ئىگىسى: karabeg

«بىلىم» بۇ ئۇقۇمنىڭ مەنىسىنى ئاللىقاچان يېڭىلايدىغان ۋاقىت كەلدى!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
9438
يازما
282
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4992
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
232 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 09:40:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hikmet يوللىغان ۋاقتى  2012-3-13 02:17
قارا بەگ دوستۇم ، ماقالىڭىز ياخشى بىر تىمىا بىلەن با ...

ھىكمەت ئەپەندى.
«يەكۈنلىگەن تەجىربىلىرىڭىز بەكمۇ يۈزەكى، نەقىللىرىڭىزدە خاتالىق بار،... مىساللىرىڭىزمۇ بەك ئاددى ..» دەپسىز، مۇمكىن بولسا كونكىرىتنى قىلىپ قايسى تەجربە، قايسى نەقىل قايسى مىسال كۆرسىتىپ بېرەلەسىزمۇ؟

UID
32098
يازما
241
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
241
تىزىملاتقان
2012-3-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
183 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 10:01:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ چۈشۈنىشىمىزدىكى«بىلىم» ئۇقۇمى  ئەللىكىنچى يىللارنىڭ  تامغىسى بېسىلغان كونا چۈشەنچە بولغاچقا، ئەڭ موھىمى مەكتەپلەردە ئۆتىلىۋاتقان، «بىلىم» دەپ قارالغان  دەرسلىك بولسا ئاۋامنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايۋاتىدۇ. بولۇپمۇ مەكتەپلەردە ئۆتىلىۋاتقان دەرىسلىك ھەممە پەندىن تەڭلا ئالىم، ئېنژىنىر بولۇشتىن ئىبارەت ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان بۈيۈك مەقسەتنى چىقىش قىلغان بولغاچقا؛ ئوقۇغۇچىلىرىمىز بۇيۈك نىشانغا يېتىپ بۈيۈك ئادەم بولالمىغاچقا مەكتەپلەردىن قېچىۋاتىدۇ.
---------------------------------
بۇ گېپىڭىز ناھايىتى توغرا بوپتۇ،مېنىڭچىمۇ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرىنى نامايەن قىلىشىنى يېتەرلىك قوللاش ۋە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش يوق،قىزىقىشىغا ئاساسەن تەربىيلىنىش پۇرسىتى تېخىمۇ يوق ،(بولۇپمۇ يېزىلاردا بەكرەك شۇنداقكەن)،ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ قىزىقىشى،ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ،بەزىلىرىنىڭ يەككە پەنلەردىكى نەتىجسى ناھايىتى پەرىقلىق بولىدۇ ،بىر پەندىكى نەتىجىسى تۆۋەن بولسىلا ئۇنى لاياقاتسىزگە ئايرىش ياخشى ئەمەس،بولسا بىزمۇ بۇ جەھەتتە چەتئەللەردىكى ئىلغارلىقنى دوراپ باقساق دەيمەن.

UID
32728
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-15
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-15 20:06:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە  ياخشى  چىقىپتۇ

UID
9438
يازما
282
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4992
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
232 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-16 21:35:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lawrence يوللىغان ۋاقتى  2012-3-14 22:27
ئىدىيەنى  ئازات قىلىدىغان ۋاقىت  كەلدى دىسىڭىز قانداق ...

