ئىگىسى: umidyar

راستىنلا يامان بولامدۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
1975
يازما
229
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
7489
تىزىملاتقان
2010-5-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-4
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 14:34:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر دەۋىر ئۆزگەردى ، بۇرۇنقى ئەجداتلىرمىزنىڭ «يامان » بولىدۇ دېگەن ئاگاھلاندۇرىشى ، ھازىر ئۇنى قىلما خاتا بولىدۇ ، بۇنى قىلما خاتا بولىدى ، ئۇنى قىلساڭ خاتالىشىسەن ، بۇنى قىلساڭ خاتلىشىسەن ، دەيدىغانغا ئۆزگەردى ............

UID
26846
يازما
13
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-22
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 11:51:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەمىز باشقىلارغا باللىرىمىزغا يامان بولىدۇ دىگەندە ئىلمى ئاساسى بىلەن چۈشەندۈرۈپ قۇيايلى ......  چۈشەنمىگەنلەرگە ھۇي خىنىم مانداك قىممىسىلا يامان بۇلىدۇ..ھوي بىگىم ئۇنداك كىلمىسىلا يامان بۇلىدۇ.ئمانلىرىدىن ئاجرايلا دەپلا  ...زەردە بىلەن يامان بۇلىدۇ دۇگىچىلەر بىلەن خۇشۇم يۇق... ئەڭ چىرايلىك ئلمىى ئاساسى بىلەن مىھرى مۇھەبىتىڭلاربىلەن نەسىھەت قىلىڭلارئازار بەمەڭلار... ئىمان ئيىتمۇخىچە مۇسۇلمان بۇلماس،مۇسۇلمان بۇغانلار مىھرى -مۇھەبىتى بىلەن بىر بىرىگە مۇئامىلە قىلمىغىچە  ھەقىقى مۇسۇلمان بۇلماس..   

UID
28864
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2012-2-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 18:29:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئەسەرنى يەنە بىر ئوقۇپ باقساق بولغۇدەك،قارىسىغا سۈزلىسەك يامان بولىدۇ

UID
8827
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2011-1-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-8
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-22 19:39:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرمۇھەممەد ئابدۇراخمان ۋە تىما ئىگىسى ئۈمىدۋارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، بۇ شىئېرنى مەن ئىسمىنى ئاڭلىغان بولساممۇ ئوقۇماپتىكەنمەن، ئاپتورنىڭ قاپىيە قوغلىشىپ،ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلىشى مېنى تۇلىمۇ ئېچىندۈردى، ئۇنىڭ ئېتقىقادى ۋە دىن چۈشەنچىسى بەكلا يۈزەكى بولغاچ، بۇ ئاتالمىش شىئېردا قاتتىق تەۋبە قىلمىسا كەچۈرۈلمەيدىغان ئىنكارچىلىق تولۇپ يېتىپتۇ،
ئەڭ ئاددىسى؛ تولۇقلىما ئورنىدا دەپ قۇيايكى-پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھو ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر ھەدەسىدە قولنى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق يويۇشنىڭ سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغانلىق بۇلۇدىغانلىقىىنى ئېيىتقان،قۇلۇمنى ئىككى يويدۇممۇ ياكى ئۈچمۇ دەپ گۇمانلانغان كىشى ئېھتىيات قىلىپ توختاپ قالسۇن دەپ كۆرسەتمە بەرگەن، 4 قېتىم يۇيۇش بىدئەت ۋە گۇناھ قىلغانلىق بۇلىدىكەن، خۇددى پەيغەمبەر كەم قىلىپ قويۇپتۇ دىگەندەكلا...
بۇ كىشى مەسخىرە قىلغىلى ،قۇشاق توقۇغىلى تىما ياكى مەزمون تاپالمىغاندەك، ئاساسى بار كاتتا ئۆرۈپ ئادەت ۋە ئىسلام ئەھكامى كۆرسەتمىلەرگە پۇت ئاتقۇدەك قانچىلىك ئادەمدۇ ئۆزى؟!!!!
قايسى يىلى بىر سورۇندا تاسادىپى بىللە بولۇپ قالغاندا ،70 كە كىرىپ قالغىنىغا باقماي ئاق ھاراقنى گۈپۈلدىتىپ ئىچىپ، قەلبىمىزدىكى ئوبرازىنى تولىمۇ پەسلەشتۈرۋالغان ئىدى ،ئەسلى دىمەي دىگەن،گەپ ئودۇل كىلىپ قالدى، بۇ نوقتىدىن بۇ كىشىنىڭ ئېتىقادىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بۇلار!!!
ئاگاھ:
شائىرلارغا گۇمراھلار ئەگىشىدۇ﴿224﴾.ئۇلارنىڭ(سۆز)ۋادىلىرىدا تېڭىرقاپ  يۈرگەنلىكىنى كۆرمەمسەن؟﴿225﴾ئۇلار قىلمايدىغان نەرسىلىرىنى قىلدۇق دەپ سۆزلەيدۇ﴿226﴾.پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان،اللھ نى كۆپ زىكرى قىلغان، زۇلۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى قوغدىغان شائىرلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا،زۇلۇم قىلغۇچىلار ئۇزاققا قالماي قايسى جايغا قايتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ﴿227﴾. «سۈرە شۇئەرا»

UID
29468
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2012-2-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-27
توردا
72 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 15:53:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.......خاپا بولۇپمۇ كەتمەيدىغانلىقىمغا ئىمانىم كامىل.
خەقنىڭ خاپا بولمايدىغانلىقىغا ئېمانىڭىز بىلەن ئىشىنەمسىز؟!............

UID
29468
يازما
31
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
31
تىزىملاتقان
2012-2-13
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-27
توردا
72 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-24 16:07:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جايىدا تەنقىدلەپتۇ،مەنمۇ ئۇزۇندىن بېرى شۇ ئادەمگە نارازى.
ئاللا ساقلىسۇن پىتنىدىن!

UID
26970
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2012-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-31
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 16:48:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ئەستايىدىللىق بىلەن يېزىپسىز، رەھمەت!

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 21:07:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما تۆۋەنگە چۈشۈپ قاپتۇ.
قولنى 3 قېتىم يۇيۇشنى مەن پەيغەمبەر دەۋىرىدىكى سۇنىڭ قىس بولىشى بىلەن باغلاپ چۈشەندىم. ئەرەب ئەللىرىدە سۇ ھازىرمۇ شۇنداق قىس. تاتلىق سۇ مەنبەسى قىس بولغانلىقتىن زاۋوت قۇرۇپ دېڭىز سۈينى چەككىلەپ تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىدۇ. سۇنى تىجەپ ئىشلىتىش نۇقتىسىدىن بۇ بەك توغرا چەكلەش. 14-قەۋەتتىكى دىلرىش مۇ بىر ھەدىسنى مىسالغا ئاپتۇ، قانچە قېتىم يۇيغىنىنى بىلەلمەي شەكلەنسە توختاپ قالسۇن دىگەن مەزمۇندىكى. نامازغا ئائىت ھەدىسلەردە ناۋادا قانچە قېتىم ئوقۇغىنىنى بىلەلمەي شەكلەنسە توختاپ قالسۇن دىمەستىن بەلكى يەنە بىر رەكەت قوشۇپ ئوقۇشقا بۇيرۇلىدۇ، دىمەك يۇقىرىدىكى قولنى 3 قېتىم يۇيۇش دىگەن مەزمۇن، ئارتۇق يۇيسا يامان بولىشى ئىسراپخورلىقتىن چەكلەش ئىكەن.  باشقا تورداشلارمۇ شۇنداق ئورۇنلۇق پىكىرلەرنى بېرىپتۇ. «يامان بولىدۇ»نىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى باشقىلارغا بىلدۈرسە، ئىلمىي ئاساسىي بىلەن سۆزلىسىە ھەر قانداق ئەقىل ئىگىسى ئەلۋەتتە قوبۇل قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. كىچىك بالىلاردىكى ئاسىلىق روھىمۇ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بالىلارنى تەربىيەلىگەندە ئۇسۇلىغا دىققەت قىلماسلىقىدىن، مەن سېنىڭ داداڭ جەزمەن مېنىڭكىنى ئاڭلايسەن دەپ تۇرۋالسا گەرچە ئاتا-ئانىنىڭ توغرا بولسىمۇ بالىلار ئاڭلاشنى خالىمايدۇ.(ھەر قانداق ئاتا-ئانا ئۆز بالىسىنى ھىچقاچان يامان بولسۇن دەپ تەربىيە قىلمايدۇ)  يەنە بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدىن ساتىرا يازغۇچىسىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋاللىرىنى بىلدىم، راستمۇ يالغانمۇ بۇنى بىلمىدىم. لىكىن شۇ مەسىلە روشەنكى ئاۋامغا تەسىرى زور بولغان كىشى ھەقىقەتنمۇ ئۆزنىڭ باشقىلارغا بەرگەن تەسىرىگە دىققەت قىلمىغى زۆرۈر ئىكەن. سەئىدى «گۈلىستان»دا بايان قىلغاندەك، ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قىلغان ھىكمەتلىك گەپ -سۆزلىرى ئۇنتۇلۇپ قالغىنى بىلەن پادىشاھ (ھازىرقى دەۋىرگە تەدبىق قىلساق خەلق ئارىسىدا نام - ئابرويى بار، تەسىرى زور بولغان شەخىسلەر)لارنىڭ ئادەتتىكى گەپ-سۆزلىرىمۇ خەلقى-ئالەمگە پۇر بولۇپ كېتىدۇ.

مېنىڭچە بۇ تىمىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر خىل «يامان بولىدۇ»لارنىڭ ئىلىمىي ئاساسلىرىنى ئوتتۇرغا قويساق بولغىدەك. نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىپ پەرزەنتلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەشكە ياردىمى بولغىدەك.

مەن يەنە بىر «يامان بولىدۇ»نى ئوتتۇرىغا قوياي، ئاغرىق ھايۋانلارنى ساق ھايۋانلارغا قوشۇپ قويسا يامان بولىدۇ. بۇنىڭ دىنىي ئاساسى بولسا « ئاغرىق تۆگىنى ساق تۆگىلەرگە قوشماڭلار» دىگەن ھەدىستۇر. ئىلىمىي ئاساسىي بولسا ئاغرىق ھايۋاننىڭ ساق ھايۋانلارغا كىسەل يۇقتۇرۇپ قويىشىدىن ساقلىنىش، ھازىر كېسەللىكنىڭ مىكرۇب ۋە ۋروسلار ئارقىلىق تارقىلىدىغىنى ھېچكىمە سىر ئەمەس، تببىي ئىلىم بۇ مەسىلىنى ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ بولدى. مىكرۇب ۋە ۋروس بولسا شۆلگەيدە، چوڭ-كچىك چىقارمىلاردا كۆپ، ساق ھايۋانلار بۇلار بىلەن ئۇچراشسا كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.

قېنى تورداشلار قىزغىن،قىزغىن پىكىر يۈرگۈزۈڭلار.

UID
13338
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
129
تىزىملاتقان
2011-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 22:10:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ناھايىتى ياخىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، نۇپۇزلۇقلارنىڭ ئاددى خاتا گەپلىرىمۇ بىردەمدە ئېزىتقۇغا ئايلىنالايدۇ، بۇ شئېر دىمىسىمۇ نۇرغۇن ئادەمگە دەسمايە بولۇپ بەرگەن ناچار ئەسەر ئىدى، گەرچە م. راشىدىننىڭ مۇنەۋۋەر شئېرلىرى خېلى كۆپ بولسىمۇ!

UID
13338
يازما
9
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
129
تىزىملاتقان
2011-7-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 22:11:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا بۇ ئەسەرنى ئاقلايدىغانلار بولمىسا كېرەك. چۈنكى سۈكۈتمۇ ئەڭ چوڭ جاۋابتۇر.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش