كۆرۈش: 5886|ئىنكاس: 32

راستىنلا يامان بولامدۇ     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
4378
يازما
3
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-16 23:11:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

راستىنلا يامان بولامدۇ
نۇرمۇھەممەد ئابدۇرەھمان

(مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ «يامان بولىدۇ» ناملىق ساتىراسىغا رەدىيە)



ھېلىمۇ ئېسىمدە، مومام «ئوماق بالام، تاماق ئاشۇرما، يامان بولىدۇ. سۇغا سىيسە يامان بولىدۇ. يالغان سۆزلىمە يامان بولىدۇ. تۇزنى تۆكمە يامان بولىدۇ...» قاتارلىق بىر قاتار «يامان بولىدۇ» لار ئارقىلىق مېنىڭ شوخلۇقۇمنى، سەبى كەپسىزلىكىمنى توسۇپ قوياتتى.

مەن بۇ «يامان بولىدۇ» لارغا قىزىقىپ سورىسام مومام ماڭا ئاخىرەتتىكى گۆر ئازابى، دەۋزەخ ئازابى مۇئەككەل پەرىشتىلەرنىڭ قاتتىق جازالاشلىرى دەۋزەخىلارنىڭ قاتتىق چىرقىراشلىرى، دەۋزەختىكى تەشنالىق قاتارلىقلارنى سۆزلەپ مېنى تىتىرتىۋەتتى. مومام ماڭا ئاخىرەتتىكى ئازاپلارنى سۆزلەپ بېرىش بىلەن بىرگە بۇ دۇنيادىكى «يامان بولىدۇ» لارنىڭ تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىشنى ئۇنتۇغانمۇ قانداق، ئىشقىلىپ مەن چوڭ بولغاندىن كېيىن بۇنداق يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ بۇ دۇنيادىمۇ بىزنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلدىم. ئېيتايلۇق: «تاماق ئاشۇرما يامان بولىدۇ» دېگەن گەپكە كەلسەك: تاماق ئاشۇرۇش ئىنسانى ئەدەپ – ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئېغىر ئىسراپخورلۇق ۋە ئەخلاقسىزلىق.

بۇ دۇنيادا بىز ئۈچۈن بىز ئىسراپ قىلىۋاتقان تاماقتىنمۇ ئۇلۇغ نەرسە بارمۇ؟ بىز تېخى يېقىن ئۆتمۈشتىلا يېمەك – ئىچمەكنىڭ قانچىلىك دەردىنى تارتمىدۇق؟ ھەشەمەتچىلك ئەۋىج ئالغان رەڭلىك ئولتۇرۇشلارغا قاراپ باقايلى. ئۇ يەردىكى ئېشىپ قېلىۋاتقان (ئەسلى ئېشىپ قالغان ئەمەس ھاكاۋۇرلۇق، مەنمەنچىلىك سەۋەبىدىن قەستەن كۆپ بۇيرۇتۇپ ئېشىپ قېلىۋاتقان) تېخى قول تەگمىگەن ئالىي دەرىجىلىك نازۇ – نېمەتلەر قانداق بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقاندۇ؟ بىر قىسمى چوشقا فېرمىللىرىغا توشۇلۇپ، چوشقىنىڭ ئاياغلىرىغا تۆكۈلسە، يەنە بىر قىسمى يۇندا يولى ئارقىلىق ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلىشقۇدەك مەينەت ئورۇنلارغا تۆكۈلمەكتە.

ئېھتىمال ھەشەمەتچىلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر قانچىمىز ئاشۇ مۇدىھىش، ئاچارچىلىق يىللارنىڭ ئىشتىراكچىسى ۋە ياكى ئاشۇ «ئادەم گۆشىنى يېيىشتىنمۇ خالى بولالمىغان» تېشى پال – پال، ئىچى غال – غال «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ھەققىدىكى ئادەم تېنىنى جۇغلىتىدىغان تىراگىدىيەلەرنى كۆرگەن ۋە كۆرگەنلەردىن ئاڭلىغان، تېخى بىر قانچىمىزنىڭ ئاكا – ئۇكا، ھەدە – سىڭىللىرىمىز ۋە ياكى ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئاشۇ مۇدىھىش يىللاردا بىز پوخورلۇق قىلىپ «ئاشۇرۇپ قويۇلغان تاماق» سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ بار ئەلۋەتتە. ۋاھالەنكى بىز ئاشۇ ئېشىپ قېلىۋاتقان تاماقلارنى كۆپ بۇيرۇتۇشقا كەتكەن پۇللارنى باشقا جايغا خەجلىسەكچىۇ؟
ئېھتىمال تالايىلىغان كەلگۈسى ئىستۇدىنتلىرىمىز بولمىش ئوقۇغۇچىلار ھەرخىل يوللاردا ماڭمىغان، قىزلار مەيخانا، بەزمىخاندا كۈتكۈچى بولمىغان ئون تەڭگە پۇل ئۈچۈن ئۆزىنىڭ قىزلىق ئىپپىتىنى دەپسەندە قىلمىغان بولاتتى. يىگىتلىرىمىز شەنبە – يەكشەنبە كۈنلىرىدە ھامماللىق قىلمىغان، يەنە قانچىسى ئالدامچىلىق، ئوغۇرلۇق قىلمىغان بولاتتى. شۇنداقلا ئاتا – ئانىسىنىڭ ۋەتەن، مىللەتكە ياراملىق ئادەم بول دېگەن ئۈمىدىگە لايىق ئىش قىلالىغان بولاتتى. قىسقىسى جەمئىيەتتىكى نۇرغۇنلىغان يامان ئادەم. يامان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى.
دېمەك مانا بۇلار «تاماق ئاشۇرساڭ يامان بولىدۇ» نىڭ كىچىككىنە «يامان» ئاقىۋىتى بولىشى مۇمكىن.
دەرۋەقە بىز ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئولتۇرۇپ ئويلىنىدىغان بولساق، ئەجدادلىرىمىز مەيلى دىننىي نۇقتىدىن بولسۇن ياكى ئۆرپ – ئادەت نۇقتىسىدىن بولسۇن بىزگە ھېچقاچان ياخشى بولىدىغان ئىشلارنى يامان بولىدۇ دەپ قورقۇتمايدۇ. ۋاھالەنكى بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە لايىق دەلىل – پاكىتى مەۋجۇت. ئەسلى گېپىمىزگە كەلسەك، مەن بۇلتۇر خەلق دىلكىشى ئۇستاز پېشقەدەم شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ «يامان بولىدۇ» ناملىق ساتىراسىنى ئوقۇپ قالدىم. گەرچە بۇ ساتىرا ئۇلۇغ ئەقىدىلەرگە رام قەلبىمنى ئاچچىق تاتىلىغان بولسىمۇ، شائىرغا بولغان ھۆرمىتىم يەنە ئۆزۈمنىڭ تېخى شائىر ياكى يازغۇچى ئەمەسلىكىمدىن بۇ توغۇرلۇق ھېچنەرسە دېيەلمىدىم. مەن يەنىلا ئويلىنىپ قالدىم، شائىر خەلقنىڭ شائىرى، «خەلىقلا بولىدىكەن شائىر ئۆلمەيدۇ، شېئىر يوقالمايدۇ». خەلقنىڭ باھاسى شائىر ئۈچۈن ھەقىقىي باھا. بولۇپمۇ تەنقىدى پىكىرلەرنى قوبۇل قىلالىغان شائىر ھەقىقىي تۈردە شېئىرنى، ئەدەبىياتنى سۆيەلەيدۇ. شائىرىمىزنىڭ ئەل سۆيەر شائىر ئىكەنلىكىگە ۋە مېنىڭ پىكىرلىرىمگە خاپا بولۇپمۇ كەتمەيدىغانلىقىمغا ئىمانىم كامىل. يەنە كېلىپ بۇرۇنقىلار دەپتىكەن «دوستۇڭ يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ». مەن شۇ سەۋەپتىن بىزنىڭ ياش يازغۇچىمىز ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ «يېزىش قانداقتۇر يازغۇچىلارنىڭلا ئىشى ئەمەس، ھېچبىر يەردە يازغۇچىلارلا قەلەم تەۋرەتسۇن دېگەن پەرمان يوق، مەلۇم مەسىلىلەر ھەققىدە ۋىجدان ئويلىنالايدىغان ھەر قانداق ئادەم ئۆزىلا بىلىپ كاللىسىدا ساقلاپ كەلگەن ئوي – پىكىرلەرنى سىغدۇرالمىغاندا ھەم بۇلارنى باشقىلار بىلسۇن دەپ ئويلىغاندا قولغا قەلەم ئالسا بولىۋېرىدۇ».

(ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان «مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇدلىقىمىز» ناملىق كىتابىدىن)
دېگەن سۆزنىڭ ئىلھامى بىلەن شائىرغا ئويلىغانلىرىمنى «دېھقانلار سىردىشى» بولغان «مەدەنىيەت دالالىدىكى يېگانە چىنار»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ سەھىپىللىرى ئارقىلىق دېگۈم كەلدى.

«قاتتىق كۈلمەڭ يامان بولىدۇ،
سۈرمە سۈرمەڭ يامان بولىدۇ.
ھاراق ئىچمەڭ، ئىچكەنلەرگە ھەم،
يېقىن يۈرمەڭ يامان بولىدۇ.

( مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 2003 – يىلى 5 – ئايدا نەشىر قىلىنغان «ھايات دېگەن مانا شۇ» ناملىق توپلىمىنىڭ 112 – 113 بەتلىرى)

، شائىر يامان بولىدۇ نىڭ تۇنجى مەسخىرىدىلا دېگەندەك «قاتتىق كۈلۈش»، بولۇپمۇ ئادەم كۆپ سورۇنلاردا قاتتىق كۈلگەنلەردىن ھەر قانداق ئادەم يىرگىنىدۇ. بۇنداقلارنى كىشىلەر سورۇنلىقى يوق دەپ ئەيىپلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقىمىزدە خېلى گەۋدىلىك تېپىلىدىغان يىقىلغانغىمۇ، قوپقانغىمۇ تېلىقىپ كۈلۈشتەك بىمەنە كۈلكىنىڭ قەلبنى ئۆلتۈردىغانلىقى كىشىنى نورمال پىكرى ساغلاملىق ۋە تاساددىپىيلىققا دادىل مۇئامىلە قىلىش خاراكتىردىن ئايرىيدىغانلىق مۇنازىرىسى ھەقىقەت. بۇ ئەلۋەتتە پەقەتلا كۈلمىسۇن دېگەنلىك ئەمەس، كۈلۈش، خۇشال – خۇرام يۈرۈش كېرەك، چۈنكى ئورۇنلۇق كۈلكە خاتىرجەم ئاسايىشلىقنىڭ چىرايدىكى ئىپادىسى، ئەمما كوچا كويلاردا، سورۇنلاردا بىمەنە يوسۇندا قاتتىق كۈلۈش باشقىلارنىڭ سوغۇق نەزىرىنى تارتىشى بىلەن ئەل قاغىشى ئېلىپ كېلىپ «يامان بولىدۇ»، چۈنكى سورۇندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ شۇ چاغدا كۈلكە كۆتۈرەلىشى ناتايىن. ئېھتىمال بۇمۇ «يامان بولىدۇ» نىڭ يەنە بىر تەرىپى بولىشى مۇمكىن.

ئېھتمال شائىرىمىز خاتا ئاڭلاپ قالغان بولىشى مۇمكىن. «سۈرمە سۈرمەڭ يامان بولىدۇ» دېگەن گەپ شائىرنىڭ ساتىراسىدىن باشقا ھېچيەردە يوق. تېخى بىزنىڭ مۇقەددەس دىنىمىز بولغان ئىسلام دىنىمىز سۈرمە سۈرۈشكە تەشەببۇس قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «سۈرمە كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ» دەپ قەيىت قىلغان.

ئىچىپ قويماڭ، ئىچكەنلەرگە ھەم،
يېقىن يۈرمەڭ يامان بولىدۇ.

لېكىن شائىرنىڭ بۇ ساتىرىك مىسرالىرىغا ھەر قانداق بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ ۋىجدانى تاشماي قالمايدۇ. ئەسىر ئىستىرىلكىسى 21 – ئەسىرنى بېسىپ تۇرغان بۈگۈنكى كۈندە، يىراق ئۆتمۈشكە، يېقىن تارىخى ۋەقەلەرگە ۋە ياكى گۈللەنگەن ھازىرقى زامان مەدەنىيىى تۇرمۇشقا نەزەر سالايلى ھېچكىممۇ ھاراقكەشلىك بىلەن ئىناۋەت تاپقان. ۋە قەھرىمانلىق ئىپۇسى ياراتقان ئىش يوق. ياكى مەستلىك بىلەن شۆھرەتكە نائىل بولغان كىشى يوق. پەقەتلا ھاراق بىلەن ئادەملىكنى يوقاتقان، ئۆز – ئۆزىنى، ئىللىق ئائىلىسىنى ھالاكەتكە سۆرەپ كىرگەن تالايىلغان روھى ۋە جىسمانى مەجرۇھلارنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.

ھاراقنىڭ قايسى دەۋىردە، قانداق ئارقا كۆرۈنىشى ئاستىدا بارلىققا كەلگەنلىكنى بىلمەيدىكەنمەن ھەم بۇ ئازغۇنلۇق سەۋەبىنىمۇ بىلىشنى خالىمايمەن. لېكىن ھاراقنىڭ جەمئىيەتكە، ۋەتەن، مىللەتكە ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن تەھدىتنى ئاڭلىدىم، كۆردۈم ھەم كۆرۈۋاتىمەن، ئاڭلاۋاتىمەن.

«قابۇسنامە» نى ۋاراقلىسام، مۇنۇ قۇرلارغا كۆزۈم چۈشتى:
«ئەي ئوغۇل، ھاراق توغرىسىدا نېمە دېيىشىم كېرەك؟ چۈنكى، شاراپ ئىچىش شەكسىز ھارام. ئىسان بەدىنىگە ۋە ئەقىلگە زىيانلىق، مەست بولۇپ لەلەڭشىپ، لاۋزىلىشىپ يۈرۈش زور ئەيىپتۇر. شاراپ ئىچكەندە مەست بولۇپ، ھەممە ئەزالىرىڭ ئىختىيارسىز ھەركەتلىنىدۇ. تىلىڭ دېمەيدىغاننى دەيدۇ، پۇتۇڭ بارمايدىغانغا بارىدۇ، قولۇڭ تۇتمايدىغاننى تۇتىدۇ، كۆزۈڭ كۆرمەيدىغاننى كۆرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۆزۈڭنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىڭنى ئۆز ئەزالىرىڭ ئارقىلىق يەرگە ئۇرىسەن، رەسۋا بولىسەن. شاراپنىڭ تەسىرى بىلەن جىگەر، مېڭە، يۈرەك زەھەرلىنىپ كېسەلگە مۇپتىلا بولىسەن، ئەقلىڭدىن ئازىسەن، (شەمسۇلمالى ۋەشمىگىر قابۇسىنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشىر قىلغان 1999 – يىلى 1 – نەشىردىكى «قابۇسنامە» دېگەن كىتاپنىڭ،50- 51 – 52 – بەتلىرىدىن ئېلىندى).

شۇنداقلا ھاراقنىڭ ئىنسان بەدىنىگە بولغان زىيىنى ۋە جەمئىيەتكە بولغان سەلبى تەسىرى ھەققىدە دەلىل – ئىسپاتلار ئېشىپ – تېشىپ تۇرۇپتۇ. «ماتېرىياللارغا قارىغاندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا يۈز بەرگەن جىنايەتلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ھاراق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. ھەتتا بىزدە ئېچىلىپ كېلىۋاتقان بىر يىللىق شۇ 120 مىڭ توننا ئاق ھاراق. 30 مىڭ توننا قىزىل ھاراق. 350 مىڭ توننا پىۋىنىڭ ئىسپىرىت مىقدارىنى ئورتاق ھالدا تەخمىنەن %30 دېسەك، جەمئىي 500 مىڭ توننا ھاراق – شاراپ تەركىۋىدىكى ئىسپىرىت مىقدارى 150 مىڭ توننا چىقىدۇ. دېمەك، 10 توننۇلۇق ماشىنىدىن 15 مىڭ ماشىنا توشۇپ بولالمىغۇدەك ئىسپىرتنى ئىچىۋېتىمىز. دېمەك بۇ ھاراقنى، بىرىنچىدىن ئىقتىسادىمىز، ئىككىنچىدىن سالامەتلىكىمىز زىيانغا ئۇچرايدۇ. ھەتتا سالامەتلىكتىن تارتقان زىيان ئىقتىسادىي زىياندىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۈچىنچى جەمئىيەت مۇقىملىقى بۇزۇلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندا ھاراق مۇشۇ سۈرئەتتە ئىچىلسە، ئىسپىرىت ئىرىيستىمىزنى زەھەرلەپ يەنە 50 يىلدىن كېيىن ئەۋلادلىرىمىز ئەۋلات قالدۇرالمايدىكەن.

ھاراقكەشلىك رايونىمىزدىكى ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئەسلى گەپكە كەلسەك، 120 توننا ئاق ھاراقنى كلوگرامغا ئايلاندۇرساق 120 مىليون كلوگرام بولىدۇ. بىر بوتۇلكا ھاراقنى بىر جىڭ ئۆلچەم بىلەن ھېسابلىساق 240 مىليون جىڭ ياكى 240 مىليون بوتۇلكا بولىدۇ. ھەربىر بوتۇلكا ھاراقنىڭ باھاسىنى قىممەت ھاراقلار بىلەن ئەرزان ھاراقلارنى كىرىشتۈرۈپ 10 يۈەن دېسەك، مېنىڭچە چوقۇم 10 يۈەندىن يۇقىرى چىقىدۇ. لېكىن ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم ھېسابلىدىم، 240 مىليون بوتۇلكا ھاراقنى 10 يۈەنگە كۆپەيتسەك 2 مىليارد 400 مىليون كېلىپ چىقىدۇ. ھەر بىر بوتۇلكا ھاراقنى ھەرخىل شەكىلدە ئورتاق نىسبەتتىن 50 يۈەنلىك زاكۇسكا بىلەن ئىچىدۇ دېسەك 120 مىليارد يۈەن چىقىدۇ. يەنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى 19 مىليون 500 مىڭ خەلق بىر يىلدا ھاراق ئۈچۈن 120 مىليارد يۈەن خەجلىگەن بولىدۇ. قىزىل ھاراق بىلەن پىۋىسىگە تەخمىنەن 50 مىليارد يۈەن خەجلىگەن دېسەك شىنجاڭ خەلقنىڭ بىر يىلدا ھاراق – شاراپقا ۋە پىۋىگە سەرىپ قىلغان پۇلى 170 مىلياد بولۇپ چىقىدۇ. ناۋادا شۇ 170 مىليارد پۇلىنى باشقا باشقا ئورۇنلارغا خەجلىسەكچىۇ؟ 1 مىليارد يۈەندىن خەجلىسەك جۇڭگوچە ئەڭ ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتنى 170 نى قۇرغىلى بولىدۇ. 20 مىليارد يۈەندىن خەجلىسەك خەلقئارا تەسىر قىلغۇدەك ئۇنىۋرسىتېتىن سەككىز، توققۇزنى قۇرغىلى بولىدۇ. بىر ئادەمگە 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ چەت ئەلدىكى ئەڭ ئالىي ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تەربىيەلەتسەك 170 مىڭ مۇتەخەسسىس، دوكتۇر تەربىيىلىگىلى بولىدۇ. 10 مىليارد يۈەندىن خەجلىسەك 17 زامانىۋى كارخانا قۇرغىلى بولىدۇ. ھەربىرىگە 10 مىڭدىن ئادەمنى ئورۇنلاشتۇرساق، 170 مىڭ ئادەمنىڭ خىزمەت مەسىلىسى ھەل بولىدۇ. بۇ زاۋۇتلاردىن كەلگەن باج كىرىمى ئارقىلىق تېخىمۇ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. ئەپسۇس.... ھاراق يەنىلا ئىچىلىۋاتىدۇ. ئۆزىمىز، ئۆزىمىزگە گۆر كولاۋاتىمىز، لېكىن نۇرغۇن ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىنىڭ ئۆزىگە گۆر كولاش ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدۇ، مانا بۇ ئەڭ زامانىۋى نادانلىق.
(ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىنڭ ‹شىىنجاڭ مەدەنىيتى ›ژورنىلى نىڭ 2002-يىللىق 2-ساندىكى  ‹نامراتلىقنىڭ يىلتىزى نەدە ؟›دىگەن ماقالىسدىن ئېلىندى.

دېمەك: «ئىچىپ قويماڭ ئىچكەنلەرگە ھەم،
يېقىن يۈرمەڭ يامان بولىدۇ».

چوقۇم يامان بولىدۇ، يامان بۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس.
«ئايالىڭىز پەرەنجە ئارتسۇن،
ئوچۇق يۈرسە يامان بولىدۇ.
چىقمىغايكى قىزلار تالاغا،
بىراۋ كۆرسە يامان بولىدۇ.»


بىز خوتۇن – قىزلىرىمىزنى يالىڭاچلاپ زادى نېمە تاپتۇق؟ نېمىگە ئېرىشتۇق؟ قىزلارنى تالا – تۈزدە قوندۇرۇپ نېمە تاپتۇق؟

غەرىپ زەھىرىنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك، ئەر – ئايال باراۋەرلىكى، ئاياللار ئازاتلىقى تولا تەكىتلىنىپ تالايلىغان ئۆيلەر بۇزۇلدى. تالايلىغان بالىلار يېتىم بولدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەرلىرىمىزنىڭ ئاياللىرىنى يالىڭاچلاپ قاتار چايلارغا ئولتۇرۇشلارغا ئاپىرىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

ئاياللىرىمىزنى باشقىلارغا تانسا ئويناشقا بەردۇق. باشقىلار ئاياللىرىمىزنىڭ قول – بەللىرىنى تۇتتى. (تانسا ئوينىغۇچىلار ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلمايدۇ) ئايالىنى كۈنلەيدىغانلارنى كۈنلەمچى دەپ ئەيىپلەپ كەتتۇق، تېخى بۇ توغۇرلۇق «كۈنلەمچى» دەپ ناخشا توۋلاپمۇ يۈردۇق.

بىزنىڭ ئاياللىرىمىزنى ئەركەك چىۋىندىنمۇ كۈنلەيدىغان ئەرلىرىمىز قېنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلىرىمىزنى «بىراۋ» لارغا يەنە كۆرسىتىپ نېمە ئېرىشمەكچىتۇق؟

چەت يېزىلاردىكى بىزدەك قالاقلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا بۇنداق ئەرلەر ھازىر يوق ياكى يوقنىڭ ئورنىدا.
ئىنساننىڭ قىممىتى ئەرنىڭ ئەرلىك تەبىئەت ئايالىنىڭ ئاياللىق تەبىئەت تەقەززا قىلىدىغان ئورنىنى جان تىكىپ قوغدىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەر – ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ئالمىشىپ قېلىۋىدى، ئەرلەر تاماق ئەتتى، بالا باقتى، ئاياللار كېچە – كېچىلەپ ئەرلەر بىلەن بىر ئىشخانىدا ئىشلىدى. ئۇلارغا ئەرلىرىمىز ئېرىنمەي تاماق توشۇدى. قېنى قىززىق ئاياللىرىمىز سىرتلاردىن ئاشنا تۇتتى. لېكىن ئەرلەرچۇ؟ بۇنى بىلمىدى ئەمەس بىلسىمۇ كۆزۈم كۆرمىدى قۇلىقىم ئاڭلىمىدى دەپ يۈرۈۋەردى. ئېھتىمال ئۇ ئەرلەرنىڭمۇ سىرتلاردىن ئاشنىسى بولىشى تامامەن مۇمكىن.
كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدى بولمش ئۇلارنىڭ بالىلىرىچۇ؟ ئۇلار تېگىشلىك بولغان ئاتا – ئانا مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن ئۆيلىرىدىن رايى قايتتى. «مۇھەببەتنى» دىبا، قاۋاقخانىلاردىن ئىزدىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى دادىسى دېمەتلىك قېرى پاھىشىۋازلارنىڭ قوينىدا قىزلىق ئىپپىتىنى يوقاتتى. شۇنىڭ بىلەن «يالاڭئاياغ سۇدىن قورقماپتۇ» دېگەندەك بۇزىلىدىغان جايلىرى بۇزۇلۇپ، ھەر خىل بەزمىخانا، مېھمانسارايلاردا «ئۈچتە ھەمراھ» خېنىملارغا ئايلاندى. بەزىلىرى كىچىك تۇرۇپلا دەرت تارتتىم دەپ ھاراق – شاراپتىن ئاق چېكىشكە ئۆزگەردى.

بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇپ ئۆزلىرىنى ئۆزى ھالاك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتكە ھالاكەت خىرىنى سۆرەپ كىردى. ئاشۇ بىر ئوچۇم ئازغۇنلار ئاتا – ئانىسىنىڭ ئۈمىدى بولىشى ھايات داۋامى كەلگۈسى ئۈمىد چىرىغى ئىدىغۇ! بۇ بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ تۈپ يىلتىزى يەنىلا ئۆز خوتۇنلىرىمىزنى يالىڭاچلاپ بازارغا سالغانلىقىمىزدا. ئوبدان باشقۇرالمىغانلىقىمىزدا «ئوچۇق يۈرسە يامان بولىدۇ» نىڭ ئېغىر ئاقىۋىتى ۋە «يامان بولىدۇ» نىڭ كىچىككىنە ھېكمىتى ئاللاساقلىماي يەنە قانداق ئاقىۋەتلەر بىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

«كالاچ- مەسە كەيسۇن ئوغلىڭىز،
شىبلىپ كىيسە يامان بولىدۇ.
ئەنئەنىمىز ئېغى كەڭ ئىشتان،
يالغان دېمەڭ يامان بولىدۇ»


شبلىت كىيىش ياكى كالاچ مەسە كىيىش ھەر كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى. ئېھتىمال شائىرنىڭ ساتىرىك مەسخىرىلىرى ئۆزى خاتا چۈشىنىۋالغان ئىسلام پەتىۋالىرىغا قارىتىلغان بولسا كېرەك.

شۇنىسى ئېنىقكى كالاچ كىيمەي شىبلىت كەيسە يامان بولىدۇ دېگەن پەتىۋا، ھېچقانداق يەردە يوق. ئەمما شائىر شۇنداق چۈشىنىۋالغان بولسا بۇ ئۆزىنىڭ خاتالىقى. راست دېگەن تەقدىردىمۇ خەلقىمىزنىڭ سىرتقى مەدەنىيەت ئېقىمىنى ئاۋۋال تاسقاش ئېڭىنىڭ ئىپادىسى بولىشى مۇمكىن.

ئەمدى ئېغى كەڭ ئىشتان ھەققىدە توختالساق بىرىنچىدىن: تار – تارچۇت كىيىملەرنى كەيسە ئەرلەرنىڭ جىنسى فىزىلوگىيە ئېغىر تەسىر بولىدۇ. بۇنىسى ھەممىگە مەلۇم بولغان بىر ئۇقۇم. ئومومەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ خەلقىمىز ئەنئەنىۋى ساپ دىل ئاق كۆڭۈل خەلق دەماللىققا ئاتالمىش مودا بولمىش، تار – تارچۇق «پادىچى شىملىرى» خەلقىمىز كۆزىگە سىڭىپ كەتمىگەن بولىشى مۇمكىن. ئاياللارنىڭ تار – تارجۇق كىيىملىرىدىن چىقىپ قالغان ئەزالىرى قانداقلا قارغان كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ غىدىقىنى قوزغايدۇ.

كىيىم تىل نۇقتىسىدىنمۇ، ماھىيەت نۇقتىسىدىنمۇ «ياپقۇ» دېگەن گەپقۇ. نېمە ئۈچۈن بىز سىلەر قىزىققان ئەزالار مۇشۇ دېگەندەك قىلىپ «بېشى چۇۋۇق، كۆكسى ئوچۇق شىملىشىپ كەتتۇق؟» (روزى سايىتنىڭ كىملىشىپ كەتتى شېئىرىدىن)
بىزگە تار – تارچۇق غىتمەك كىيىملەر نېمە ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى؟ ئەرلىرىمىز لاۋزا – غىتمەك، ئاياللىرىمىزنى پاھىشە بۇزۇق  قىلىپ كۆرسىتشمۇ؟ بۇمۇ بەلكىم ئېغى تار ئىشتان كىيىشنىڭ يامان بولىشىدۇر.

«قولىڭىزنى ئۈچ قېتىم يۇيۇڭ،
تۆت يۇسىڭىز يامان بولىدۇ.
ھاراق قۇيغان شىرەگە ئەگەر،
نان قويسىڭىز يامان بولىدۇ


ئادەتتىكى ئەھۋالدا قولىنى ئۈچ قېتىم يۇيسا پاكىزلىنىدۇ، پەۋقۇلئادە ئەھۋال بولمىسىلا. «تۆت قېتىم يۇيسا يامان بولىدۇ» غا كەلسەك:
بىرىنچىدىن: بۇمۇ بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاغا بولغان ساداقەتمەنلىكىمىز. (ئاللا تاقتۇر، تاقنى ياخشى كۆرىدۇ» دېگەنلىكىمىز. چۈنكى ھەر قانداق بىر مەدەنىيەتنىڭ ئۆز ماھىيىتى شەكلىگە ئايلاندۇرۇش ئىپادىسى نورمال شۇنداقلا مۇقەررەر ئەھۋال.

