ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

ئەلكۈيى مىكرو بلوگى

كۆرۈش: 4100|ئىنكاس: 38

قىز دېگەن     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
102
تېما
10
نادىر
1
جۇغلانما
107
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
88 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-2 18:32:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىز دېگەن


ئۇز خۇلقىدىن جاھاننى پارلىتىدۇ قىز دىگەن،
ئەلەم-تەشۋىش غىمىڭنى ئازلىتىدۇ قىز دىگەن.

مىھىر بىرىپ دۇنياغا چىللاپ باھار پەسلىنى،
زىمىستاننى جۇتلارنى يازلىتىدۇ قىز دىگەن.

كىرپىكلەردىن ئوق ئۈزۈپ سانسىز ئاشىق يۈرەككە،
مۇھەببەتتىن يۈرەكنى سازلىتىدۇ قىز دىگەن.

سۆيگۈسدىن چەشمىنى باشلاپ جانان بېغىغا ،
كۆڭۈللەرنى، كۆزلەرنى تاشلىتىدۇ قىز دىگەن.

گۈل چىھرىدىن زوق ئېلىپ ياشىرىدۇ تەبىئەت،
تەبىئەتنى، كۆڭۈلنى ياشلىتىدۇ قىز دىگەن .

ۋاپاسىدىن بۇلبۇلنى سۆيۈندۈرۈپ، كۆيدۈرۈپ،
دىلخانىنى سۆيگۈدىن تاڭلىتىدۇ قىز دىگەن.

شەرمى ئۈچۈن جەڭ قىلىپ جان تەسەددۇق ئەيلىگەي ،
دۈشمەنلەرنىڭ يولىنى تارلىتىدۇ قىز دىگەن.

جاھىللارغا نامەرتكە ۋىجدانىدىن ئوق ئۈزۈپ ،
باتۇر، ئوغلان يىگىتنى يارلىتىدۇ قىز دىگەن.

ئىپپەت ھايا نومۇسنى جاندىن ئەزىز قىممەتلەپ ،
ئىپارخاننى، نازۇكنى(نۇزۇگۇمنى) يادلىتىدۇ قىز دىگەن.

بۇزۇلغاننى تۈزەيدۇ ھەربىر قەدەم سائەتتە،
بوران ئۇچقان كۆلبىنى شاتلىتىدۇ قىز دىگەن.

ئائىلىدە مۇھەببەت بۇلىقى بوپ دائىما ،
باللىرىنى تۇلپاردەك ئاتلىتىدۇ قىز دىگەن.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
30457
يازما
45
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
45
تىزىملاتقان
2012-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 19:14:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شېئىر بوپتۇ...

باھا سۆز

jasur1314  ھەيتاڭ جۇما ھازىرقى قىزلا ....  يوللىغان ۋاقتى 2012-3-13 21:04:28

UID
25873
يازما
12
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
12
تىزىملاتقان
2012-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-15
توردا
48 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 19:34:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم قۇۋۋىتىڭىز ھەقىقەتەن ياخشىكەن، رەھمەت، كۆز ئالدىمدا شىېئىرىڭىزدا تەسۋىرلەنگەن قىزنى كۆرگەندەك بۇلىۋاتىمەن.

UID
17957
يازما
132
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
1722
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
28 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 20:13:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگۈسىنىڭ ئانىسى -قىز

تىرىشچان ئەزا

تەپەككۇرسىز ھاي

UID
16297
يازما
122
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
482
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
96 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 20:16:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى بارچە گۈزەللىكنىڭ جۇلاسى ئەنە شۇ شەرمىي ھايالىق، ئەقىدە ئىتقادلىق قىز!
  قەلەم تۇلپارىڭىز مەڭگۈ ھارمىغاي!

UID
30922
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-2-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
توردا
37 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 22:14:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
''ئىپپەت ھايا نومۇسنى جاندىن ئەزىز قىممەتلەپ ،
ئىپارخاننى، نۇزۇگۇمنى يادلىتىدۇ قىز دىگەن.''

قىزلار ئەخلاق -پەزىلىتى بىلەن سۇلماس گۈل،ئوغۇللار غورۇر -ۋىجدانى بېلەن يىقىلماس ئابىدە...

شۇنداق قىز -ئوغۇللارنىڭ   كوپلەپ چىقېشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!!!

كۆيۈمچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئويلاۋاتىسىز؟

UID
10139
يازما
96
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2406
تىزىملاتقان
2011-3-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-3 23:00:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپ تۇ

تىرىشچان ئەزا

نېمە يېزىشنى ئوي

UID
7762
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
898
تىزىملاتقان
2010-12-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-29
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 15:10:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھىللارغا نامەرتكە ۋىجدانىدىن ئوق ئۈزۈپ ،
باتۇر، ئوغلان يىگىتنى يارلىتىدۇ قىز دىگەن  

بۇ مىسرالار بەك تەسىر قىلدى .ياخشى يېزىپسىز بارىكاللا .

UID
6284
يازما
261
تېما
10
نادىر
0
جۇغلانما
7663
تىزىملاتقان
2010-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
57 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 19:02:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىېردا تەسۋىرلەنگىنىدەك شۇنداق قىزلارنىڭ كۆپرەك بولىشىنى ئۈمت قىلىمەن. قىزلار كەلگۈسى ئەۋاتلىرىمىزنىڭ ئانىلىرى.

UID
28222
يازما
43
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
43
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-27
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-4 19:09:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىپپەت ھايا نومۇسنى جاندىن ئەزىز قىممەتلەپ ،
ئىپارخاننى، نۇزۇگۇمنى يادلىتىدۇ قىز دىگەن.
قالتىس مىسرالاركەن .شۇنداق تارىختا ئۆز غۇرۇرى ،ئۆز ئىپپەت نۇمۇسىنى قوغداش  ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشتىنمۇ قورقمىغان ،ئۆزىنىڭ ھاياتى بەدىلىگە ئۆزىنىڭ قىزلىق غۇرۇر-ئىپپەت نۇمۇسىنى قوغدىغان قىزلىرىمىز ناھايتى كۆپ ،شۇڭلاشقا ھازىرغىچە تىللاردا داستان بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ ،بۇلارنىڭ پەقەتلا بىر تارىخلا بولۇپ قالماسلىقىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.
ئەخلاق .شەرمى -ھايا .ئىپپەت -نۇمۇس قىز بوينىدىكى زۇننار!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش