تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىگىسى: uyghurzade

ئاۋانگارتلىق گۇمراھلىقمۇ: شائىر ئە. ئوسمانغا تەنقىد     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
14498
يازما
86
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
776
تىزىملاتقان
2011-8-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-1
توردا
117 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما بەك مۇرەككەپلىشىپ كەتتى.
گۈلەنمۇ چەتكە قېقىلدى،يازغان شېئىرىغا قارىتا بىر ئېغىز جاۋابمۇ يوق.
بۇ تېمىغا مۇمكىن بولسا،مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىم، زاھىر داموللا ھاجىم،ئابدۇقادىر جالالىدىنلار بىر پىكىر بەرمىسە بولمايدىغان يەرگە يەتتى.بولمىسا،ھەممىمىزنىڭ قارشى پىكىردىكىلەر شاللىنىپ،رەددىيەگە ئۇچرايدىكەنمىز.


تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-28 17:32):
ئۇيغۇرزادە،سىز قۇرئان-كەرىمنى پۈتۈنلەي يادقا بىلەمسىز؟

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-3-28 17:32):
ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچىسىنى پۈتۈنلەي ئۇقۇغانمۇ؟

باھا سۆز

arislan  مۇھەممەت داموللاجىڭىز يېقىنمۇ كەلمەيدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
uyghurzade  پەرھاد تۇرسۇن، خاتالىقلىرىڭىزدىن ساۋاق ئېلىڭ. سىز ئەر كىشىمۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
myth  كۈتۈش ئاخماقلىقتۇر.  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
myth  ئاشۇنداق مۆتىۋەرلەر بىر نىمە دېمىسە، ماۋباشنىڭ كېسىلىنىڭ ئوڭشىلىشىنى  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
myth  مەن موھەممەد سالىھ داموللاھاجىم ئاكىمىز بىلەن بىر دىيىشىپ باقاي.  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
720
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
13538
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-1
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abduley  ئەخمەتجاننىڭ ئايالى خرىستىئان ئەرەب. مۇسۇلمانلارغا بەك ئۆچلۈك قىلىدۇ
---------------------------------------------------

33-قەۋەتتە ماۋۇ ئىكاسنى يازغان ئابدۇلەي ئسىملىك تورداش، سىز ئەمەلىي ئەھۋالنى ياخشى بىلىدىغان بىرسدەك قىلسىز. بولسا ماۋۇ گېپڭىزنى بىر يەشكەن بولسىڭىز. مەن ئەھۋال ئېنىقلىغان يۈزلۈك كىشىمۇ  مۇشۇنىڭغا يېقىن گەپنى قىلپ مېنى ھەيران قالدۇرغان.
       ئۆزى خەلقىنىڭ دىنىي ئېتقادىغا چاقچاق قىلغان ئە.ئوسماننىڭ ئايالىنى بىز تېخى «ئۇيغۇر كېلىنى، مۇسۇلمان » دەپ يۈرگەن. ھازىر  بۇ نۇتقىدا خاتالاشقانلىقىمىزنى ھېس قىلدۇق. مەن ئويلايمەن، ئە.ئوسماننىڭ مۇششۇنچىلا چەكتىن ئېشىشىشدا ئائىلە مۇھىتى 30 يىلدىن بېرى قانداق رول ئوينىغان؟ ئەتراپىدىكى ئسىلامغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان ئەرەب شائىرلىرى قانداق رول ئوينىغان؟
   بۇمۇ ئويلىنشقا تگشلىك سوئال.

  «تۇيغۇن» ئەپەندى، بىز تېخى يەنە ئۇچىرىشىمىز.ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ تېما «شېئىر مەسىلىرى»، «سوفىزىم ۋە خۇدا» دېگەن تېمىلار ئەمەس، بەلكى« ئاۋانگارتلىق نېمشقا ئاسيىلىق دەپ چۈشىنلدى؟» دېگەن سوئالنى يادرو قلىۋاتىدۇ. سىز مەن ئالدىنقى ئىنكاستا قويغان سوئاللاردىن، ئاساسىي پاكتتىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرمىغان بولسىڭىز.

ئەتە كۆرۈشەيلى. خوش.

UID
33914
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-3-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-31
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋال ئۇلۇغ ماۋباش سوئالىمغا جاۋاب بەرسۇن.
تەكرارلايمەن:
شېئىردىكى باش قەھرىمان كۆپىنچە بىرىنجى شەخىستە تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ ئاپتورنىڭ ئۆزىمۇ؟

باھا سۆز

koygandengiz  ئۇيغۇر تىلىنى پېدىغدىمىسىڭىزكەن ئەزىز ........  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

UID
10497
يازما
32
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
422
تىزىملاتقان
2011-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-1
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە دېگەن تېتىقسزلىق.
مۇشۇ ئەرزىمەس مۇنازىرە باشلىنىپ ھازىرغىچە مەركەزدە ئىككى يىغىن ئاخىرلاشتى، يىغىندا بەزى ئەزالار «غەرىبى رايونغا 100مىليون نوپۇس يۆتكەپ يۈز ئىسرائىلىيە قۇرۇش» تەكلىپى بەردى. كەلگۈسى 5-10 يىلدا شىنجاڭغا 10 تىرىليون مەبلەغ سېلىشنىڭ دەسلەپكى رامكىسى بىكىتىلدى...
رايونىمىزدا 2015 يىلىغىچە نوپۇسى 500مىڭدىن ئاشىدىغان شەھەرنى 5تىن ئاشۇرۇش،2020- يىلى .......دېگەن پىلانلار تۈزۈلدى...
نۇرغۇن كەپىلىك ئۆيلەر چېقىلىپ،چىرايلىق ئەمىن ئۆيلەرگە ئۇل سېلىندى.نەچچە يۈز مىڭلىغان دېھقان ئىشلەمچىلەر شىنجاڭنى باي، گۈزەل، قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا،شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلىشىغا تۆھپە قوشۇشقا كەلدى...نەچچە مىلياردلىغان مەبلەغ سېلىنغان يۈزلىگەن يېڭى تۈرلەردە ئىش باشلاندى.....
قاغىلىقتىكى 28 فېۋرال زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ باشچىسى زوراۋان،تىرورچى ئەبلەخ   ئابدۇكېرەم مامۇت قەشقەردە سوتلىنىپ ئۈلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى...
يۇقارقىسى مۇنازىرە باشلىنىپ ھازىرغىچە 10نەچچە كۈندە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ بىر قىسمى.
بىراق بىزنىڭ زىيالىلار مۇشۇنداق ئەرزىمەس،تاققا-تۇققا بىلەن قايناپ پىشىپ ئالدىراش.ھازىر ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ مۇھىم، نىگىزلىك مەسىلىسى مېنىڭچە بۇلار ئەمەس ئىدى، بىزنىڭ بۇنداق گەپلەرنى تالىشىدىغان ۋاقتىمىز ئەمەس ئىدى. بىزگە كۆپ ۋاقىت قالمىدى، پۈتۈن ۋۇجىدىمىز بىلەن ،ئەبەدى ئەمىنلىكنى قوغداپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ،دۆلەتنىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىمىز لازىم ئىدى.
بۇنداق گەپلەرنى بىز تەرەققى قىلىپ بىزگە شېئىر، ئەدەبىيات،سەنئەت، دېگەندەك نەرسىلەر لازىم بولغاندا، يەنە يىگىرمە ئوتتۇز يىللاردىن كېيىن تالىشىۋالساقمۇ ئۈلگۈرەتتۇق. بىز قىلىدىغان، دەيدىغان شۇنچە كۆپ مۇھىم ئىشلار تۇرسا تېتىقسىزلىشىپ،« سىگەكنىڭ كىگەز بىلەن ئىشى يوق» دېگەندەك ئىش قىلىۋاتىمىزغۇھازىر.
ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئادەمنى ئۇنداق ئۈمىتسىزلەندۈرمەڭلار.
ئۆزباش بۇرادەر، پات-پاتلا «چاچتىن تولا ئىشىم بار، بەك ئالدىراش ئادەممەن» دەپ قۇيىسىز بىراق قاچانلا قارىسا مۇشۇنداق تېتىقسىز ،ئەرزىمەس ئىشلار بىلەن يۈرەمسىز.
مۇشۇ ئىشلارنى ئۇيغۇرغا نان تېگىدىغان ئىش دەپ ئويلامسىز؟
(بۇلۇپمۇ مۇشۇ چاغلاردا).(بوزقىركامنىڭ پوقىدىن ئازراق يەپ باقسىڭىز قانداق)
«مەدەنىيەت جەمىيەتشۇناسلىقى» نىڭ تەتقىقات ئۇبىكتى ئەدەبىيات ياكى كارخانا ئەمەستۇ. بۇنداق قۇرۇق گەپ ساتقىچە ،ھاۋايدا زېرىكىپ قالغان بولسىڭىز ۋاشىڭگتونغا بېرىپ باشقا ئىش قىلسىڭىز بولمامدۇ. بۇنىڭدىن ئەھمىيەتلىكرەك ئىشلار چىقىپ قالاتتى.
باشقىلارمۇ شۇنداق.
ئۇيغۇر زىيالىلار! سېلەر زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر!

