bozqir يوللىغان ۋاقتى 2012-3-28 15:25 
ئۇيغۇرزادە، ئارىسلان مۇھەممەت ، burkut327 قاتارلىق تورداش ...
دۇنيا تارىخىدا مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش، ئاسمىلاتسىيىدىن تۇتۇپ تۇرۇش ،نۇرغۇن ئەگرى -توقاي ۋە بوران-چاپقۇنلاردىن تېنىچ ئامان ئۆتۈشتە شۇ مىللەت توپى ئورتاق ئېتىقاد قىلغان دىن كۆپ ھاللاردا موھىم رول ئويناپ كەلگەن. شۇنداقلا دۇنيادىكى تالاي مىللىي توقۇنۇش ۋە دۇنيا خەرىتىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكىچە بېرىپ يەتكەن ، تالاي نىزا-ئۇرۇشلارنىڭ پىلتىسىگىمۇ كۆپ ھاللاردا دىن ئوت ياققان.ھېلىھەم دۇنيا مىقياسىدا مىللىي زىددىيەت ۋە دىنىي توقۇنۇشلارنىڭ ئايىغى بېسىققىنى يوق.كۆپ سانلىق ھەم كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ ئاسمىلاتسىيىسىدىن ساقلىنىپ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش خەۋپى ئىچىدە قالغان تالاي مىللەتلەر دىننى بۇ خەۋپتىن قۇتۇلۇپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق ۋە بىردىن بىر ۋاستىسى سۈپىتىدە ئۇلۇغلاپ كەلمەكتە.
دېمەك ئۇيغۇر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلغۇچى ئاۋام-دېھقانلارغا نىسبەتەن ئە.ئوسماننىڭ ئەسەرلىرىدەك ئەسەرلەرنى ھەزىم قىلدۇرۇش ھەقىقەتەن تەس. ئاددىي كاللا بېلەن شۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئاسانلا قايمۇقتۇرىشىغا ئۇچراپ كېتىشى مۇمكىن. يەنە كېلىپ بىز ئەسەر تەھلىل قىلىپ مەنىسىنى يېشىش ئەمەس بەلكى تەرەققىيات پۇرسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ،مەۋجۇتلۇقنى ساقلاش كىرزىسى ئىچىدە تۇرىۋاتىمىز. ئۇيغۇرزادە ئېيىتقاندەك بىز دۇچ كېلىۋاتقان رېئال مەسىلىلەر دەرۋەقە جىددىي ۋە تەخىرسىز. رېئال مەسىلىلەر بىزنى كۈتمەكتە، رېئاللىق بىزنى ساپ سەنئەت قوينىدىكى خىيالىي دۇنيادىن قايتىپ كۆز ئالدىغا نەزەر سېلىشقا چاقىرماقتا!
« بوزقىر » ئەپەندى ، يۇقىرىدىكى ئىككى ئابزاسنى سىزنىڭ ئىككى ئىنكاسىڭىزدىن ئېلىپ كېلىپ چاپلىدىم ، بۇ ئىنكاسلىرىڭىزدىكى ئەركەكتەك كۆز قاراشلىرىڭىزدىن سۆيۈندۈم .