«بىلىم» بۇ سۆز گەرچە كىچىكىمىزدىن باشلاپ ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان سۆزلەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ ھىس قىلىشىمچە بۇ ئۇقۇم ئۆز مەنا دائىرىسىنى تولۇق تاپالمىدى. بىز «بىلىم كۈچ»، «بىلىملىك ئۇزار، بىلىمسىز تۇزار»، «بىلىكى يۇغان بىرنى يېڭەر، بىلىمى يۇغان مىڭنى»، «تىرىشىپ ئۈگۈنۈپ ئىلىم پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقايلى»، «پەيغەمبىرىمىز بىلىم چىندا بولسىمۇ، بېرىپ بىلىم ئۈگۈنۈڭلار دەپتىكەن» دىگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى كۈندە دىگۈدەك ئاغزىمىزدىن چۈشۈرمەيمىزيۇ-يەنە بىلىم ئىگەللەشكە، كىتاپ ئوقۇشقا، ھەتتا بالىلىرىمىزنى مەكتەپكە بېرىشكە سۇسلۇق قىلىمىز. مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا ئۈن-تۈنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان، دەۋىرنىڭ جەۋىرلىرىگە چىداپ، ئەلەم، دەرتلىرى ۋە قوساق كۆپۈكلىرىنى ئىچىگە يۇتۇپ، مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىگى بولغان ياش ئۆسمۈرلەنى بىلىم بىلەن ئېغىزلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇستازلىرىمىزنى بولسا «ئەپەندە»، «مەدەكنى يېرىپ قالايدىغان مەلىم» دىگەن مەسخىرىلىك، ھاقارەتلىك ناملار بىلەن ئاتايمىز.
ئەمما كېسىپ ئېيتىشقا بولۇدۇكى مىللىتىمىز ئىچىدىكى مەيلى دىخان بولسۇن ياكى مەكتەپ قارىسىنى ئانچە-مۇنچە كۆرگەنلەر بولسۇن «بىلىم» دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ قەدىر قىممىتىنى ئۆزىگە چۈشلۇق بىلىدۇ، چۈشۈنىدۇ، «بىلىم»نىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدۇ. كىتاپ ئوقۇمايدۇ ئەمەس ئوقۇيدۇ. مەسىلەن بىلىمسىز دەپ قارىغان ئەشۇ دىخانلىرىمىزنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ ئۆيىدىن كىتاپ ئوقۇشتا ئىشلىتىدىغان، ياغاچ بىلەن رەختىن ياسالغان يىغما شەكلىدە، ئورۇندۇققا ئوخشاپراق كىتىدىغان كىتاپ ئوقۇش جازىسىنى ئۇچراتقىلى بولۇدۇ. ئوبدانراق كۈزۈتۈپ باقىدىغان بولساق، بۇ كىتاپ ئوقۇش جاھازىسىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەس. دىمەك بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ناھايىتى ئۇزۇن زاماندىن تارتىپلا مەخسۇس كىتاپ ئوقۇش جاھازىسى ياساپ كىتاپنىڭ قەدىر قىممىتىنى قىلىپ كەلگەن. تارىخ بېتىنى ۋاراقلاپ باقىدىغان بولساق، نۇرغۇن ئالىملىرىمىز ھىچقانداق بىر كىشىنىڭ زورلىشى بولمىسىمۇ يۇرت ئاتلاپ، ۋەتەننى تاشلاپ دىيارىمىزدىن خوتەن، يەكەن، قەشقەر، يىراقتىن بۇخارا، سەمەرقەنت، تاشكەنت، ئالمۇتا، نامەنگان قاتارلىق جايلارغا، ھەتتا تۈركىيە، سەئۇدى، مىسىر، ئىراق، پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ بىلىم ئىگەللەپ كەلگەن. ئۇلار ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قارىم، موللام، خەلپىتىم، داموللام، ھاجىم دىگەنگە ئوخشاش ئۇنۋان خارەكتىرلىق، ھۆرمەتلىك ناملار بىلەن ئاتىلىپ، خەلقىمىز مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشقان، ئىگەللىگەن بىلىملىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ دەسلەپكى خەرىتىسىنى سىزغان، سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئاساسىنى ياراتقان. «تۈركى تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىك»، «خەمسە»، «تارىخى رەشىدىيە»، «تارىخى ھەمىدىيە»، قىسسەسۇل ئەنبىيا» «ئەتەبەتۇل ھەقايىق» قا ئوخشاش ئۆلمەس ئەسەرلەرنى ياراتقان. كۈنىمىزدىمۇ نۇرغۇن ئوت يۈرەك ياشلىرىمىز چەتئەللەردە ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇپ، ئالى دەرىجىلىك تەتقىقات ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىپ ئەركىن سىدىق، شۆھرەت مۇتەللىپتەك پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىز يېتىشىپ چىققتى.
كۈنۈمىزدە بولسا پەقەت دىيارىمىزدىلام ئوقۇتقۇچى ئۇستازلىرىمىز «مەلىم»، «ئەپەندە» ئاتىلىپ مەسخرە ئوبىكتىغا ئايلىنىۋاتىدۇ، كىتاپخانلىرىمىزدىكى كىتاپلارنى توپا بېسىۋاتىدۇ. مەدەنىيەت يۇرتلىرىى تەسىس قىلغان كۈتۈپخانىلار بولسا چىخوپنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى پىخسىق باي -پىليۇشكىننىڭ ئامبىرىغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ، بالىلىرىمىز بولسا مەكتەپتىن قېچىۋاتىدۇ… بىلىمسىزلىك، ئىلىمسىزلىك بولسا خۇددى ۋابا كېسىلىگە ئوخشاش ھەممە يەرگە يامراۋاتىدۇ، ھەممىدىن يامىنى بىزنىڭ 80-90 يىللاردا ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن زىيالىيلىرىمىزمۇ خەنچە بىلمىگىنى ئۈچۈن تۆھپىسىنىڭ، ھۆرمىتىنىڭ قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئى نەزەر بىلىمسىز سانىلىپ چەتكە قېقىلىپ، تاللىنىش، شاللىنىش سىنىقىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ بىزنىڭ كۈنىمىزدىكى رەھىمسىز رىئاللىق!
يۇقارقىدەك رەھىمسىز رىئاللىقنىڭ سەۋىبىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرىدىغان بولساق، ئەلبەتتە خىلمۇ -خىل كىشىلەر خىلمۇ خىل ئامىللارغا باغلاپ چۈشەندۇرىدۇ. بەزىلەر تاشقى سەۋەپتىن ئىزلىسە، بەزىلەر ئىچكى سەۋەپتىن ئىزلەيدۇ. مەيلى قەيەردىن ئىزلىمىسۇن ئۇلارنىڭ پىكرىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. بىراق، مېنىڭچە «بىلىم» ئۇقىمىنىڭ مەنا دائىرىسىمۇ يۇقارقىدەك رىئاللىقنىڭ يۈز بېرىشىگە بەلگۈلۈك تەسىر كۆرسىتىۋاتقا ئاساسلىق ئىچكى سەۋەپلەرنىڭ بىرسى.
چۈنكى ھازىر بىزنىڭ چۈشۈنىشىمىزدىكى«بىلىم» ئۇقۇمى بولسا ئەللىكىنچى يىللارنىڭ تامغىسى بېسىلغان كونا چۈشەنچە بولۇپ، ھازىرقى مائارىپ ئەندىزىمىزنى بېكىتىشىمىزدە ئاساسلىق رول ئوينىماقتا. دەل شۇنداق بولغاچقا يادلاش تىپىدىكى مائارىپ قىڭغايغىنىچە تەرەققىيات يولىمىزدا چوقچىيىپ تۇرىۋاتىدۇ. نىمىنى ئۈگۈنۈش، نىمىنى ئۈگەنمەسلىك، قانداق ئۇسۇلدا ئۈگۈنۈش، قايسىسىغا ئەھمىيەت بېرىش، قايسىسىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك…. قاتارلىق مەسىلىلەر، ئوقۇتۇش ئەندىزىلىرى، مەكتەپ ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى 50- يىللاردا يەنى ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بېكىتىلگەن بولۇپ، كۈنۈمىزدىمۇ يەنىلام شۇ سەنەمگە ئۇسسۇل ئويناۋاتىمىز.
بىزنىڭ چۈشۈنىشىمىزدىكى«بىلىم» ئۇقۇمى ئەللىكىنچى يىللارنىڭ تامغىسى بېسىلغان كونا چۈشەنچە بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈگەنسە، ئۈگەنمىسە بىريىل سىنىپتا ئولتۇرۇپلا بەرسە سىنىپ كۆچىۋاتىدۇ.
بىزنىڭ چۈشۈنىشىمىزدىكى«بىلىم» ئۇقۇمى ئەللىكىنچى يىللارنىڭ تامغىسى بېسىلغان كونا چۈشەنچە بولغاچقا، ھازىرمۇ ئىمتىغان ئارقىلىق قىسمەن مەزمۇندىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى ساپاسىغا باھا بېرىلىۋاتىدۇ. يادا ئېلىش، ئۇزۇندىن ئۇزۇن تەبىر، ئايىغى چىقمايدىغان قائىدىلەرنى يادلاش تا ھازىرغىچە موھىم ئۆتكەل سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇلىۋاتىدۇ. ئەكسىچە ئۆتۈلگەن بىلىملەر مۇكەممەل ئەمەس! ئۆزۈمنى مىسال ئالىدىغان بولسام شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىدا 5 يىل ئوقۇپمۇ بىرەر چەتئەل تىلى تۈگۈل دەۋلەت تىلى بولغان خەنزۇ تىلىنى ئۈگۈنەلمىگىنىمگە، كەسپىم جەھەتتىن يېزىقچىلىق ماھارىتىنى پۇختا ئىەەللەش تۈگۈل ئادەتتىكى تىنىش بەلگىلىرىنى توغرا ئىشلىتىشنى بىلەلمىگىنىمگە، ئەدەبىيات ئېقىملىرىدىن ئادەتتىكى، يەنە كېلىپ 19- ئەسىرلەردە ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن رىيالىزىمدىن ھالقىپ چىقالمىغىنىمغا قاتتىق ئەپسۇسلىنىمەن!
بىزنىڭ چۈشۈنىشىمىزدىكى«بىلىم» ئۇقۇمى ئەللىكىنچى يىللارنىڭ تامغىسى بېسىلغان كونا چۈشەنچە بولغاچقا، ئەڭ موھىمى مەكتەپلەردە ئۆتىلىۋاتقان، «بىلىم» دەپ قارالغان دەرسلىك بولسا ئاۋامنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىيالمايۋاتىدۇ. بولۇپمۇ مەكتەپلەردە ئۆتىلىۋاتقان دەرىسلىك ھەممە پەندىن تەڭلا ئالىم، ئېنژىنىر بولۇشتىن ئىبارەت ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان بۈيۈك مەقسەتنى چىقىش قىلغان بولغاچقا؛ ئوقۇغۇچىلىرىمىز بۇيۈك نىشانغا يېتىپ بۈيۈك ئادەم بولالمىغاچقا مەكتەپلەردىن قېچىۋاتىدۇ. مېنىڭ 25 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق تەجىربەمگە ئاساسلانغاندا مۇنداق بىر خىل تەتۈرلۈك بار. يەنى مەكتەپلەردە «3 تە ياخشى» ئاتىلىپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇغانلار جەمىيەتكە چىققاندىن كېيىن جېنىنى باقالمايۋاتىدۇ، باققاندىمۇ تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس! بۇنداقلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەن بولۇپ باشقىلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى، بوزەك قىلىش ئوبىكتى بولىۋاتىدۇ. مەكتەپتىكى نەتىجىسى قانچىكى يۇقىرى بولسا جەمىيەتتىكى ئىپادىسى شۇنچە ناچار بولىۋاتىدۇ. بۇخىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشى دەل بىزنىڭ «بىلىم» دەپ قارىۋاتقان دەرىسلىكلىرىمىزدە، ھەم ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش نىشانىمىزدا ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. مەكتەپتە بالام ياخشى ئوقۇدى، كەلگۈسىدە بالام چوقۇم ئاجايىپ ئادەم بولىدۇ دەپ ئۈمۈت كۈتىۋاتقان ئاتا- ئانا، ئوز پەرزەنتىنىڭ جەمىيەتكە چىققاندىن كېيىن يارامسىز ئادەم بولغانلىقىنى كۆرگەندە، ئەلبەتتە مائارىپتىن ئۈمۈتسىزلىنىدۇ-دە.
بىزنىڭ چۈشۈنىشىمىزدىكى«بىلىم» ئۇقۇمى ئەللىكىنچى يىللارنىڭ تامغىسى بېسىلغان كونا چۈشەنچە بولغاچقا، يېڭى ئەسىر كىرگىلى ئاللىقاچان ئون ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ بىرەر چەتئەل تىلى ئۈگۈتۈش تېخىچە ئوقۇتۇش پىرىگراممىسىغا كىرگىنى يوق!
بىزنىڭ چۈشۈنىشىمىزدىكى«بىلىم» ئۇقۇمى ئەللىكىنچى يىللارنىڭ تامغىسى بېسىلغان كونا چۈشەنچە بولغاچقا، يېڭى ئەسىر كىرگىلى ئاللىقاچان ئون ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ، يەنىلام كومپىيوتىردىن ياتسىراش، ئىنتىرنىتتىن ئاغرىنىپ بارچە ئەخلاقسىزلىقنى ئېنتىرنىتقا دۆڭگەش خاھىشى ھېلىھەم ماۋجۇت. بۇ يەردە مەن تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، قىستۇرۇپ ئۆتەي. ئېنتىرنىت توغرىلىق چۈشەنچىمىز يېتەرلىك بولمىغان تەقدىردىمۇ، ئېنتىرنېتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتتىكى رولىنى، تۇرمۇشىمىزدا، «بىلىم» ئىگەللىشىمىزدە ئىتىرنىت بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شۇڭا ئېنتىرنىتتىن ئىبارەت بۇ ئاڭسىز، جانسىز، مەۋھۇم ئۇقۇمدىن ئاغرىنىشتىن ئىبارەت تەتۈر پىسخىكىمىزنى تاشلاپ، ئېنتىرنىتنى يەنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشىمىز؛ گېزى كەلسە مۇنبەرلەردە چاقىرىق خارەكتىرلىق سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئومۇمەن مەكتەپ قارىسى كۆرگەن، خەت ئۇرالايدىغانلىكى كىشىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ قەغەز يۈزىدىكى بارلىق ماتىرياللارنى ئېنتىرنىتقا يوللاش، بارى تۈگۈسە تەرجىمە قىلىپ يوللاپ، توردىن نىمە ئىزدىسەڭ شۇنى تاپالايدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بۇ خىزمەتنى تەشكىلاتسىز، مېھنەتسىز تۆپە قوشۇش، ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش روھى بىلەن تاماملاش كېرەك!
بىزنىڭ چۈشۈنىشىمىزدىكى«بىلىم» ئۇقۇمى ئەللىكىنچى يىللارنىڭ تامغىسى بېسىلغان كونا چۈشەنچە بولغاچقا، يېڭى ئەسىر كىرگىلى ئاللىقاچان ئون ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ، تا ھازىرغىچىلىك ئۆز يېنىمىزدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ بازارنى تېخىچە ھىس قىلالمايۋاتىمىز. ئويلاپ باقايلى كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ قارايدىغان بولساق، يېنىمىزدىلام دۇنيا بويىچە ئىنتايىن چوڭ دەرىجىدىن تاشقىرى بىر بازار تۇرۇپتۇ. بىر مىليارت بەشيۈز مىليۇنغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە بىر قەۋىم! بوپتۇ بەش يۈز مىليۇننىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلايلى، بىر مىليارت. بۇ ئاز سان ئەمەس! بىر مىليارت ئەدەمگە بىر يۈەندىن مال ساتساڭ مىليارتلىق سودا پۈتتى دىگەن گەپ. تەسەۋۋۇر قىلايلى، ئۇيغۇرلارنىڭ تاماق جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىر قەدەر كۆزگە كۆرۈنگەن بولغاچقا مۇشۇنى مىسال ئالايلى.
ئەگەر ئۇيغۇرلاردىكى ئون مىليۇن ئادەمنىڭ ھەممىسى ئاشپەزلىك قىلىدى دىسەك، (بۇ مۈمكىن بولمىسىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرەيلى) ئون مىليۇن ئادەمنىڭ ھەممىسى بىردىن ئاشخانا ئاچتى دىسەك بىر مىليارت ئادەم ھەر بىر ئاشخانىغا يۈزدىن توغرا كېلىدۇ. بىر ئادەم ئون يۈەنلىكتىن تاماق يىسە بىر كۈنلىك سودىڭىز مىڭ يۈەن توختىدى دىگەن گەپ. بۇنداق دىسەم بىر مىللەتتىكى ھەممە ئادەم تاماق يەمدۇ دەپ ئۆكتە قوپىدىغانلىقىڭىز ئېنىق. ئەمما بىر مىللەتتىكى ھەممە ئادەممۇ ئاشپەزلىك قىلمايدۇ-دە. بىر مىليۇن ئادەم ئاشخانا ئېچىپ ئاشخانىغا يۈزدىن ئادەمنى جەلىپ قىلالىسىمۇ يەنە توققۇز يۈز مىليۇن ئادەم ئۆيىدىن تاماق يىدى دىگەن گەپ. ئاشخانىلام ئەمەس باشقا كەسىپلەر بىلەنمۇ شۇغۇللۇنۇپ بۇ بازارنى نىشان قىلسا، ئۇ چاغدا ئۇيغۇرنىڭ كۈنى قانداق بولىدۇ؟ قاپ يۈرەكلىق بىلەن شۇنداقمۇ دىيىشكە بولۇدۇكى بىز ئۇيغۇرلار ئاللاتائاللا ئوڭ كۆزىدە قارىغان ، تېگىشلىك مال- دۇنيانى بەرگەن مىللەت! كاپىر بولسا نىمە بوپتۇ، جوھوت بولسا نىمە بوپتۇ! تىجارەت- تىجارەت، ئېتىقات-ئېتىقات، قۇرئانى كەرىمنىڭ ھىچقانداق يېرىدە باشقا دىندىكىلەر بىلەن سودا قىلساڭ بولمايدۇ دىيىلمىگەن، ئەكسىچە «ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ بەخىتلىك ياشاڭلار دىيىلگەن»، سىز ئىبادىتىڭىزنى جايىدا قىلىڭ، مۇقەددەس كىتاپتا قىلىڭ دىگەننى قىلىڭ، قىلماڭ دىگەننى قىلماڭ، ھارام يىمەڭ، ھارام ئىشلار بىلەن شۇغۇللانماڭ. ۋۇجۇدىڭىزدىكى قېيىداش، ئۆچمەنلىك پىسخىكىڭىزنى تاشلاپ كاللىڭىزنى ئىشلىتىڭ. ئۆز نۆۋىتىدە خۇدايىم بەرگەن كاللىنى، ئەقىلنى ئىشلەتمەسلىكنىڭ ئۆزىمۇ گۇنا بولىدۇ. تىلىنى ئۈگۈنۈڭ، سودا قىلىڭ. تىجارەت قىلىڭ. ئەمما باھانە قىلماڭ. سودىنىڭ، تىجارەتنىڭ يامان تەرىپىنى ئويلاپ، ئۆزىڭىزگە ئىشەكمۇ كۆتىرەلمىگۈدەك يۈكنى ئارتىۋېلىپ زاماندىن، جاھاندىن جۈملىدىن ئاللادىن ئاغرىنىپ يۈرمەڭ! بەزىلەر دەيدۇلەركى، «بىز قۇم-بورانلىق، قۇرغاق ئاجايىپ بىر ماكاندا ياشاپتىكەنمىز، بىز خۇدا ئۇرغان مىللەتكەن». بۇنداق دىگۈچىلەر ئاغزىڭىزنى چايقىۋېتىڭ، ئاللاتائاللا بىزگە ئەقىلنى بەردى، زىمىننى بەردى، بايلىقنى بەردى، بازارنى بەردى، يەنە نىمىنى بەرسە بولاتتى؟
بىزنىڭ چۈشۈنىشىمىزدىكى«بىلىم» ئۇقۇمى ئەللىكىنچى يىللارنىڭ تامغىسى بېسىلغان كونا چۈشەنچە بولغاچقا، يېڭى ئەسىر كىرگىلى ئاللىقاچان ئون ئىككى يىل بولغان بولسىمۇ تا ھازىرغىچىلىك بىزنىڭ مۇلازىمەت، ئۆلچەم چۈشەنچىلىرىمىز تىكلەنگىنى يوق! بىز رادىيو-تېلىۋىزورلاردىن «دۇنياغا يۈزلىنىش» دىگەن گەپنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز، ئەمما مەنىسىنى بىلمەيمىز! «دۇنياغا يۈزلىنىش» دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ كونكىرىتنى مەنىسى تەرەققىيات، ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە خەلقارا سەۋىيىگە يېتىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتە خەلقارا ئۆلاچەمگە يېتىش دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بىز بۇ جەھەتتە بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا تىجەرەتتە، مۇلزىمەتتە ھەر دەرىجىلىك ئۆلچەم ئىدارىلىرىنىڭ ئۆلچىمىگە يېتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ، خەلقارانىڭ ئۆلچەملىرىگىمۇ يېتىشىمىز كېرەك! شۇندىلا بىز ئۇيغۇرلار ئورنىدىن دەس تۇرغان، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئىلغار مىللەتلەردىن بولۇپ ھىساپلىنىمىز! بۇ جەھەتتە بىزنىڭ ئۈگۈنۈشىمىزگە تېگىشلىك يەنە نۇرغۇنلىغان بىلىملىرىمىز بار!
2012.03.4 ئاپتور: Qarabeg
مەنبە:
http://www.qarabeg.com/?p=465