مۆمىنجان ئابلىكىمگە چاقچاق
‹‹گۈلئايىم››دەپ توۋلايسىز،
‹‹مۇھەببەت ››دەپ ھارمايسىز.
رىشتە باغلاپ ‹‹مەلىكەم››گە،
‹‹دىۋانە بولۇپ ›› تالمايسىز.
‹‹ۋىسال ئىشقى››دەپ زارلايسىز،
‹‹سۆيگۈنۈم ››دەپ يىغلايسىز.
‹‹دەرت››لەرنى تۆكىۋېرىپ ،
ئەمدى‹‹ ئىمكان يوق››دەيسىز.
يۈرىكىڭىز ‹‹مۇزلىغان يۈرەك››
دىلبىرىڭىز تېخى ‹‹بىخەۋەر ››
نىگارىڭىز ۋاي بەك ‹‹چىرايلىق››،
مۇڭلىرىڭىز يۈرەك تىترىتەر.
‹‹بىر كۆرۈپ ››ئاشىق بولۇپ،
‹‹ھىجران ››پەيتىدە يىغلايسىز .
‹‹سېغىنىمەن ››دەپ قويۇپ ،
‹‹قەلەم قاش››قا تويمايسىز.
‹‹مەكتۇپ يېزىپ›› ئانىڭىزغا،
‹‹ئايچىھرە››نى كۈيلەيسىز.
‹‹گەپ بولۇپتۇ ››مەھەللىدە ،
‹‹مەلىكەم››نى ئالمامسىز .
‹‹بۇ دۇنيادىن كەتمىگەن كىم بار››
‹‹پات يېقىندا بارىمەن››دەيسىز.
‹‹ئەلەملىك دۇنيا ››دىن رەنجىپ،
‹‹يارنىڭ گۈلى باشقىچە ››دەيسىز .
باشقا مۇنبەرلەرگە يۆتكىمەڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-13 17:00