ئاتا
ئەخمەتجان توختى [بۆرە ئوغلى]
(بۇ يازمامنى بارلىق جاپاكەش ئاتىلارغا بېغىشلايمەن)
ئاتا ...
سەن جاپاغا يارالغانمىتىڭ،
نېمە ئۈچۈن يىرىك ئالقىنىڭ؟
نەدىن كەلگەن قاپارتما،يېغىر.
ئاتا ...
كەتمىنىڭنى ئالدىم قولۇمغا،
چاپماق بولۇپ چۈنكى سېنىڭدەك.
ئەمما،
چاپالمىدىم،
قالدىم ھالسىراپ،
ئاھ! نېمانچە ۋەزىنى ئېغىر.
ئاتا...
ئېتىزلىققا سۇ كەپتۇ بۈگۈن،
تۇل ئانامدىن كەلدى تېلېفۇن.
تەييار بولدۇم ئېچىقنى ئېچىپ.
لايغا پېتىپ قالغاندا پۇتۇم،
شۇنچە كۈچەپ تارتساممۇ ئەمما.
ئاشۇ لايدا قېپقالدى ئۆتۈك،
پىشانەمدىن تەپچىرەيدۇ تەر،
تۆۋە
سوغۇق سۇغا يۈرسەممۇ پېتىپ.
جىمىرلايدۇ كۆكتە يۇلتۇزلار،
زاڭلىق قىلىپ قىسىشىدۇ كۆز.
مېنىڭ نىمجان ھالىمنى كۆرۈپ،
سەن ئۆتكۈزدۈڭ تالاي كېچىنى.
ئەمما،
بىرەر رەتمۇ باقمىدىڭ ۋايساپ.
سۈزۈلدى تاڭ،
كېتىپ بارار يولدا بىر «يىگىت».
بىر كېچىدە قالغانچە ئاقساپ،
يىگىتلىكى تۇرار قانسىراپ.
ئاتا...
بۈگۈن چىقتىم مانا ئورمىغا،
كۆتۈرگەنچە ئورغاقلىرىڭنى.
سانجىلىدۇ قىلتىرىق تامام،
قىچىشتۇرۇپ ھەممە يېرىمنى.
سەن قانداقمۇ چىدىغان ئىدىڭ،
ئالالمىدىم چۈنكى بىلىمنى.
بىر سول ئالماي قاپاردى قولۇم.
ۋايجان!
كېسىۋالدىم بارماقلىرىمنى.
ئاتا...
قاقشاتقانتىم سېنى تۆنۈگۈن،
ئەجەپ قەدىرىڭ ئۆتۈلدى بۈگۈن.
ھەممە ئېيتار «ئۆتنە جاھان بۇ»،
قاقشىتىدۇ مېنى بالاممۇ،
بۈگۈن، ئەتە ۋەياكى ئۆگۈن.
2012-يىلى2-يانىۋار شەھىرى بۆرتالا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-6 17:15