lawrence ئەپەندى!
مېنىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىم دەل «بىلىم» ئۇقۇمىنىڭ مەنىسى.  ئىدىيە ئەمەس! سىز «بىلىم» دىگەن بۇ ئۇقۇمىنىڭ مەنىسى يەنىلام ئىلگىرىكى شۇ مەنە شۇغۇ، ئۇنى قانداق يېڭىلىغىلى بولىدۇ، مەنا دىگەننى خالىغانچە ئالماشتۇرغىلى،ياكى يۇكلىگىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، دىيىشىڭىز تۇرغانلا گەپ ھەم دەل مۇشۇ نۇقتا نۇرغۇنلىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىنى زىددىيەتلىك ئەھۋالغا سېلىپ، ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇپ، يازمىنى بىر ئويلىسا ياخشى يازمىدەك، يەنە بىر ئويلىسا پىكىر چېچىلاڭغۇلۇقى بىلەن تولۇپ كەتكەن، دەبدەبىلىك سۆزلەر تىزىلمىسىدەك تۇيغۇغا سېلىپ قويىۋاتىدۇ.
مېنىڭچە ھەرقانداق بىر ئۇقۇمنىڭ مەنىسى كىشىلەرنىڭ بىلىشى ۋە ھەزىم قىلىشىغا ئاساسلانغاندا  مۇنداق ئىككى خىل بولىدۇ. بىرسى شۇ ئۇقۇم بىلدۈرىۋاتقان كونكىرىتنى مەنا. يەنە بىرسى شۇ ئۇقۇم بىلدۈرىۋاتقان كونكىرىتنى مەنانىڭ كىشىلەر بىلىشىدىكى دائىرىسى. ياكى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتساق شۇ ئۇقۇمنىڭ مەنىسىنى كىشىلەرنىڭ قانچىلىك بىلىش مەسىلىسى. گايىدا بۇنى ئاددىلاشتۇرۇپ كونكىرىتنى ئەھۋالغا نىسپەتەن «چۈشەنچە» دەپمۇ قويىمىز. ئالدىنقى مەنا يەنى  ئۇقۇم بىۋاستە بىلدۈرگەن كونكىرىتنى مەنا ھەرقانداق بىر زاماندا، ماكاندا ئوخشاش بولۇپ ئۇنى خالىغانچە يۇكلەش، يېڭىلاش مۈمكىن ئەمەس. ئەمما كىشىلەرنىڭ ئەقلى، تەربىيەلىنىشى، مىجەزى ئەھمىيەت بېرىشى، ياشىغان ماكان، زامان ئوخشاش بولمىغاچقا بىر ئۇقۇمنىڭ مەنا دائىرىسىنىمۇ چۈشۈنىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا بىر ئۇقۇمنىڭ مەنىسىنى بىر ئاللادىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ 100 پىرسەنت چۈشۈنۈپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس! ئۇنىڭ ئۇستىگە كىشىلەر ھەركىتىگە ئۇقۇمنىڭ ئالدىنقى ماناسىدىن كۆرە كېيىكىسىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.
شۇڭا دەيمەن دوستلىرۇم، بىز گەرچە بىلىم ئۇقۇمى بىلدۈرىۋاتقان كونكىرىتنى مەنانى يېڭىلىيالمىساقمۇ، بىلىم ئۇقۇمىغا بولغان چۈشەنچىمىزنى يېڭىلىيالايمىز. نىمىنىڭ ھەقىقى بىلىم، نىمىنىڭ ئەھمىيەتسىز بىلىم ئىكەنلىكىنى ئايرىيالايمىز. بىزنىڭ بىلىم توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىزگە 50- يىللارنىڭ تامغىسى بېسىلغان بولغاچقا، بىزنىڭ بىلىمگە بولغان چۈشەنچىمىزنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتتى، بىلىم توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىز كونىراپ بىلىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بىلىش دائىرىمىزنىڭ سىرتىدا قالدى. ئەكسىچە تۇرمۇشىمىزغا ھىچقانچە پايدىسى بولمىغان، ئەخلەت خاراكتىرىدىكى بىلىملەر ھېلىھەم مەكتەپلەردە بازار تېپىۋاتىدۇ.
ئەتراپىمىزدىكى غايەت چوڭ بازارنى بايقىشىمىزنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا سۆزلىۋاتسام قايسىبىر قاغا سودا توغرىسىدىكى بىلىمىڭىز چەكلىككەن دەۋاتىدۇ. توغرا سودا توغرىسىدىكى بىلىمىم چەكلىك شۇڭا سودىگەر ئەمەسمەن. يەنە بىر قاغا دەلىلىڭىز كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ دەيدۇ. سوراپ باقسام؛ ئالغان دەلىلىم كىشىلەرنى قايىل قىلالمىغاچقا بىز ئاللىقاچان كونىراپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بىلىم توغرىسىدىكى چۈشەنچىمىزنى يېڭىلىمامدۇق؟
مەن ئىچىم پۇشۇپ قېلىپ، كاللام ئىششىپ قېلىپ، ياكى بىلەلمەي بۇ يازمىنى يازمىغاندىكىن بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىنى، يازمىنى چالا پۇلا ئوقۇپلا ئالدىراپ- تىنەپ ئىنكاسقا تۇتۇش قىلماي، تولۇق ئوقۇپ، مەنىسىنى، دىمەكچى بولغان ئوي-پىكرىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈپ، ئاندىن، دەڭسەپ تۇرۇپ، ئىنكاس يېزىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ھەمدە تىمىنى ئوقۇش بىلەن بىرگە، بېلىم ئۇقۇمىنىڭ مەنىسى نىمە؟ بىز ئۈگۈنۈشكە تېگىشلىك قانداق بىلىملەر بار؟ بىز نىمىلەرنى ئۈگۈنۈپ نىمىلەرنى ئۈگەنمىدۇق... دىگەندەك سوئاللارغىمۇ ئانچە مۇنچە جاۋاپ ئىزدەپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!
lawrence قېرىندىشىم بۇ ئىنكاسىم يالغۇز سىزگىلام قارىتىلمىغان، شۇڭا ئارتۇق كەتكەن يەرلىرى بولغان بولسا كەچۈرگەيسىز.

UID
33235
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
23
تىزىملاتقان
2012-3-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-25
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-21 01:19:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىنكاسلانى ئوقۇپ ئولتۇراي،ئەمما ئىتتىپاقلىق كۇچ

UID
9438
يازما
282
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
4992
تىزىملاتقان
2011-2-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-5
توردا
232 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 11:09:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا ئوي پىكىرنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەي، مەركىزى نۇقتىىئى نەزەرنى ياخشى يورۇتۇپ بېرەلمىگەن چېغىم. بۇ يازمىنى، بولۇپمۇ ېلىم ئۇقۇمىنىڭ مەنىسى نىمە؟ بىز ئۈگۈنۈشكە تېگىشلىك قانداق بىلىملەر بار؟ بىز نىمىلەرنى ئۈگۈنۈپ نىمىلەرنى ئۈگەنمىدۇق؟ نىمىلەرنى ئۈگەنسەك كەلگۈسى تۇرمۇشىمىزغا ھەمدە مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق؟ ......دىگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە كوپرەك مۇلاھىزە قىلىشساق بولاتتى. بۇ تىمىنى گەرچە ياخشى يازالمىغان بولساممۇ، لېكىن پىكىرلىرى ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك ئىدى.

UID
34859
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2012-4-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 11:25:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىر قىپتۇ !! قوللايمەن !!

UID
34132
يازما
63
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
63
تىزىملاتقان
2012-3-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-30
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-9 12:48:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ماقالىنىڭ مەركىزىي ئىدىيىسى بەك تارقاقىلىشىپ كەتكەن شۇڭا ماقالىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى تۆۋەن بولۇپ قالغان. شۇڭا ماقالىنى يەنە بىر قىتىم تۈزتىپ بىقىڭ ...

تىرىشچان ئەزا

http://www.kitabpurux.com

UID
2357
يازما
33
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
813
تىزىملاتقان
2010-5-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-10 22:27:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بىلىمنىڭ مەنىسىنى «كىتاب ئوقۇش» قا يېڭىلىساق دەيمەن. نىمە ئۈچۈن دىسىڭىز، تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق «كىتاب» نىڭ كۈنى ھىچقاچان كۈنىمىزدىكىدەك ياخشى بوپ باقمىغان، (مىنىڭ شەخسى قارىشىم) ئىشەنمىسىڭىز بلوگىمنى كۆرۈپ بىقىڭ.
مۇشۇنداق ياخشى كىتابلارنى ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم ئىتىۋاتقان، ۋە شۇ كىتابلارنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز كۈچ چېقىرىۋاتلارغا نېمە قىلساق ئەرزىيدۇ. كىتابلارنىڭ، بىلىم ئىلىش پۇرسىتىنىڭ ۋە يەنە ئىنتېرنىت ۋە باشقا ئۈگۈنۈشكە ياردەم بىردىغان باشقا قولايلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ھەرقاندىغى ھازىر ئۇيغۇردا بار، لىكىن ئاكتىپ ئۈگۈنۈش روھى ھەتتا مەندىمۇ يوق، دۇكىنىمدا لىق كىتاب، كاللامدا لىققىدە ئۇچۇر، لىكىن قايسىغا مەن ئىھتىياجلىق، قايسى ئەخلەت ئۇچۇر ئايرىشقا ھەپسىلەممۇ يوق، ئېشەككە ھالۋا ئىتىپ بەرسە يىمىگەندەك بىلىمنى ئاسما قىلىپ ئاسقىلى بولمايدۇ-دە .
ئاۋۇ بىر مىليارد ئاكامنىڭ گىپىنى ئۆزەمگە تەدبىقلاپ خىيالىمدا ئۇيغۇرچە بىسىلغان «قۇتادغۇبىلىك» نى، «ئانا يۇرت»، «باھادىرنامە» لەرنى ۋە ھەتتا كۇڭزىنىڭ «مۇھاكىمە بايان» لىرىنى ئۇلارغا سىتىش مانۋىرى قىپ باقتىم، ئۇلاردىن كەلگەن ئۈنۈم پەقەتلا بىر ئىغىز سۆز : كەن بۇ دوڭ.
خەنزۇچە كىتابلارغا يۈرۈش قىلىڭ دىدىڭىزما، ئۇنداق دىسڭىز ئاۋۇ بىر مىلياردنىڭ ئىچىدە كىتابپۇرۇشلارمۇ باردۇ ھەقىچان .
بىر مىليارد ئادەمگە لەغمەن ساتتۇقمۇ دەيلى، ئۇ لەغمەنلەرنىڭ سەيلىرىنى قايسى ئۆلكىنىڭ قايسى خىل تەم، پۇراقتا چېقىرىش ئىھتىياجى تۇغۇلىدىغان گەپ، بۇلارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپلىگەن ئاشپەزلەرنى ئىچكىرىگە تەربىيلىنىشكە چىقىرىشقا توغرا كىلەمدۇ نىمە ....
خۇددى «تەۋەللۇت» قا «تەمرەتكە» دىگەندەك ئىنكاسىمنى ئوقۇپ ھەيران قالماڭ، نىمىلا دىمەيلى بىلىم ئىلىشتا كىتابنىڭ رولىغا سەل قارىمايلى، كىتاب ئوقۇشقا، كىتاب سېتىۋېلىشقا ئەھمىيەت بىرەيلى، قالغىنىنى كىيىن يازاي، دۇكاننى تاقىمىسام بلمىدى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش