ئىگىسى: alkuyi.com

تۈمۈرچىنىڭ ئوغلىدىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان ئەھمىدى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
20919
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2011-12-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-6
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 01:33:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمەت نىجاتنى مەدىيلىگەنلەر ئىنتايىن ھاماقەت كىشلەردۇر خالاس........توۋا خەق بىزگە كۇڭۇل بولمىسە بىز ئەجەپ كۇڭۇل بۇلۇپ كىتىدىكەنمىز...................

باھا سۆز

hijirany  ئېرانغا بېرىڭ چوقۇم سىزگىمۇ كۆگۈل بۆلىدۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 18:35:53

UID
2903
يازما
77
تېما
7
نادىر
0
جۇغلانما
2980
تىزىملاتقان
2010-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-24
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 13:14:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتىزىمچىلار ۋە تۈرك موسۇلمانلىرىنىڭ دۈشمىنى  بىلەن ئېغىز بورۇن يالىشىۋاتقان ۋە ئۇلارنىڭ غالچىلىقىنى قىلىۋاتقان ئەخمەت نىجادتەك بىر ئەبلەخنىڭ شۇنچە ياخشى باھاغا ئېرىشىۋاتقىنىدىن مەن ھەيران ..........

باھا سۆز

hijirany  ھەي نادانلىقىمىز...........  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 18:40:06
hijirany  باشقىلار باش كۆتۇرسىلا غاجايمىزمۇ بۇرادەر  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 18:39:22
hijirany  توۋا غالچىلىق قىلغىنىنى كۆرگەندەكلا سۆزلەيسىزغۇ  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 18:37:58

UID
28720
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-11
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 18:47:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئىنكاسىمنىڭ ئۈچۈلىشىدىكى سەۋەپ نىمە...
    ئىلگىرىكىنى دىمەي تۇرايلى، ئىران ھەدە لاپ ئۇرۇپ ئامرىكىغا ۋە ئەتراپىدىكى ئىسلام ئەللىىرىگە ھەيۋە قىلىدۇ، بۇ قېىتىم ئىران ھورمۇز بۇغۇزىدا مانۋاىر ئۆتكۈزگەندە ئامرىكىنىڭ ئاۋياماتكىسى ھورمۇز بۇغۇزىنى كىسىپ ئۆتتى، شۇ ۋاقىتتا ئىران دائىرلىرى ئامرىكىنىڭ يەنە بىر ئاۋياماتكىسى ھورمۇز بۇغۇزىغا كىلىشكە پېتىندىكەن، ھەركەت قوللىنىمىز، ئىران نىفىپت ئىكىسپورتى ئىمبارگوغا ئۇچۇرسا ھورمۇز بۇغۇزىنى قامال قىلىمىز دەپ لاپ ئۇرۋاتاتتى، ھازىر ئامرىكىنىڭ ئاۋياماتكىلىرى ھورمۇز بۇغۇزىدىن خالىغانچە ئۈتۈپ چۆرگىلەپ يۈرۈيدۇ، ياۋرۇپا ئىتىپاقى ئىرانغا نىفىت ئىمبارگوسى يۈرگۈزدى، ئىران نىمە قىلدى... دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئاغىزىدا گەپ بار ئەملى ئىش يوق روسلارنى غالچىسى.... ئەگەر ئىران راستىنلا يادرو قۇرالىغا ئىگە بوپ قالسا ئىسارائىليەنى دىمەي تۇرايلى ، ئەتراپىدىكى سەئۇدى-ئەرەبىستان قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىگە ئىنتايىن خەتەرلىك تەھتىت بۇلىدۇ، شۇڭا بۇلار ئامرىكىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى كۈتىۋاتقىلى خېلى بولدى..  ئىرانلىقلار تېخى ئەرمەنلەنى ئۇچۇقتىن ئۇچۇق قوللايدۇ...نىمىسىنى ماختايمىز بۇلانىڭ؟

UID
13089
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
291
تىزىملاتقان
2011-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 20:26:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈنئي مەزھەپ بىلەن شىئە مەزھىپەنىڭ  پەرقىنى  ئېنىق بىلدىغانلار بولسا  تەپسلى چۈشەندۇرۋەتسەڭلار بوپتىكەن. مەن    ‹‹ ئىمان 72 شاخچىغا بۈلىنىدۇ ›› دېگەن  ھەدىسنى ئوقىغاندەك ئېسىمدە تۇرىدۇ. شئە مەزھىپى  شۇ يەتمىش ئىككى شاخچىنىڭ بىرىمىدۇ.

UID
13089
يازما
21
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
291
تىزىملاتقان
2011-7-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-3
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 21:22:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارىسلار لا ئىلاھە  ئىللەللاھۇ  مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللا دەپ ئىمان ئېيتىپ  5  ۋاق ناماز ئۇقۇمدۇ. لېكىن ئۇلار مىللەتچىلىك قىلغىنى بولماپتۇ .مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ ‹‹ مىللەتچىلىك قىلغانلار مېنىڭ ئۈممىتىم قاتارىدىن ئەمەس ›› دېگەن ھەدىسى بار...ئسلام دىنىدىكى قېرىنداشلارنىڭ مىللەتچىلىك قىلىشى ياخشى ئەمەس .قۇرئان كەرىمدە ‹‹ تاجاۋۇز قىلماڭلار ،تاجاۋۇز قىلسا ئۇنىڭغا قارشى ئاللاھ  يولىدا ئۇرۇشقا ئاتلىنىڭلار ››دېگەن ئايەت بار .ئىراننىڭ تاجاۋۇز قىلىمىز .دېگەن گېپنى قىلغاننى ئاڭلىغانلار  بارمۇ؟ نىجادنىڭ  ‹‹ ئىسرائىلىيەنى  يەر يۈزىدىن يوقىتىش كېرەك ›› دېگەن سۆزىنى قىلىشتىكى مەقسەت ئىسرائىلىيەنىڭ  ئۇلارغا تەھدىت سېلىشىدىن بولغانغۇ دەيمەن .خەۋەرلارنى كۈرۈپ تۇرۋاتىمىز . ئىرانغا مانچىنچى ئايدا  ھۇجۇم قىلىمىز دەپ تۇرۋاتقىنىنى .ئۇرۇش بولسا تاماشا كۆرەتتۇق دەپ تۇرغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئارىمىزدا. ئىران ئىراققا ئوخشىماي قالامىكىن ئىدولوگىيە جەھەتتىن .يەنە ئېيتساق  ھەممىسىدە ئىسرالىيەنىڭ يامان قولى بار . ئسرالىيە بولسا  ئەرەپ ،تۇركىيە، ئىراق ... ئىشقىلىپ مۇسۇلمان بولغانلا دۆلەت ۋە ئادەمنى يامان كۆرىدۇ. بىزلار يەھۇدىلارغا ھەۋەس قىلىپ كېتىمىز  دۇنيا ئىقدىسادىنىڭ 70%تى ئۇلارنىڭ قولىدا دەپ  ئەمىليەتتە ئۇلارنىڭ ئىقدىسادىنىڭ بىزگە قىلچە  پايدىسى يوق شۇنداققۇ ،ئۇلارغا بولغان ھەۋەس ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى بىزدىكى ئىقدىسادنىڭ كەمچىلىكىدىن بولغان( بايلارغا ھەۋەس قىلىش ياكى كۆرەلمەسلىكنىڭ بىزگە پايسى يوق.تىرىشىپ ئۆزىمىزنىڭ ئىقدىسادىنى ئۆزىمىز  ئاشۇرمىساق  بولمايدۇ .تاپقان پۇلنى ھالال يولغا سەرىپ قىلمىساق ھەم بولمايدۇ)  .ئەمما مۇسۇلمانلارچۇ  تۈركىيەنى كۆرىۋاتىمىز نەدە قىيىنچىلىق يۈز بەرسە  ياردەمچى قۇشۇنى بىرىنچى بۇلۇپ بېرىپ بولىدۇ.ئەرەپ دۆلەتلىرىمۇ شۇ قاتاردا مېڭىۋاتىدۇ .غەرەزسىز  تاماسىز ھالدا ئىنسانى  ياردىمىنى يەتكۈزۋاتىدۇ. ئىسرالىيەچۇ ؟ ئۇلار ئىقدىسادىنى ئۇرۇشقا ،بۇزۇشقا ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئىسلام دۆلەتلىرى ئۇلار كەلتۈرۈپ چىقارغان قىيىنچىلىقنى ئوڭشاشنىڭ ئامالىنى ئىزلەپ يۈرۈۋاتىدۇ.

UID
28720
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-11
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 22:06:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخىي نۇقتىدىن كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلىرىنىڭ بىرى ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ بولۇپ، يەمەنلىك يەھۇدىيلاردىن. ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ۋە يەھۇدىي پىكرىدە ئۇچراتقان رەجئە(ئۆلگەندىن كېيىن دۇنياغا قايتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان مەزھەب)، ئۆلۈمنىڭ يوقلۇقى، زېمىننىڭ پادىشاھلىقى،مەخلۇقاتلارنىڭ ھېچقاندىقى قادىر بولالمايدىغان ئىشلارغا قادىر بولۇش، ھېچقىم بىلمەيدىغاننى بىلىش، ئاللاھ تەئالاغا بىدائ ( ئىرادىسىنى ئۆزگەرتىش) ۋە ئۇنتۇشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، قاتارلىق ( ئاللاھ ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر) يەھۇدىي پىكرىنى شىئەلەرگە ئېلىپ كىرگەن.
ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ يەھۇدىي دىنىدىكى چېغىدا يۇشەئ ئىبنى نون مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسى، دەيتتى. ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسى، دەيدىغان بولدى. مەدىنىدىن مىسىر، كۇفە، فۇستات ۋە بەسرە قاتارلىق جايلارغا يۆتكەلگەن. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: << سەن سەن >> ،يەنى سەن ئاللاھ، دېگەن. بۇ سۆز بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس توسۇپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى مەدائىنغا سۈرگۈن قىلغان.
-----------
ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ ئىسىملىك يەھۇدىينىڭ نىڭ شىئە مەزھىپىنى قۇرغۇچى ئىكەنلىكى ھەققىدە شىئە ۋە سۇننىيلەردىن تەركىب تاپقان ئىسلامغا دائىر مەنبەلەرنى ئاساس قىلدۇق.
بۇ مەنبەلەر ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئنىڭ شىئەلەرنىڭ ئەقىدىلىرىگە كۆپىنچىسى ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋە شىئەلەرگە ئائىت پىكىرلەرگە تۇنجى چاقىرغان كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ھەتتا، << سەبەئىييە >> ناملىق رادىكال بىر شىئە پىرقىسى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى سۇننىي ئالىملىرىدىن باشقا ، شىئەلەردىن ئەنناشىئىل ئەكبەرمۇ << مەسائىلۇلئىمام>>( شىئە ئىمام مەسىلىلىرى)،ناملىق كىتابىنىڭ 22 - بېتى ۋە باشقا ئۇرۇنلاردا بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك شىئەلەردىن ئەلكەشىي <<رىجال>> ناملىق كىتابىنىڭ 98 ، 100 - بەتلىرىدە ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ توغرۇلۇق توختالغان.
ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ يەھۇدىينىڭ شىئەلەر ئىچىدىكى رادىكاللىقى، پىكىرلىرى مەشھۇر بولۇپ:<< فىلمەقالاتى ۋەلفىرەق>> ناملىق كىتابنىڭ20 - بېتىدە؛ ھىجرىيە 310 - يىلى نوبەختى يازغان <<فىرقۇششىيئەتى>>( شىئە مەزھىبى ) قاتارلىق قەدىمىي كىتابلاردىمۇ بايان قىلىنغان.

ئەمما، ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئنىڭ شىئە مەزھىپىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ھۆكۈمگە گۇمانىي پوزتسىيدە بولۇش يېڭى مەسىلە بولۇپ، ئۇنى شەرقشۇناسلار باشلىغان، ھازىرقى زاماندىكى بەزى شىئە يازغۇچىلىرى بۇلارغا ئەگەشكەن. بۇ توغرىدا ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشەي دېسىڭىز دوكتور سۇلەيمان ئىبنى فەھد ھىجرىيە 1402 - يىلى يازغان <<ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ يەھۇدىي ۋە ئۇنىڭ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە پىتنە پەيدا قىلىشتىكى سىرى>>، كىتابقا مۇراجەت قىلىڭ. يازغۇچى ئۇ كىتابتا ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ يەھۇدىي توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان.
شىئەلەرنىڭ مەشھۇر سانىلىدىغان ئالىملىرىدىن: ھاجى مىرزا ھۇسەيىن ئىبنى مۇھەممەد (ھىجرىيە 1320 - يىلى ۋاپات بولغان) نەجەفتىكى مۇرتەزا قەبرىستانلىقىغا دەپىن قىنلغان. ئۇ: << فەسلۇلخىتابى فى ئىسباتى تەھرىيفى كىتابى رەببىلئەربابى>> ناملىق كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قۇرئاننىڭ كەم - زىيادە تەرەپلىرى بار، دەپ دەۋا قىلىدۇ. بۇ بىلجىرلاشلىرى ئارىسىدا 94 - سۈرە ئىنشىراھتىن <<ۋە جەئەلنا ئەلىييەن سەھرەكە>> ( يەنى ئەلىنى ساڭا كىيۇغول قىلدۇق)،دېگەن ئىبارە چۈشۈپ قالغان، دەپ دەۋا قىلىدۇ، ئاللاھ قۇرئاندا :<<(ئاللاھ مۇنداق دىگەن): قۇرئاننى ﻫەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز( 15 - سۈرە ھىجىر 9 - ئايەت)>>،دېگەن بۇ ئۇلارغا ئۆتكۈر رەددىيەدۇر. بۇ ئەفسانە كىتاب ھىجرىيە 1320 - يىلى ئىراندا نەشر قىلنغان.
شىئەلەرنىڭ مەشھۇر سانىلىدىغان ئالىملىرىدىن: ئايەتۇللاھ مامقانىي. ئۇ :<<تەنقىيھۇلمەقالى فى ئەھۋالىررىجالى>> نى يازغان. ئۇ شىئەلەر ئارىسىدا راۋىلارنىڭ ساغلانلىرىنى ئايرىيالايدىغان ئىمام، دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنىڭ كىتابىدا ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار تاغۇت ( ئازغۇن - شەيتان) ۋە قورقۇنچاق،دەپ تەسۋىرلىنىدۇ(بىرىنچى جىلد 207 - بەتكە قاراڭ). بۇ كىتابمۇ ھىجرىيە 1352 - يىلى ئىراندا نەشر قىلنغان.
شىئەلەرنىڭ مەشھۇر سانىلىدىغان ئالىملىرىدىن: ئايەتۇللاھ خۇمەينىي.
ھازىرقى زامان شىئەلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلىرىدىن بىرى. ئىراندىكى شىئەلەر ئىنقىلابىنى قوزغاپ، ھۆكۈمەتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالغان. ئۇنىڭ << سىرلارنىڭ ئېچىلىشى>>،<< ئىسلام ھۆكۈمىتى>> ناملىق كىتابلىرى بار. ئۇ پىقھى ئالىمنىڭ ۋالى بولۇشى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغان.گەرچە، ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئورتاق ئىسلامىي شۇ.ئارلارنى كۆتۈرۈپ چىققان بولسىمۇ، ئارىدىن ئوزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ تار دائىرىدىكى رادىكال شىئە ئېقىمى ئىكەنلىكى ۋە شىئە مەزھىپىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئېكسپورت قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانغان. نەتىجىدە بەزى باسقۇچلارنى باسقان. باشقا سەۋەبلەر بىلەن بىرلىكتە سەككىز يىل داۋاملاشقان ئىراق - ئىران ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىشىغا سەۋەب بولغان.
پىكىر ۋە ئېتىقادتىكى خاتالىقلار

* ئەسەمە(پاكلىق). شىئەلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ ئون ئىككى ئىمامى خاتالىق ، ئۇنتۇشتىن ۋە چوڭ - كىچىك گۇناھلارغا يېقىنلىشىشتىن پاك ئىمىش.

* ئىلاھى بىلىم. شىئە ئىماملىرىنىڭ ھەربىرىگە شەرىئەتنى تولۇقلاش ئۈچۈن رەسۇلۇللاھنىڭ بىلىمىدىن بېرىلگەنمىش. ئۇلار ئىلاھىي بىلىمگە ئىگە بولۇپ، يالغۇز ۋەھىي قىلىنمىغاندىن باشقا پەيغەمبەرلەر بىلەن ئۇلار ئارىسىدا ھېچقەنداق پەرق يوقمىش. ئاللاھ زاماننىڭ تەقەززاسى بويىچە كىشىلەرگە بايان قىلىپ بېرىشى ئۈچۈن شەرىئەت سىرلىرىنى ئۇلارغا قالدۇرۇپ قويغانمىش.
* ئۆلگەندىن كېيىن دۇنياغا قايتىش. شىئەلەر مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ئەسكەرىينىڭ زامان ئاخىرىدا ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىشقا رۇخسەت بەرگەن چاغدا قايتىپ كېلىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ۋە ئۇ شىئەلەرنىڭ تارىختىكى رەقىپلىرى( سۇننىيلەر) دىن قىساس ئالىدۇ،دېيىشىدۇ.
ئىمامچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەندىن كېيىن قايتىپ كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويۇلىدۇ.
* شىئەلەر پاتىمەنىڭ قۇرئانى، دەپ قۇرئان بارلىقىنى دەۋا قىلىشىدۇ. كۇلەينى ئۆزىنىڭ << ئەلكافىي>> ناملىق كىتابىنىڭ 57 - بەت،ھىجرىيە 1278 - يىلى بېسىلغان نۇسخىسىدا ئىمام جەئفەر سادىقتىن راۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
___قېشىمىزدا پاتىمە ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئانى بار ئىدى.
___ پاتىمەنىڭ قۇرئانى،دېگەن نېمە؟ دېدىم.
ئۇ:
____ قۇرئان بولۇپ، سىلەرنىڭ قۇرئانىڭلاردىن ئۈچ ھەسسە چوڭ كېلىدۇ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭدا سىلەرنىڭ قۇرئانىڭلاردىن بىر ھەرپمۇ يوق، دېدى.
* بەرائە ( چوقۇم ئايرىلىپ كېتىش) .
شىئەلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملاردىن چوقۇم ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىشىدۇ. ئۇلارنى ئەڭ رەزىل سۈپەت بىلەن سۈپەتلەيدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ دەۋالىرىچە ،ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر ، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملار خەلىپىلىك ئەڭ لايىق بولغان ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن تارتىۋالغانمىش! ئۇلار بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىشنى باشقىغاندا << بىسمىللاھ >> دېيىش ئورنىغا ئەبۇ بەكرى، ئۆمەرلەرگە لەنەت ئوقۇش بىلەن باشلايدۇ. ئۇلار يەنە نۇرغۇن ساھابىلەردگىمۇ ھوجۇم قىلىدۇ. ھەتتا، ئائىشە رەزىيەللاھانىمۇ ھاقارەتلەيدۇ.
* مۇغالات( بەلەىلىمىدىن ئاشۇرۇپ مۇبالىغە قىلىش)
شىئەلەرنىڭ بەزىسى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئاشۇرۇپ مۇبالىغە قىلىشقان. سەبەئىييە شىئەلىرى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئاللاھ دەرىجىسىگەكۆتۈرگەن.
بەزىلىرى جىبرىئىل پەيغەمبەرلىكنى ئېلىپ چۈشۈشتە خاتالىشىپ، ئەلىگە چۈشىدىغان پەيغەمبەرلىك مۇھەممەدكە چۈشۈپ قالغان، چۈنكى، گۇيا قاغا قاغىغا ئوخشىغاندەك ئەلىمۇ مۇھەممەدكە ئوخشايتتى، دېيىشكەن. شۇڭا، ئۇلار << غۇرابىيە>>، دەپ ئاتالغان.
* تەسەللى بېرىش، قايغۇرۇش(ئىماملىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە)، كۆكرەكلىرىنى تىلىش- ئۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى، نۇرغۇنلىغان ھارام قىلنغان ئىشلارنى مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئونىنىچى كۈنى يەنى ئاشۇرا كۈنى ئېلىپ بارىدۇ ۋە بۇلارنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ، گۇناھ - جىنايەتلىرىنى يۇيىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىشىدۇ. كەربال، نەجەف، قۇم شەھەرلىرىدە ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ.

ئەقىدە، پىكىرلىرىنىڭ يىلتىزى

شىئە ئەقىدىسىدە ۋارىسلىق، پادىشاھلىق دىنىغا ئىشىنىدىغان پارسلارنىڭ ئەقىدىلىرى تەسىر كۆرسەتكەن. پارسلار ئۆزلىرىنىڭ شانۇ - شەۋكىتىنى ۋەيران قىلغان ئىسلامدىن ئىسلام نامى بىلەن ئىنتىقام ئىېلىش ئۈچۈن شىئەلەرگە ھەسسە قوشقان.
* شىئەلەرنىڭ پىكرى بۇددا،مانىي ۋە براھمان دىنلىرىنىڭ ئەقىدىلىرىدىن كەلگەن پىكىرلەر ئارىلىشىپ كەتكەن.ئۇلار تەناسۇخ( ئۆلگەن ئادەمنىڭ روھىنىڭ باشقا بىر ئادەمگە كۆچىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدىغان ئېتىقاد ) ،ھۇلۇل( خالىقنىڭ مەخلۇقتا مۇجەسسەملىنىشنى تەكىتلەيدىغان ئېتىقاد) قارىشىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.
* شىئەلەر پىكرلىرىنى ئاشۇرىيە ۋە بابىلدىكى يەھۇدىيلاردىن قوبۇل قىلغان.

تارقىلىشى ۋە تەسىر دائىرىسى

ئىمامچىلىقنى ياقىلايدىغان شىئەلەرنىڭ ئون ئىككى ئىمام پىرقىسى ھازىر ئىرانغا تارالغان ۋە شۇ يەرگە مەركەزلەشكەن. ئىراقتىمۇ خېلى كۆپ ساندا ئىمامچى شىئەلەر بار. ئۇلارنىڭ مەۋجۇدلۇقى پاكىستانغىمۇ سوزۇلغان. لىۋىيەدىمۇ ئەگەشكۈچىلىرى بار. سۇرىيەدە ئىمامچى شىئەلەر ئازراق بولۇپ، رادىكال نۇسەيرىيە شىئەلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە. سۇرىيەدىكى باشقا شىئەلەر ئەلەۋىي شىئەلىرىدۇر.
خۇلاسە:
يۇقىرىقىلاردىن شۇ نەرسە ئايدىڭلىشىدۇكى، دەسلەپكى شىئەلەر ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى خەلىپىلىككە ئەڭ لايىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدىغان بىر پارتىيە شەكلىدە مەيدانغا كەلگەن. كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئايرىم ئەقىدىسى بار بىر پىرقىگە،ئىسلام ۋە مۇسۇلمان دۆلىتىگە سۈيقەست قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بايرىقى ئاستىغا ئالىدىغان سىياسىي ئېقىمغا ئايلانغان.
ئىسلام تارىخىنى كۈزىتىپ چىققانلار ھەر قانداق ئىنقىلاب، ئانا دۆلەتتىن بۆلىنىش ياكى ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە شىئەلەرنىڭ ئوخشىمىغان پىرقىلىرىنىڭ بارلىقىنى ياكى ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىلەر بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى بايقىيالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام تارىخى نۇرغۇنلىغان ئىنقىلاب ۋە بۆلۈنۈشلەرگە تولغان.  پايدىلانغان مەنبەلەر

1 - مۇھەممەد ئەبۇ زۇھرە: << ئەلمەزاھىبۇلئىسلامىييە>>، قاھىرە نەمۇزەجىييە باسمىخانىسى،
2 - ئەبۇلھەسەن ئەشئەرىي: << ماقالاتۇلئىسلامىييىن>>، ھىجرىيە 1379 - يىلى ؛مىلادىيە 1969 - يىلى، 1 - نەشرى.
3 - مۇھەممەد ئەبۇ زۇھرە: << شافىئىي>>، مىسىر ئەرەب پىكىر نەشرىياتى.
4 - دوكتور ئابدۇللاھ فەيياز: << تارىخۇلئىمامىييەتى ۋە ئەسلافۇھۇم مىنەششىيئەتى>>، باغداد ئەسئەد باسمىخانىسى، مىلادىيە 1970 - يىلى نەشرى.
5 - دوكتور سائىمىييە: << دەراساتۇن فىلفىرەقى>>، رىياد مائارىپ كىتابخانىسى، ھىجرىيە 1402 - يىلى ؛مىلادىيە 1981 - يىلى نەشرى.
6 - مۇھىببۇددىن( تەتقىقاتچى): << مۇختەسەرۇتتۇھفەتىلئىسنا ئەشەرىييەتى>>، قاھىرە سەلەفىييە باسمىخانىسى،ھىجرىيە 1402 - يىلى نەشرى.
7 - ئەبۇلفەتھ شەھرىستانىي:<< ئەلمىلەلۇ ۋەننىھەلۇ>>،بېيروت مەرىفەت نەشرىياتى، ھىجرىيە 1395 - يىلى ؛مىلادىيە 1975 - يىلى، 2 - نەشرى.
8 - ئىھسان ئىلاھى زەھىر: <<ئەششىيئەتۇ ۋە سسۇننەتۇ >>،پاكىستان لاھور تەرجىمانۇسسۇننە مەركىزى، ھىجرىيە 1397 - يىلى ؛مىلادىيە 1977 - يىلى، 5 - نەشرى.
9 - ئىھسان ئىلاھى زەھىر: <<ئەششىيئەتۇ ۋەتتەشيىئ >>،پاكىستان لاھور تەرجىمانۇسسۇننە مەركىزى، ھىجرىيە 1404 - يىلى ؛مىلادىيە 1984 - يىلى، 1 - نەشرى.
10 - ئىھسان ئىلاھى زەھىر: <<ئەششىيئەتۇ ۋە ئەھلۇلبەيتى >>،پاكىستان لاھور تەرجىمانۇسسۇننە مەركىزى، ھىجرىيە 1403 - يىلى ؛مىلادىيە 1983 - يىلى، 1 - نەشرى.
11- ئىبنۇ ھەزم: <<ئەلفەسلۇ فىلمىلەلى ۋەلئەھۋائى ۋەننىھەلى >>،جىددە ھىجرىيە 1402 - يىلى ؛مىلادىيە 1982 - يىلى نەشرى.

12- مۇھىببۇددىن خەتىيب: <<ئەلخۇتۇتۇلئەرىزەتۇ >>،قاھىرە سەلەفىييە باسمىخانىسى، ھىجرىيە 1388 - يىلى 5 - نەشرى.

13 - ئەللامە دوكتور مۇسا مەسۇۋىي: <<ئەسسىرائۇ بەينەششىيئەتى ۋەتتەشيىيئى >>، 1402 - يىلى نەشرى.
14- دوكتور سۇلەيمان ئىبنى فەھدۇلئەۋدە: <<ئەبدۇللاھ ئىبنى سەبەئىن ۋە ئەسرۇھۇ فى ئىھداسىلفىتنەتى فىلئىسلامى>>، رىياد تەييىبە نەشرىياتى، 2 - نەشرى.
15- دوكتور ناسىر ئىبنى ئابدۇللاھ قەففارىي: <<ئەتتەقرىيبۇ بەينەسسۇننەتى ۋەششىيئەتى>>، رىياد تەييىبە نەشرىياتى، ھىجرىيە 1416 - يىلى 4 - نەشرى.

يۇقىرىقىلار <<ھازىرقى زامان دىن ، مەزھەب ۋە پىكىر ئېقىملىرى ئېنسكلوپىدىيىسى>> دىن پارچىلار بولۇپ، ماۋزۇ مەزمۇنىغا ماس ھالدا ماقالە يوللىغۇچى تەرىپىدىن قويۇلدى. مەزمۇنى مەزكۇر كىتابتىن ئەينەن ئېلىندى.
بۇ كىتابنى دۇنيا مۇسۇلمان ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ سابىق رەئىسى مەرھۇم دوكتور مانىئ ئىبنى ھەمماد جۇھەنىينىڭ پىلانلىشى، رىياسەتچىلىك قىلىشى ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن كوللىكتىپ ئەمگەكنىڭ نەتىجىسى.


UID
28720
يازما
3
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
3
تىزىملاتقان
2012-2-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-11
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 22:07:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلامىيەتتە ئىچكى ئىختىلاپنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا كۆرسەتكەن            تەسىرى توغرىسىدا

                                   پەرھات غاپپار

مۇھەممەد پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھېچقانداق زىددىيەت يوق دېيەرلىك ئىدى.مىلادىيە 632-يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خەلىپىلىك ئورنىغا چىقىش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئىسلامىيەتتە ئېغىر ئىچكى ئىختىلاپلار پەيدابولۇشقا باشلىدى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يوق بولۇپ، ئۇنىڭ بىردىن بىر پەرزەنتى-قىزى فاتىمە، ئەلىنىڭ ئايالى ئىدى. ئۇچاغلاردا ۋارىسلىق مەسىلىسىدە ئەمەل قىلغۇدەك ئۈلگە يوق ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىمۇ بۇ توغرىلىق ئېنىق كۆرسەتمە بەرمىگەنىدى.
ئەينى دەۋردە، ئەرەبلەردە قەبىلىنىڭ باشلىقلىرى ياكى «ئاقساقاللار» نى سايلاپ چىقىشتا ياشتا چوڭ ۋە قابىلىيەتلىك بولۇش ئاساس قىلىناتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تېخى ئۇنىڭ دەپنە ئىشلىرى ئاخىرلاشمايلا نۇرغۇن زىددىيەتلەر بارلىققا كەلدى ۋە ئۇ كېيىنكى چاغلاردا زورىيىپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان قارىمۇ - قارشى گۇرۇھلارنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولدى. ئەلى خەلىپىلىككە ئولتۇرغاندىن كېيىن مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئىككى چوڭ گۇرۇھغا،يەنى ئەلىدىن ئىلگىرىكى ئۈچ خەلىپىنى ياقىلايدىغانلار ۋە ئەلى تەرەپدارلىرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ گۇرۇھغا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. بۇ ئىككى گۇرۇھ كېيىنچە سۈننىي ۋە شىئە نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. تارىخىي تەرەققىيات ۋە سىياسىي، ئىدېئولوگىيىلىك كۈرەشلەر داۋامىدا، يۇقىرىدىكى ئىككى گۇرۇھ يەنە ئۆز ئىچىدىن كۆپلىگەن پىرقە ۋە تارماقلارغا بۆلۈنۈپ، ئىسلامنىڭ ئىچكى جەھەتتە مۇرەككەپ بولغان ئىدېئولوگىيىلىك بىر پۈتۈنلۈكىنى تەشكىل قىلىش بىلەن بىللە، مەزھەپلەر ئىچىدىكى گۇرۇھلارنىڭ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى پەيدا قىلىدۇ. دىنىي كىتابلاردا، ئەبدۇللاھ ئىبنى سەبباھ شىئە مەزھىپى تەلىماتلىرىنىڭ ئاساسچىسى، دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئەسلى يەھۇدى بولۇپ، كېيىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ۋە خەلىپە ئوسمان دەۋرىدە ئەلىنىڭ كۈچلۈك تەرەپدارلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىغان. ئۇ خرىستىئان تەلىماتلىرىغىمۇ كامىل بولۇپ، دەسلەپتە شىئە مەزھىپىنىڭ ئىماملىققا ئائىت تەلىماتلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. بۇ تەلىماتتا، ئىماملىق خۇدا بەندىلىرىگە شاپائەت تەرىقىسىدە بېغىشلىغان ئىلاھىي مەرھەمەتدۇر، دەپ قارىلىدۇ. ئەبدۇللاھ ئىبنى سەبباھنىڭ پىكرىچە، ئىماملىقمۇ خۇددى پەيغەمبەرلىككە ئوخشاش سايلام يولى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلىدىغان مەرتىۋە بولماستىن، بەلكى قانداشلىق ئارقىلىق ۋارىسلىق قىلىنىدىغان، ئالدىنقى ئىمام ئۆز ئىختىيارى بىلەن كېيىنكى ئىمامنى تەيىنلەيدىغان ئىلاھىي مەرھەمەتتۇر. مەزكۇر تەلىماتتا، ئادەملەر بۇ دۇنيادا ئىمامسىز ياشىيالمايدۇ ۋە ئۆز ئىمامىنى تونۇمايدىغان ھەرقانداق شەخس جاھىل ھەم ناداندۇر.
ئىمام پەيغەمبەرلەرنىڭ خەلقنى خۇدا يولىغا دەۋەت قىلىشىدىكى ۋە يەر يۈزىدە ئادالەت ئورنىتىشىدىكى ياردەمچىسىدور، دەپ قارىلىدۇ. ئىماملارنىڭ ئىلاھىي مەرھەمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، شىئە ئەھلى ئىمام بولغۇچىلارنى ھەرقانداق چوڭ - كىچىك گۇناھلاردىن خالىي،ھەممە جەھەتتىن پاك ۋە ئۆزگىچە پەۋقۇلئاددە سۈپەتلەرگە ئىگە، دەپ قارىشىدۇ. ھەرقانداق دىنىي، سىياسىي مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ دېگىنى توغرا، ھېچقانداق بەس - مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ، دەپ ھېسابلىشىدۇ. ئىماملارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ئىشەنمەي، ئۇلارنى بېھىشتە مەڭگۈ تىرىك ياشايدۇ، دەپ قارىشىدۇ. شىئە مەزھىپىنىڭ ئىلاھىي نۇر توغرىسىدىكى تەلىماتىدا، ئىلاھىي نۇر ئادەم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن باشلاپلا ئۇلۇغ كىشىلەر ئارىسىدا كۆچۈپ يۈرگەن، كېيىن ئۇ پەقەت پەيغەمبەردىن پەيغەمبەرگە كۆچىدىغان بولغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىلاھىي مەرھەمەت تۈپەيلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى ئەبدۇلمۇتەللىپنىڭ تېنىگە كۆچكەن، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلاھىي نۇر ئىككىگە بۆلۈنۈپ، بىر قىسمى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسى ئەبدۇللاھنىڭ تېنىگە ۋە ئۇنىڭدىن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىگە كۆچۈپ توختىغان. ئىلاھىي نۇرنىڭ يەنە بىر قىسمى ئەبدۇلمۇتەلىپتىن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تاغىسى، يەنى ئەلىنىڭ دادىسى ئەبۇتالىپقا، ئۇنىڭدىن ئەلىگە كۆچكەن. ئەلىدىن يەنە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا كۆچىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇزاققىچە داۋام قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. شىئە مەزھىپىنىڭ بۇ خىل تەلىماتى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا نۇرغۇن ئوخشىمىغان پىكىر ئېقىملىرىنىڭ بارلىققا كېلىپ، كۆپلىگەن پىرقىلەرگە ۋە پىرقىلەرنىڭ يەنە ئۆز ئىچىدىن تارماقلارغا بۆلۈنىشىگە سەۋەب بولدى. شىئە مەزھىپىدىكى غۇلات (ئىسلامدىكى چېكىدىن ئاشقان )پىرقىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە بۇنداق پىرقىلەرنىڭ سانى جەھەتتىن كۆپىيىشى ھەمدە بەزى غۇلات پىرقىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىلگىرىكى قاراشلارغا نۇرغۇن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئىماملارغا ئىلاھىي سۈپەتلەرنى نىسبەتلەشتۈرۈشى، بەزىدە ئىماملارنى خۇدا بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىدىغان پىكىرلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشى نەتىجىسىدە، ئاخىرقى ھېسابتا غايىپ ئىمام، رىجئەت قىلغان ئىمام، سەتر ( پەردە ئىچىدىكى ) ئىمام، مۇنتەزەر ( كۈتىلىۋاتقان ) ئىمام، مەھدى ئىمام، قائىم ئىمام قاتارلىق نۇرغۇن نەزەرىيىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالدى. شۇنداق قىلىپ شىئە مەزھىپى ئىلاھىيەتشوناسلىقىدا ئىماملارغا ئىلاھىي نۇرنىڭ روسۇخ قىلىدىغانلىقى ( سىڭىپ كىرىدىغانلىقى ) توغرىسىدىكى تەلىمات مەيدانغا كەلتۈرۈلدى. بۇ تەلىمات ئوتتۇرا ئەسىردە « نۇرى مۇھەممەدى » نامى بىلەن ئاتالغانىدى. شۇنىڭ بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ تەلىماتىمۇ كۆپ تەرەپلىمىلىككە يۈزلىنىپ، مۇرەككەپ تۈس ئالدى ؛ تەناسۇخ (روھنىڭ تەندىن تەنگە كۆچۈشى)، ھولۇل ( روھنىڭ تەن بىلەن بىرلىشىشى ) مۇشەببىھە ( ئانتراپومورفىزم ) گە ئوخشاش نەزەرىيىلەر بارلىققا كېلىپ، بەزى پىرقە ئاساسچىلىرى ھەتتا خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەردى.
شىئە مەزھىپى تەلىماتلىرى دەسلەپكى دەۋرلەردە سۈننىي مەزھىپى تەلىماتلىرىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى، ھەتتا شىئە مەزھىپى ئۆز ئىچىدىن بىر نەچچە پىرقىگە بۆلۈنگەن دەۋرلەردىمۇ، ئاساسىي پىرقىلەرنىڭ دىنىي ئۇسۇل جەھەتتىكى قاراشلىرىدا سۈننىيلەر بىلەن چوڭ پەرقلەر يوق دېيەرلىك ئىدى. بۇ جەھەتتە ھەر ئىككى تەرەپ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى تۆت خەلىپە دەۋرىدە شەكىللەنگەن قاراشلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆز تەلىماتلىرىنى راۋاجلاندۇراتتى. كونكرېتراق ئېيتقاندا، شىئەلەرنىڭ بىر قىسمى خۇددى سۈننەت ئەھلىگە ئوخشاشلا ئەبۇبەكر، ئۇمەر ۋە ئوسماننىڭ خەلىپىلىكىنى ئېتىراپ قىلىشاتتى، يەنە بىر قىسمى پەقەت ئوسماننىڭ خەلىپىلىكىنىلا ئىنكار قىلىشاتتى، قالغان قىسىملىرى ئەلىدىن باشقىسىنى ئېتىراپ قىلىشمايتتى. ئەمما، كېيىنچە شىئە مەزھىپى تەلىماتىدا ئىماملىققا ئائىت نەزەرىيىنىڭ شەكىللىنىشى، پەيغەمبەرنىڭ ئەلى شەخسىيىتىدە قايتىدىن تىرىلىشى توغرىسىدىكى غايىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ روھىنىڭ ۋارىسلىرىغا كۆچىدىغانلىقىدىن ئىبارەت « نۇرى مۇھەممەد » نامى بىلەن ئاتالغان تەناسۇخ نەزەرىيىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، شىئە بىلەن سۈننىي مەزھىپىنىڭ تەلىماتلىرىدىكى پەرقنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋەتتى. تەناسۇخچىلار روھنىڭ كۆچۈشىنى نەسخ، مەسخ، رەسخ ۋە فەسختىن ئىبارەت تۆتكە بۆلىدۇ. بەزى پىرقىلەر ھەر تۆت خىل تەناسۇخنى، يەنە بەزىلىرى بىر ياكى ئىككى خىلىنىلا ئېتىراپ قىلىشىدۇ. ئۇلار، روھ بىر ئادەمنىڭ تېنىدىن چىقىپ يەنە بىر ئادەمنىڭ تېنىگە كۆچكەن بولسا، ئۇنى نەسخ دەپ، ئادەمدىن ئايرىلغان روھ ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە كۆچسە مەسخ دەپ، دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە كۆچسە رەسخ، زىيانلىق ھاشارەتلەرگە كۆچسە فەسخ دەپ ئاتىشىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ روھى قايسىلا شەكىلدىكى تەناسۇختا بولمىسۇن، ئەنبىيا ۋە رەسۇلىللانىڭ يول كۆرسىتىشىدە ئالەمنى كېزىدۇ. ئالەمنىڭ ئايلىنىشىمۇ روھنىڭ بىر جىسىمدىن يەنە بىر جىسىمغا كۆچۈشىدە ئىپادىلىنىدۇ. روھنىڭ بەدەننى تەرك ئېتىشى ھەقىقىي قىيامەتتۇر. ئەگەر ئىنسان خەيرلىك ئىشلارنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭ روھىمۇ خەيرلىك بىر تەنگە كۆچىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا، ئۇنىڭ روھىمۇ گۇناھكار بىر جىسىمغا كۆچۈرۈلىدۇ. سۈننەت ئەھلى تەناسۇخنى قوبۇل قىلمايدۇ. كېيىنكى دەۋرلەردە تەناسيخىيە مەسىلىسى پەلسەپە ساھەسىدىمۇ ئەكس ئېتىدۇ. مەششا ئېقىمىنىڭ نۇرغۇن ۋەكىللىرى بۇ خىل قاراشنى ئېتىراپ قىلماي ئۇنى قاتتىق تەنقىت قىلىدۇ، مۇئتەزىلەچىلەرمۇ ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتىدۇ. ئەمما، شىئە مەزھىپىدىكى مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىدىيىۋى سىستېمىسىدا تەناسۇخىيە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. بۇ خىل ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، 8- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئىسلام ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى چۈشىنىش جەھەتتىكى پەرقى زورىيىپ كېتىپ، بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، تا بۈگۈنگە قەدەر ئىسلام دۇنياسىدا كۆپلىگەن توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولماقتا. بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئاساسلىقى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ:
بىرىنچى، خەلىپە مەسىلىسى. سۈننىي مەزھىپىدە، تۆت چوڭ خەلىپىنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسلىرى، دەپ قارىلىدۇ ؛ شىئە مەزھىپىدە بولسا، ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىردىنبىر ۋارىسلىرى، دەپ قارىلىدۇ.

