كۆرۈش: 15594|ئىنكاس: 29

يېڭىسار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
620
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
630
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-22
توردا
233 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-23 21:43:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەدەم بويىچە يېڭىسارنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسىنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈشنى باشلىدىم.بۇ تىمىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم مەزمۇنلار يېڭىسار تەزكىرە ئىشخانسىدىكى يۇنۇس سەمەت تۈزۇپ چىققان ‹قەدىمىي دىيار-يېڭىسار› دىگەن كىتابتىن ئېلىندى.يېڭىسار ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەش تەزكىرە ئىشخانسى تۈزۈپ تارقاتقان ئىچكى ماتىريال. ش ئۇ ئا ر ئىچكى ماتىرياللارنى بېسىشقا روخسەت نومۇرى (2005-يىل) 375-نومۇر.


ئومومىي ئەھۋالى: يېڭىسار كوئىنلون تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان. ئۈرۈمچىگە بولغان ئارلىقى 1542كىلومېتىر، قەشقەرگە بولغان ئارلىقى 65كىلومېتىر. غەرب،جەنۇب تەرەپلىرى كوئىنلون تاغ تىزمىسى بىلەن تۇتاش شەرقتە تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن تۇتاش. يەر كۆلىمى 3900كۋادرات كىلومېتىر. 2003-يىللىق ئومۇمىي نوپۇسى 213338 ، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى %98،قالغىنى خەن،تۇڭگان،قىرغىزلار.يەنە ئازساندا موڭغۇل،قازاق،مانجۇ،شىۋە،روسلار بار. يېڭىسارنىڭ شەھەر يېزا،چولپان، ماڭشىن، لومپا، ئەگۈس، سيتىلە، ساغان، يېڭىيەر، ئوچار، سۆگەت، توپلۇق، قىزىل، ئىگىزيەر قاتارلىق 13 يېزىسى بار.
يېزا ئىگىلىكى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. داڭلىق مەھسۇلاتلىرىدىن سەمەت ئۈرۈكى،بادام،يېڭىسار پىچىقى بار. يېڭىسارنىڭ كوئىنلونغا تۇتاشقان ئىگىز يەر يېزىسى ئەتىراپىدىكى تاغلاردىن تۆمۈر،كۆمۈر،ھاك تاش رودىسى چىقىدۇ.تەكلىماكان بىلەن تۇتاش ساغان يېزىسىدا زور مىقتاردىكى نېفىت بايقالدى.
قول ھۆنەرۋەنچىلىك تەرەققىي قىلغان، يېڭىسارنىڭ ناۋاي، ئاشپەز،كۇلالچىلىرىنىڭ خېلى نامى بار.يېڭىسار ناھىيە بازىرى تەۋەسىدە ئات بازىرى،بىدە بازىرى،تاش بازىرى،قازانچىلىق،داشقاللىق دىگەن ناملاردىكى مەھەلىلەر بار. بۇلار ھەم سودا،قول ھۆنەرۋەنچىلىكنىڭ خېلى(نۇرغۇن نۇرغۇن يىللار) بۇرۇنلا راۋاجلانغانلىقىنىڭ ئىسپاتى.

تارىخى: يېڭىسار 2000يىللىق تارىخقا ئىگە مىلادىدىن 200يىل بۇرۇنىقى يىللاردىن تارتىپ قاراخانلار سۇلالىسىغىچە ئوسسار بەگلىكى دەپ ئاتالغان،بىز ھازىر ئاتاپ كېلىۋاتقان يېڭىسار شەھىرىمۇ 1000يىللىق تارىخقا ئىگە. قارخانىيلار سۇلالىسىنىڭ(850-1212) ئىسلامنى كېڭەيتىش جەريانىدىكى غازاتلىرى يەكەن(ياركەنت)يېڭىسار(يېڭى ھىسار) قاتارلىق جايلاردا كۆپرەك يۈز بەرگەن،(بۇ جايلار قارخانىيلار بىلەن مۇسۇلمان بولمىغان خوتەننىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغاچقا) 960-يىلى ئىككى قوشۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتا ئەسكى ھىسار(كونا قەلئە) ۋەيران بولغان. 1009-يىلى پادىشاھ يۈسۈپ قادىرخاننىڭ پەرمانى بويىچە ھازىرقى يېڭسار توپلۇق يېزىسى ئەتىراپىدا قورغان سالدۇرغان. كىيىن كېڭىيىپ شەھەر بولغان ،نامىنى يېڭى ھىسار(يېڭى قەلئە)دەپ ئاتىغان. كىيىنكى دەۋىرلەردىكى ئۇرۇشلار،موڭغۇل ئىستىلاسى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇش داۋامىدىكى ئۇرۇشلار نەتىجىسىدە شەھەر ئورنى توختىماي يۆتكىلىپ تۇرغان. 1479-يىلى مىرزا ئابابەكرى شەھەر ئورنىنى ھازىرىقى يېڭىسارنىڭ ئورنىغا يۆتكەپ كەلگەن،ھەم شۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە يۆتكىلىپ باقمىدى. 1514-يىلى چاغاتايخان ھۆكىمىرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان سەئىدخان يەكەننى پايىتەخت قىلىپ سەئىدىيە سۇلتانلىقىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ چاغدا يېڭىسار شەھىرى قەشقەرگە ئوخشاشلا بىۋاستە قاراشلىق شەھەر بولدى. شەھەر قىياپىتى يېڭىلىنىپ،گۈللىنىپ روناق تاپتى. ھۆنەر-سەنئەت،كەسىپلەر راۋاجلاندى. 1678-يىلى ئاپاق خوجا باشلاپ كەلگەن غالدان سرىن سەئىدىيە سولتانلىقىنىڭ زىمىنلىرىنى ئىگەللەپ،يېڭىسار بۇ قاتاردا قورچاق شاھ ئاپاق خوجا ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ھۆكىمىرانلىقىغا ئۆتتى. 1755-يىلىدىن باشلاپ مانجۇ چىڭ ھۆكىمىتىنىڭ قارىمىغىغا ئۆتتى ۋە يېڭىساردا لەشكەر بېشى ئامبىلى قويۇلدى.
يېڭىسارغا تەسىر كۆرسەتكەن موھىم تارىخى ھادىسىلەر:
960-يىلى خوتەن ۋە قاراخانىلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشتا ئەسكى ھېسار ۋەيران بولغان.
1009-يىلىدىن باشلاپ يېڭى ھىسار قايتىدىن بەرپا بولغان.
1218-يىلى قۇرغاقچىلىق تۇپەيلى شەھەر ئورنى يۆتكەلگەن.
1479-يىلى شەھەر ئورنى يەنە بىر قېتىم يۆتكەلگەن.
1514-يىلى سەئىدىيە خاندانلىقى مەزگىلىدە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر بولغان.
1678-يىلى ئاپپاق خوجا ۋە موڭغۇللارغا تەۋە بولغان.
1755-يىلى مانجۇ چىڭ سۇلالىسىغا تەۋە بولغان.
1757-يىلى خوجا بورھانىدىن ۋە خوجا جاھان ئاكا-ئۇكا قوزغىلاڭ قىلغان.
1759-يىلى يېڭىسار قايتىدىن چىڭ ھۆكىمىتىگە تەۋە بولغان.
1826-يىلى خوجا بورھانىدىننىڭ نەۋرىسى جاھانگىر خوجا قوزغىلاڭ قىلىپ قەشقەر،يېڭىسار،يەكەن ۋە خوتەننى ئۆز ئىلكىگە ئالغان.
1827-يىلى قايتىدىن چىڭ ھۆكىمىتىگە تەۋە بولغان.
1830-يىلى قوقەنىت ۋە چىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى جەڭ بۇ رايونلاردا ئېلىپ بېرىلغان.
1839-يىلى جاھانگىر خوجا قايتىدىن قوشۇن باشلاپ چىڭ ھاكىمىيتىنىڭ قوشۇنلىرىنى قوغلاپ چىقارغان ھەم يەنە شۇ يىلى مەغلۇپ بولغان.
1864-يىلى ئومۇمىيۈزلۈك قوزغىلاڭ پارتىلاپ مانجۇ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. 1865-يىلىدىن باشلاپ ياقوب بەگ سولتان بولغان.
1876-يىلى قايتىدىن چىڭ ھاكىمىيىتىگە تەۋە بولغان.
1911-يىلى جۇڭخۇا مىنگوغا تەۋە بولغان.
1932-يىلىدىن تارتىپ 1949-يىلىغىچە كۆپ قېتىم ئۇرۇشلار يۈزبەرگەن.
1949-يىلى جۇڭخۇا خەلق جومھوريىتى قۇرۇلدى.


1949-يىلىدىن كىيىنكى موھىم ۋەقەلەر:
1950-يىلى 3-ئايدا كونا ھۆكىمەتتىن ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۋالغان.
1951-يىلى ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىپ،زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش ھەركىتى بولۇپ 15ئادەمگە ئولۈم جازاسى بېرىپ باستۇرۇلدى.
1954-يىلى ھازىرقى ئاقتۇ ناھىيسىگە تەۋە ئورۇنلار يېڭىساردىن ئايرىپ چىقىلىپ ئاقتۇ ناھىيسى قۇرۇلدى.
1957-يىلى ئىگىزيەردە جېلىل قارى باشچىلىقىدا توپىلاڭ يۈز بەردى.
1958-يىلى تۆمۈر تاۋلاش ھەركىتىدە يەرلىك پىچ-ئوچاقتىن 983ياسالغان.
1960-يىلى 10-ئايدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى يېڭى يېزىققا ئۆزگەرتىش باشلانغان.
1964-يىلى 2-نومۇرلۇق كىسەل تارقالغان.(ۋابا كېسىلى)
1966-يىلى 6-ئايدا مەدەنىيەت ئىنقىلابى گورۇپپىسى قۇرۇلۇپ پۈتۇن جوڭگۇدىكى مەدەنىيەت ئىنقىلابى بىلەن بىرلىشىپ كەتتى.
1973-يىلى 2-نومۇرلۇق كىسەل قايتا يۈزبەردى. 14ئادەم كېسەل سەۋەبى بىلەن قازا قىلدى.
1981-يىلى خەلق ھۆكىمىتى قايتا ئەسلىگە كەلدى.
1982-يىلى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ئەسلىگە كەلدى.
1982-يىلى 9-ئايدا يۇل ياساش قۇرۇلىشىدا 37مېتىر دائىردىكى سېپىل ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ 29ئادەم قازا قىلدى،10ئادەم ئېغىر يارىدار بولدى.
1990-يىلى 6-ئايدا خوشنا ناھىيە ئاقتۇدا قوراللىق توپىلاڭ يۈز بەردى.


يېڭىسار خەلقىنىڭ تەركىبلىرى:تىلشۇناس ئبىراھىم مۇتئى 1982-يىلى ئېىلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلگەن. يېڭىسارنىڭ تېتىر،سۆگەت،ئوچار يېزىلىرىدا پوشكال،ياما،مۇت،مۇتبەردى دىگەن سۆزلۈكلەرنى بايقىغان. پوشكال،ياما دىگەن سۆزلۈكلەر ياغما قەبىلىسىگە(قاراخانىيلار سۇلالىسىدىكى ھۆكىمىران قەبىلە)تەۋە سۆزلۈك. مۇت،مۇتبەردى بولسا قارلۇق قەبىلىسىگە مەنسۇپ خوتەنلىكلەرگە تەۋە سۆزلۈك.
يېڭىساردىكى ھەرقايسى يۇرتلاردىكى كىشىلەرنىڭ تەركىبى: ساغان،يېڭىيەرلىكلەر يۈسۈپقادىر تېگىن ماۋارائۈننەھىر دىن باشلاپ كەلگەن لەشكەرلەرنىڭ ئەۋلادى. قىزىلدىكى  ھاسا،ئارا مەھەللە، قورغانتام، قارامىساي، تېتىرمىچىت كەنتىدىكىلەر ئاتۇش شىۋىسىدە سۆزلىشىدۇ. بۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئاتۇش ئىسلام لەشكەرلىرى. سىتلە ۋە ماڭشىننىڭ غوجائېىرىق كەنتىدىكىلەر قوقان،مەرغۇلان،نەمەنگاندىن كەلگەن سەئىد ئەۋلاتلىرى. سۆگەت يېزىسىغا قاراشلىق بەزى كەنتلەردە تەبىئى ئاپەت تۈپەيلى خوتەندىن كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەر ئولتۇراقلاشغان،تىلىدا مۇت،مۇتبەر،قەھ دىگەندەك خوتەن تەلەپپۇزىدىكى سۆزلەر بار. دىمەك يېڭىسارنىڭ %98نى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنقى ۋە كينىكى ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھىسابلىنىدۇ.  

يېڭىساردىكى لاۋا دىگەن نام ھەققىدە: لاۋا يېڭىسار شەھەر ئىچىنىڭ نامى، ‹لەۋھە› ئەرەبچىدىكى بايراق دىگەن سۆزنىڭ ئۆزگىرىشى. 1009-يىلى پادىشاھ يۈسۈپ قادىرخان يېڭى ھىسارنى بەرپا قىلغاندا سېپىل دەرۋازىسى ئۈستىگە ھەرە چىشلىق قىزىل دۆلەت بايرىقىنى ئاسقان. بايراقنى ئەرەبچە لەۋھە دەپ ئاتىغان. بۇ سۆز يېڭىسارنىڭ يەرلىك تىلىدا لاۋا دەپ ئۆزلىشىپ كەتكەن. لاۋاغا (بازارغا) بارىمىز، لاۋادىن كەلدۇق، لاۋا تاقاق ئىكەن.(شەھەر دەرۋازىسى تاقاق) دىيشكەن.  لاۋا دىگەن بۇ نام ھىلھەم ناھىيە شەھەر بازىرىنى كۆرسىتىپ خەلق تىل ئىستىمالىدا ئىشلتىلىۋاتىدۇ.

مەدەنيەت يادىكارلىقلىرى ۋە تارىخى ئىزلار:
مازارلار،  مازار ئەرەپچە سۆز بولۇپ «زىيارەت»«يوقلاش»دىگەن مەنىدە،بىزدىكى ئىستىمال مەنىسى بولسا  ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىستانلىق،تۇپراق بېشى. بەزىدە ئادەتتىكى كشىلەرنىڭ تۇپراق بېشىمۇ مازار دەپ ئاتىلىدىغان ئەھۋال بار. يېڭىساردىكى مازارلار تۆۋەندىكىچە  ئوردام (مۇھەممەد سىيت ئەلى ئارسلانخان نىڭ قەبرىسى) شەھەر يېزا لەنگەر كەنتىدىكى چۈجە پادىشاھىم،  سۇلتان دەرىجە خېنىم، تېۋىز، قىزىل يېزىسىدىكى ھەزرىتى بەگ، سەرۋازلىرىم، ئەگۈس يېزا موغالدىكى قىز-ئاياللىرىم قاتارلىقلاردۇر. ئاياللارغا خاس بولغان مازارلاردىن (ئاياللار بېرىپ بالىلىق بولۇشنى،توي قىلىشنى تىلەيدىغان) بۈۋى مەريەم خېنىم، نۇرئەلانۇرخان خېنىم،سۇلتان دەرىجە خېنىم(ھەدىيە تۈركان خاتۇن)  ۋە قىز-ئاياللىرىم قاتارلىقلار بار.
يۇقارقى مازارلارنىڭ كۆپ قىسمى مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا بۇزۇپ تاشلانغان. بۇ مازارلارغا ئائىت رىۋايەت،تارىخى مەزمۇنلار بەك كۆپ بولغاچقا ئىسمىنىلا ئاتاپ باشقا مەلۇماتلارنى بايان قىلمىدىم.  تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.
چولپان يېزىسىدىكى قۇم قىشلاق كەنتىدىكى خاسىيەتلىك ھاجەت قۇم. بۇنىڭ رىۋايىتى ئەسكى ھېسار(كوناھىسار) ئۇرۇشتا ۋەيران بولغاندىكىن كىيىن چولپانخان ئىسىملىك باي ئايال ئائىلىسىنى باشلاپ بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ موغالدىن سۇ باشلاپ كۆكەرتىپ يۇرت-مەھەللە بارلىققا كېلىپ ئاۋاتلاشقان. بۇ يۇرتنىڭ نامىنى مۇشۇ ئايالنىڭ نامى بىلەن چولپانخان مەھەللىسى دەپ ئاتىغان ئېرىقنى چولپانئېرىق دەپ ئاتىغان. كىيىن نۇرغۇن ساۋابلىق ئىشلارنى قىلغان بۇ ئايال  پالەچ بۇلۇپ ئاغرىق ئازابى تارتقاندا، بىر كۈنى بىر چۈش كۆرۈپتۇ، چۈشىدە مۇھەممەد سىىيت ئەلى ئارسلانخاننىڭ ئانىسى نۇرئەلانۇرخان چولپانخانغا: سەن نۇرغۇن ساۋابلىق ئىشلارنى قىلدىڭ، ئەل سەندىن رازى، ئەل رازى خۇدا رازى. مەن سەن ئۈچۈن كېسىلىڭگە شىپا بولىدىغان خاسىيەتلىك قۇمنى ئاللادىن تىلىدىم. قۇم سېنىڭ يېنىڭغا يۆتكەلدى، بېرىپ قۇمغا كۆمۈل، كېسىلىڭ شىپا تاپۇر دىگەن. دىگەندەك ئەتىسى بۇ يۇرتنىڭ ئاياق تەرپىدە بىر دۆۋە قۇم پەيدا بولۇپتۇ. چۈشىدىكى بىشارەتكە ئاساسەن چولپانخان قۇمغا كۆمۈلۈپ كېسىلى شىپا تىپىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ كىشلەر بۇ قۇمغا كۆمۈلۇپ كېسىلىنى ساقايتىپتۇ.  بۇ خاسىيەتلىك ھاجەت قۇمنىڭ شىپالىق رولى ھەققىدە تىببىي ئىلىم ئەھلىلىرى قوياش نۇرى 6-ئايدىن تارتىپ 8-ئايغىچە بەك كۈچلۈك، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرنى بۇ قۇم ئۆزىگە تىز ھەم كۆپ قوبۇل قىلغاچقا رىماتىزىم، سوغۇقتىن بولغان باش ئاغرىقى ۋە پالەچ كىسىلىگە مەنپەئەت، شىپا قىلىدۇ دەپ چۈشەندۈرگەن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ جايغا ئەھمىيەت بەرمىگەچكە بۇ قۇمنى باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىپ يۆتكەپ كېتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ، ھازىر بۇ قۇم يۇقاپ كېتەي دەپ قالدى.

يېڭىسارنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى:
سەمەت ئۈرۈك: سەمەت ئۈرۈكى مۇشۇ ئۈرۈكنى بەرپا قىلغان سەمەت ئىسىملىك كىشىنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن 150نەچچە يىل بۇرۇن ئەگۈسلۈك سەمەت ئىسىملىك دىھقان يىگىت دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە بېرىپ ئىشلەش جەريانىدا ئىسل ئۈرۈك تۈرلىرىنى كۆرگەن ھەم ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ كېتىشنى بەك ئارزۇ قىلغان.  قايتىپ كېلىشىدە ھەرقايسى شەھەرلەردىن توپلىغان ئىسىل ئۈرۈك كۆچەتلىرىنى ۋە شاخ كۆزلەرنى مىڭ بىر مۇشەققەتلەر بىلەن يۇرتى ئەگۈسكە ئېلىپ كېلىپ كۆچۈرۈپ، قايتا -قايتا ئۇلاپ سىناق قىلىپ يېڭى ئۈرۈك تۈرىنى مەيدانغا چىقارغان. كىشىلەر بۇ ئۈرۈكنى كەشىپ قىلغان دىھقاننىڭ ئىسمى بىلەن سەمەت ئۈرۈك دەپ ئاتىغان.
يېڭىسار بادىمى: بادامنىڭ پىستە بادام، قەغەز بادام، تاش بادام، شاپتۇل بادام ۋە يىگىلى بولمايدىغان دورا ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئاچچىق بادام دىگەن تۈرلىرى بار. بادام شىپالىق رولى ئىنتايىن زور قۇرۇق مىۋە. ئۇنداقتا بادام قانداق بارلىققا كەلگەن ؟ پىشقەدەملەرنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، يېڭىسار مۇھىم ئۆتەڭلەرنىڭ بىرى بولغان، سودىگەرلەر داۋاملىق بۇ يەردىن ئۆتۈپ تۇرغان، بۇنىڭدىن 500 يىل بۇرۇن بىر پارىسلىق سودىگەر يېڭىسارغا كەلگەندە قاتتىق ئاغرىپ قالغان، يېڭىساردىكى ئۈلپەتلىرى ھالدىن ياخشى خەۋەر ئاپتۇ. ئىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان ئايالى بىر سېۋەت بادامنى ئېلىپ يېڭىسارغا كەپتۇ. ئۇ كەلگەندە ئىرى ۋاپات بولغان ئىكەن. ئايال يېڭىسار خەلقىنىڭ ئېرىگە قىلغان ياخشىلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۆزى ئېلىپ كەلگەن بادامنى يېڭىسار خەلقىغە سوۋغات قىلىپتۇ ھەم تىكىپ ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى ئۈگىتىپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن بادام باشقا يۇرتلارغىمۇ تارقىلىپتۇ.
پىچاق: يېڭىسار پىچىقىنىڭ نامى دىيارىمىزدا ۋە يات ئەللەردىمۇ خېلى داڭلىق. ئەڭ دەسلەپكى يېڭىسار پىچىقىنىڭ يۇرتى ماڭشىن يېزىسىنىڭ لەنگەر كەنتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە لەنگەرلىك ئۆمەر ئاخۇن دىگەن داڭلىق تۆمۈرچى بار ئىكەن، ئۇ تۆمۈرنى سۇدەك ئىرىتىپ پىچاق سوقالايدىكەن، پىچاق بەك ئۆتكۈر،ياخشى سوقۇلغاچقا نامى بارا - بارا ھەممە جايلارغا تارقىلىپ شاگىرتلىرى كۆپىيىپتۇ. لەنگەرمۇ پىچاقچىلارنىڭ مەھەللىسى بولۇپ قاپتۇ.
كۇلالچىلىق: كۇلالچىلىق يېڭىساردا 2000يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. يېڭىسارنىڭ كۇلالچىلىقى ئۇسلۇبى ئاددى -ساددا، قەدىمىي، ساپال بويۇملارنىڭ رەڭگى ھەر خىل. بارلىق ساپال بويۇملار قول بىلەن ياسىلىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ شەكلى تۈز، چوڭ -كىچىكلىكى ئوخشاش،ياسىلىشى چىرايلىق. ماڭشىن يېزىسىدا بىر خۇمدان بار، كۇلالچىلارنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن ھازىر ئىلاخۇن ئائىلىسى، ئابدۇراھمان ئائىلىسى قاتارلىق ساناقلىقلا كىشىلەر قالغان. ھەممىسى ھۆنەر سەنئەتلىك كۇلال ياسايدۇ.

يېڭىسارنىڭ مائارىپ ئىشلىرى 16-ئەسىرىدىكى سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدە يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ تەدرىجى تەرەققىي قىلغان. بۇ تىمىلارمۇ بەك ئۇزۇن بولغاچقا بېسىپ كىرگۈزۈپ بولالمىدىم، يەنە بىر قېتىم ئەپۇ سورايمەن. مەشھۇر كىشىلەردىن بىر قانچە مىسال، سابىر ئاخۇن خەلپىتىم (ناقىس) ،مۇقام ئۇستازى تۇردى ئاخۇن ۋە ئۇنىڭ دادىسى تەۋەككۈل ئاخۇن ئەلنەغمە. سابىر ئاخۇن خەلپىتىم(ناقىس) بىلەن تەۋەككۇل ئاخۇن ئەلنەغمە مۇقام ئاھاڭلىرىغا ئەلشىر ناۋائى،مەشرەپ،ھۈۋەيدا،زەلىلى قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ئەلگە تونۇش بولغان، كەڭ تارقالغان داستان ۋە خەلق قوشاقلىرىدىن مۇقامغا ماس كېلىدىغان نەزمىلەرنى رەتلەپ چىققان.  چۈشۈنۈكسىز بولغان، پارسچە ئېيتىلىدىغان نەزمىلەرنى،شەھۋانى قوشاقلارنى چىقىرىپ تاشلىغان، تېكىستسىز قالغان نەغمىلەرگە تىكىست بەلگىلەپ چىققان.

مەدىرىسەلەردىن خوجا جاھان، تاھىر بەگ، ھوشۇر ھىكىم بەگ، سامساق بەگ، دىۋانى ھاجى، ئابدۇكېرىم ھاجى قاتارلىق مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر بىنا قىلغان شەرىئەت مەدرىسە، گۈللۈك ھويلا مەدرىسە، ئايدىڭكۆل مەدرىسە، ئات بازىرى مەدرىسە، ئستياكوچا مەدرىسە ۋە سېپىل ئارقى مەدرىسە قاتارلىق مەدرىسەلەر بار، ھەر قايسى يېزىلاردا 20 ئورۇندا كۆلىمى كىچىك مەدرىسەلەر بولغان. مەدرىسەلەردە سەرپ نەھۋى، ئاۋامىل(ئەرەب تىلى گىراماتىكىسى) ، ئىلمى ھەدىس(تەپسىرشۇناسلىق)، پەقىق ئىلمى(شەرىئەتشۇناسلىق)، مۇختىسەر(دىنىي ئىبادەتلەر ئۇسۇلى)، مۇشكات شىرىپ، ئىلمىي رىيازەت(ماتىماتىكا)، ئىلىمى تىپ( دوختۇرلۇق،تېۋىپ)، ئىلمىي مۇھەندىس(بىناكارلىق)،ئىلمىي نۇجۇم (ئاستۇرۇنومىيە) قاتارلىق ئىلىملار ئۈگىتىلگەن. بۇ مەدرىسەلەردە باشلانغۇچ مەكتەب(موللام مەكتىبى،ساۋات چىقىرىش ،ھەپتىيەك، قۇرئان، سوپى ئاللايار،خوجاھافىز قاتارلىقلار ئۈگىتىلىدۇ) پۈتتۈرۈپ چىققان ياشلار،ئوتتۇرا ياشلىقلار ئىلم تەھسىل قىلىشقان.

ئۇھ، بىر كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاخرى كىرگۈزۈپ بولدۇم. ئىملا خاتالىقلىرىنى كەچۈرۈپ توغرا ئوقۇشىڭلارنى سورايمەن.
كەم قالغان مەزمۇنلارنى يېڭىسارلىق يۇرتداشلار تولۇقلاپ قويارسىلەر.

كۆيۈمچان ئەزا

ئۆرۈك تۈگىسە،قا

UID
2749
يازما
353
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
11414
تىزىملاتقان
2010-6-10
ئاخىرقى قېتىم
2015-5-5
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 17:40:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭسار دىگەن بۇ ئىسىم قۇلىقىمغا بەك يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ.  
بەلكىم، تۇغۇلغان يۇرتۇمنىڭ نامىمۇ ، مەزكۇر تېمىدا بايان قىلىنغان قىممەتلىك تارېخ ، دىن ۋە مائارىپ ... ئىزنالىرىغا باي يېڭسار نامىدىن ئارىيەت ئىلىنغاندىمۇ دەپمۇ گۇمان قىلىمەن.
قەشقەر-يېڭسار،
بۈگۈر -يېڭسار،
تۇرپان-يېڭسار.

يەنە ، قانچە يېڭسار باردۇ؟

UID
16297
يازما
178
تېما
12
نادىر
0
جۇغلانما
538
تىزىملاتقان
2011-10-22
ئاخىرقى قېتىم
2014-11-16
توردا
144 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 20:43:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نامى دۇنياغا داڭلىق يېڭىسار پىچىقىنىڭ كىلىپ چىقىش تارىخىمۇ خىلى باردۇ ھەرقاچان!؟ دىيارىمىز ئەنە شۇنداق سەلتەنەتلەك تارىخقا ئىگە- دە! موشۇ مەدەنىيەت ئېنقىلابىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسام نىرۋام شۇنداق ئۆرلەيدۇ، نورغۇن تارىخى ئىزنالىرىمىز شۇ ۋاقىتتا يوقالدى( ئەمەلىيەتتىغۇ ھازىرمۇ شۇنىڭدىن قىلىشمايدۇ!). ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر، ئاللاھ قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن!!

UID
30369
يازما
11
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
11
تىزىملاتقان
2012-2-23
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-16
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 20:49:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭىسار دېسە شۇ پىچاقچىلىق ھۈنىرى بىرىنجى بولۇپ ئېسىمگە كېلىدىكەن .

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
620
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
630
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-22
توردا
233 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 21:56:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندىكى تەزكىرىدە يېڭىسار پىچىقىغا ئائىت مەزمۇنلار كۆپ ئەمەسكەن، يەنە بەزى مەزمۇنلارنىڭ كېتابتا بېرىلگەن ئورنى باشقا،باشقا يەردە بولغاچقا رەتلەپ بولۇشقا ھورۇنلۇق قىلدىم. بۇ تىمىنىڭ بېشىدا بېرىلگەن ئىگىز يەردىن تۆمۈر چىقىدۇ دىگەن مەزمۇن بىلەنمۇ ئازراق ئالاقىدار، ئىگىز يەر يېزىسىدا بۇرۇندىنلا تۆمۈر تاۋلاش ئوچىقى بار ئىكەندۇق. يېڭىسار پىچىقىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولىشىنى شۇ يەرلىك تۆمۈر،تۆمۈر تاۋلاش تېخنىكىسى ۋە يېڭىسارنىڭ سۈيى بىلەن مۇناسۋەتلىك دەپ قارايدىكەن. بۇ مەزمۇنلار كىتابتا ھەر قايسى باپلاردا قىسقا جۈملىلەر بىلەنلا ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن. قولۇمدىكى تەزكىرە «قەدىمقى دىيار-يېڭىسار» نىڭ تۆتىنچى قىسمى بولغاچ بۇ مەزمۇنلار بەلكىم تولۇق بولماسلىقى مۇمكىن. كىيىن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى تاپالىسام تولۇقلاپ يېزىپ قويىمەن.

UID
14565
يازما
23
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
533
تىزىملاتقان
2011-9-1
ئاخىرقى قېتىم
2014-1-13
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 22:14:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆيۈملۈك  ئانا  يۇرتۇم !!!

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
620
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
630
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-22
توردا
233 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 00:40:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1864-يىلى ئومۇمىيۈزلۈك قوزغىلاڭ پارتىلاپ مانجۇ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان. 1865-يىلىدىن باشلاپ ياقوب بەگ سولتان بولغان.

مەن ئۇيغۇرلاردىكى ئاخىرقى پادىشاھ كىم دىگەن تىمىنى ئوقۇغاندىن كىيىن يۇقۇرقى مەزمۇننىڭ خاتا بولۇپ قالغىنىنى ھىس قىلدىم. 1865-يىلىدىن باشلاپ ياقۇب بەگنىڭ باشقۇرىشىدا بولغان دەپ تۈزۈتۈپ ئوقارسىلەر. چۈنكى ياقۇب بەگ ئۈزنى خان ياكى سۇلتان دەپ ئاتىمىغان.

تىرىشچان ئەزا

دۈشمىنىمنىڭ دۇش

UID
5562
يازما
60
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1230
تىزىملاتقان
2010-9-9
ئاخىرقى قېتىم
2014-5-19
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 05:51:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2012-2-25 00:40
1864-يىلى ئومۇمىيۈزلۈك قوزغىلاڭ پارتىلاپ مانجۇ ھاكىمىيى ...

مەن ئۇيغۇرلاردىكى ئاخىرقى پادىشاھ كىم دېگەن تېمىنى ئوقۇغاندىن كىيىن يۇقۇرقى مەزمۇننىڭ خاتا بولۇپ قالغىنىنى ھېس قىلدىم. 1865-يىلىدىن باشلاپ ياقۇپ بەگنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان دەپ تۈزىتىپ ئوقارسىلەر. چۈنكى ياقۇپ بەگ ئۆزنى خان ياكى سۇلتان دەپ ئاتىمىغان.

UID
30556
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-2-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-20
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 10:23:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىشكە تىگىشلىك ئىشكەن

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
620
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
630
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-22
توردا
233 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 20:08:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bawdun يوللىغان ۋاقتى  2012-2-25 05:51
مەن ئۇيغۇرلاردىكى ئاخىرقى پادىشاھ كىم دېگەن تېمىنى ئ ...

سىزگە كۆپ رەھمەت، 3قۇر خەت يازسام 7 سۆزدە ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن. ياقۇب دىگەن سۆزنى مەن «تارىخي ھەمىدىيە»دە شۇنداق كۆرگەن ئېسىمدە، شۇڭلاشقا ياقۇب دەپ يازغان. بۇنىڭدىن كىيىن ئىملاغا كۆپىرەك دىققەت قىلسام بولغىدەك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

葡京赌场 游戏赌博平台 那个网上娱乐城最好 万达国际tt娱乐城 欧洲杯球衣正品专卖 永利博网上娱乐城 超级大玩家下载 爱博彩社区论坛 云鼎娱乐场 信誉最好的娱乐城 博彩网址导航 苏州国际影视娱乐城 金盛国际娱乐城 九龙国际娱乐城 澳门赌场玩法 五湖四海是什么意思 娱乐城 88娱乐城 盈丰时时彩平台 欧洲杯澳门足球盘 永利博网上娱乐城 水经注软件 澳门威尼斯人 娱乐城哪家好 胜负彩比分 qq欢乐斗地主下载 永利博网上娱乐城 网上娱乐城排行榜 英皇娱乐城英皇国际 永利博网上娱乐城 在线娱乐城天上人间 利澳娱乐城天上人间 欧洲杯决赛专题 哪家网上花店最好 欧洲杯澳门即时盘 澳门新葡京官网 422488 鱼雨大乐透13036 88娱乐城 信誉最好的娱乐城 哪家网上药店最好 澳门威尼斯官网 乾讯网网址 国际十大博彩娱乐城 娱乐城天上人间 百家乐玩法 京城娱乐城 金沙国际娱乐城 血洗唐人街 皇冠假日 高尔夫网球频道 bet365官方网站 网上现金棋牌 菲律宾太阳城娱乐网 银河娱乐场 利来国际娱乐 网上娱乐城排行榜 球探网比分 澳门赌场有那些玩法 喜达博彩真钱娱乐 百利宫影城 娱乐城去澳门 a8娱乐城看天上人间 今晚欧洲杯 红桃k说明书 脉动棋牌 真龙香烟价格英皇国际 网上娱乐城哪家最好 澳门利澳娱乐城 圣淘沙娱乐天上人间 金山海上皇宫 德甲球队队徽 太阳城娱乐城管理网 2012最新电影网址 娱乐城内部管理制度 太阳城集团 鸿运国际娱乐城 竞彩篮球比分直播 百博国际娱乐城 澳门金沙娱乐场 22555官方网 鸿运国际娱乐城 百利宫娱乐城 永利博网上娱乐城 88娱乐城 苏州国际影视娱乐城 中华娱乐城影讯 娱乐城哪家好 娱乐城天上人间 韩国华克山庄赌场 网上娱乐城排行榜 澳门永利 网上娱乐城 必赢国际 鸿利会娱乐城 澳门巴比伦娱乐城 娱乐城 京城国际娱乐城 吟唱新乐园 网上娱乐城排行榜 太阳城娱乐城管理网 菲律宾欢乐谷娱乐城 娱乐城天上人间 新豪娱乐城天上人间 网上娱乐城排行榜 淘金盈娱乐城 kk娱乐城天上人间 亿博国际娱乐城 新浪娱乐首页 明升娱乐城 88娱乐城 88娱乐城天上人间 永利博网上娱乐城 欧洲篮球比分直播 九龙国际娱乐城 kk娱乐城天上人间 360大乐透胆拖 tt娱乐城官网 苏州国际娱乐城 tt娱乐城 博九网娱乐城 在线娱乐城天上人间 德国比利时 皇冠娱乐城开户 百乐娱乐新澳博 皇冠即时水位 皇冠足球论坛 篮球即时比分 体彩投注站 网上娱乐城哪家最好 博彩通评级 环球娱乐城天上人间 澳门博彩网上投注 博久娱乐城 娱乐城去澳门 88娱乐城代理tlyd 2012欧洲杯pptv直播 皇冠开户网 博坊娱乐城天上人间 五湖四海指什么 博坊娱乐城天上人间 国际十大博彩娱乐城 kk娱乐城天上人间 美国大西洋城 0点直播吧 2012年欧洲杯qq直播 88娱乐城 国际足球新闻 娱乐城天上人间 京城国际娱乐城 皇冠网址 欧洲杯决赛博彩开盘 街拍 微博 澳门星际 美女斗地主 娱乐城内部管理制度 88娱乐城天上人间 永利高平台 至尊国际娱乐城 越豪门之娱乐后宫 利来国际娱乐城 娱乐城去澳门 tt娱乐城 新加坡圣淘沙度假村 威尼斯人赌场 澳门金沙娱乐场网址 尊龙国际娱乐城 e世博官方网站 博e百娱乐 e世博yjsol 足彩网 大乐透那个台开奖 赢钱专家粤语 澳门威尼斯人官方网 娱乐城天上人间 湖北棋牌游戏平台 北京天上人间后台 宝马会国际娱乐会所 红桃k集团 网上最大娱乐城 英国布莱顿天体海滩 博彩通首页 新加坡圣淘沙 网上棋牌室 星际娱乐场 网上娱乐城 网上娱乐城哪家最好 今天有没有欧洲杯 讯盈比分 娱乐城天上人间 大发888娱乐场下载英皇国际 浙江体彩网11选5 优博娱乐城天上人间 乐百家国际娱乐城英皇国际 足球 大西洋城赌场 希尔顿酒店集团 360大乐透杀号定胆 tt娱乐城 百丽宫影城 富国天合基金净值 九龙国际娱乐城 澳门金沙官网 澳门葡京赌侠诗 新豪娱乐城天上人间 足球小将国语版全集 北京太阳城医院 网上娱乐城哪家最好 bet365备用主页器 宝马会全讯网 玩老虎机技巧 利来国际娱乐城 太阳城管理娱乐网 bet365备用网站 京城国际娱乐城 皇冠代理25900 波恩利vs诺丁汉森林 甘肃云鼎集团 利澳娱乐城天上人间 新豪娱乐城天上人间 网上娱乐城哪家最好 皇冠足球 tt威龙电源怎么样英皇国际 88娱乐城天上人间 皇冠开户网址 网上最好药店 九龙国际娱乐城 网上赌城@黄金城 东方太阳城 88娱乐城天上人间 天朝博彩论坛 爱博彩论坛 邯郸市 金赞娱乐到天上人间 新澳门娱乐城 网络赌博 澳门新葡京娱乐城 欧洲最大的博彩公司 棋牌游戏网站 舟山星空棋牌 娱乐城哪家好 博彩论坛bozhidao 金宝博会不要给钱 赛尔号谱尼在哪 圣淘沙娱乐天上人间 娱乐城天上人间 百博娱乐城 娱乐城天上人间 娱乐城 新乐园娱乐城 a8娱乐城看天上人间 网上娱乐城 国际赌场 上海电视台劲爆体育 利澳娱乐城天上人间 福建大乐透开奖结果 2012澳门葡京赌场 大乐透专家预测单注 三国志网页游戏 万达国际tt娱乐城 上海中超地板 博彩网推百拉好吗 太阳城 网上娱乐城 海上皇宫大酒店菜单 百丽宫影城 国贸店 万达国际tt娱乐城 粤海之星 娱乐城 环球娱乐城天上人间 开彩票投注站 网页版足球游戏 tt娱乐城 阳城贴吧 环球娱乐城天上人间 欧冠足球吧 利澳娱乐城天上人间 网上娱乐城排行榜 人气最高的棋牌 吧吧在线 欧洲杯决赛亚洲指数 澳门哪个赌场好 澳门赌场娱乐城视频 沙龙国际娱乐城网站 澳门赌场新葡京 皇冠足球论坛 环球娱乐城天上人间 在线娱乐城天上人间 百家博 立即博娱乐城 棋牌游戏注册送10元 尊龙国际娱乐城 葡京国际娱乐城 现金流游戏 球探篮球即时比分 新宝投注 威尼斯人多少钱一晚 bet365去澳门娱乐城 bet007篮球 澳门彩票 皇冠足球投注平台 红9娱乐城 娱乐城注册送体验金 博彩网去澳门 必博娱乐城 宋代足球小将2全集1 御龙在天群英会喝酒 博彩网 网上娱乐城排行榜 苏州国际影视娱乐城 明星斗地主官网 球探篮球即时比分 斯科尔斯告别赛 最新皇冠网址 宜昌海上皇宫 利澳娱乐城天上人间 永利博网上娱乐城 狮威亚洲娱乐城 娱乐城哪家好 百博娱乐城

娱乐城博彩
娱乐城博彩网站排名
娱乐城代理
娱乐城鼎盛
娱乐城管理
娱乐城管理制度
娱乐城金沙国际权威
娱乐城金赞
娱乐城开户
娱乐城开户送
娱乐城开户送彩金
娱乐城开户送钱新澳博
娱乐城开户送钱英皇国际
娱乐城乐放
娱乐城哪家好
娱乐城内部管理制度
娱乐城排行榜
娱乐城棋牌
娱乐城去澳门
娱乐城去澳门
娱乐城去英皇开户吧新澳博
娱乐城去英皇开户吧英皇国际
娱乐城体验金
娱乐城天上人间
娱乐城网址
娱乐城韦德亚洲
娱乐城新澳博
娱乐城新澳博好
娱乐城新锦江6544
娱乐城新锦江xjj665
娱乐城信息资讯网
娱乐城信誉排行榜
娱乐城英皇国际
娱乐城英皇国际在线
娱乐城游戏机
娱乐城云鼎好
娱乐城注册
娱乐城注册送
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
申博太阳城官网
天上人间国际娱乐城
天上人间娱乐城
天天乐娱乐城
天天乐娱乐城新澳博
天天乐娱乐城英皇国际
万博88娱乐城
万博娱乐城
万达国际tt娱乐城
万达娱乐城
万豪娱乐城
万豪娱乐城怎么样
网络娱乐城
网上 娱乐城
网上澳门赌场
网上博彩娱乐城
网上欢乐谷娱乐城
网上信誉最好娱乐城
网上娱乐城
网上娱乐城代理
网上娱乐城老虎机
网上娱乐城老虎机新澳博
网上娱乐城老虎机英皇国际
网上娱乐城哪个好新澳博
网上娱乐城哪个好英皇国际
网上娱乐城哪家最好
网上娱乐城哪家最好新澳博
网上娱乐城哪家最好英皇国际
网上娱乐城那个最好
网上娱乐城排行榜
网上娱乐城排名
网上娱乐城是真的吗
网上娱乐城是真的吗新澳博
网上娱乐城是真的吗英皇国际
网上娱乐城网站
网上娱乐城新澳博
网上娱乐城英皇国际
网上娱乐城注册
网上真钱娱乐城
网上最大娱乐城
百家乐必赢法
百家乐必赢法视频
百家乐彩
百家乐策略
百家乐策略技巧
百家乐大小技巧
百家乐代理
百家乐代理加盟
百家乐代理开户
百家乐代理哪里好
百家乐的玩法
百家乐的下注技巧
百家乐斗地主
百家乐改单
百家乐高手打法
百家乐高手看路
百家乐高手论坛
百家乐合作
百家乐会员开户
百家乐技巧策略
百家乐技巧打法赌博技巧
百家乐技巧大全
百家乐技巧公式论坛
百家乐技巧在那里
百家乐技巧之写路
百家乐交流群
百家乐开户
百家乐开户就送现金
百家乐看路
百家乐路
百家乐路单软件
百家乐路纸
百家乐论坛
百家乐论坛在线
百家乐论坛在线提供
百家乐免费试玩
百家乐免费在线开户
百家乐哪家好
百家乐哪里开户
百家乐牌技群
百家乐平台
百家乐破解
百家乐破解的方法
百家乐破解方法
百家乐破解秘籍
百家乐棋牌
百家乐群
百家乐试玩
百家乐试玩得真钱优惠
百家乐太阳城开户
百家乐投注技巧
百家乐投注开户在哪里比较好
百家乐玩法
百家乐玩法百科
百家乐玩法技巧
百家乐玩法揭秘
百家乐玩法介绍
百家乐玩法秘诀
百家乐玩法与规则
百家乐网
百家乐网上真钱娱乐城
百家乐下注策略
百家乐线上开户
百家乐线上游戏
百家乐赢钱的秘籍
百家乐赢钱技巧
百家乐用品
百家乐游戏的致胜玩法
百家乐游戏攻略
百家乐游戏规则
百家乐游戏规则是怎么样的
百家乐游戏机
百家乐游戏机破解
百家乐游戏技巧
百家乐游戏哪里比较好
百家乐游戏哪里玩好
百家乐游戏哪里有
百家乐游戏平台
百家乐游戏破解-皇冠投注
百家乐游戏软件
百家乐游戏下载
百家乐游戏有技巧吗
百家乐游戏有什么技巧
百家乐游戏真人真娱
百家乐游戏桌租赁
百家乐有什么必赢的绝技
百家乐娱乐城
百家乐娱乐城真钱游戏
百家乐娱乐官方网
百家乐园
百家乐怎么作弊
百家乐真人游戏娱乐城
百家乐注码法
百家乐庄闲必胜打法
百家乐最高概率打法
百家乐作弊
百家乐怎么玩
百家乐怎么玩才能赢钱

چوققىغا قايتىش