- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 3
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2012-2-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-27
- UID
- 30653
- يازما
- 3
- تېما
- 0
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 3
- تىزىملاتقان
- 2012-2-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-27
- توردا
- 0 سائەت
|
ئاللاھ قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن قېرىندىشىم، يېڭىسار ھەقىقەتەن ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مول تارىخ ،مەدەنىيەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.بۈگۈنكى كۈندىمۇ يېڭىساردا مىللىتىمىزنىڭ نۇرغۇن ئېسىل ئۆرپ ئادەت ،قول ھۈنەرۋەنچىلىك،يەرلىك مۇقام سەنئەتلىرى، ئۇيغۇر مەشرەپلىرى، كىلاسسىك ئەسەرلەر ساقلىنىپ قېلىقلىق.كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، يېڭىسار ئۇيغۇرلىرىدا مىللتىمىزنىڭ ئېسىل خاراكتىر ئالاھىدىلىكىمۇ ساقلانغان، مەسىلەن: باتۇرلۇق،قاراملىق،ئۇيۇشچانلىق، ھەققانىيلىق قاتارلىقلار، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل خاراكتىر ھەممە يۇرتلاردىكى ئۇيغۇرلادىن تېپىلىدۇ. يۇقىرىدىكى يازما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن، لېكىن مېنىڭچە بۇ يازما قەدىمىي يۇرت يېڭىسار توغرىسىدىكى قىسقىلا بىر تېزىس بوپتۇ،خالاس. پىچاقچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەر ياخشى يورۇتۇلمىغان. مۇنداقلا سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتكەن نۇقتىلارجىق، ئەمەلىيەتتە يېڭىسار توغرىسىدا يازسا راۋۇرۇس قېلىن بىر كىتاب چىقىشى ئېنىق، بۇنداق دىسەم قېرىنداشلارنىڭ قېنى سەن بىر يېزىپ باقمامسەن دىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ خالىسا ئىقتىدارىم يەتكەن بولسا يازار ئىدىم، لېكىن مەن بۇ جەھەتتە خەق يازغاننى باھالاپ ،ھۇزۇرلىنىشتىن باشقىنى قىلالماسلىقىممۇ مۇمكىن، ئەپۇ قىلارسىلەر.قەلبىمدە بىر ئارمان بار، يېڭىساردا يۈز بەرگەن تارىخىي ۋەقەلەر قەشقەر ۋە يەكەندىكىدەك كۆپ بولمىسىمۇ لېكىن شۇلاردىن قالسىلا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، لېكىن تا ھازىرغىچە يېڭىساردىكى ۋەقەلەرنى تىما قىلغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئەسەرلەر بار،تېخى سېىستىمىلىق بىرەر ئەسەر بارلىققا كەلمىدى، ئاللاھ خالىسا قېرىنداشلىرىمىز كۆپلەپ يېزىپ چىقسىكەن دەيمەن،ئاللاھ مەدەت بەرسۇن، بۇ ئىشلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا ئىشىنىمەن. خاتا سۆزلىگەن بولسام ئەپۇ سورايمەن، خەير قېرىنداشلار ئاللاھقا ئامانەت. |
|