  ئىككىنچى، « قۇرئان كەرىم » نى چۈشىنىش مەسىلىسى. سۈننىي مەھىپىدىكىلەر « قۇرئان كەرىم »نىڭ ھازىرقى نۇسخىسى (خەلىپە ئوسمان رەتلەتكۈزگەن) غا ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ كىتابى مەنىسىگە كۆپرەك ئېتىبار بىلەن قارايدۇ. شىئە مەزھىپىدىكىلەر « قۇرئان كەرىم »نىڭ يوشۇرۇن مەنىسىگە كۆپرەك ئېتىبار قىلىپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ كىتابى مەنىسىدىن باشقا ئۇنىڭدا يوشۇرۇن مەنە بولىدۇ، ئۇنىڭدىكى يوشۇرۇن مەنىنى پەقەت ئىماملارلا بىلىدۇ. شۇڭا، « قۇرئان كەرىم » نىڭ كىتابى مەنىسىنى بىلىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ يوشۇرۇن مەنىسىنىمۇ چۈشىنىش كېرەك،دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار « قۇرئان كەرىم » نىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا ئەلىنىڭ ئىماملىقىغا ئائىت مەزمۇنلار بارئىدى. ئەمما، كېيىن زەيد ئىبنى سابىت تەرىپىدىن تەھرىرلەنگەندە ئەلىنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قۇتراتقۇلىقى بىلەن ئەلىگە ئائىت مەزمۇنلار چىقىرىۋېتىلگەن دېگەن قاراشنى ياقىلاپ،« قۇرئان كەرىم » نىڭ مەتنىگە باشقىچە نەزەردە قاراپ، ئۇنىڭدىكى بەزى سۆزلەرنى ئۆزگىچە ئىنتۇناتسىيىدە ئوقۇيدۇ ۋە « قۇرئان كەرىم » نى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا تەپسىرلەشنى تەۋسىيە قىلىشىدۇ. مەسىلەن، شىئەلەر ئەسلىدە «ئەلا» دەپ ئوقۇلىدىغان سۆزنى «ئەلى» (يېزىلىشى ئوخشاش)، «ئۇممە» دەپ ئوقۇلىدىغان سۆزنى «ئەئىممە» ( ئىماملار ) دەپ ئوقۇشىدۇ. «قۇرئان كەرىم » گە ئۇلار مۇھەممەد ۋە ئەلى دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان « نۇرەين » سۈرىسىنى قوشۇپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ سۈننەت ئەھلىدىن پەرقلىنىدىغان مۇھىم تەرەپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر شىئە مەزھىپىدىكىلەرنى « قۇرئان كەرىم » نى بۇرمىلاپ چۈشەندى، ئايەتلەردىكى تەنبىھلەرگە سەل قارىدى، قۇرئانغا بىھۆرمەتلىك قىلدى، دەپ ئەيىبلىسە، شىئە مەزھىپىدىكىلەرمۇ سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنى ئوخشاش ئەيىبلەيدۇ.
ئۈچىنچى، ھەدىسكە مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى. سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر ئالتە ھەدىسلەر توپلىمىنى ئىشەنچلىك ھەدىس دەپ قاراپ، ئۇنى قانۇن چىقىرىشنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى قىلىدۇ؛ شىئە مەزھىپىدىكىلەر بولسا، بۇ ھەدىسلەرنى ساختا دەپ قاراپ، ئۆزلىرى تۈزگەن ھەدىسنى ئاساس قىلىدۇ.يەنى، شىئەلەر 10 - ئەسىردىن باشلاپ ئۆزگىچە سۈننىتىنى رەتلەپ، ئۇنى « ئەخبار » نامى بىلەن ئېلان قىلىشقان. « ئەخبار » غا كىرگۈزۈلگەن ھەدىسلەرمۇ سۈننىيلەرنىڭ ھەدىسلىرىدىن خېلى كۆپ جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. « ئەخبار » دىكى ھەدىسلەر تامامەن باشقا مەنبەلەر ئاساسىدا تۈزۈلگەن. ئۇلاردا پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئەلى ۋە باشقا ئىماملارنىڭ ئۆزلىرىگىلا تەئەللۇق دەپ قارالغان رىۋايەتلىك نەقىللەر ئاساس قىلىنغان بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ساھابىلىرىگە تەئەللۇق بولغان نەقىللەر تامامەن ئىنكار قىلىنىدۇ.
تۆتىنچى، دىنىي داھىيلارغا قاراش مەسىلىسى. سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر خەلىپىنى دىنىي داھىي، دەپ بىلىدۇ. شىئە مەزھىپىدىكىلەر، ئىمامنى دىنىي داھىي، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ دىنىي داھىي توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى ئوخشىمايدۇ. سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر، خەلىپە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىي ئىشلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىسى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمەللىرىگە رىئايە قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۇ ئەدلىيە، مەمۇرىيەت، ھەربىي، دىنىي ئىشلاردا باشلىق بولسىمۇ، ئۇنىڭدا قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بولمايدۇ. « قۇرئان كەرىم » نى ۋە ھەدىسنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىغىلا ئىگە ؛ ئىلگىرىكىلەرگە ئۇچراپ باقمىغان ئىشلار ئۇچرىغاندا، يەنە كېلىپ قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئۇ ھەقتە بايان تېپىلمىغاندا، خەلىپە ئىشلەپ چىقسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. شىئە مەزھىپىدىكىلەر بولسا، ئىمام كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستازدۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ، ئۇ نۇقسانسىز ئادەم بولۇپ، ئاللاھنىڭ قوغدىشىغا نائىل بولىدۇ، مەڭگۈ خاتالىق سادىر قىلمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
بەشىنچى، شىئەلەر «ئىلمى شاھادەت»كە ئەلىنىڭ نامىنى قوشۇپ ئوقۇيدۇ، ئەزان توۋلاش، رامىزاندىكى تارابېھ نامىزى ۋە شېھىتلەرنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ سۈننىيلەردىن پەرقلىنىدۇ. شىئەلەر ھەج قىلغاندا مەككە، مەدىنىگە بېرىش بىلەن بىللە نەجەف، كەربەلا، مەشھەد ۋە قۇمرا قاتارلىق شەھەرلەرنى تاۋاپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، شىئەلەر «فاتىمەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى»، « ئاشۇرا » ( ھۆسەين قەتلە قىلىنغان كۈن ) ۋە ئىماملارنىڭ تۇغۇلغان، قازا قىلغان كۈنلىرىنى خاتىرىلىشىدۇ. خەلىپە ئومەر ئۆز ۋاقتىدا بىكار قىلغان ۋاقىتلىق نىكاھ ( سىغە ) غا يول قويۇشىدۇ. شىئەلەر بىلەن سۈننىيلەر ئارىسىدا يەنە بەزى ئادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈش جەھەتتىمۇ قىسمەن پەرقلەر مەۋجۇت. خۇلاسىلىغاندا، شىئە مەھىپى بىلەن سۈننىي مەھىپى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىسلامىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە دېگۈدەك تاقىلىدىغان بولۇپ، شىئە مەزھىپىدىكى بەزى غولات پىرقىلارنىڭ چەكتىن ئاشقان بەزى تەشەببۇسلىرى بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ، ئىسلام دۇنياسىغا ئارازلىق ئۇرۇقلىرىنى چاچقان. بۇيەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئىسلامىيەتتىكى بۇ زىددىيەتلەر تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھاكىمىيەت تالىشىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ زىددىيەتلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق دېيىشكە بولىدۇ..


UID
20919
يازما
17
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
17
تىزىملاتقان
2011-12-29
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-6
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-5 22:48:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ھىس قىلشىمچە ئىران 2012- يىلدىكى بىر مەيدان سىياسى شاھمەتنىڭ قۇربانلىق پىچكىسى خالاس...........2013- يىلىچۇ....2014- يىلىچۇ...................................بەلكىم بۇمۇ بىر تەڭرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى خالاش ،چۇنكى تەغدىرسىز قىل تەۋرىمەيدىغۇ قىرىنداشلىرىم.........


UID
14934
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
140
تىزىملاتقان
2011-9-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-4
توردا
14 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 12:14:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىران زۇڭتۇڭى ئەھمىدى نىجاتنىڭ تەرجىمالىنى ئوقۇپ ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى ، مىللەتپەرۋەرلىگىگە قايىل بولدۇم.

UID
18315
يازما
71
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
101
تىزىملاتقان
2011-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-14
توردا
44 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-6 14:44:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىشىگە مەن ناھايتى قايىل. شۇنداق ئاددى-ساددا، شۇنداق يېقىملىق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش