كۆرۈش: 10217|ئىنكاس: 28

ئايالىڭىز سىزنى مەڭگۈ ياخشى كۆرسۇن   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10525
يازما
443
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
3653
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
227 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 03:22:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەر - خوتۇنچىلىق تۇرمۇش ئىنتايىن نازۇك تۇرمۇش بولۇپ ، ئۇ يۈكسەك دەرىجىدىكى بىرلىكنى ۋە ئۆز - ئارا چۈشىنىشنى ئالدىنقى سەرت قىلىدۇ . ئەگەر ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر - مۇھاببەت سۇسلاپ كەتسە ئائىلە مۇناسىۋېتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يېتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق ئەر كىشى ئايالى بىلەن مىڭگۈلۈك بىر جۈپلەردىن بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك :
   ئايالىڭىزغا ئۆزىڭىزنىڭ ياخشى جورا ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرۈڭ
   1 - ئايالىڭىزنىڭ ئىشىنى بالدۇر ئويلاڭ . ھەرقانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ، يەنىلا ۋاقىت چىقىرىپ ئايالىڭىز بىلەن بىللە بولۇڭ ، ئايالىڭىزغا سەمىمىيلىكىڭىزنى ۋە ھەقىقىي ھېسسىياتىڭىزنى  ئىپادىلەڭ .  
   2 - ئايالىڭىزنىڭ خۇسۇسى ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىڭ . يېقىنچىلىق ۋە ئېختىيارلىقنى ئۆز لايىقىدا تەڭشەپ تۇرۇڭ . شۇندىلا « مېھمان » دەك ئۆتۈش نىشانىغا يېتەلەيسىز .  
  3 - ئايالىڭىزغا كايىيدىغان چاغدا ئېھتىيات قىلىڭ . ئايالىڭىزغا نارازىلىقىڭىزنى ئىپادىلىگەن چاغدا ، ياخشى دوستىڭىزغا مۇئامىلە قىلغاندەك قىتئى سىلىق بولۇڭ .   
  4 - ئايالىڭىزنىڭ سىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى يەردە قويماڭ . ئەگەر سىز خانىمىڭىزنى قانداقتۇر ئۆزىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان سىرىنى بىلىپ قالغان بولسىڭىز ، ھەرگىز ئېغىزدىن چىقىرىپ سالماڭ ، مەڭگۈ قەلب قەسىرىڭىزگە دەپن قىلېۋېتىڭ .   
  5 - ئايالىڭىز بىلەن تەسىراتىڭىز توغرىسىدا كۆپرەك سۆزلىشىڭ . پۇل ، پەرزەنت قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەر توغرىلىق سۆزلەش يېقىنلىقنى ئىلگىرى سۈرەلمەيدۇ . سىز پەقەت ئۆزىڭىز ياخشى ۋە يامان كۆرىدىغان نەرسلەر ۋە سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان تەسىراتىڭىز توغرىلىق شۆزلىشىشىڭىز كېرەك .
« ئەي ئاتا ، ئاگاھ بولۇڭ » دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى . داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ .

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
30157
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-2-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-29
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 10:47:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى قىززىق ئەرلەر كورسە بوپتىكەن ئەسلى، مەن خاتا كىرىپ قاپتىمەن.
ئېسىل تېمىڭىزغا تەششەككۇر.

UID
6284
يازما
265
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7667
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-16
توردا
88 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 12:15:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ قالىشنى ئويلىغانلار ئەر - ئايال بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى كېرەك دەپ قارايمەن.
ھازىر تىمىدىكى پاساھەتلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەرلەر قالمىدىمىكى.  ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەخسىيەتچى كىلىدۇ...

UID
2536
يازما
135
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4095
تىزىملاتقان
2010-6-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-8-3
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 12:33:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ  ئۆسىشىگە ئەگىشىپ ئەر - ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى ھىسسىياتمۇ شۇنچە نازۇكلىشىپ بارىدۇ .
تۈركىيە كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى « قىزىم سەن نەدە » فىلىمىدىكى ئەھمەد بىلەن مىنە ئوتتۇرسىدىكى  ھىسسىيات  زىدىيىتى پەقەت جان بىقىشنىڭ كويىدىلا يۈرگەن ئەر خوتۇنلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن بولسا ،  ئاخىرقى نەتىجىسى قانداق بولار ئىدى ؟

UID
31618
يازما
186
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2012-3-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
78 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 17:59:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر -خوتۇن مۇناسىۋىتى دىگەن بەكمۇ نازۇك .      چوقۇم ھەر ئككى تەرەپ بەكمۇ دىققەت قىلىش كىرەك .  بولمىسا نىكاھقا دەز كىتىدىغان گەپ .

UID
28222
يازما
193
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
193
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-1
توردا
79 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 18:31:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم رىئال تۇرمۇش ئىچىدە ياشايدۇ ،شۇنداق بولغان ئىكەن دائىم مىھماندەك  ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس ،ئەرلەرنىڭ شەخسىيەتچى ،قۇپال بۇلۇپ كىتىشىدە ئاياللارنىڭ ئازراق مەسئۇلىيتى بار ،بۇ نىمە دىگەندە ئاياللار بولۇپمۇ سورۇنى كۆپ ،چايدىن كىرەلمەيدىغان ئاياللار ئەرلەرگە بىر ئشەنچىسىز تۇيغۇ بىرىپ قويدى ،جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ خۇتۇن قىزلىرىمىزنىڭ ئوينايدىغان چايلىرى ،باردىغان سورۇن ئولتۇرۇشلىرى كۆپىيىپ كەتتى ،شۇ سەۋەپتىن ئەرلىرىمىز ئاياللىرىمىزغا ئىشەنمەس بولۇپ كەتتى،ئوغۇللىرىمىز قىزلىرىمىزنى ئىندەككە كەلتۇرۋالسا ھىچنىمىنى ئويلىماي قىزلىرىمىزنى نابۇت قىلىدىغان ھالغا يەتتى .بۇ پەقەت چاۋاك بىرقولدىن چىقمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى ،بىكار  تۇرغان تامغا ئۈسسسە باش ئاغرىيدىغانلىقنى بىلىدۇ !

UID
14708
يازما
19
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
139
تىزىملاتقان
2011-9-5
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 18:51:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىز ئۆيدىكىلەر تاپقان ئوغۇل بالا بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپتۇ . بىراق ئۇ ئوغۇل بالا ئەتىدىن - ئاخشامغا دادىڭىز ئۇ يەردە ئىشلەيدىكەن-ھە ، ئاپىڭىز ئۇ يەردە ئىشلەيدىكەن-ھە ، ئۆيىڭلار چېقىلىدىكەن-ھە ... دېگەندەك سۇئاللارنى سوراۋېرىپ قىزنى ئاغزى-بۇرنىغىچە تويغۇزىۋېتىپتۇ . ئۆي تۇتماققۇ بىر تەسلا ئىشكەن ...

UID
17957
يازما
139
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1730
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-17
توردا
34 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 19:41:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىسل تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت

كۆيۈمچان ئەزا

ئەتىكى مائارىپ ئۈچۈن داۋاملىق

UID
3725
يازما
435
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
8456
تىزىملاتقان
2010-7-26
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
102 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-6 20:40:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىگەن يەرگە باردىغۇ. ماڭا بەك يارىدى.

UID
10525
يازما
443
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
3653
تىزىملاتقان
2011-4-1
ئاخىرقى قېتىم
2013-9-5
توردا
227 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 11:38:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايالىڭىز بىلەن تاكاللاشقاندا
1 - ئايالىڭىزنىڭ ئەجەللىك يېرىگە ھۇجۇم قىلماڭ . ھەر بىر ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ ئېچىپ تاشلىشىنى خالىمايدىغان ئاجىزلىقى بولىدۇ . مەسىلەن : خانىمىڭىزنىڭ سېمىزلىكىگە ئوخشاش . ئايالىڭىز بىلەن ئۇرۇشقان ۋاقىتتا ھەرگىز بۇ ئاجىزلىقىنى كۆتىرىپ چىقماڭ .
2 - مەسىلىنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك . سىز رازى بولمىغان ياكى مۇناسىۋەتسىز بولغان ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارنىڭ ھەمممىسىنى ئوتتۇرىغا قويماڭ . مەسىلىنىڭ قاراتمىلىقى بولغاندا ئاندىن ئۇنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ .
3 - جىدەل تېمىدىن چەتنەپ كەتكەندە دەرھال توختىتىش كېرەك . كېيىن يەنە دەۋالغىلى بولىدۇ .
4 - كاللىڭىز سەگەك ۋاقتىدا تاكاللىشىڭ ، مەسىلەن : ھاراق ئىچىپ ئۇرۇشسىڭىز ئاسانلا ئەقلىڭىزنى يوقىتىپ قويىشىڭىز مۈمكىن ئۇرۇنسىز ئۇرۇش - جىدەل ئادەمگە ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەۇيدۇ .
5 - ئاغزىڭىزنى ئىشقا سېلىڭ ، قولىڭىزنى ئىشقا سالماڭ . قولنى ئىشقا سېلىش پەقەت خانىمىڭىزنى ئۈمۈتسىزلەندۇرۇپ ، قورقۇتۇپ قويۇشى مۈمكىن ، لېكىن مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ .
6 - ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۆتكۈر مەسىلىلەرنى تەگىمەڭ . ھەر ئىككى تەرەپ ھېرىپ ئارام ئېلىشنى ئويلاۋاتقاندا ئۇرۇشسىڭىز ، جىدەلنى بېسىقتۇرالماي قالىسىز .
7 - جىدەللىشىپ بولغاندىن كېيىن باتناپ يۈرمەڭ . ئەر -خوتۇننىڭ ئۇرۇشىشىدا كىمنىڭ يېڭىلىش ، كىمنىڭ يېڭىشى مۇھىم ئەمەس . كىچىك پەرقلەرنىڭ ئىچىدىن ئوخشاشلىقلارنى تېپىپ چىقىش ئاقىلانىلىق .
9 - ئۇرۇشۇپ قالغاندا ئايرىلىپ تۇرۇشتىن ساقلىنىڭ . ھەرقانچە قاتتىق ئۇرۇشۇپ قالغاندىمۇ ، ئايالىڭىز بىلەن يەنىلا بىر ئۆيدە يېتىڭ . ئايرىلىپ تۇرۇش ھېسسىيات جەھەتتىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ . ئەگەر ئايالىڭىز بىلەن بىر ئۆيدە تۇرماقچى بولسىڭىز ، خانىمىڭىزغا : « جىدەل دىگەن جىدەل ، مېنىڭ نىكاھنى بۇزغۇم يوق دەپ قويۇڭ .  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش