زوردۇن سابىر يىلنامىسى

1. 1937– يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ بايتوقاي يېزىسى يېڭىتام (ھازىرقى بوستان) كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
2. 1957–يىلى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەن.
3. 1957–يىلى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنستىتوتىغا بارغان
4 . 1959 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قىلىنغان.
5. 1961–يىلى «ئاق ئۆرۈك» ناملىق شىئېرى «شىنجاڭ ئەدەبىيات سەنئىتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
6 . 1964–يىلى غۇلجا شەھەرلىك 2–ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكۈلۈپ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان.
7. 1972–يىلى تۇنجى پروزا ئەسىرى «ئارغىبەتكە ئۆتكۈچە»ناملىق ھېكايە «ئىلى گېزىتى»نىڭ 6–ماي سانىدا ئىلان قىلىنغان.
8 . 1979–يىلى 5–ئايدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىغا يۆتكۈلۈپ مۇھەررىر بولغان.
9 . 1979 – يىلى «دولان ياشلىرى»ناملىق ھېكايىسى ئاپتونوم رايونىمىزبويىچە 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
10 .1979 - يىلى 11 - ئايدا شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى چىقارغان << مەشئەل >> ناملىق بىرلەشمە ھىكايىلەر تۇپلىمىغا يازغۇچىنىڭ ئىككى پارچە ئەسىرى كىرگۇزىلگەن .
11 . 1980 - يىلى 7 - ئايدا يازغۇچىنىڭ << شەبنەم >> ناملىق تۇنجى ھىكايىلەر تۇپلىمى شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىردىن چىقتى .
12 . 1980 –يىلى 8–ئايدا «ئاۋرال شاماللىرى ناملىق» تۇنجى رومانى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان.
13. 1981–يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ كەسپي يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.
14. 1981–يىلى بىيجىڭدا جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەدەبىيات سىمنارىيىسىدە ئوقۇغان.
15 . 1981–يىلى «دولان ياشلىرى» مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن
16. 1981–يىلى« قوبۇلخانىدا »ناملىق ھېكايىسى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىللىق ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 2–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
17. 1983–يىلى «ئىزدىنىش» رومانى مەملىكەتلىك ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى باھالاشتا «مۇنەۋۋەر رومان»مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
18. 1983–يىلى8–ئايدا «ساداقەت» ناملىق تۇنجى ھېكايىلەر توپلىمى مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
19. 1984–يىلى5–ئايدا «ئارچا ياپرىقى» ناملىق تۇنجى پوۋېستلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. (بۇ بەلكىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەشىر قىلىنغان بىر يازغۇچىنىڭ بىرىنچى پوۋېستلار توپلىمى بولۇشى مۈمكىن.)
20 . 1985 - يىلى 12 - ئايدا شىنجاڭ ياشلار - ئۇسمۇرلەر نەشىرياتى تەرپىدىن << جىگدىلەر پىچىرلايدۇ >> ناملىق ھىكايىلەر ، پۇۋېستلار تۇپلىمى نەشىر قىلىنغان .
21. 1987–يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن «ئىزدىنىش»رومانىنىڭ قازاقچە نۇسخىسى نەشىر قىلىنغان.
22. 1987–يىلى 10–ئايدا تەكلىپ بويىچە گىرمانىيەگە بېرىپ، ئىككى ئاي ئىكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولغان.
23. 1988 - يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا زىيارەتتە بۇلغان ۋە << ئەرەب يىرىم ئارىلىدا >> ناملىق ئەدەبىي خاتىرىنى يىزىپ چىققان .
24 . 1988 - يىلى 5 - ئايدا يازغۇچىنىڭ << ئۇنتالمايمەن گۇلسارە >> ناملىق ھىكايىلەر ، پۇۋېستلار تۇپلىمى قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان .
25 . 1989 –يىلى يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان.
26. 1989 –يىلى 12–ئايدا «ئىزدىنش» رومانىنىڭ2–قىسمى نەشىردىن چىققان.
27 . 1990–يىلى سىچۈەن مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن يازغۇچىنىڭ «زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ناملىق تۇنجى خەنزۇچە توپلىمى نەشىردىن چىققان.
28 . 1992 - يىلى 3 - ئايدا شىنجاڭ ياشلار - ئۇسمۇرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن چەتئەل تۇرمۇشىغا بىغىشلانغان << باش - ئاخىرى يۇق خەتلەت >> ناملىق ھىكايە ۋە ئەدەبىي ئاخباراتلار تۇپلىمى نەشىر قىلىنغان .
29 . 1992–يىلى «تەڭرىتاغ»ژورنىلى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن راي سىناش پائالىيىتىدە زوردۇن سابىر خەلق ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۈچ يازغۇچىنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
30 . 1993 - يىلى 8 - ئايدا شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى تەرپىدىن << خىرە دىرىزە >> ناملىق پۇۋىستلار تۇپلىمى نەشىر قىلىنغان .
31 . 1994 –يىلى1–ئايدا شىنجاڭ ياشلار - ئۇسمۇرلەر نەشىرياتى تەرپىدىن «ئاتا» رومانى نەشىردىن چىققان.
32 . 1995–يىلى يەنە يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان.
33 . 1997 –يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 8–نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دائىمى ئەزاسى بولۇپ سايلانغان.
34 . 1998 – يىلى 26–ئىيۇن «ئانا يۇرت»رومانىنى يېزىپ تاماملىغان.
35. 1998يىلى13–ئاۋغۇست تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن.
36 . 1998–يىلى13–ئاۋغۇست «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە يازغۇچىنىڭ «ئانا» ناملىق ئاخىرقى ھېكايىسى ئېلان قىلىنغان.
37. 1999 - يىلى 10 ئايدا شىنجاڭ ياشلار - ئۇسمۇرلەر نەشىرياتى يازغۇچىنىڭ << قەرىزدار >> ، << گۇلەمخان >> قاتارلىق تاللانغان ھىكايە ، پۇۋېستلار تۇپلىمىنى نەشىر قىلغان .
38 . 1999–يىلى12–ئايدا يازغۇچىنىڭ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر قانچە ھېكايىلىرىدىن تۈزۈلگەن «خەزىنە» ناملىق سېلىشتۇرما ئوقۇشلۇق نەشىر قىلىنغان.
39. 2000-يىلى 11–ئايدا «ئانا يۇرت» ترىلوگىيەسى شىنجاڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.
40 . 2001–يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى يازغۇچىنىڭ لىياڭ شۆجوڭ تەرجىمىسىدىكى «ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە» ناملىق خەنزۇچە تاللانما توپلىمىنى نەشىر قىلغان.
41. 2001–يىلى 12–ئايدا شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن «ئانا يۇرت»رومانىنىڭ قازاقچە نۇسخىسى نەشىر قىلىنغان.
42 . 2002–يىلى زوردۇن سابىرنىڭ «ئاتا»رومانى ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتىنىڭ كۈتۈپخانىسىغا قويۇلغان.
43 . 2002–يىلى يازغۇچى «ئانا يۇرت» رومانى ئۈچۈن «گۈلزار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
44 . 2003 - يىلى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت »رومانى ئامرىكا خارۋات ئونۋېرسىتى كۇتۇپخانىسى ۋە ئەنگىليە ئۇكۇسفۇرد ئۇنۋېرسىتىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا قۇيۇلغان .
مەنبە : << ئاسىيا كىندىكى >> گىزىتى ، 2008 - يىلى 1 - ئاينىڭ 3 - كۇنى