- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 189
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4982
- تىزىملاتقان
- 2010-5-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-19
- UID
- 2277
- يازما
- 189
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4982
- تىزىملاتقان
- 2010-5-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-19
- توردا
- 95 سائەت
|
مەن بۇ ئاچىمىزنىڭ ئاۋازىنى راستىنلا ياقتۇرىمەن. يەنە ماختاشنى ئارتۇقچە دەپ ئويلىدىم. ناخشا ھەققىدە دېمەكچى بولغىنىم ئەنۋەر جۇلا ئەپەندىنىڭكىگە ئوخشاش. ھەممىدىن بەك ئاۋاز بېرىش ماھارىتىگە ئاپىرىن ئېيتقۇم كەلدى. مېنىڭ بەرمەكچى بولغان تەكلىپىم ئەلكۈيى تورىنىڭ رىياسەتچىسى تەنتەنە تەلئەتكە قارىتا بولىدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تەنتەنە:
ئىشەنسىڭىز دىكتور بولۇش مېنىڭ بالىلىق ئارمانلىرىمنىڭ بىرى ئىدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا پائالىيەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلاتتىم. پاتىگۈل ئىسىملىك بىر مۇئەللىمىمىز بولىدىغان، تىلى ئانچە راۋان ئەمەس ئىدى. ئۇ مۇئەللىم ماڭا مەستلىكى كېلىپ «مۇنىرە غوپۇر»دەپ قوياتتى.(ناتىقلارنى مۇنىرە غوپۇرغا ئوخشىتىش مودىتى ئۇ چاغلاردا، بەلكىم ئۇنىڭ قەلبىمىزىكى ئوبرازى مۇكەممەل بىر رىياسەتچىنى تەرىپلەيدىغان تىپ بولغان چېغى، خۇددى چاقچاقنى ھېسامكام مۇنداق دېگەن دەپ باشلىغاندەك) كېيىنچە، كەسپىم، ئەڭ مۇھىمى ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن سىرتلاردا خىزمەت قىلىشنى تاللىمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ كەسىپ پەقەت مېنىڭ بالىلىق چۈشۈم پېتى قېلىۋەردى. (ئىنشائاللاھ، ئاللاھ بەرگەن گۈزەل ئاۋازىمنى ئاللاھ بۇيرىغان ھەق يولىدا تېخىمۇ گۈزەل ئىشلارغا سەرپ قىلىمەن) ئەمدى رەسمىي گەپكە كەلسەك. مېنىڭ بۇ جەھەتتە قىزىقىشىم بولغاچقا مەن بۇ ساھادىكىلەرگە بەك قىزىقىمەن ھەم دىققەت قىلىمەن. بۈگۈنكى كۈندە تور مۇھىم بىرتاراتقۇغا ئايلاندى. تور ئابونتلىرى بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. شۇ سەۋەب سىزنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتىڭىزمۇ ئىنتايىن مۇھىم خىزمەت. بەزىدە تېلېۋىزىيە بىلەنمۇ تەڭ ئورۇنغا بېرىپ قالىدۇ. شۇڭا، سىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ، تىلدىكى گۈزەللىكنىڭ نامايەندىسى بولۇپ كۆرۈنىسىز بىزگە. شۇڭا سىزنىڭمۇ بۇ خىزمىتىڭىز ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بۇ ھەقتە سىز دىققەت قىلماي كېلىۋاتقان بىر قانچە نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەن. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
1.ئەڭ ئاۋۋال يۇقىرىدىكى بىر توردىشىمىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك زىيارەت قىلىنغۇچى سىزگە تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ناھايىتى سەگەك تۇرۇپ ئۇنىڭ دېمەكچى بولغان بىراق كەمتەرلىك قىلىپ دېيەلمىگەن گەپلىرىنى دېيىشىگە مەيدان ھازىرلاپ بېرىشكە ئادەتلىنىڭ.
2.يەنە بىر نۇقتا سىزنىڭ نوتۇق سۈرئىتىڭىز. سىزنىڭ ئىنكاسىڭىز تېز، ئەقىللىق قىز ئىكەنلىكىڭىزگە قايىلمەن. بىراق، زىيارەت نورمال گەپ قىلغانغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا نوتۇقنىڭ سۈرئىتىگە، سۆزلەرنىڭ دانىمۇ دانە، ئېنىق، چۈشىنىشلىك چىقىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ. گەپ ئارىلىرىدا سەل تىنىۋېلىڭ. بەزى گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاۋاتقاندا نەپسىم بوغۇلغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن.
3.تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇز نورمىسى ۋە يېزىق نورمىسى بولىدۇ. بەزى سۆزلەر تەلەپپۇزدا بىرخىل بولسا يېزىقتا بىر خىل. مەسىلەن. سۆز ئاخىرىدىكى «ر» تاۋۇشى يېزىقتا چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ بىراق ئۇنى تەلەپپۇز قىلغاندا چۈشۈرۈپ يېنىك تەلەپپۇز قىلسىڭىز تېخىمۇ يېقىملىق چىقىدۇ. «ئاياللار»ۋە «بار» دېگەن سۆزلەرنى مىسالغا ئالساق يېزىقتا ئۇنى چۈشۈرۈپ يېزىشقا بولمايدۇ ئەمما تەلەپپۇزدا مەركىزىي دىيالىكىتتىمۇ ئۇنداق تەلەپپۇز قىلمايمىز. ھېچكىممۇ سىزدە ... بارمۇ؟ دەپ سورىمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ. ئەگەر بۇ چۈشۈپ قالىدىغان تاۋۇشلار زورمۇزور تەلەپپۇز قىلىنسا ئادەمگە «ئۇيغۇر تىلىنى يېڭى ئۆگەنگەن» ئادەمدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمدى فىلىمنىڭ باش قىسىمىدا دېكلاماتسىيە قىلغان شېئىرنى قايتا بىر ئوقۇپ ئاۋازغا ئېلىپ ئاڭلاپ باقسىڭىز نىمە دېمەكچى بولغىنىمنى تېخىمۇ چۈشىنىسىز.
4. بۇ يەنە بىر مۇھىم نۇقتا. يەنى سىز سۆزلىگەندە ئامال بار بالاڭزىلارچە گەپلەرنى قىلىشتىن، شىۋىدە سۆزلەشتىن ساقلىنىڭ. ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە مەركىزىي دىيالىكىتتا سۆزلەشنى مەشىق قىلىڭ. بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك جاپالىق مەشىقتىن كېيىن يىتىلدۈرگىلى بولىدىغان تەرەپ. مەسىلەن قاراپ تۇرسام نۇتقىڭىز داۋامىدا ...گە قىغان ... دېگەن بىر گەپنى ئاڭلاپ قالدىم. سىز جەزمەن «گەپ قىلغان» دېمەكچىغۇ دەيمەن.
5. مۇمكىن بولسا ئەل سۆيگەن، ئەلنىمۇ سۆيگەن رىياسەتچىلىرىمىزنىڭ نوتىقىدىكى ئالاھىدىلىكلەرگە كۆپرەك دېققەت ئاغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاۋاز تۈسى، چىراي ئىپادىسى، زىيارەت ئوبيېكتى بىلەن بولغان زىيارەت داۋامىدىكى قىسقىغىنە ۋاقىتنى قانداق قىلىپ ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش، خاتا كەتكەن گەپ-سۆزلەرنى قانداق قىلىپ بىلىندۈرمەي ئوڭشىۋېلىش دېگەندەك تەرەپلەرگە دىققەت قىلىشنى ئۆگەنسىڭىز بۇ سىزنىڭ كېيىنكى كەسپىي ھاياتىڭىزدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزدا زور رول ئوينايدۇ.
رىياسەتچىلىك خىزمىتى ئادەمدىن كۆپ تەرەپلىمە ساپا، بىلىم تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت. سىزگە ئوخشاش ئېكراندا تاماشىبىنلار بىلەن بىۋاستە يۈز كۆرىشىدىغانلار يەنە تەققى تۇرقىمۇ قاملاشقان بولىشى كېرەك. چۈنكى ئۇ شۇ قەۋم كىشىلىرىنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە سىز ماڭا يارايسىز، ئەلۋەتتە. يەنە بىرى ئارزىگۈل خانىم سۆزى داۋامىدا «سەنئەت شۆيۈەن» دەپ قېلىپ دەرھال گېپىنى ئوڭشىۋالدى «ئىنىستىتۇتى» دەپ (بۇمۇغۇ چەتتىن كىرگەن سۆز ئەمما، بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىگە كىرىپ ئۆزلەشتى ھەر ھالدا) بۇنىڭغا ئوخشىغان ھالدا نۇتۇق داۋامىدا سۆزلىرىمىزنىڭ ساپ ئانا تىلدا بولىشىغا ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە كۈچ چىقارساق بۇ بارا -بارا خەلق ئارىسىدا ئومۇملىشىدۇ. بۇنىڭدا ھەم ئۆزىڭىز ھۆرمەت تاپىسىز ھەم ئانا تىلىمىز. (ئەلۋەتتە، سىزدە بۇ جەھەتتە مەسىلە ئېغىر ئەمەس. بىراق، يەنىمۇ تىرىشسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دېگەن ئۈمىدتىمەن).
بۇ فلىمگە قىستۇرۇلغان تاماشىبىنلار زىيارىتىگە قاراپ ئۈمىدسىزلەندىم. ئەجەبا تىلىمىز شۇنچە گۈزەل تۇرۇپ نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ تىلىمىز كىكەش؟! نىمىشقا راۋان گەپ قىلالمايمىز؟! بۇنى ھەممىمىز ئۆز ئۆزىمىزدىن بىر سوراپ باقساقكەن دەپ ئويلىدىم. چۈنكى، سۆز قەلب ئەينىكىدۇر.
|
|