شۇنداق ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز ، كۆپ رەھمەت ، مەن ئويلايمەن بىر ئۆيدە جىدەل - ماجىرا بولمىسىمۇ ياخشى بولمامدىكىن دەپ . ئەمەلىي مىسال ئالسام ، كۈندە پولو يەۋەرسىمۇ يىگۈسى كەلمەس بولۇپ كېتىدۇ ، شۇڭا بىر كۈنى ئاچچىق - چۈچۈك قىلىپ لەغمەن يەيمىز ، بىر چۆچۈرە يەيمىز ، كۈندە ئالماشتۇرۇپ تۇردىغان گەپتە تاماقنىڭ تەمىنى .

( بۇ ئوخشۇتۇشنى مېنىڭ بىر دوستۇم تولا دەيدىغان ، جىق ئاڭلاپ ماڭىمۇ ئادەت بولۇپ قاپتۇ . ) پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ بۇنىڭ روھ ساغلاملىقىغا پايدىسى بار دەپ قارايمەن . ئەرلەر سوقۇشقان چاغدا ، ۋاقىراپ - جاقىراپ دىگەندەك ئىچىنى بوشىتىپ ، ئۆزىدىكى مەنىۋىي بېسىمنى يەڭگىللىتىدۇ ، ئاياللارمۇ يىغا ، تۈگىمەس دەرتلىرىنى دەپ يەڭگىللىشىپ ، ئۆزىدىكى مەنىۋىي بېسىمنى ئازلىتالايدۇ . ئەگەر مۇشۇنداق بىر پۇرسەت بىلەن ئاچچىقلارنى چقىرىپ تاشلىمىسا ، بەلكىم كېسەل بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن . جىدەل - ماجىرا بولۇپ تۇردىغان ئائىلىلەرنىڭ ئاجرىشىپ كېتىش نېسپىتىمۇ ، جىدەل - ماجرا بولمايدىغان ئائىلىلەرنىڭكىدىن ئاز . ( بۇنىڭغا مەندە ئىلىمىي تەكشۈرۈش ، تەتىقىقات نەتىجىسى توغرۇلۇق ئىسپات يوق . لىكىن توردا بىر يەردىن كۆرگەنلىكىم ئېسىمدە بار . ) ئەمدى ئۇلاپلا ئائىلىدىكى جىدەل - ماجىرا ئەخلاقى توغرىلىق توختىلىپ ئۆتەي

( جىن كۆرگەن بولسا جەزمەن ئەتىراپلىق ، سېستىمىلىق قىلىپ يېزىپ قوياتتى .(چاقچاق ، جىن ئەپەندى)) 1. ھەر قانچە ئاچچىق بولسىمۇ ئايالىنى قاتتىق ئۇرماسلىق لازىم ، ھەدىسلەردە بۇ مەسىلە توغرىلىق دەلىلەر بار . بىلگەنلەر ئىنكاس قىلىپ قالدۇرۇپ قويارسىلەر ، ئاللاھ جەزمەن رەھمەت قىلىدۇ . 2. پەرزەنتلەر بار يەردە جىدەل قىلماسلىق لازىم . ئۇلارنىڭ قەلبىدە جاراھەت قالدۇرىدۇ . 3. ئايالى ئېغىزىنى بۇزۇپ ، ناچار ، پاسكىنا تىللار بىلەن ئەرلىرىنى تىللىماسلىقى زۆرۈز ، بۇ جىدەلنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ ، يامان ئاقىۋەتكە ئېلىپ بېرىپ قالىدۇ . مېنىڭ پىكىرىمنى خاتا چۈشىنىپ قالماڭلار ، بۇ سىلەرنى جىدەل قىلىپ تۇرۇڭلار دەپ دەۋەت قىلغىنىم ئەمەس .

ئۆي - ئوچاقلىق بولغان ھەر بىر ئادەم ، جىدەل - ماجىرانىڭ بولۇپ تۇردىغانلىقىنى بىلىدۇ ، مېىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم قانداق قىلىپ توغرا بىر تەرەپ قىلىش تۇر . ‹كۆيگەن دېڭىز› يازغان تېمىدا ھەم ئىنكاسلىرىدا بۇ مەزمۇنلار بار ئىكەن ، مەن ئازراق ئىش قوشۇپ بىر يەرگە جەم قىلىپ قويدۇم . ياخشى تېمىلىرىڭىزنى ئايماڭ . ئۆيلۈك بولغان تورداشلارغا ئىناقلىق ، خاتىرجەملىك ، بويتاقلارغا بەخىت تىلەيمەن .