ئىككىنچىدىن: سالماقلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرىدىغان بولساق، بۇمۇ تېجەشلىك ۋە نورمال بولۇشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. چۈنكى مۇشۇ يوسۇندا ھېسابلىغاندا ئۈچ ئادەم قولىنى بىر قېتىمدىن كەم يۇيسا (تۆت يۇماي ئۈچ يۇيسا) يەنە بىر ئادەم قول يۇغىدەك سۇ تېجىلىدۇ، بىز ھەممىمىز «ئەڭ ئاخىرقى بىر تاپچە سۇ ئىنسانلارنىڭ كۆز يېشى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن» دەپ خۇدۈكسىرەۋاتقان مۇشۇدەملەردە ھەتتا قول يۇيۇشتىمۇ سۇنى مۇشۇنداق تېجىسەك چۇ؟ ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىجابىي تەسىرى زور بولغان بولاتتى. دېمەك يامان بولىدىكەن.

ئەمدى ھاراق قۇيغان شىرەگە نان قويسا يامان بولىدىغانلىقىغا كەلسەك، بۇ ئەلۋەتتە «يامان بولىدۇ» بىز يۇقىرىدا ھاراقنىڭ ئادەمنى چۆچىتقىدەك يامان ئاقىۋەتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتۇق. بىزنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ھايات يېتەكچىمىز بولىشى ناننى ئاشۇ ئىبلىس سۈيدىكى بولغان «ھاراق قۇيغان» شىرەگە قويساق ياخشى بولارمۇ؟ نان ئەزالدىن ئۇلۇغلىنىپ كەلگەن ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىنىدىغان يېمەكلىك. باشقا نەرسىلەر بىلەن ھەتتا گۆش بىلەنمۇ خوشى يوق ئادەم باركى لېكىن كىممۇ نان بىلەن خوشى يوق  ئادەمنى كۆرۈپتۇ؟

ئەسلى گېپىمىزگە قايتساق پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ھالاكەت خىرىسىنى سۆرەپ كىرىۋاتقان ھەتتا كىشىلەرنى ئەۋلادسىز قالدۇرۇشقا ئۇرنىۋاتقان ئاشۇ ۋەھىمىلىك ھاراق قويغان شىرەگە بىزنىڭ ئەڭ پاڭ نانلىرىمىزنى قويساق ئەلۋەتتە يامان بولىدۇ – دە؟

«دۇرۇس ئەمەس پۇلنى كۆپ تاپقان،
بۇغا باقماڭ يامان بولىدۇ.
كەچ كىرگەندە ئۆي چۇۋۇشتۇرۇپ،
كىگىز قاقماڭ يامان بولىدۇ»


«دۇرۇس ئەمەس پۇلنى كۆپ تاپقان» ئەمەس دۇرۇس بولمىغان پۇلنى كۆپ تاپقانلىق دۇرۇس ئەمەس. «دۇرۇس ئەمەس پۇلنى كۆپ تاپقان» دېگەن گەپكە كەلسەك، بىزنىڭ ھازىرقى بايلىرىمىز باي بولغان خەلقنى ئۇنۇتماي خەلق ئۈچۈن مەكتەپ، دوختۇرخانا، ۋە ھەرخىل ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ يېتىم – يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاپ خەيرىلىك ئىش قىلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بەزى بىر قىسىم بايلىرىمىز پۇل تاپقاندا ئەسلىنى ئۇنتۇپ، ئۇنتۇپ قالسىمۇ مەيلى ئىدى، يەنە بەزەن زۇلۇملارنى سېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: ئاق سېتىپ تالايلىغان ئائىلىلەرنى خانىۋەيران قىلىۋاتىدۇ. كۆزى ئېچىلمىغان قىزلارنى خىزمەت تېپىپ بېرىمەن دەپ بەزى نورمالسىز خىزمەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. يەنى بەزىلىرى تۆت – بەش تەڭگىگە پۇلغا ئېشىنىپ ئۆزلىرىنىڭ قىزى ھەتتا نەۋرلىرىگە تەڭ دېمەتلىك مەسۇم گۆدەكلەرنى ئاياغ ئاستى قىلىۋاتىدۇ.

بوۋامدىن ئاڭلىسام بۇرۇنلاردا بايلار نامراتلارنى ئاز بولمىغان سىلىقلار بىلەن خورلىغانىكەن، بەلكىم بۇمۇ شۇ دەۋىرلەردىكى مۇستەبىت  ھاكىمىيەت ئاستىدا يەرلىك مۇشتۇمزورلارنىڭ زۇلىمى ئەلۋەتتە.
بۇ دەۋىرلەردىمۇ خەلق ئۈچۈن ئۆچمەس ياخشىلىقلارنى قىلغان مەرىپەتپەرۋەر بايلىرىمىز بار ئەلۋەتتە.
ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ «دۇرۇس ئەمەس پۇلنى كۆپ تاپقان» دېگەن گېپىگە كەلسەك، بۇمۇ بەزى مۇشتۇمزورلارنىڭ خەلققە سالغان زۇلمىنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان بولىشى مۇمكىن.

ئەمدى بۇغا بېقىش مەسىلىسىگە كەلسەك: بۇغا باقسا ھېچقاچان يامان بولمايدۇ، بۇنى مەن ېخى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. سەل قوپالراق قىلىپ ئېيتسام، شائىرنىڭ قاپىيەنىڭ كەينىگە كىرىپ زورلاپ يوق گەپنىمۇ بار دەپ ئۇنىڭ ئۈستىگە يامان بولىدۇ دەۋىلىشىنى ئويىلىماپتىكەنمەن.

خەلقمىز بۇغىدەك خۇشتەبىئەت ھايۋانلارنى ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن بەدخۇلۇق (مەسىلەن ئىت – ئېشەكتەك) ھايۋانلارنىمۇ تارىختىن بۇيان ئەڭ بۇرۇن كۆندۇرۈپ پايدىلانغان مىللەتلەرنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە دىنىمىزدا ئۇسسۇز قالغان ئىتنى سۇغۇرۇپ جەننەتكە كىرىپ كەتكەن. پاھىشە ئايال بىلەن مۈشۈكنى باغلاپ قويۇپ ئۆلتۈرگەنلىكتىن دوزىخى بولۇپ كەتكەن ئايالنى ھەممە بىلىدۇ.

قايسى يۇرىت، قايسى ئۇلۇس بۇغا باقسا يامان بولىدۇ دېگەن بولغىيدى؟ شائىر نەدىن ئاڭلىغان بولغىيدى؟ بىلىۋالسام!
«كەچ كىرگەندە ئۆي چۇۋۇشتۇرۇپ،
كىگىز قاقماڭ يامان بولىدۇ» غا كەلسەك، بۇ توغۇرلۇق شەرىئەتتە ھېچقانداق بەلگىلىمە بولمىسىمۇ كونىلار شۇنداق دېگەن بولسا ئۆرىپ – ئادەت نۇقتىدىن يامان بولىدۇ دەپ قارايمەن.

بۇنىڭمۇ چوقۇم ئىلمىي ياكى ئەخلاقىي ئاساسى بولىشى مۇمكىن. مېنىڭچە كىگىز كېچەكلەرنى ئەتىگەندە چۇۋۇشتۇرۇپ ئاپتاپقا قاقلاپ قويسا ئىللىق قۇياش نۇرى بىلەن تويۇنۇپ ئادەم راھەت بېغىشلايدۇ. كەچ كىرگەندە ئۆي چۇۋۇشتۇرۇپ كىگىز قېقىشنىڭ يامان تەرىپى كىگىز قاققاندا چىققاندا چىققان چاڭ توزانلار ئادەمنىڭ نەپەس يولىغا كىرىپ ئەتىگەنلىكى ساپ ھاۋا بىلەن ئۇچراشماستىنلا كېچىچە ھەرىكەت قىلماي ساپ ھاۋا بىلەن تويۇنمىغان ئۆي ئىچىدە ئۇخلىسا نەپەس يولى سېستىمىغا زىيان يېتىپ قېلىشى مۇمكىن.

ئېھتىمال يۇقارقى مەسىلىلەر «كەچ كىرگەندە ئۆي چۇۋۇشتۇرۇپ كېگىز قېقىش» نىڭ يامان بولىشىدىكى مەلۇم تەرىپى بولۇشى مۇمكىن.
ئاچ يۈرمەكمۇ تەقدىرنىڭ ئىشى،
يالغان دېمەڭ يامان بولىدۇ»
غا كەلسەك شائىرىمىز بۇ يەردە تەقدىر ھەققىدىكى گۇمانلىرى بىلەن مەسخىرە قىلغاندۇ. ئويلاپ باقىدىغان بولساق بۇ ئەلۋەتتە تەقدىرنىڭ ھېكمىتى ئاچ يۈرۈش تەقدىرى بولمىغان بولسا تاماقتىكى لەززەتنى قانداقمۇ ھېس قىلالايتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچ يۈرۈش راست تەقدىرنىڭ ئىشى بۇ خۇددى توق يۈرۈشمۇ تەقدىرنىڭ ئشى بولغاندەك ئىش.
«يېمىكىڭىز سامان بولسىمۇ،
سامان دېمەڭ يامان بولىدۇ.»
غا كەلسەك، شائىرنىڭ بۇ ئاخىرقى ساتىرىك مىسرالىرىغا كەلسەك ئېھتىمال بۇ (شائىرمۇ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن). «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ئاچارچىلىق يىللىرىدىكى ئاچ قالغان جاپاكەش خەلقنڭ شۈكرىجان سۆزلىرى بولىشى مۇمكىن. ئۇ چاغلاردا كىملەرمۇ (سامان يېمىگەن بولىسمۇ) كېپەك يېيىشتىن خالى بولالمىغان. كىملەرنىڭمۇ ئۆيلىرىدىن بىر ئىككى جان ئادەم ئاچلىق دەردىنى قورساق ئۈچۈن يۈرىتنى تاشلاپ سەرسانلىقتا ئۆلۈپ كەتمىگەن.

دېمەك، شۈكرىچان خەلقىمىز يېمىكىمىز سامان بولسىمۇ، سامان دېمەڭ يامان بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىدىن قانائەت ھاسىل قىلغان بولىشى مۇمكىن. مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق ئالغا ئىنتىلىش روھىنى خاتا دېمەكچى ئەمەسمەن. لېكىن پەقەتلا ئامال بولمىغاندا ئەڭ ئاخىرقى سۆزىمىز قانائەت بىلەن تاماملانسا، روھىمىزغا ئاز تولا تەسەللىي ئاتا قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن.

ئەسلى گېپىمىزگە قايتساق، خەلق ھامان خاتا قىلمايدۇ، خاتا ئويلىمايدۇ. ئەجدادلىرىمىز بىزگە ھەرگىزمۇ ياخشى بولىدىغان ئىشلارنى «يامان بولىدۇ» دەپ قورقۇنچ سالمايدۇ، ۋەھالەنكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھەربىر يامان بولىشىنىڭ تېگى – تەكتىدە بىز ئويلاپمۇ باقمىغان، ئويلاپمۇ بولالمايدىغان يامان بولىدۇلار يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن.
مېنىڭچە ئەڭ يامان بولىدىغىنى ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىز ئەگىشىپ كەلىگەن ئۇلۇغ ئەقىدىلەرگە قارا يۈزلۈك قىلساق يامان بولىدۇ.





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-19 10:43  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
28251
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
26
تىزىملاتقان
2012-1-31
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 19:18:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزغا كۆپ رەھمەت تۇرمۇشىمىزدىكى بەزىبىر ياخشى يامان ئىللەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىلىپتۇ.

تىرىشچان ئەزا

دۈشمىنىمنىڭ دۇش

UID
5562
يازما
57
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1227
تىزىملاتقان
2010-9-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-23
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 20:47:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق كىرەي باغلارغا يالغۇز
جەننەتكىمۇ سەنسىز رايىم يوق
دەيدىغان بىر شېئىرى بولدىغان بۇ ئادەمنىڭ ...
قانداق جاۋاپ بىرەر ئىگىسىگە...

UID
28796
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-2-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-25
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 21:30:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنى توغرا چۈشىنەيلى! ‹يامان بولىدۇ› بىلەن روھىمىزنى چۈشەپ قويمايلى!

UID
28796
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
5
تىزىملاتقان
2012-2-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-25
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 21:34:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ دىگىنىڭىزنىڭمۇ ئاساسى بار .بىراق بىلىم ۋە ساپاسى تۆۋەن بەزى ئادەملەر ئۆزىنىڭ كۆزى ۋە ئىدىيېسىگە سىغمىغان نەرسىلەرنى كۆرسىلا يامان  بولىدۇ  دەيدۇ...

تىرىشچان ئەزا

ئارىسلان مەمەت

UID
29822
يازما
613
تېما
4
نادىر
0
جۇغلانما
613
تىزىملاتقان
2012-2-17
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-9
توردا
228 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-19 22:07:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىدىن تولىمۇ سۆيىندىم. توغرا ئەتىراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ،چۈشىنىشلىك قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. تىما ئىگىسىنىڭ «يامان بولىدۇ» دىگەن ساتىراغا بەرگەن رەددىيسىگە تولۇق قوشۇلىمەن ھەم قوللايمەن. مۇنازىرە مانا مۇشۇنداق كۆپ قىسىم ئادەم چۈشىنىدىغان تىل بىلەن پاكىتىلق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى كېرەك. تىما ئىگىسىگە ھەشقاللا.  ئەمدى مۇشۇ ساترانىڭ ئۆزى توغرىلىق توختالسام ، يامان بولىدۇ دەپ ئادەمنى چۈشەپ قويىدىغان، ئادەمنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش روھىغا زەربە بېرىدىغان ئەھۋاللار يوق ئەمەس. مەن 1995-يىلى ئالىي مەكتەبتە ئوقىۋاتقان چاغلاردا دىنىي ئەسلىيەتچىلىك ھەركەتلىرى كۈچىيىپ قالغان، بۇچاغلاردا تېلۋىزۇر كۆرسە يامان بولىدۇ دەپ تېلۋىزۇر كۆرۈشتىن توسىدىغان ئەھۋاللار بولغان.( ئەلۋەتتە تېلۋىزۇردىن پايدىلىنىپ ساغلام بولمىغان نەرسىلەرنى كۆرسە يامان بولىدۇ، بۇنىڭغا كۆز يۇممايمەن. )شائىر بەلكىم بۇ ساتراسى ئارقىلىق مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى قامچىلىماقچى بولسا كېرەك. لىكىن ساترادا بۇ تىما ئىگىسى رەددىيە بەرگەن مەزمۇنلارنى شائىر ھەقىقەتەن ئەتىراپلىق ئويلاشماي يېزىپ قويۇپتۇ. مەن شائىرنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن ئەسەر ئىجاد قىلغاندا ئەتىراپلىق ئويلىشىپ ئاندىن قەلەم تەۋرىتىشىنى ئۈمىدى قىلىمەن.

UID
20698
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
21
تىزىملاتقان
2011-12-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-8
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 01:30:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوزىگە خايىنلىق قىلشتىنمۇ ئوتە يامان بولدۇ يوق بولسا كىرەك.

UID
29309
يازما
141
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
141
تىزىملاتقان
2012-2-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-26
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 03:11:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىشقا يامان بولىدۇ؟ بۇنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

UID
22218
يازما
90
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
90
تىزىملاتقان
2012-2-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-7
توردا
35 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-20 23:19:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزگە ۋە باشقىلارغا زىينى بۇلدىغان ھەرقانداق ئشنى قىلسا گۇنا بۇلامدىكىن
لوقمان ھىكىمدىن بىر كىشى سوراپتۇ بۇنچىۋېلا ئەدەپنى نەدىن ئۇگەندىڭ دەپ، لوقمان ھەكىم ئەدپسىزلەردىن  دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ ، تار بۇلامدۇ كەڭ بۇلامدۇ كىيىم كىيشتە باشقلار سىزگە ياخشى ئادەمدەك كۇرنىۋاتامدۇ ، ياكى ئەخلاقسىز ئادەمدەك كۇرنىۋاتامدۇ ، شۇنۇڭغا دىقەت قىلىپ كىيىڭ، باشقلاردىن ئەدەپنى شۇنداق ئۇگۇنۇڭ

كۆيۈمچان ئەزا

بەختلىكمەن ،ئال

UID
2277
يازما
163
تېما
6
نادىر
0
جۇغلانما
4956
تىزىملاتقان
2010-5-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
24 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-21 14:23:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر مەكتىپىمىزگە كېلىپ لىكسىيە سۆزلىگەندە مەن ئۇنىڭ قاراشلىرىغا بىر ئاز ھەيران قالغان. ھەم، ئىلگىرىكى ھۆرمەت تۇيغۇم سۇسلاپ قالغان ئىدى. ئەمما، ھەرقانچە بولسىمۇ مۇشۇنداق بىمەنە ساتىرانى ئىسلام ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلغىنىغا 1000 يىل بولغان خەلقىگە ئالدى ئارقىسىنى ئويلىمايلا سۇنۇپ قالا دېمىگەن ئىدىم. بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورىغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! بەك ئورۇنلۇق ئوبزور بولۇپتۇ بۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش