- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 104
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 104
- تىزىملاتقان
- 2011-12-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- UID
- 21373
- يازما
- 104
- تېما
- 6
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 104
- تىزىملاتقان
- 2011-12-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-30
- توردا
- 83 سائەت
|
misran.biz يوللىغان ۋاقتى 2012-2-25 02:13 
شوتا توغرىسىدا ئەتراپلىق چۈشەنچە بولۇپتۇ،رەھمەت!
مەن ...
شۇنداق، لېكىن مەن تا ھازىرغىچە بىلەلمىدىم، نېمە ئۈچۈن شوتا دەپ ئاتىغاندۇر دەپ. بەلكىم بۇ نامنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق كېلىپ چىقىش تارىخى باردۇر.
شوتا يېزىسى بايلىقلارغا تولۇپ ياتقان زىمىن، چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە يېزىدىكى بەزى ئادەملەر يەر كولاش قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن بايلىقلار چىقىپ بېيىپ، بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنمىش. ئەمەلىيەتتىمۇ مۇڭغۇللارنىڭ كۆمۈلگەن بايلىقلىرى جىق. شوتا يېزىسىدىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان تۈزلەڭلىكتىكى دۆڭلەر ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى دۆڭلۈكلەر ئەمەس، بەلكى بايلىقلار كۆمۈلگەن دۆڭلەردۇر. بەزى دۆڭلەرنى ھۆكۈمەت مەخسۇس قازغان. لېكىن ھازىر قىپقالغان دۆڭلۈكلەرنى ئاسانلىقچە قازغۇزمايدۇ.
بۇنداق بايلىقلارنىڭ بولۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى بۇرۇن بۇ يەرلەردە مۇڭغۇللار ياشىغان، مۇڭغۇللارنىڭ خاقانى خوڭتەيجىنىڭ يازلىق تۇرۇش ئورنى دەل شوتىنىڭ خانيايلىقىدۇر. ياز پەسلىدە سۈيى ئەلۋەك، تاغلىرى گۈزەل، ھاۋاسى ساپ جايلارنى ئارامگاھلىققا تاللايدىغان مۇڭغۇللار دەل بۇ شوتا يايلىقىنى يازلىق ماكان قىلىشىقان. خانيايلاقنىڭ تۈزلەڭلىككە جايلاشقان ئەڭ ياخشى يېرى دەل خوڭتەيجىنىڭ ئارامگاھى، تاغلىق جايلىرىدىن باشلاپ مەرتىۋىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بىلەن جايلاشقان. ئۇلارنىڭ ياغاچتىن ياسالغان ئارامگاھلىرى ھېلىمۇ ساقلانغان.
شوتا يايلىقىدا يېقىنقى زاماندا بايقالغان خەنزۇ مەلىكە شىجۈننىڭ قەبرىسى بايقالغاندىمۇ، قەبرى ئىچىدىن نۇرغۇن بايلىقلار چىققان. بۇ ئۇزاق يىللار كۆمۈلۈپ ياتقان قەبرە بىر ئاددى دېھقاننىڭ ھارۋۇسىنىڭ چاقىنىڭ بىر ئازگالدەك يەرگە كىرىپ كېتىپ تارتىپ چىقىرىش جەريانىدا بايقالغان ئىدى. بۇ ياخشى نىيەتلىك دېھقان كىشى دەرھال يېزىلىق ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلىپ شوتا يايلىقىدىكى بايقالمىغان يەنە بىر بايلىقنى ئاچتى. بۇ دەل مۇڭغۇللار بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن بەرگەن مەلىكە شىجۈننىڭ قەبرىسى ئىدى. شوتىغا ھازىر بارغانلار ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك تاغلار يانداشقان، بۇلاق سۈيى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان، يېشىللىق قاپلىغان تاغ باغرىدىكى قەبرى ئابدىلىرىنى كۆرەلەيدۇ.
شۇنداق، شوتا كىتابلاردا تەسۋىرلەنگەندەك بىر ئاددى ئۆتەڭ بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۆز قوينىدا تالاي تارىخ كەچمىشلىرىگە شاھىد بولغان ، تالاي كىشىلەرنى قېلىن قار قوينىغا ئىلىپ كەتكەن سېھىرلىك ھەم گۈزەل بىر ماكان. ئۇنى بەكرەك چۈشىنىش ئۈچۈن بىزدىن يەنە نۇرغۇن ئىزدىنىشلەرنى كۈتىدۇ.
مۇشۇنداق گۈزەل بىر ماكاننىڭ داۋاملىق گۈزەل ۋە ساپ ھالەتتە مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ‹‹بۆرە ئانا›› رومانىدىكى گۈزەل بىر يايلاقنىڭ خاراپ بولغىنىدەك ئاقىۋەتكە قالماسلىقىنى ئىستەيمەن. |
|