ئەل سۆيگەن تالانتلىق ناخشىچى،تونۇلغان ئاۋاز ئارتىسى ئارزۇگۈل خەندان بىلەن ئەلكۈيىدە سۆھبەت ئەسسالامۇئەلەيكوم،ئەلكۈيى تورىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار ھەممىڭلارغا تورىمىز ۋە شىركىتىمىز نامىدىن ئوتلۇق سالام!ئالدى بىلەن بارلىق خانىم -قىزلارنىڭ بۈگۈنكى 2012-يىللىق خانىم-قىزلار بايرىمىغا ئالىي تېلەكلىرىمىزنى يوللايمىز،ئالتۇن بويۇڭلار ھەر زامان ئامان بولسۇن!
 خانىم - قىزلار دۇنيانىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكىنى،مېھرىبانلىقىنى ئۆز ئەمەلىيتى ئارقىلىق ئەينەن ئىسپاتلايدۇ ئەلۋەتتە.تىرىشچان ، ئەخلاقلىق ،كۆپكە قادىر ئاياللار مەيلى ئائىلە ياكى جەمىئىيەتتە ۋە ياكى خىزمەتتە بولسۇن ھەممەيلەننىڭ ماختىشىغا نائىل بۇلىدۇ.بىز بۈگۈنكىدەك قۇتلۇق مىنۇتلاردا كەڭ خانىم -قىزلىرىمىزغا ئۈلگە بولغۇدەك بىر پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق ۋە بۇ سۆھبىتىمىزنى كەڭ خانىم - قىزلارنىڭ بايرىمىغا شۇنداقلا تور ئەھلىنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.
زىيارەت فىلىمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ئېنىقلىقى يۇقىرى،ئاۋاز سۈپىتى ئالاھىدە يۇقىرى نۇسخىسى ۋە زىيارەت جەريانىدىكى بىر قىسىم رەسىملەر داۋاملىق تورغا يوللىنىۋاتىدۇ بەلكىم ھەممەيلەن بۈگۈنكى ئالاھىدە مېمىنىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىگە قىززىقىۋاتىدىغۇ ئەلۋەتتە.ئۇ بولسىمۇ «سەييارە»، «كەتمە»، «چۈش ۋە رېئاللىق»، «مۇھەببەت»، «دالا سەيلىسى» قاتارلىق كۆپلىگەن لىرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغاپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالغان ئەلگە تونۇلغان تالانتلىق ناخشا چولپىنى ئارزۇگۈل خەندان .
 بىز بۈگۈنكى زىيارىتىمىزگە ئارزۇگۈل خەنداننى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ،ئۇنىڭ تۇرمۇشى ،كەسىپكە بولغان تىرىشچانلىقى،خىزمەتتىكى ئىپادىسى شۇنداقلا مەسىلىلەرگە بولغان كۆز قاراش..قاتارلىق ئوخشىمىغان نوقتىلار بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق،بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئايالدا بولۇشقا تىگىشلىك پەزىلەت ۋە روھ،ئائىلە ۋە جەمىئىيەتكە بولغان پۇزىستىيە ۋە كۆز قاراش ..قاتارلىق مەسىلەر ھەققىدە كەڭ - كۇششادە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىغا قىززىقسىڭىز،ئارزۇگۈل خەندانغا قەلب ئىزھارىڭىز بولسا دىققىتىڭىز ئەلكۈيى ئېكرانىدا بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبەتتە بولسۇن!
زىيارەت جەريانىدىكى رەسىملەردىن ئارىيەلەر 
ئەل سۆيگەن تالانتلىق ناخشىچى ئارزۇگۈل خەندان ۋە ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى،ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار بىرگە 
ئەلكۈيى شىركىتىنىڭ بىر قىسىم خىزمەتچى - خادىملىرى ئارزۇگۈل خەندان بىلەن بىرگە 
ئەلكۈيى تورنىڭ رىياسەتچىسى ئارزۇگۈل خەندان بىلەن بىرگە
ئارزۇگۈل خەندان رىياسەتچىنىڭ سۇئالىنى ئاڭلىماقتا 
ئارزۇگۈل خەندان ئەلكۈيى تورىدا خاتىرە سۈرەت قالدۇرماقتا
رەسىملەر داۋاملىق يوللىنىۋاتىدۇ...
ئاخىرىدا بىز ئەلكۈيى تورى ۋە بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن تالانتلىق ناخشىچىمىز ۋە پەخىرلىك قىزىمىز ئارزۇگۈل خەنداننىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىي ھاياتىنىڭ يەنىمۇ پارلاق مەنزىللەرگە تۇتۇشىغا شۇنداقلا خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنىڭ يەنىمۇ كۆڭۈلۈللۈك بولىشىغا ،ئائىلىسىنىڭ بەخت -ئامەتكە يار بولىشىغا چىن دىلىمىزدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز!
كامالىي ئېھتىرام بىلەن : ئەلكۈيى تور بېكىتى ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى 2012-يىلى نورۇز ئېينىڭ 8-كۈنى (3-ئاينىڭ 8-كۈنى)
|