنى چۈشىنىۋېلىش تەس ئەمەس.
بىز ھۆرمەتلىنىش ئېتىياجىمىزنى قاندۇرۇپ،ھەقىقى ئىنسان سۈپىتىدە ياشىشىمىز كېرەك.بۇ ئىنساننىڭ روھى تەشنالىغى،بۇ ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا خۇشال ياشاپ،ئارمانسىز كىتىشتىكى سىياسى كاپالىتى،بۇ ئىنساننىڭ تىرشىپ ياشاش جەريانىدىكى يەتمەكچى بولغان ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى نىشانى،بۇ ئىنساننىڭ جىسمانى جەھەتتىن ئەركىن،روھى جەھەتتىن كۆتىرەڭگۈ بۇلۇشتىكى،ئەڭ مۇھىمى ئادەمدەك ياشىشىدىكى ماھىيەتلىك بەلگىسى!بۇ ئىنساننىڭ، ئىنسانلىق تەبىيىتىگە ئىگە بولۇشتىكى ئاساسى.
ئىنسان بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەن چوقۇم ئىنساندەك ياشىشى،ئىنسانلار بەھرىمەن بولىدىغان ماددىي-مەنىۋىي جەھەتتىكى ئىرشىشكە تېگىشلىك ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى نىممەتلەرگە ئىرشىپ،ئۈزىنىڭ ياشاش جەريانىدىكى ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ئېتىياجىنى قاندۇرۇپ ياشاش شارايىتىنى يارتىشى ۋە يارتىش ئۈچۈن تىرشىشى لازىم.مۇشۇنداق ياشاش رىئاللىقنى يارىتالىغان ئىنسانلار، ئادەمدەك ياشاش ھۇقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ.باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئادىمىيلىك قەدىر-قىممىتى ۋە ئىززەت ھۆرمىتى بولىدۇ.چۈنكى ئىنسان – پىكىر قىلالايدىغانلىغى،غۇرۇرغا،ھۆرمەتلىنىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولغانلىغى ئۈچۈنمۇ ھايۋانلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان،ئىززەت-ھۆرمىتى بىلەن ياشاشقا ئېتىياجلىق بولغان مەخلۇقتۇر.
ئادەم تۇغۇلۇشتىنلا باراۋەر تۇغۇلۇشتەك بەخىتكە ئىرشكەندىن باشقا ،ياشاش جەريانىدا ئۇبىكتىپ ۋە سۇبىكتىپ سەۋەبلەرنىڭ تەسىرى بىلەن قاياتا ئۇنداق باراۋەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بۇلالمايدۇ.باراۋەر ياشاشتىن ئىبارەت بۇ باراۋەرلىك تۇيغۇسىنى-ئادەملەر، ئادەملەر مەڭگۈ ھاياتلىققا(ئۆلۈم ھەقىقىتىگە) يۈزلەنگەن چاغدا، يەنا بىر قېتىم ھېس قىلىشىپ،ئۆلۈمنىڭ ھەممىگە ئورتاق بولغان بۇيۈكلىكىنى تۇنۇپ يىتىشىدۇ.
باراۋەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۇبىكتىپ ئامىللار دىگەندە- ئىنسانلارنىڭ ياشاش شارايىتى ۋە ئۇنىڭغا سىرتقى كۈچتىن بولىدىغان شارايىتلارغا قارتىلغان بولۇپ،بۇنداق  شارايىتقا ئىگە بولغان كىشىلەرنىڭ ماددىي نىممەتلەرگە ئىرشىش،بەلگۈلۈك ئورۇنغا ئىگە بولۇش،بەلگۈلۈك سالايەتكە ئىرشىش،ماددىي ۋە سىياسى جەھەتتىن بىر قەدەر ئىتىراپ قىلىشلارغا ئىرشىش دەرجىسى يۇقىرى بولىدۇ.سۇبىكتىپ شارايىتلار بولسا ئىنساننىڭ ئۈزىدىكى(ئىنساننىڭ پىزىلوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق) ئىمكانىيەتنىڭ ئاشكارلىنىش دەرجىسىگە قارتىلغان بولۇپ،بۇ ئىنسانلارنىڭ تەپەككۈرى ئارقىلىق قىممەت يارتىش جەريانى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.بۇنداق كىشىلەرنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئورنى يۇقىرى بولۇش بىلەن بىرگە،بۇ كىشىلەر ئىنسان قەلبىدە ئەبىدىي ساقلىنىدۇ.چۈنكى بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئۈزىنىڭ قەدىر-قىممەت،ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئۈزى تاپقان كىشىلەردۇر.
قانداق قىلغاندا ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قەدىرلەپ،ئۆزىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇش ھۇقۇقىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ؟
بۇ مەسىلىنى تۈۋەندىكى ئۈچ نۇقتا بۇيۇچە چۈشەندۈرۈشكە مىنىڭچە تامامەن بولىدۇ.يەنى-ئىنساننىڭ ئۆزىنى-ئۆزى ھۆرمەتلىشى،ئىنساننىڭ باشقا قېرىداشلىرىنى(كىشىلەرنى) ھۆرمەتلىشى ۋە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندا غۇرۇرىنى يوقاتماسلىقى قاتارلىقلار.ئىنسانلارنىڭ بۇ ئۈچ تەرەپتىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئىنسانلارنىڭ ياشاش ھۇقۇقىى ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ھۆرمەتكە ئىرشىش ھۇقۇقىنى كالالەتكە ئىگە قىلالايدۇ.