باھا سۆز

enqer  ئەمسە سىمىۋوللارغا چېقىلسا بولىدىكەندە بۇ گەپ؛ەرچە!  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:47
ayqin1022  بۇ ئىنكاس ئىزدىنىش مۇنبىرىگە كۆچۈپ بېرىپ بوپتۇ ، ئېسىلكەنتۇق بولمىسا  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
ensak  ناھىت بېرىپسىزى توغرا باھا  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
burkut327  ئەتە-ئۆگۈن 500مىڭ كىشىلىك شەھەرلەردە ھەر خىل ئىشلار چىققىلى تۇرامىكى ؟!  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
burkut327  سىز ئۇيغۇرزادىنى ئىشى يوق دەپ قالدىڭىزما؟ ئىدىيە مەسىلىسى مۇھىم مەسىلە،  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا

UID
32850
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-3-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-1
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


       ئۇيغۇرزادە، مەن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى ساقلاۋاتىمەن. نامەرت بولمىسىڭىز 593- قەۋەتتىكى ئىنكاسنقا بىر نېمە دېگەيسىز! بىز سىزدىن ئېلمىي پوزۇتسىيە كۈتىۋاتىمىز! ئۆزىڭىز دېگەن گەپكە ئىگە بولۇڭ!

قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

UID
33914
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-3-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-31
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋ باش يەنە كونە خۇيىنى باشلىدى. مېنىڭ سۇئالىم بەك ئاددى:
شېئىردىكى باش قەھرىمان كۆپىنچە بىرىنجى شەخىستە تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ ئاپتورنىڭ ئۆزىمۇ؟

UID
33914
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
16
تىزىملاتقان
2012-3-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-31
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋ باش خوش دەپ بوپتۇ.
ئەمدى ئىنكاس يازسام يوق ۋايتىمدا غىيۋەت قىلدىڭ دەيدۇ. قاچان كىرىپ سوئالىمغا جاۋاب بېرەر؟

باھا سۆز

hikmet  گىرامماتىكا بىلمەيدىغاندەك گەپ قىلىۋاتىسىز...  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

كۆيۈمچان ئەزا

http://serhush.com

UID
5862
يازما
720
تېما
8
نادىر
0
جۇغلانما
13538
تىزىملاتقان
2010-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-1
توردا
93 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە روھى يۇندلىشىپ كەتكەن، ئازراقمۇ ھەق-ناھەق تۇيغۇسى قالمىغان  ئادەملەر بەك كۆپيىپ قاپتۇ. بىر چاغدا «ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى سوۋېتىن كەلمەيدۇ، يېنىمىزدىلا بار» دېگىنىم ئېىسمدە. راست دەپتىمەن جۇمۇ.

تەسەۋۋۇرلار شاش
        يېڭى ھۇجۇمچىلار توختىماي تەشكىللىنىپ ھېچنىمزىمنى دىن دەرجىسگە كۆۈرۈپ تەشىق قىلىپ يېڭى بىر ئېتىقاد يەڭگۈشلەش دەۋىرگە كىرسەك؛
  نارەسىدە قىزلىرىمىز 20يىللارىن كېيىن ياتلارغا تېگىپ ئەنئەنىسىدىن يىرگەنسە؛
    ھەممە پەرھىزلىرىمىز قالايمىقانلىشىپ، مەدنىيەت كودلىرى تولۇق يمىرىلسە؛

نېمە دېگەن ئوبدان! داۋاملىق كۈرەش قىلىڭلار دەردىمىزگە دەرد قوشقان يېڭى ھۇجۇمچىلار! ئۇيغۇر ئەلمانچلار!
             لېكىن، غەرپكە چالا يېتىلگەنلەرنىڭ خۇشامىتى خۇش ياقارمۇ؟
باشقىلارغا ئايلىنىپ كېتىش ئۈچۈن بىلىم ئالغانلارنى ئۇلارمۇ ياقتۇرمايتتى. بىلمەي قالدى-دە بۇلار؟ ھېچنىمزمچىلەر غەرپتە  ئوقۇغان بولساڭلار نېمە بولۇپ كېتەر ئدىڭلار ھە!
   ھېلىمۇ تۆت ھېچنىمزمچى تەكلىماكاندا ياشاپ قاپتۇ.
  كىتاپ چالغان يامان دەيمەن.

UID
33796
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-3-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-1
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەيرانمەن،  باش تېما سىز  كۈتكەندەك «ئە.ئوسماننىڭ   شېئىرلىرىنىڭ ئىديىۋي مەنبەسى ھەققىدە» ئەمەس ، بەلكى «ئاۋانگارتلىق گۇمراھلىقمۇ؟» تۇرسا؟ يەنە كېلىپ 3-بۆلەكتە بۇ ھەقتە ئۇچۇر تۇرۇپتۇغۇ؟
  ئۇ تېمىنى ئويلىغان بولسىڭىز سىز يېزىڭ؛ مەن باش سوئالغا مەسئۇل بولۇپ مۇشۇ تېمىدا مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي.  بىر ئاەم قانداقمۇ بىر پارچە تېمىدا ھەممە قاتلاملىرى تويۇنغان يازمىنى يازالسۇن؟  تەتقىقاتتا  باش سوئالغىلا جاۋاب بېرىش مەسئۇليتى بولىدۇ. ئامېرىكا ئاكادىمسيىدە ئۆگەتكەن «بىر پارچە يازمىدا نۇقتىلىق  بىر سوئالغا جاۋاب بېرىش، سوئال دائىرسىنى كەڭ قىلماسلىق، تېمىدىن چەتنىمەسلىك» تەلىپىنى ۋەتەنگە بېرىپ بىر يىلدا ئۇنتۇپ قالغىغنڭىزغا ھەيرانمەن.
__________________________________

زۇلپىقار، گەپ ئويناتماڭ! يازغان ئىنكاسىڭىزنىڭ باش تېمىسى « ئاۋانگارتلىق گۇمراھلىقمۇ؟ » بولماستىن، «ئاۋانگارتلىق گۇمراھلىقمۇ: شائىر ئە. ئوسمانغا تەنقىد» دەپ ئېنىق تۇرسا، نېمە دەپ گەپ ئوينىتىسىز؟ شائىر ئە. ئوسمانغا تەنقىد قىلغان بولغاندىكىن، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارماي، ئۇنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە( 1- بەتتىكى ئىنكاسىغا قارالسۇن )، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە ( 1- بەتتىكى ئىنكاسقا قارالسۇن ) ئاساسسىز  پاكىتلارنى كۆرسەتكىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ سىز تېخى يەنە  « ئە. ئوسمان شېئىرلىرىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبەسى ھەققىدە » ئىزدىنىشتىن ۋاز كېچىپ گۈلەن ئەپەندىگە ئىشتىرىپ قويغىنىڭىز نېمىسى؟ سىز ئە. ئوسماننىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدەنمەي، يەنە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ، پەرزەنتلىرىنىڭ، ئۇنىڭ ئەرەب دوستلىرىنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ، تورداشلارنىڭ كۆزىنى بويىماقچىمۇ؟ ئە. ئوسماننىڭ بىر نەچچە جۈملە سۆزىگە ياكى ئايرىم سۆزلىرىگە ئېسىلىۋېلىپ، ئۇ سۆزلەرنىڭ گۈلەن ئېيتقاندەك جۈملىدىكى، تېكىستتىكى مەزمۇن دائىرىسىگە چوڭقۇر چوكمەيلا چىقارغان «ئاسىي ھۆكمىڭىز» نى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئىدىيىۋى مەنبەنى بويلاپ ئىزاھلىشىڭىز كېرەك. ئۇنداق قىلمىسىڭىز، قىلالمىسىڭىز تورداشلار ئارا كېلىپ چىققان ئۇقۇشماسلىقلارغا ئىزاھ بېرىشىڭىز، ئۆزىڭىزنى تەنقىدلىشىڭىز كېرەك. ھەقىقىي تەنقىدچى ئۆزىنىڭ كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىنى تەنقىدلەشنى بىلىۋېلىشى كېرەك! ئۇنداق بولمايدىكەن، ئاتالمىش تەنقىدچىنىڭ غەيۋەتچىدىن ھېچقانداق پەرقى قالمايدۇ!

ئامېرىكا ئاكادېمىيىسىدە ئۆگەتكەن ئاشۇ بىلىمنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆز تەنقىدىڭىزدا جارى قىلدۇرسىڭىز بولمامدۇ؟؟ سىزنىڭ ئە. ئوسماننىغۇ قويۇپ تۇرايلى. جۇلاغا يازغان ئىنكاسىڭىزدىكى ئاشۇ  گەپلەر بىر جەمىيەتشۇناس، سىزگە ئوخشاش ئېغىزىدىن ئىسلام، خۇدا چۈشمەيدىغان بىر دوكتۇرنىڭ دەۋاتقانلىقى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ شۇڭا مەن دەيمەن: سىز تېخى مېخانىكىلىق ئېتىقاد باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاندىكىن، گەپ - سۆزدە دىققەت قىلىش كېرەكمىكىن دەيمەن!

رىۋايەت قىلىنىشىچە، بىر مەدىكار يىگىت يۈرگەن يوللىرىدا كۆپ ساۋاب ئىشلارنى قىلىدىكەن. مەسىلەن، ئىككى ئادەم ئۇرۇشۇپ قالسا، بىراۋنىڭ ھارۋىسى لايغا پېتىپ قالسا دېگەندەك... نەۋايى ئەمىر بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا ئۇنىڭ قېشىدىن ئۆتسە، سالام - سائەت قىلىپ، ئۇ يىگىتنىڭ ساۋابلىق ئىشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ كېتىدىكەن. نەۋايىنىڭ ياخشى مۇئامىلىسى بىلەن يىگىت بىر كۈنى ئۆزى توغرىلىق ئويلىنىپ قاپتۇ: «ئەمىر نەۋايىدەك ئادەم  ھۆرمىتىمنى قىلىپ سالام بەردى، مەن بولسام ئەتىدىن - كەچكىچە خەلقنىڭ جاڭجاللىرىدا، ھاجەتمەنلەرنىڭ لاي پاتقاقلىرىدا يۈرۈيمەن. ئۆمرۈمدە پىشانەم سەجدىگە بارمىسا، روزا تۇتمىسام بۇنداق ھاياتتىن ماڭا نېمە پايدا.... ئورنۇڭدىن تۇر، كېيىنكى ئۆمرۈڭنى تائەت - ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈز ... » دەپ ئۆزگىرىپتۇ. مەدىكار يىگىت شۇنىڭدىن باشلاپ بىر پىرغا قول بېرىپ، ئاۋامنىڭ ئىشلىرىدىن، ئۇلارغا ياردەم بېرىشىتىن قول ئۈزۈپتۇ. بىر مەسچىتتە ئەتىدىن - كەچكىچە تائەت - ئىبادەت بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپتۇ. بىر جۈمە كۈنى مەدىكار يىگىت ئادىتى بويىچە سەللە - كۇلاھىنى كېيىپ مەسچىت ھويلىسىدا تەسۋىي سىرىپ ئولتۇرۇپتۇ.  شۇنداق قارىسا نەۋايى نېرى بىر يەردە بىرسى بىلەن گەپلىشىۋاتقۇدەك.  يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ نەۋايىغا سالام بېرىپتكەن، نەۋايى ئۇ يىگىتنىڭ ئەپتىگىمۇ قاراپ قويماي ئۆتۈپ كېتىپتۇ. مەدىكار يىگىت: « ئۇ زاتنىڭ كۆڭلى پەرىشان بولسا، سالىمىمنى كۆرمىگەن بولۇشى مۇمكىن » دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپتۇ.
- ئەي، تەقسىر، بۇ قانداق بولغىنى؟ بىر ئۆمۈر پىشانەم سەجدىگە تەگمەي، يۈگۈر - يېتىم ئىشلارنى قىلىپ يۈرگىنىمدە قىزغىن سالام قىلىپ ئۆتتىڭىز. ئەمدى سەھەردىن - شامغىچە ئىبادەت قىلىپ، گۇناھلىرىمغا تۆۋە - تەزەررۇ بىلەن كۈن ئۆتكۈزىۋاتسام، سالامىمنى ئىلىك ئالمايسىز؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدۇر؟
- قېرىندىشىم، سىز ئاشۇ ۋارقىراپ - جارقىراپ يۈرگەن چېغىڭىزدا راستچىل ۋە قىزغىن ئىدىڭىز. كىشىلەر تىرىكچىلىكىدىكى ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا ياردەم قىلاتتىڭىز. خەلققە كۆپ ياردىمىڭىز تەگكەن، كۈنىڭىز ھالال ئۆتەتتى. شۇڭا ھەققىڭىزگە دۇئا قىلىپ سالام تەزىمى قىلغاندۇرمەن. ئەمدى قارىسام بۇ ھۇجرىغا قامىلىپ تائەت - ئىبادەت قىلىپسىزۇ، لېكىن ئەتىگەنلىك ناشتا بىلەن كەچكى تاماقنىڭ غېمىدە كىشىلەردىن ئۇمۇنۇپ - تىلەپ ئولتۇرۇپسىز. دېمەك، خۇراپات ۋە رىيانىڭ پاتقىقىغا پېتىپسىز. بەشرىڭىزگە قارىماسلىقىمنىڭ بائىسى شۇلدىر، دەپتۇ - دە، كېتىپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھېلىقى يىگىت مېھنەتنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ - دە، « تەرىتىڭنى ئېلىپ، كالىچىمنى بەر » دەپتۇ ئۆز - ئۆزىگە ۋە يۇغان سەللە - تونلىرىنى يېشىپ تاشلاپ بۇرۇنقى مەدىكارچىلىق  - مېھنەت تۇرمۇشىغا قايتىپتۇ.

باھا سۆز

hikmet  سىز ئىلمىڭىزغا خائىنلىق قىلماڭ!  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
hikmet  ئىمانى بار ئادەم ھەر قانچە بولسىمۇ شۇنداق گەپلەرنى تىلغا ئالامدۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا

UID
33641
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
19
تىزىملاتقان
2012-3-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-28
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مىللەتدىشىم ئۇيغۇرزادىنىڭ ئىنكاسىغا:
سىز يازمىلىرىڭىزدا چېلىنىپ كېتىش ئۇقۇمىنى تىلغا ئالغان ئىدىڭىز. لېكىن سىز ئۆزىڭىز ئاللىقاچان چېلىنىپ بولۇپسىز. مۇسۇلمانلىق دەۋاسىنى قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئەپىت-بەشىرىڭىزننى نىقاپلاۋاتىسىز. سىز تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا، غەرىبنىڭ سىتىراتېگىيىسىگە چۈشكەن گۇماشتا. سىز شۇنداق دىنسىز سەپسەتىلىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا رەھبەرلىك قىلالمايسىز. ئاددسى يازمىلىرىڭىزدا مەسىلىنىڭ جان يېرىدىن ئۆزىڭىزنى چەتكە ئالىسىز. ‹‹ نەزەرەيىۋىي تەپەككۈر بىزگە قانداق ياردەملەرنى بېرىدۇ›› سەرلەۋھىلىك يازمىڭىزدا مۇنداق يېزىپسىز: ‹ماركىس دىننى ئەپيۈن. دېدى. لېكىن بىز بۇنىڭدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىمىز.› بىز بۇ جۈملىنى قانداق چۈسەنسەك بولا؟ بىر ئادەمنىڭ قەلبىگە قانچە خىل ئېتىقات سىغىشىدۇ؟ ئىسلاممۇ، ماركىسىزىممۇ تەڭلا ئورۇن ئالالىغۇدەك سىزنىڭ قەلبىڭىز قانداق قەلىپ؟ پەقەت مۇناپىقلارنىڭ قەلبىلا شۇنداق
بولىدۇ. سىز بىر ھېچنىمىزىمچى. سىز ئىنكار قىلىۋاتقانمۇ بىر ئىچنىمىزىمچى. قازاق خەلقىدە مۇنداق بىر ماقال-تەمسىل بار: ‹ بىر كەمپىر[موماي] يەنە بىر كەمپىرنى ئاپا دەپ چاقىرىپتۇ › .
    سىز بىلەرمەنلىكتە چېكىگە يېتىپسىز. كىم قانداق كىتاپ ئوقۇشى كېرەك، سىز بەلگىلەپ بېرەمسىز؟ يوللىغان ئىنكاسلىرىڭىزدا مۇنبەرداشلارغا مۇشۇنداق خىتاپ قىلىپ كىلىۋاتىسىز. مېنىڭ ئىدىيەمنى سىز بەلگىلەپ بېرەمسىز؟ سىزدە ئۆزىنى مەركەز قىلىش، شەخسىيەتلىك ئېڭى ئەسەبىيلىشىش دەرىجىسىگە بېرىپ
تاقىلىپتۇ. بەشقىلارنىڭ سەمىمىي تەنقىدىنى قوبۇل قىلالمايدىكەنسىز.
سىز مېنى دوگما تەقۋا دەيمەن دەپ، بىلىپ-بىلمەي تەكەببۇرلىق قىلدىڭىز. شەيتان تەكەببۇرلىق قىلىپ جەننەتىن قوغلەندى. سىز تەكەببۇرلىق قىلىپ نەگە قوغلانماقچى؟ سىزگىمۇ بىر تەخەللۇس لازىمدەك قىلامدۇ
نىمە؟ سىزنى دەھرىي پەيلاسوپ دېسەم قوبۇل قىلالامسىز؟
  ئاللاھ نىڭ راھمانلىق ۋە رەھىملىق سۈپۈتى باردۇر: راھمانلىق سۈپۈتى پانىي دۇنيادىكى بارچە ھاياتلىققا ئور
تاقتۇر. ئىنسانلار، ئايۋانلار، مۇسۇلمانلار ۋە غەيرى مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ رەھمانلىق سۈپۈتىدىن ئورتاق بەھرىمان بولىدۇ. سىز دېگەن كومپۇيوتور، تېلېۋىيزور، تېلېپون ۋە پەن تېخنىيكا ۋەھا-كازالار ئاللاھ نىڭ رەھمانلىق سۈپۈتىنىڭ دائىرىسىدە بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەرگىز چەتنەپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بىز ئورتاق بەھرىمان بو
لىمىز. رەھىملىق سۈپۈتى پەقەت مۇسۇلمانلارغا خاس سۈپەتتۇر.
   سىز ماڭا ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلغان ‹ ئىسلام ۋە ئەقىل› نى ئوقۇغان. بۇ ئەسەر ئىسلامنىڭ ھوقوق-مەنپەئىتىنى چىقىش قىلغان نادىر ئەسەردۇر. مەن ئۇنىڭغا ئىنكاسمۇ يازغان. ئەپسۇس، ئۆچۈرىلىپ كېتىپتۇ. مەز
كۈر تېما ئەلكۈيى مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى نادىر تېمىلارنىڭ بىرىدۇر.سىزمۇ ئېتىراپ قىلىپسىز.
جەۋھەر دەپ مۇشۇنى دەيمىز. ئەخلەت-چاۋادىن خالىي......
   سىز يەنە دوگما تەقۋا توغرىسىدا تېما تۇرغىزىمەن دەيسىز، بۇ سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىز. مېنىڭ ھېچقانداق قورقىشىم يوق. پەقەت ئاللاھ تىنلا قورقىشىم بار. يازمىڭىز ئىسلامنىڭ ئومومىي مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلسە،
« ئىسلام ۋە ئەقىل » دىن سۆيۈنگەندەك سۆيۈنىمىز. زىتلاشسىڭىز مېنىڭ ئوپېراتسىيە پىچىقىم قاچانلا بىلەگ
لىك.
   نەزىرىيە ھامىنى نەزىرىيە. ئۇ ھەقىيقەت ئەمەس. ئۇ سوبېكىتنىڭ ئارزۇسىنى چىقىش قىلغان ئىدىيە جۇغلانمىسى. ئۇ مۇئەييەن ئىجتىمائىي توپنىڭ ياكى شەخىسنىڭ ھوقوق-مەنپەئىتىنىلا چىقىش قىلىدۇ. ئىجتىمائىي كوللېكتىپنىڭ ۋە ياكى شەخىسنىڭ پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندا ئۇنىڭ قىممىتىمۇ يوقىلىدۇ. نەزىرىيە
مەڭگۈلىك ئەمەس، نىسپىيدۇر. شۇڭا، مەن سىزگە ئوخشاش ، دىنسىزلارنىڭ ئەخلەت-چاۋۇلىرىغا چېلىنىپ كەتمەيمەن. ئىسلامدىن ئىبارەت مەڭگۈلىك ھەقىيقەتكە چىڭ ئېسىلغايمەن.
   سىز ئىسلام پىرىنسىپلىرىدىن خەۋەرسىز ئادەمدەك گەپ قىلامسىز نىمە؟ بىر كىشى يەنە بىر كىشىنى ھەققە
دەۋەت قىلسا، دەۋەت قىلىنغۇچى ھەقنى قوبۇل قىلىشقا مايىل بولۇشى لازىمدۇر. كىمكى قارشى نۇقتىدا تۇرىدىكەن، ئۇ ئاللاھ قا ۋە ئىسلامغا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ قاتارىدىن بولۇپ قالغۇسى.

باھا سۆز

enqer  ئىسلامنى دىننى بۇنداق پېتىقدىماڭ يولداش  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:50
ablet1125  ئاللاھنى شېپى كەلتۈرۈشلەر ئاستىدا بىر كىمنى ئورۇنسىز ھاقارەتلەشلەر  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
hikmet  بۇرادەر، سىز تىمىنى چۇشەنمەي گىپىڭىزنى يورغىلىتىۋىرىدىكەنسىز.  يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش