بەيگە ۋادىسى __موڭغۇلكۈرە (ئوسمانجان فوتۇ-سۈرەتلىرى)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئەلكۈيى ئەھلى، كەمىنە مىسران ئۇشبۇ مۇنبەرگە تۈنجى تېما يوللىشىم. فوتو-سۈرەتچىلىك مېنىڭ كەسپىم بولمىسىمۇ ئوتتەك قىزغىنلىقىم ئاپىراتقا قول ئۇزۇتۇشۇمغا سەۋەپ بولدى. ئۆتكەن يىلى يىل ئوتتۇرىدا ئالغان ئاپىراتنى كۆتۈرۈپ خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بارغان جايلىرىمدىن خاتىرە يىغىپ كېلىپتىمەن. كەمىنە يېڭى ئۆگەنگۈچى بولغاچ يازما ۋە سۈرەتلەردە نۇرغۇن يىتەرسىزلىك بولىشى مۇقەررەردۇر. شۇڭا ئەلكۈيى ئەھلىنىڭ قىممەتلىك پىكىر-تەلەپلىرىنى ئايىماي بېرىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پىقىرنىڭمۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە ھايات كارتىنىلىرىمدىن گۈزەل خاتىرىلەرنى يىغىپ ئۈشبۇ مۇنبەرگە يوللاپ ئەلكۈيىدىكى ئۇستاز، دوست-بۇرادەرلەر بىلەن بىرگە ھۇزۇرلىنىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن!
2012-يىلىنىڭ بىرىنچى ھەپتىسىدە دوستۇمنىڭ موڭغۇلكۈرەگە بىللە بېرىپ، يەرلىك خەلقنىڭ قىشلىق پائالىيەتلىرىنى سۈرەتكە ئېلىش ئىشلىرىغا ھەمراھ بولۇش تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. موڭغۇلكۈرەنىڭ گۈزەل يايلاقلىرى، مۇز بىلەن قاپسىنغان مۇزارت داۋانلىرى غۇلجىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ ئۈچ يىلدا مېنى ئۆزىگە ئەڭ مەپتۇن قىلغان جەننەت ماكان جاي ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ ھەر يىلى يازدا دېگۈدەك بىر نېمىلەرنى قىلىپ ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىپ، ئادەمسىز تەبىئەتتىن ھۇزۇرلىنىپ كېلەتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە موڭغۇلكۈرە تارىختىن بەيگە ھەم جەڭ ئاتلىرى ماكانى. بۇ ماكاننىڭ مۇھىتى ۋە تۇپرىقى ئات تۇياقلىرىغا بىلەي رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، سورتلۇق ئاتلارنىڭ ساغلام ئەي بولۇشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن. چىڭگىزخان زامانلىرىدا ئۇنىڭ جەڭ ئاتلىرىمۇ دەل ئۇشبۇ ماكاندىن كەلتۈرۈلىدىغان بولۇپ، شۇ زامانلاردىن تارتىپ موڭغۇلكۈرە ئاتلىرىنىڭ داڭقى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھالقىپ ياۋروپاغىچە يەتكەن. ھازىر بۇ زىمىن دۆلىتىمىزنىڭ سورتلۇق ئاتلىرىدىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادىن قازاقىستان،قىرغىزىستان... قاتارلىق بىر قانچە ئەللەرنىڭ داڭلىق بەيگە ئاتلىرىنىڭ ئارام ئالىدىغان «ساناتورىيە»سىگە ئايلانغانىدى. مۇشۇ بىر قاتار سەۋەبلەر ھەم قىش پەسلىدە بېرىپ باقمىغاچقا دوستۇمنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلىپلا ئۈرۈمچىدىن ھاپىلا-شاپىلا يولغا چىقتىم. ئىككىنچى كۈنى كەچتە ئاران دېگۈدەك مەنزىلگە يىتىپ باردىم. ئەپسۇس...ئۇلار بۇ يەردە مەن كەلگۈچە سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنىڭ يېرىمىنى تۈگۈتۈپ بولۇپتۇ. نۇرغۇن ئىسىل كۆرۈنۈشلەردىن مەھرۇم قالغىنىمغا ئىچىم ئېچىشتى، شۇنداقتىمۇ ئىككىنچى كۈنىدىكى بەيگىگە ئۈلگۈرۈپ بارغىنىمدىن خۇرسەن بولدۇم.
ئەتىسى ئون تۆت سائەت يول يۈرۈپ چارچىغىنىمنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، سەھەردە مەركىزى تېلىۋزىيە ئىستانسىنىڭ پىروگرامما گۇرۇپىسىدىكىلەر بىلەن يۈزۈمنى چالا يۇيۇپ، كالاچنى تەتۈر كىيىپ بەيگە مەيدانىغا كەلدۇق. بىز بارغاندا ئاپپاق قاردىن لىباس كەيگەن بىپايان يايلاقتا مەن، دوستۇم، ئالتە يولداش ۋە بىر ئىتتىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. ئىچىمدە بۈگۈنكى ياڭاقنىڭ كاۋاكلىكىنى ئويلاپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. كېيىن ئۇقسام بەيگە چۈشكە يېقىن باشلىنارمىش. ئىچىمدە بۇلارغا ئەگىشىپ ئۇيقۇمنى بۇزۇپ، كۆرەلمىگەن چۈشلىرىمگە ئىچىم ئېچىشتى، شۇنداقتىمۇ سوغۇقتا ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرۈپ، خىزمەت گۇرۇپىسىدىكىلەر بىلەن قايتا مۇڭدىشىپ... دېگەندەك ۋاقىتنى ئۆتكۈزدۈم. تۇيۇقسىز گۈپۈر-دۈپۈر بىلەن بىر توپ ئات يىتىپ كەلدى.
-پاھ...پاھ...ماۋۇ قېزىلارنى...-بىلىپ- بىلمەي ئاغزىمدىن چىقىپ كەتتى.
-قېزا دەيسەنغۇ ۋوي قېزىچى...-دېدى دوستۇم-موڭغۇلكۈرەنىڭ نەسىللىك ئاتلىرى بۇ.
-سەمىرىپ قايسى بىر ناھىيەنىڭ كاتىپىغا ئوخشاپ قاپتۇ،قارا ئاۋۇۇۇۇ...ئالدىدىكى بوغازغا،قورسىقىدا بادەك قىلىدۇ كاساپەتنىڭ-شۇ ھامان ئۆزۈمنى چاندۇرۇپ قېزا دەۋەتكىنىمدىن خىجىل بولۇپ گەپنى بۇرىۋەتتىم.(ئىنكاسىمنىڭ تىزلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمايمەن...ھى ھى ھى)
قىشلىق يايلاققا يايلاۋغا قويۇپ بىرىلگەن بۇ كەلگۈسىدىكى قېزىلار بىزگە ئالىيىپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، يېراقتىن بىر چىكىت،ياق...بىر قانچە، نەچچە ئون...ياق،ياق... يۈزچە چىكىت بىزگە قاراپ يېقىنلاشتى. قىقاس- چۇقان، كۈلكە-چاقچاق،ئۆلەن... بىربىرىدىن چىرايلىق، مۇسكۇللۇق ئاتلار، ئاتلار ئۈستىدىكى چەۋەندازلار، ئۇلارنىڭ چىرايىدىكى كۈلكە-تەبەسسۇم بىردەمدىلا تىمتاس يايلاقنى بىر ئالدى. بىردەملىك قىقاستىن كېيىن مەيدان باشقۇرغۇچىلار كۆپچىلىكنى تەرتىپكە سالدى ۋە ئارىدىن ئىككى مويسىپىت كىشى بۈگۈنكى بەيگىنىڭ كۈن تەرتىپىنى ئېلان قىلىپ بولۇپ، ئاۋۇ..ماۋۇ...سەن...ئاندىن ئېۋۇ...دەپلا بىر دەمدىلا بەيگىچىلەرنى گورۇپقا ئېلىپ مۇسابىقىگە تۇتۇش قىلدى. بىزمۇ قولىمىزدىكى «قوراللارنى»ئېلىپ جىددىيلىككە، كەسكىنلىككە، رىقابەتكە تويۇنغان، ئەمما ھاياتلىقتىكى ئۆزگە چۇشلۇق گۈزەل كۆرۈنۈشلەرنى خاتىرلەشكە كىرىشتۇق...
مېنى ھەممىدىن تەسىرلەندۈرگىنى موڭغۇلكۈرە خەلقىنىڭ زىمىستان قىش پەسلىدىمۇ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن سەرخىل ئەل ئىچى پائالىيەتلىرى بولدى. دالادا ئۆتكۈزۈلگەن، ھېچقانداق مۇنتىزىم مەشىقلەندۈرۈلمىگەن، يۇرت مويىسىپىتلىرىدىن بىر ئىككىسى رىپىر بولۇنغان، چاپقۇر ئاتدىن بىرى بولسىلا شەرتسىز قاتنىشالايدىغان بۇ خىلدىكى تارىخى ئۇزۇن ئەل ئىچى ئات بەيگىلىرىدە كىشى ئۆزىنى تۇيۇقسىزلا ھېچقانداق توسالغۇ يوق، شاماللىرى سەلكىن، ھاۋاسى ئەركىن بوشلۇقتا لەيلەۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالىدىكەن. ئىڭىكىگە ساقال قونمىغان كىچىك چەۋەندازلار بوي يەتمىگۈدەك يۈگۈرۈك ئاتلارنى ئاپپاق قارلارغا تۇياق ئىزلىرىنى پاتۇرۇپ، قار ئۇچقۇنلىرىنى بوشلۇقتا چاچرىتىپ قويۇندەك چاپتۇرۇپ، نىشانغا ئالغا سىلجىگىنىدە ئۇلارغا قايىل بولۇپ ئىمزالىرىنى قويغۇزۋالغۇم كېلىپ كەتتى...
(ئىشلىتىلگەن فوتو ئاپراتى: NIKON D7000 كامىرا: 70/200)
ھېلىقى كەلگۈسىدىكى «قېزىلار»
كۈلۈمسىرەش
موڭغۇلكۈرە بەيگە ئېتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-20 18:36
|