1.ئۈزىنى ھۆرمەتلەش
ئىنسانلاردا ئۈزىنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىنىڭ بۇلۇشى ياكى بولماسلىغى ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى،ئىززەت-ھۆرمىتىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بۇلۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ياشاش جەريانىدا ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ھۆرمەتكە ئىرشىشنىڭ يادۇرىسى بولغان مەسىلە. ئىنسانلار شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۈزىنى ھۆرمەت قىلىشنى بىلىشى لازىم.
ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىش تۈۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
1) ئۆزىنى ھۆرمەت قىلىش شەخسىنىڭ ئەخلاقى پەزىلىتىدە نوقتىلىق ئىپادىلىنىدۇ.ئادەملەر چوقۇم جەمئىيەت ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلىپ،ئۈزىنىڭ پەزىلەتلىرى ئارقىلىق باشقىلارنى قايىل قىلالىسا، ئۇنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى ھۆرمىتى،قەدىر-قىممىتى ۋە ئىززىتى  شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.جەمىيەتنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن باھاسىمۇ ياخشى بولىدۇ.ئىرىشىشكە تىگىشىلىك ماددىي ۋە مەنىۋى نىممەتلەرگە ئىرشىش دەرجىسى يۇقىرى بولىدۇ.بۇ باشقىلارغا كۇيۈنۈش،غەمخورۇق قىلىش جەھەتلەردىمۇ ئىپادىلىنىدۇ.
2) قابۇليەتلىك بولۇپ،ئۈزىنىڭ يۈزى كەتىدىغان ئىشلاردىن چوقۇم ساقلىنىش. باشقىلار ئالدىدا ئۈزىنىڭ قابۇليىتىنى كۆز-كۆز قىلىپ،باشقىلارنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قۇيۇشتىن قەتتىئى ساقلىنىش،چامىسىنىڭ يىتىشىچە قابۇليىتىنى ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئىشلىتىش كېرەك.بۇنداق بولغاندىمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى ئوبىرازىنى ساقلاپ،باشقىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئىرشەلەيدۇ،ھەم ئۈزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلىيالايدۇ.بۇنداق ئادەملەر ھەم ئۈزىنى،ھەم ئۆزگىنى سۈيۈشتەك ئېسىل خىسلەتكە ئىگە بۇلۇدۇ.
3)قايدىلىك بولۇش كېرەك.قايدىلىك كىشىلەر جەمىيەتنىڭ تۈرلۈك قايدىلىرگە ئەمەل قىلىش بىلەن بىرگە يانا قانۇنى قايدىلەرگىمۇ ئاڭلىق رىئايە قىلىپ،ئۈزىنىڭ جەمئىيەت ئالدىدىكى بۇرۇچىنى  ئادا قىلالايدۇ،ئۈزىنىڭ جەمىيەتتىكى ئىززەت ھۆرمىتىنىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ.بۇنىڭ ئەكسىچە بولسا جەمىيەتنىڭ نەزىرىدىن چۈشۇپ،قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.بۇنداق رىياللىق شۇ كىشىنىڭ جەمئىيەت ئالدىدىكى ئوبىرازىنى چۈشۇرۋېتىپلا قالماي،يەنە ئۇ كىشىنىڭ جەمىيەتتىن ئىرشىدىغان باھاسىنىڭ دەرجىسىنىمۇ چۈشىرۋاتىدۇ.ئەمىليەتتە بۇ ئۈزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئۈزى قىلمىغانلىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.ئۈزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئۈزى قىلمىغان كىشىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى يانا كىممۇ قىلار؟
4)كەڭ دائىرىدە بىلىم ئىگەنلەپ،باشقىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرشىش.بىلىم ئىگىلەش دەرىجىسى كەڭرى بولسا،مەسىلىلەرگە توغرا،يۇلىدا جاۋاب بىرىپ،باشقىلارغا يول كۆرسۈتۈپ، باشقىلارنىڭ باش ئاغرىغىنى يەڭگىللىتىشكە ياردەم بېرەلەيدۇ.  بۇ ئارقىلىقمۇ باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشكىلى بولىدۇ.باشقىلارغا ئەقىل كۈرسۈتۈپ،ئۇلارنىڭ مۇرەككەپ ئىشىنى ئادىلاشتۈرۈپ ھەل قىلىپ بىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.بۇنداق قابۇليەتكە ئىگە كىشىلەرنىڭ خەلق ئىچىدىكى ئىناۋىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئۈگەنگەن بىلىملىرىنى جايىغا،پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتىشمۇ كىشىلەرنىڭ ئۈزىنى قەدىرلەش ئېڭىنىڭ يۇقىرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
5)ساغلام پىسخىكىغا ئىگە بولۇش.دۇنيادا مۇككەممەل ئادەم بولمايدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ پىسخىكىسىدا خىلمۇ-خىل نوقسانلار ساقلانغان بۇلۇدۇ.ئۈزىنى ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلەر ئۆزىدىكى  پىسخىكىلىق نوقسانلارنى سەگەكلىك بىلەن تۇنۇپ يىتىپ،پىسخىكىسىنى ساغلام پىسخىكىلىق ھالەتكە يىتەكلەش ئۈچۈن تىرشىشدۇ.بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىش،باشقىلارغا بىھۆدە ئازار بەرمەسلىك،ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى بەكرەك ئويلاش،باشقىلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش مەقسىتىگە يىتىپ،كىشىلەر ئۈزىنى ھۆرمەتلەشنى ئەمىليەتتە ئىپادىلىيەلەيدۇ.بۇنىڭ ئەكسىچە ناچار خارەكتىرىنى چىقىش قىلىپ،باشقىلار خالىسۇن-خالىمىسۇن،ئۆزى بىلگەن ئىشلانىلا قىلىپ يۈرسە بۇنداق كىشىدىن ئەدەملەر بىزار بولىدۇ.بۇنداق پەلىپەتىش ئادەملەردە ئۈزىنى ھۆرمەتلەش تۇيغىسىمۇ بولمايدۇ.
6)جەمئىيەت چۈشەنچىسى چۇڭقۇر بولۇش.ئادەملەر ئىجدىمائى جەمىيەتتە ياشايدۇ.ئۇلار جەمىيەتتە ياشىغان ئىكەن جەمىيەتتىكى مۇناسىۋەتلەرگە بولغان تۇنۇشى چۇڭقۇر بۇلىشى لازىم.جەمىيەت چۈشەنچىسى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ ھەق-ناھەق تۇيغىسىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.ئۇلار قانداق ئىشلارنىڭ ئۈزىگە ۋە جەمىيەتكە پايدىلىق ئىشلار ئىكەنلىكىنى ،قانداق ئىشلارنىڭ ئۆزىگە ۋە جەمىيەتكە زىيانلىق ئىش ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ،خەلقنىڭ مەنپەتنى ئويلاپ،خەلىققە زىيانلىق ئىشلارغا قەتتئى پۇزۇتسىيەسىنى بىلدۈرۈپ،ئۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشىگە يول قويمايدۇ.ۋىجدانى بىلەن ياشاشيدۇ.خەلقنى سۆيگەنلىك ماھىيەتتە ئۈزىنى سۆيگەنلىكتۇر.
7)نومۇس تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇش.ئىنسانلار نومۇس تۇيغۇسىغا ئىگە بولسا ئۇلاردا تېبىئىلا گۈزەللىك تۇيغۇسىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.نۇمۇس تۇيغۇسىغا ئىگە كىشىلەر مەيلى كىشىلەر ئارىسىدىكى گۈزەللىككە بولسۇن،مەيلى تەبىئەت گۈزەللىكىگە بولسۇن بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.ئۇنى يارتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ،ئۇنى سۆيىدۇ،ئۈنىڭدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.
نومۇس تۇيغۇسىغا ئىگە كىشىلەر باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ قويغاندا،ئۈزىنىڭ سەۋەنلىكىدىن كۆچۈرۈم سوراش بىلەن بىرگە ئۈزىنى ئەيىپلەيدۇ،قىلغان ئىشىدىن ساۋاق ئېلىپ،ئۆزىنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.نۇمۇسىز كىشىلەردە بولسا ئۈزىنى سويۇش،ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى بولمايدۇ.
2.باشقىلارنى ھۆرمەتلەش
ئۈزىنى ھۆرمەتلىگەن كىشىلەر يانا باشقىلارنىمۇ ھۆرمەتلەشكە ماھىر كېلىدۇ.باشقىلاردىن  ئىززەت-ھۆرمەت كۈتكەندە باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنىڭ ئىنتايىن تەخىرسىزلىگىنى چۈشىنىپ يېتىدۇ.باشقىلارنى ھۆرمەتلىمىگەن كىشىلەر ،باشقىلاردىن ھۆرمەت كۈتۈش سالاھيىتىگىمۇ ئىرشەلمەيدۇ.
باشقىلارنى ھۆرمەتلەش تۈۋەندىكى تەرەپلەردە نوقتىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
1)مەسىلىلەرنى قارشى تەرەپنىڭ نوقتىسىدا تۇرۇپ ئويلايدۇ.مەسىلىلەرنى باشقىلار تەرەپتە تۇرۇپ ئويلاش باشقىلارنىڭ ئىش-پالىيەتلىرىگە قولايلىق ئېلىپ كېلىپ،باشقىلارنىڭ كۆڭلىدە ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ.باشقىلار ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ.ئۈنى ھۆرمەتلەيدۇ.
باشقىلارنىڭ مەيدانىدۇ تۇرۇپ پىكىر بايان قىلىش بىر ئىنسانى پەزىلەت بولۇپ،بۇنداق قىلغاندا باشقىلار كۆزلىگەن نەتىجىگە ئىرشەلەيدۇ.بىراق مەسىلىنى قارشى تەرەپتە تۇرۇپ ئويلاش شۇ كىشى ئۈچۈن بەزى قۇربان بىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇنداق پەزىلەتلىك كىشىلەر بەرگەن قۇربانلىغىدىن چەكسىز خۇشاللىققا ئىرشىدۇ.بۇ خۇشاللىق ئاستا-ئاستا شۇ كىشىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتىنى نامايەن قىلىدۇ.
2)باشقىلارنىڭ ھالىغا يىتىش.نۇرغۇن ئادەملەر تۇرمۇشتا خۇشاللىققا ئىرشەلمەي نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا باشقىلارنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىغا ئىگە كىشىلەر ئۇلارغا باش پانا بولۇپ،ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىپ،ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ھالەتكە چۈشۇپ قالغانلىغىنى،مەسىلىنىڭ نەدىن كېلىپ چىققانلىغىنى ئۇلار بىلەن بىرلىكەت ئويلاپ،ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئازاپتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ كىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.بۇنداق ئەمىليەتنىڭ تەكرار داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ،ئۇلانىڭ باشقىلار ئالدىدىكى ئوبىرازى تېخىمۇ نۇرلىنىدۇ.
3)باشقىلارنى كەمسىتمەسىلىك.بىز باشقىلارنى ھۆرمەتلەيمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم باشقىلار بىلەن بولغان باراۋەر ھالەتنى ساقلاش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.بۇنداق بولغاندا باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىدىگە ئوڭۇشلۇق يەتەلەيمىز.باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى تەسىرىمىز ياخشى بولىدۇ.
ئۈزىنى چوڭ تۇتۇپ،باشقىلارنى كۆزگە ئىلماسلىق،باشقىلارنى كەمسىتىش بولسا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان شۆۋھەتپەرەسلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.بۇنداق كىشىلەرنىڭ باشقىلار ئالدىدا قالدۇردىغان تەسىرى بەكمۇ ناچار بۇلۇدۇ.باشقىلار ئۇنىڭ ئالدىدا بىر نەرسە دىمىسىمۇ،ئۇنىڭغا كۆڭلىدە باھا بىرىپ،ئۇنىڭ قۇرۇق سۆلەت كىشى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بولىدۇ.
قۇرۇق سولەت كىشىلەر ئۈزىنىڭ ھاكاۋۇرلىغى تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئىرشەلمەيدۇ.باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ قىلچىلىكمۇ ئىززەت-ھۆرمىتى بولماۇدۇ.بۇنداق كىشىلەرنى كىشىلەر ئەسلا كۆزگە ئىلمايدۇ،بۇ نوقتىنى ئۇلار(قۇرۇق سولەت كىشىلەر)مەڭگۈ چۈشەنمەيدۇ.بۇ مەسىلىدىن شۇنى چۇشىنىش تەس ئەمەسكى بىز باشقىلارنى كەمسىتىشنى نومۇس دەپ بىلىپ،باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىنى ئۈزلۈكسىز قىلىش،ئۇلارنىمۇ ئۆزىمىز بىلەن ئوخشاش ئادەم دەپ ياشىشىمىز لازىم.
4)باشقىلارنىڭ سىرنى ئاشكارلىماسلىق. ئادەملەرنىڭ باشقىلارغا بىلدۈرىشىنى خالىمايدىغان،سىزنى ئۆز كۈرۈپ،سىزگە ئېيتىقان سىرلىرى بولىدۇ.بۇنداق دوستلۇق،ئىشەنچە ئاساسىدا پەيدا بولغان - سىزنى ئۆز كۈرۈش تۇيغۇسىنى،باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى سىز بىتجىت قىلىۋېتىشتىن قىتتىئى ساقلىنىشىڭىز،ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە شۇ كىشىنى يىتەكلەپ،تەڭقىسلىقتىن قۇتۇلۇپ كىتىشكە ياردەم بىرىشىڭىز كېرەك.شۇنداق قىلالىسىڭىز سىز دوستىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسى،ئىززەت-ھۆرمىتىنى ھەسسىلەپ يۇقىرى كۈتىرەلەيسىز.
ئەگەر باشقىلارنىڭ بۇ مەخپىيەتلىكىنى سىز بىلىۋېلىپلا باشقىلارغا داۋراڭ قىلىپ،خەلق ئالەمگە بىلدۈرۋاتسىڭىز،سىزنىڭ سىرى ئاشكەرلىغان كىشى ئالدىدىكى ئابرۇيىغىز نۆلەگە تەڭ بولىدۇ.باشقىلارمۇ سىزگە ئىشەنمەيدۇ،سىزدىن نەپرەتلىنىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نوقتىغىمۇ ئەھمىيەت بىرىپ،كىشىلەر ئالدىدىكى  ئوبىرازىمىزنى ساقلاشقا تىرشىشىمىز لازىم.
5)باشقىلارنىڭ قىيىچىلىغىنى يىڭىشكە ياردەم بىرىش.بۇ نوقتىمۇ ئىنتايىن مۇيىم نۇقتا بولۇپ،سىزنىڭ يەردىمىڭىز بىلەن مۇھتاجلىقتىن قۇتۇلغان كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئوبىرازىڭىز باشقىچا تىكلىنىدۇ.ئۇلاردا سىزگە نىسپەتەن ئىشىنىش تۇيغۇسى يىتىلىدۇ،مۇشۇنداق ياخشى ئىشلارنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ ئادەمنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمۇ كىشىلەر ئالدىدا نامايەن بولىدۇ.
3.ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندا ئادىمىيلىكىنى يوقاتماسلىق
جەمئىيەت مۇرەككەپ،خىلمۇ-خىل ئۇقۇشماسلىقلار ۋە باشقىلاغا ئۇۋال قىلىپ قويۇش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بىرىپ قېلىشى تامامەن مۇمكىن.بەزى ئەھۋاللار سىز باشقىلارنىڭ قەستەن قىلغان سۇيۇقەستىدىن ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ،جەمئىيەت تەرىپىندىن قوبۇل قىلىنماي قالىسىز،كىشىلەرنىڭ غەرەزلىك قىلغان بۇ سۈيىقەستىنى باشقىلارغا چۈشەندۇرۇپ بىرىش سىزنىڭ قولىڭىزدىن كەلمەيدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا ئادەم ئىنتايىن ئازاپلىنىدۇ،يالغۇزچىلىق تارتىيدۇ،باشقىلارنىڭ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۈزىمىزنى يۇقۇتۇپ قويماي،مەسىلىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىئى ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىنىشىمىز كېرەك.ھەرگىزمۇ ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى دەپ،ئۆزىمىزنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتىمىزگە نوقسان يەتكۈزۈپ قويساق بولمايدۇ.بۇنداق چاغدا تېخىمۇ سەگەك بولۇپ،ئۆزىمىزنى قوغداش ئېڭىمىزنى ئۆستۈرۈپ،ناھەقچىلىق بىلەن كۈرۈش قىلىشىمىز لازىم.
تۈۋەندىكى ئەھۋال ئاستىدا قەتتى مۇرەسسە قىلماي،كىشلىك ئىززەت ھۆرمىتىمىزنى ئۆزىمىز قوغدىشىمىز لازىم.
1)شەخسىيىتىنى قەتتىئى قوغداش.شەخسىيەت شۇ كىشىنىڭ ئۈزىگە تەۋە بولغان ئىنسانى ھۇقۇقلارنىڭ بىرسى بولۇپ،باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىمىزگە چېقىلىپ،بىزنى ھاقارەتلىشىگە قەتتىئى يول قويماسلىقمىز لازىم.دۇنيادا شۇنداق نۇمۇسسىز ئادەملەرمۇ باركى ئۈزىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن باشقىلارنى قۇربان قىلىپ،باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىدىغان.بۇ خىلدىكى پاسسىق كىشىلەر بىلەن تىغمۇ-تىغ ئېلىشىپ،ئۆزىمىزنىڭ كىشىلەر ئالدىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنى،ئادىمىلىك پەزىلىتىمىزنى ساقلاش،قوغداش ئارقىلىق ھەقنى ئىسپاتلاپ چىقىشىمىز كېرەك.ئەگەر ئازراق قىيىنچىلىقنى دەپ ئادىمىيلىك پەزىلىتىمىزنى دەپسەندە قىلىپ،ئەل بولساق بىزنىڭ ئادىمىيلىكىمىز كىشىلەر تەرپىندىن مەڭگۈ ئىتىراپقا ئىرشەلمەيدۇ.
2)جىسمانى ئەركىنلىكىمىزگە دەخلى-تەررۇز قىلغاندا.جىسمانى ھەركىنلىك ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك ھۇقۇقلىرىنى يۈرگىزىشتىكى كاپالەت،ئادەم جىسمانىي جەھەتتىن ئەركىن بولالمىسا ئادىميلىكتىن ئىبارەت پەزىلىتىنى يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت مۇشۇ ئەقەللى ھۇقۇقنىمۇ خالىغانچە يۈرگىزەلمەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئىنسان ئۈزىنىڭ جىسمانى جەھەتتىن ئەركىن بولۇپ،ساغلام ياشاش ھۇقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.
بەزى ئەھۋالدا ئادەمنىڭ جىسمانىيىتى قانۇنسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ.مۇشۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم بىز ئاۋانگارتلىق بىلەن ئۆزىمىزنىڭ  جىسمانى ھۇقۇقىمىزنى قوغداپ،زىيانكەشلىك قىلغۇچىغا جامائەت پىكىر ۋە قانۇندىن پايدىلىنىپ قاتتىق زەربە بىرىشىمىز لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن بىزدە ئۆزىمىزنى قوغداش ئېڭى كۈچلۈك بولىشى كېرەك.مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا باشقىلارنى خالىغانچە بوزەك قىلىشىغا يول قۇيۇپ،بىچارىلەرچە ياشاش ئادەمنىڭ كىشىلەر ئالدىدىكى ئوبىرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۋاتىدۇ.
3)ئۇۋالچىلققا قالغاندا.باشقىلارنىڭ قارا چاپلىشى بىلەن جەمىيەتتىكى ئوبىرازىمىز دەىلى-تەررۇزغا ئۇچرىغاندا ،ئۆزىمىزنىڭ قانۇنى ھۇقۇقىنى،شان-شۆھرىتىمىزنى قوغاداش ئۈچۈن بوشاشماي تىرشىشىمىز لازىم.بۇ ئىنساننىڭ ھاياتلىغىدىكى ھەق-ناھەق مەسىلىسى بولۇپ،بۇنىڭغا سۈكىت قىلىش ئۆزىمىزنىڭ ئادىمىيلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلمىغىنىمىز بىلەن ئوخشاش بىر جەريان،ناھاقچىلىققا يول قويۇش،جەمىيەتتىكى خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ پەيدا بۇلىشىغا يول قويغانلىق.جەمىيەت خاتا چۈشەنسە ،جەمىيەتنىڭ بىزگە بولغان باھاسىنى خۇنۇكلەشتۈرۋاتىدۇ-دە ،بىزنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتىمىزگە ئېغىر نوقسانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئىنسانىيەتكە يات قىلمىشلار بىلەن كۈرەش قىلىپ،ئۆزىمىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى چوقۇم قوغدىشىمىز لازىم.
4)باشقىلارنى مەنپەتى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندىمۇ ،كۆكرەك كىرىپ ئوترىغا چىقىپ،ھەقنى سۆزلەپ،باشقىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بىرىش.باشقىلارنىڭ ئىنسانى ھۇقۇقى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا قاراپ تۇرۇپ،كۆرمەسكە سېلىش،ياكى يالغان گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش قاتارلىقلار، ئادەمنىڭ  ئادىمىيلىك پەزىلىتىگە خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ،بۇ ھال كىشىلەرنىڭ بىزنى ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسىنى يوق قىلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئالدىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتىمىزمۇ سۇسلىشىدۇ.كىشىلەر بىزنى ئادەم قاتارىدىمۇ كۆرمەيدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قىلمىشلار بىلەن مۇرەسەسىز كۈرۈەش قىلىپ،كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى،مۇئەييەنلەشتۈرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرشىشىمىز لازىم.
@@@                             @@@                          @@@
يىغىنچاقلىغاندا ئىنسانلارنىڭ ياشاش جەريانىدىكى ئەمىليىتى باشقىلارنىڭ باھاسىنى رۇياپقا چىقىرىدۇ.بۇنداق ئەمىليەتكە قاراپ ئىنسانلار بىرى-بىرىگە باھالارنى بېرىدۇ.بۇ باھالار ئىنسانلار ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئادىل ھۆكۈم بولۇپ،ياكى مۇئەييەنلەشتۇرۇش،ياكى ئىنكار قىلىش پۇزۇتسىيەسىدە بولىدۇ.
باشقىلارنىڭ باھاسى ئاساسن-سەمىمى ياكى ھىلگەر،ئاق كۆڭۈل ياكى رەزىل،دۇرۇس ياكى ئىپلاس،قابىل-ياكى دۆت،چىن ياكى ساختا،ۋىجدانلىق ياكى ۋىجدانسىز،نۇمۇسلۇق ياكى نۇمۇسسىز…دىگەندەك سۈپەتلەر بىلەن خارەكتىرلىنىدۇ.
بىز ئۆزىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى ئۆزىمىز قىلىپ،باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى خۇشاللىق بىلىپ،شەخسىيىتىمىزنى قوغداپ،رەزىللىك بىلەن كۈرۈشى قىلىشتەك پەزىلەتلەرنى ئۆزىمىزدە مۇجەسسەملەشتۈرسەك،تەبىئىكى بىز ئىنسانلار ئىرشىشكە تىگىشىلىك بولغان ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ئىززەت-ھۆرمەتتىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىرگە،باشقىلارغىمۇ شۇنداق ئىززەت-ھۆرمەتنى ئاتا قىلالايمىز.



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-16 00:57):
(ئۆز يازمام)

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 02:10:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       تۇردى توختى ئەپەندىمگە كۆپ رەھمەت ، نورۇزلۇق شۇنداق ياخشى تېمىنى يېزىپسىز .

       بۇ تېمىنى تولۇق ئوقۇپ ، مۇلاھىزە قىلدىم ، بۇ تېما ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى چاقچاق تەرىقىسدە بايان قىلىپ ئۆتەي : مۇنبەردىكى تادۇ ئەپەندىم كېلىپ ئىخچاملاپ ، تەھلىل قىلىپ ئىنكاس يازسا ، جەزمەن ياخشى ئىنكاس بولىدۇ . بۇ تېما ئارقىلىق ئۇيغۇرزادە نىڭ نىمە ئۈچۈن مۇتلەق كۆپ قىسىم تورداشلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدىكەن . ئەنۋەر - جۇلانىڭ بۇ تېمىغا بولغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ باققۇم بار .

ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت . ساقلىۋالدىم ، بىر قوللاش كەتتى.

UID
32607
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-3-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-21
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 11:41:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تېما بوپتۇ.   قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا...
      كىشى ئۆزقەدرىنى ئۆزى تىكلەيدۇ،ئۆزىنى قەدىرلىمىگەننى باشقىلار قەدىرلىمەيدۇ!!!

تىرىشچان ئەزا

ئوۋچىنىڭ ئوقياس

UID
5704
يازما
11
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
401
تىزىملاتقان
2010-9-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 13:10:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللىرىڭىزغا  دەت  كەلمىسۇن،ياخشى  تىما بوپتۇ .تىنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن .

كۆيۈمچان ئەزا

ئى ئاللا بىزنى ت

UID
2656
يازما
125
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
4325
تىزىملاتقان
2010-6-7
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
18 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 13:11:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تەپسىلى تىخى كۆرمىدىم.ئەمما تىتىملىق تىمىدەك قىلىدۇ.ھازىر ئىنكاس بىلەن ساقلىۋالاي

UID
22218
يازما
90
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2012-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 13:43:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يېزىپسىز قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن ماڭا بەك ياردى

UID
22356
يازما
140
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-19
توردا
147 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 14:57:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر - جۇلانىڭ بۇ تېمىغا بولغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ باققۇم بار .

ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت . ساقلىۋالدىم ، بىر قوللاش كەتتى.
____________________
رەھمەت. خەلق قۇرۇلتىيى ژورنىلىغا ئەۋەتسە چىققۇدەك ماقالە بوپتۇ. ئاتىكاچىلىق قىپتۇ، دەپ قالماڭ، بۇ ماقالىنىڭ بېشىدىكى بىر ئابزاسنى ئازراق ئوقۇپلا ئوقىغۇم كەلمىدى. شۇنداقتىمۇ غالتەكتە تېيىلغاندەك بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم.
ئىنساندىكى بەش ئېھتىياجنىڭ بىرسى بولغان «قەدىرلىنىش ئېھتىياجى»نى يېزىپتۇ، دەپ قارىدىم. بۇ خىلدىكى ماقالىلەر ئىلگىرى قۇمدەك يېزىلىپ ۋاشاڭ قىلىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتور يىغىن دوكلاتىدىدەك ناھىيىتى زېرىكىشلىك يېزىپتۇ. ئاپتورنىڭ قەلەمگە بولغان قىزغىنلىقى يۇقۇرىكەن. ئەتراپىغا چوڭقۇر نەزەر تاشلاپ، يېڭى، جەلپكار نۇقتىلاردىن قەلەم تەۋرىتىپ باقسا دېگەن ئۈمىدتىمەن. يەنە بىر رەھمەت...

باھا سۆز

ArislanMemet  ھا، ھا ،ھا  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 18:20:57

UID
6825
يازما
501
تېما
34
نادىر
0
جۇغلانما
11762
تىزىملاتقان
2010-10-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 15:56:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر جۇلا
ياخشىمۇ سىز؟
مەن سىزنىڭ ئەتراپنى،شەيئىلەرنى گۈزىتىش ئىختىدارىنىڭزنىڭ چۇڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.لىكىن قايسى نوقتىن گۈزىتىدىغانلىقىڭىزنى چۈشەنمەيمەن.بۇ تىما سىزگە شۇئارۋازلىق قىلغاندەك تۇيغۇ بىرىپ قويغان ئوخشايدۇ.مىنىڭ گۈزۈتىشىمچە بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ئۈزىنى -ئۈزى خارلىۋاتقان،ئۈزىنىڭ ھۇقۇق مەنپەتنى قوغدىيالمايۋاتقان،باشقىلارنى كۆرەلمەي،باشقىلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقا كىشىلىرىمىز قەدەمدە بىر.بۇ نوقتىنى دىمىسەممۇ سىز مەندىن ياخشى بىلىسىز.مۇشۇ كىشىلەرگە نىسپەتەن كۆڭۈل بۈلۈش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇريىتى دەپ قارىدىم.
مىنىڭچە ئىنسان ئۈستىدە دىيىلگەن مۇلاھىزە(بۇ يازمام مۇلاھىزە دەرجىسىگە توشمىسىمۇ) مەڭگۈ كونا بولمايدۇ.چۈنكى بۇ دۇنيا ئىنسانلارنىڭ دۇنياسى،شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار ئۈزى ئۈستىدە ئويلىنىدۇ.ئۈزى ئۈستىدە سۆزلەيدۇ،ھەرقانداق شەيئى ئۈستىدە توختالغاندا ئىنسان ئۈزىنىڭ مەنپەتىنى يەنى ئىنساننىڭ مەنپەتىنى چىقىش قىلىدۇ.
سىزدەك بىر نام چىقارغان شەخسىنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىدىن ھەيران قالدىم.بۇ يازمىنى ئازاب ئىچىدە،غالتەكتە سىرلگەندەك ئۇقۇپ چىقىشىڭىزنىڭ ھاجىتىمۇ يوق ئىدى.
شەيئىلەرنى گۈزۈتۈش،يارقىن نوقتىلارنى ئىزدەش توغرىسىدىكى پىكىرىڭىزنى چۇقۇم ئويلىشىپ كۆرىمەن.
سىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن!

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
11199
يازما
292
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
6652
تىزىملاتقان
2011-5-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 16:18:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇردى توختى مۇ ئەللىم يازمىلىرى كۆپ قىسمنى ئۆز ئىڭى ئۆز تەپەككۇرغا تاينىپ يازىدۇ. خاراكتىر جەھەتتىن بىلىش تىپىگە يىقىنراق چوڭقۇر ھالەتتە پىكىر يۇرگىزىدۇ. مەن ئۇزىنىڭ ئەقلىنى تۇتقا قىلغانلىقىنى بەك ياقتۇرىمەن.

ئىززەت ھۆرمەت توغرىسىدا ئىزدىنىش بۇ خىلى يىڭى گەپكەن. ماڭىمۇ ئىززەت ھۆرمەت توغرىسىدا سۆزلە دىسە ھەرقانچە سۆزلىسەم ئىككى قۇر سۆزلىيەلەيمەن. كەڭرى ھەم چوڭقۇر بۇلۇپتۇ.

UID
32813
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-27
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 16:36:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىزگە پايدىلىق تېمىكەنغۇ . ئاپتۇرغا رەھمەت .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش