كۆرۈش: 45670|ئىنكاس: 88

تۈمۈرچىنىڭ ئوغلىدىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان ئەھمىدى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

UID
122
يازما
34
تېما
32
نادىر
0
جۇغلانما
944
تىزىملاتقان
2008-10-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-30
توردا
12 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 16:42:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوتتۇرا شەرق سىياسى سەھنىسىدىكى داڭدار سىياسىئون- نىجاد ئەھمىدى

ئەلكۈيى تورى 2-فېۋرال تەييارلىغان بۇ ھەپتىلىك مەشھۇر شەخس خەۋىرى: نىجاد تىلغا ئېلىنسا ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنىڭ تېلېۋىزىيە ئېكرانىدىكى جەسۇرانە قىياپىتى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ، ئۇنداقتا سز نىجادنىڭ سىياسى ھاياتىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ تۆۋەندىكى بۇ نۇقتىلار سىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تونۇشىڭىزنى روياپقا چىقارغۇسى.

قىسقىچە تەرجىمىھالى

نىجاد ئەھمىدىنىڭ تولۇق ئىسمى (Mahmoud Ahmadi-Nejad) مۇھەممەد ئەخمىدى نىجاد بولۇپ، ئىراننىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى. ئۇ 1956-يىلى ئىران پايتەختى تېھران شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى جامۇسار بازىرىدا بىر ئادەتتىكى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، دادىسى ئۇستا تۆمۈرچى.  ئەھمىدى نىجاد بۇرۇنلا سىياسىيغا قەدەم باسقان. ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ، شەرقى جەنۇبتىكى كورد شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياردەمچىسى  ۋە تېھران شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇنىڭ ئستىلى دۇرۇس، سەممىي، خەلقپەرۋەر، ھەققانىيەتچىل بولغاچقا ئۇنى كۆپ ساندىكى پۇقرالار، بولۇپمۇ جەمئىيەتتىكى ئەڭ ئاجىز ئاممىۋى پۇقرالار توپى ۋە خەلق قوللايدۇ. 2005-يىلى 6-ئايدا ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان. 2009-يىلى 6-ئايدىكى سايلامدا يەنە غەلبە قىلىپ، %62.63 بېلەت بىلەن، يەنە بىر قېتىم ئىراننىڭ زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان.

تولۇق ئىسمى: مۇھەممەد ئەخمىدى نىجاد
ئىنگلىزچە ئىسمى: Mahmoud Ahmadi-Nejad
باشقا ئىسمى:نىجاد
دۆلەت تەۋەلىكى: ئىران
تۇغۇلغان ۋاقىتى: 1956-يىل10-ئاي28-كۈن
تۇغۇلغان يەر: تېھران شەھىرى جامۇسار بازىرى
كەسپى: سىياسىئون، سىياسىيشۇناس
ئوقۇغان مەكتىپى: ئىران ئىلم-پەن ۋە تېخنىكا   ئۇنىۋېرىسىتېتى
ئوقۇغان كەسپى: قۇرلۇش لاھىيلەش، ئېچىش ئېنژېنىرى
بوي ئېگىزلىكى: 1.64مېتىر
ئېغىرلىقى: 71كىلوگىرام
ياخىشى كۆرىدىغان تامىقى: سۈت
ياخىشى كۆرىدىغان رەڭ: يېشىل رەڭ
خاراكتېرى: ئوچۇق-يورۇق، قىزىققان
دىنىي ئېتقادى: ئىسلام دىنى
ئاساسلىق نەتىجىسى: ھازىرقى ئىران زۇڭتۇڭى

ئائىلە ئەھۋالى

دادىسى: مۇھەممەد ھاتەم
كەسپى: تۆمۈرچى
ئانىسى: سايېرد خالنۇر
كەسپى: ئىسلام مۇخلىسى
ئاچىسى :پائېرۋېن
كەسپى: تېھران شەھىرىنىڭ پارلامىنېت ئەزاسى
ئايالى: فارادېيش
كەسپى: ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
پەرزەنتلىرى: 2ئوغۇل 1قىز
1-ئوغلى: مەخىد
پۈتتۈرگەن مەكتىپى: تېھران سانائەت پەنلىرى ئۇنۋېرسېتىتى
كەسپى: قۇرلۇش ئېنژېنىرى
2-ئوغلى: ئەللىزار
پۈتتۈرگەن مەكتىپى: تېھران ئىلىم-پەن ۋە تېخنىكا ئۇنىۋېرىستېتى
كەسپى: ماشىنسازلىق

سىياسى ھاياتى  

نىجاد 1956-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى ئادەتتىكى بىر ئۇششاق تىجارەتچى ئىدى. قىلىدىغان كەسپىمۇ ھەر خىل بولۇپ ساتىراچلىق ۋە تۆمۈرچىلىك  دۇكىنى ئاچاتتى. ئانىسى ئادەتتىكى بىر ئائىلە ئايالى بولۇپ، ئىسلام دىننىڭ سادىق مۇخلىسى ئىدى. گەرچە ئۇلارنىڭ ئائىلە شارائىتى ياخىشى بولمىسىمۇ، بىراق دادىسى نىجادنى نۇرغۇن جاپاغا چىداپ ئوقۇتقان. باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە ئوقۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار ئۇنى"تۆمۈرچىنىڭ ئوغلى بەك ئەقىللىق" دەپ ماختىغاچقا، ئۇنىڭ نامى بارا-بارا "تۆمۈرچى نىجاد"دەپ ئاتىلىپ قالغان. ئۇ 1986-يىلى تېھران سانائەت پەن –تېخنىكا ئۇنىۋېرىسسىتېتىنىڭ قۇرلۇش كەسپى بويىچە باكلاۋىرلىق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتىكى تۇنجى ئالىم بولۇپ قالغان. 1997-يىلى قاتناش تىرانسپورت ۋە قۇرلۇش لاھىيلەش كەسپى بويىچە مۇتەخەسسىسلىك ئالىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
نىجادنىڭ شەخىسىي تۇرمۇشىنى ناھايىتى سىرلىق دېيىشكە بولىدۇ، ئۇ زۇڭتۇڭلۇق تەخىتىكە چىقانغانغا قەدەر ئىراننىڭ بۇ "بىرىنچى خانىمى" ئاخبارات ۋاستىلىرىغا نىسبەتەن بىر سىر بولۇپ قالغان. ئۇ ئايالى فارادېيش بىلەن ئالىي مەكتەپتە تونۇشۇپ قالغان ئۇلار ساۋاقداش، تېھران سانائەت پەن –تېخنىكا ئۇنىۋېرىسسىتېتىنىڭ  ئوقۇتقۇچىسى ، ئۇنىڭ 2ئوغۇل ۋە 1قىز پەرزەنتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
ئىران ئىسلام ئىنقىلابى غەلبە قىلىشتىن بۇرۇن، نىجاد ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن سىياسى ۋە دىنىي ئۇيۇشمىلارنى قۇرۇپ، تۇنجى بولۇپ ئۆزىنىڭ سىياسى ھاياتىنى باشلىغان.
1986-يىلى ئۇنىڭ كۈچلۈك تەلەپ قىلىشى بىلەن ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولغان ھەمدە راماسېن ھەربىي گازارمىسىدا قىسقا مۇددەت تەربىيىلەنگەندىن كېيىن كوركى ئۇرۇشىغا قاتناشقان.
ئىراق-ئىران ئۇرۇشى مەزگىلىدە نىجاد ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش ئەتىرىتىدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن، شەرقى جەنۇبى قىسمىدىكى كورد شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياردەمچىسى بولغان.
20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا، ئۇ يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاردابى ئۆلكىسىنىڭ تۇنجى ئۆلكە باشلىقى بولۇپ سايلانغان ھەمدە ئۇدا 3يىل ئىلغار ئۆلكە باشلىقى بولۇپ باھالانغان.
2003-يىلى4-ئايدا ، ئۇ سايلام رىقابىتى ئارقىلىق تېھران شەھىرىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. ئۇندىن سىرت نىجاد ئىران "ئىسلام ئىنقىلابى ئىنژېنېرلار  كېڭىشى"نىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولغان. 2005-يىلى 6-ئايدا 6-نۆۋەتلىك ئىران زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان ھەمدە شۇ يىلى 8-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. 2009-يىلى 6-ئايدا يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان.
2008-يىلى 9-ئايدا ئەھمىدى نىجاد بېيجىڭ مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە باشقا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. 2010-يىلى 6-ئايدا شاڭخەي دۇنيا سودا يەرمەنكىسىدىكى "ئىران كۈنى" پائالىيىتىگە قاتناشقان.

سىياسى مەيدانى

ئەخمىدى نىجاد ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېينكى 2-ئەۋلاد رەھبەر.
سىياسى جەھەتتە، ئۇ "ئىسلام قىممەت قارشىنى قوغداش"مەيدانىدا قەتئى چىڭ تۇرۇپ كەلدى. ئۇ زۇڭتۇڭلۇق رىقابىتى مەزگىلىدە، ئەگەر مەن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلىنالىسام ئالدى بىلەن دۆلەت قانۇنى ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادەتلەرگە قاتتىق رىئايە قىلىمەن ۋە دۆلەت ئامانلىقى ، ئىسلام دىنىنى قەتئىي قوغدايمەن دەپ ۋەدە بەرگەن. ئۇ سايلامدا غەلبە قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن كۈچى بىلەن "گۈللەنگەن ۋە زامانىۋىيلاشقان"ئىران قۇرۇپ چىقىش قۇرلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىراننى "ئىسلام دۇنياسىدىكى ئۆرنەك"قىلىپ چىقىش ئۈچۈن نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

ئىقتىسادىي جەھەتتە، ئىشنى دۆلەت بايلىقىنى ھۆكۈمەت بىر تۇتاش بۆلۈپ تەقسىملەشتىن قول سېلىپ، خەلقكە نەپ يەتكۈزۈپ، دۆلەتنى قۇدىرەت تاپقۇزۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويغان. ئۇ مۇنداق دەپ قارىغان: نۆۋەتتە ئىراندا بايلىقىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش تازا ئەتراپلىق بولمىغانلىقىتىن، خۇسۇسىيلاشتۇرۇش بىر ئۇقۇم بولۇپ قېلىپ، دۆلەت بايلىقى خوراش،پۇقرالار ۋە ئاۋام نەپكە ئېرىشەلمەسلىك مەسلىسى ساقلانماقتا. شۇڭا جەمىئيەتنىڭ ئادىل بولۇشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي مەسىللەر ۋە ئاۋامنىڭ قىينچىلىقىنى ھەل قىلىش دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات پىلاننىڭ ئەڭ مۇھىم يادروسى قىلىنىشى كېرەك.

تاشقى سىياسەت جەھەتتە، "ئادىل خەلقئارا مۇناسىۋەت"نى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، بارلىق دۆلەتلەر بىلەن باراۋەر ،تەڭ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىران بىلەن ھەمكارلىشىشىنى خالايدىغان بارلىق ئەللەر بىلەن ياخىشى مۇناسىۋەتنى ساقلاش، بولۇپمۇ ئەتىراپىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن باراۋەر تەرەققىيات مۇناسىۋىتىنى ساقلاشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

ئىران-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ، نىجاد مۇنداق دەپ قارايدۇ: "پەقەت ئامېرىكا ئىرانغا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن مۇئامىلە قىلىۋېرىدىغان بولسا، مەن ئىشىنىمەنكى ،ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قەتئىي تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ياخشىلاشنى خالىمايدۇ."

يادرو مەسىلىسىدە ، ئۇ تا ھازىرغىچە ئىراننىڭ يادرودىن تىنچ يول بىلەن پايدىلىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى كۈچلۈك تەكىتلەپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دەپ قارايدۇ: ئىراننىڭ ئۆز مەنپەئەتى ۋە مەيدانىنى قوغدىشى ھېچقانداق خاتالىق ئەمەس، مەيلى قانچىلىك بېسىم ۋە جازا بولسۇن ، ئىران يادرو تەرەققىياتىدىن تىنچ يول بىلەن پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدۇ ۋە ھەر قانداق شەرتنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: ئىراننىڭ يادرو قورالىنى ياساش ئويى يوق، ياۋروپا ئىتتپاقىنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكى يادرو مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتنى ھەل قىلماقتا يوق تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۋېتىدۇ.

ئۇ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن تارتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە خىراجىتىنى ئاشۇرۇپ، يىراق چەت رايونلارنىڭ ئاساسى ئۇل-مۇئەسسەسەلەر قۇرلۇشىغا مەبلەغ سېلىش ۋە ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرگە تۇرمۇش تولۇقلىما ياردەم پۇلى بېرىش سالمىقىنى يىلسېرى زورايىتىپ، بىر قىسىم ئاۋامنىڭ زور قوللىشى ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن.بىراق  ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئىراننىڭ پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى ئېشىپ، 2007-يىل %29گە يەتكەن. مال باھاسى ئۆرلەپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىگەن، ئۆي باھاسى ئۆسۈپ كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا بىر ئاز ئاۋارىچىلىقلارنىمۇ كەلتۈرگەن.

تاشقى دىپلوماتىيە جەھەتتە، نىجاد قاتتىق قول بولۇش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئىران يادور مەسىلىسىگە چېتىشلىق ھەر قانداق شەرتىنى رەت قىلغان، يادورنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە پايدىلىنىش ئىراننىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى دېگەننى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن.

باشقا سىياسىي پارتىيە ۋە مەزھەپلەرنىڭ قارشىلىقى

كۆپلىگەن ئىسلاھاتچىلار ، مۇستەقىل سىياسىي پارتىيىلەر ۋە بىر قىسىم بىيۇكراتلار 2005-يىلدىكى بىرىنچى قېتىملىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدا بىرلەشمە ئىتتىپاق قۇرۇپ نىجاد.ئەخمىدىگە قارشى تۇردى ھەمدە بۇ بىرلەشمە ئىتتپاقىنى "مەملكەتلىك فاشسىزمغا قارشى ئىتتىپاق"دەپ ئاتىۋالغان.

مىسالغا ئالغاندا ،ئىران IIPF ئۇيۇشمىسى دېموكراتىيىنى پەش قىلىپ ئىكككىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا "دىنىي فاشىستلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىۋېلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك."، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى تەشكىلاتى "فاشىست ھاكىمىيەت" دېگەنلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىتى. بىر قىسىم بىيۇكرات تەھىلىچىلەرمۇ ئۆز ئالدىغا مۇقام توۋلاپ، نىجادقا ھەر خىل "قالپاق"لارنى كىيدۈردى، گەرچە نىجاد مۇشۇنداق بېسىم ۋە ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا قەددىنى رۇسلاپ  ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنى رىقابەتنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىدى
.

قايتا ۋەزىپە ئۆتەشنى كۆزلەش

2009-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ،نىجادنىڭ مەسلىھەتچىسى ئەلى. ئەكبەر تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا، زۇڭتۇڭ نىجادنىڭ يەنە بىر قېتىملىق سايلامغا قاتنىشىش ئويى بارلىقىنى ئاشكارلىغان.

نەتىجىدە شۇ يىلى 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا نىجاد يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلاندى. بۇ توغرسىدا ئىراننىڭ شۇ نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ نامزاتى جامالكار مۇنداق دەيدۇ: "ئۇ ئۆزىنىڭ غەلبە قىلىدىغانلىقىنى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن، چۈنكى ئۇ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ بولغان. بۇ قېتىملىق سايلام ئۇنىڭ خىزمەت نەتىجىسىنىڭ مەھسۇلى."، جامالكارنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، نىجادنىڭ بۇ قېتىم زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلىنىشى ئالدىنقى قېتىمىغا ئوخشىمايدۇ، ئالدىنقى قېتىم رىقابەت ئارقىلىق، خەلق رايى بويىچە سايلانغان. لېكىن بۇ قېتىم زۇڭتۇڭلۇق مەزگىلىدە ئىشلىگەن خىزمەت نەتىجىسى تۈپەيلىدىن قايتا زۇڭتۇڭلۇق ئورنىغا ئولتۇرالىغان،دېيىلگەن.

تەنقىدنى رەت قىلىش ۋە قايتا رىقابەتلىشىش

نىجادنىڭ غەربكە قارىتا قاتتىق قول سىياسىتى بىر قىسىم كىشلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان، ئۇلار نىجادنىڭ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئىش كۆرۈشتەك ئۆز بېشمچىلىق ئاخىرىدا ئىراننى دۇنيادا يېتىم قالدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، دېيىشكەن، بىراق يەنە بىر قىسىم كىشىلەر نىجادنىڭ بۇ خىل مىللەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر سىياسىتىدىن رازى بولۇپ، ئۇنى ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ قوغدىغۇچىسى دەپ تەرىپلىگەن.

يەنە بىر قىسىم ئۆكتىچى زاتلار ۋە قىسمەن تاراتقۇلار نىجاد يولغا قويغان ئىقتىسادى تەرەققىياتنى تېزلىتىش تەدبىرى ئىراننىڭ پۇل پاخاللىشىش نىسبىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۋەتتى دەپ تەنقىد قىلغان.

نىجادنىڭ مەسلىھەتچىسى ئەلى بۇ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغان ھەمدە سۆز قىلىپ:  پۇل پاخاللىقىنىڭ ئېشىشى ئىراننىڭ تەبىئىي ئاپەت ۋە خەلقئارادىكى مال-باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن مۇناسۋەتلىك، ئىراندىكى بىر قىسىم تاۋارلار ئۆز ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغان بولغاچقا، ھۆكۈمەتنىڭ پۇل پاخاللىقىنى كونتىرول قىلىشى بىر ئاز تەسكە چۈشتى.

ئەلى مۇنداق دېگەن: "ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتى پرىنسىپ جەھەتتە توغرا، بۇ بىر قىسىم ھۆكۈمەتتىن نارازى بولغان كىشىلەر ۋە تاراتقۇلارنىڭ نىجاد ھۆكۈمىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز ئۆز يولىمىزنىڭ توغرىلىقىغا تامامەن ئىشىنىمىز"

ئەنە شۇنداق ئۈن-تىنسىز تىرىشچانلىق نەتىجىسىدە  2009-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىران زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىران ئىچكى ئىشلار مىنسىتىرى سادىق سايلام بېلىتىنىڭ ئاخىرقى جەملىنىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. نەتىجىدە نىجاد %62.63ئاۋاز بىلەن سايلامدا غەلبە قىلدى.

شۇ قېتىملىق زۇڭتۇڭ نامزاتى ، ئىلگىرىكى ئىراننىڭ سابىق زۇڭلىسى مۇساۋى سايلامدا ساختىلىق ئىشلىتىدى دەپ نارازى بولدى.

6-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە نىجاد پارس تىلىدا تېلېۋىزىيە نۇتۇقى سۆزلەپ مۇنداق دېدى: "خەلق مېنىڭ توغرا سىياسەت يۈرگۈزۈشۈم ئۈچۈن ماڭا بېلەت تاشلىدى. بۇمۇ بىر قېتىملىق ئەركىن ۋە ئۆزگىچە بولغان سىياسى تاللاش،،،شۇنداقلا بىر قېتىملىق ئۇلۇغ غەلبە".

"بىز ئاۋامنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشىمىز كېرەك، ئۇلار بىزنىڭ  ئۆزگىچە ، تىنچ، ئىتتىپاق ۋە قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان قۇدىرەتلىك، زامانىۋى ئىران قۇرۇپ چىقىشىمىزغا مۇھتاج."، ئۇ ئۆزىنى قوللىغانلارغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ ، بۇنى بىر "ئۇلۇغ شېئىر" دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ، بىزنىڭ ماڭىدىغان يولىمىز يىراق، باسىدىغان مۇساپىمىز مۈشكۈلچىلىككە تولغان، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز قول تۇتۇشۇپ، "تېخىمۇ زامانىۋىيلاشقان، قۇدىرەتلىك ئىران "قۇرۇپ چىقىشتەك ئىستىقبال يولى ۋە مەنزىلىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز لازىم.

قاتمۇ قات بېسىم ۋە ئىقتىسادى جازا

2010-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىران يادور مەسىلىسى توغرىسىدىكى 1929-نومۇرلۇق  قارارىنى ماقۇللاپ ، 2006-يىلىدىن بۇيانقى 4 -قېتىملىق ئىراننى جازالاش چارىسىنى يولغا قويدى.شۇ كۈندىكى ئاۋاز  بېرىشتە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 15 ئەزا دۆلەتتىن 12 دۆلەت قوللاپ ئاۋاز بەرگەن ،  تۈركىيە ۋە بىرازىليەدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت قارشى تۇرغان ،لىۋان ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن.

ب د ت نىڭ قارارىدا ئىرانغا سىرىتتىن مەبلەغ كىرگۈزۈشنى چەكلەش، ئىران مەركىزى بانكىسىنىڭ مەبلەغ ئوبروت يولىنى ۋە باشقا ياۋروپا ئىتتپاقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەمكارلىقىنى چەكلەش ،ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىرانغا  تانكا،كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە ھەربىي پاراخوت قاتارلىق ئېغىر تىپلىق قورال ياراقلارنى ئېكىسپورت قىلىشىنى چەكلەشتىن ئىبارەت مۇھىم جازالاش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

ئۇندىن باشقا بۇ جازالاش چارىسى ئىرانغا چەتئەل ساياھەتچىلىرنىڭ بېرىشىنى چەكلەش قاتارلىق ئۇششاق مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئەتىرىتى بىلەن مۇناسۋەتلىك دەپ قارالغان  40نەچچىدىن ئارتۇق ئىران مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يولىمۇ قامال قىلىنغان. ئىران ئاتوم ئېنىرگىيىسى تەشكىلاتى يادور تېخنىكىسى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى جامال.شىرللالمۇ "قارا تىزىملىك"كە كىرگۈزۈلۈپ باشقا دۆلەتلەرگە بېرىشى چەكلەنگەن.

ب د ت سەھنىسىدىكى دىپلوماتىيە "ئۇرۇشى"

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سۇسان.سېسنېس ئامېرىكا يەنىلا ئىران يادرو مەسىلىسىدە "قوش تەرەپلىمىلىك" جازالاش ئىستىراتېگىيىسىنى يولغا قويىدۇ. "بىز يەنىلا ئىرانغا يادرو تەتقىقاتىنى توخىتىش تەكلىپىنى بىرىمىز، بۇ ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى سەممىي ياكى ئەمەسلىكىنى چۈشىنىشنىڭ مۇھىم بىر پاكىتى."، بىراق ،ئىران زۇڭتۇڭى نىجاد ئىنكاس قايتۇرۇپ، "ئىراننىڭ يادرو تەرەققىياتىنى توختىتىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى يادرو تەتقىقاتى پەقەت تىنچلىق بىلەن پايدىلىنىش ۋە ئېنىرگىيە تەمىناتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەرەققىي قىلدۇرلىدۇ. بۇ ئىراننىڭ قانۇنى ھوقۇقى. "، "ئەگەر ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى راستىنلا ئىران يادرو مەسىلىسىدە ھەم قارشى تۇرۇش ھەم سۆھبەت ئېلىپ بېرىش سىياسىتىنى قوللىنىمىز دەيدىكەن، ئۇنداقتا ئۇلار خاتا ئويلاپ قاپتۇ."، "مەيلى ھەر قانداق ئادەم ئىرانغا مۇشۇنداق مەجبۇرلاش ئۇسۇلىنى قوللىنشقا ئۇرۇنىدىكەن، شۈبىھسىزكى، ئىرانمۇ ئۇلارغا ئوخشاش قاتتىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ."، "مېنىڭ سىلەردىن شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ، مۇبادا ئىراننىڭ ئورنىدا سىلەر (غەرب دۆلەتلىرى) بولۇپ قالساڭلار قانداق قىلاتتىڭلار؟ "......

"مەن سىلەرنىڭ (غەرب دۆلەتلىرى) بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مەسىلىنى سىياسىي سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن. چۈنكى بۇ سىلەرگە نىسبەتەن "قىيىن بىر تاللاش، خالاس." نىجاد شۇ كۈنى دىپلوماتىيە "ئۇرۇشى"نى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تۈركىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا ئەللىرى دىپلوماتىيە باشلىقلىرى رەسمىي ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئەنقەرەگە يۈرۈپ كەتكەن ۋە مۇراسىمدا روسىيە زۇڭلىسى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

پۇتىن مۇنداق دېگەن: ئەگەر ئىرانغا نىسبەتەن شۇنداق قىلىش زۆرۈر بولسا شۇنداق قىلمايمۇ بولمايدۇ، بۇ قوش يۆلىنىشلىك تەدبىر ئىرانغا ھېچقانداق پۇتلىكاشاڭ بولالمايدۇ، "چۈنكى ھەققانىيەت-بەرىبىر ھەققانىيەت"

يوشۇرۇن قەستنى تارمار قىلىش

2010-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى لىۋان سۈبھى تېلېۋىزىيە ئىستانسى ئىران زۇڭتۇڭ ئىشخانسىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىپ، نىجادنىڭ ماشىنا ئەترىتى 4-ئاۋغۇست ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ، نىجادنىڭ بەخىتكە يارىشا يارىلانمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.  ئۇندىن باشقا، ئەرەب تېلېۋىزىيە ئىستانسى ، بىر نەپەر ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ نىجادنىڭ ماشنا ئەتىرىتىگە پارتلاتقۇچ بومبا ئاتقانلىقى، كېيىن قوغدىغۇچىلارنىڭ بۇ قارا نىيەتنى قولغا ئالغانلىقى توغىرسىدا خەۋەر بەرگەن. شۇ يەردىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسى مۇخبىرنىڭ خەۋەر بېرىشچە، ھادىسىدە بىر نەچچە قوغدىغۇچىنىڭ يارىلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئىران khabaronline*ir تور بېكىتىنىڭ كۆرسىتىشچە، پارتىلاش غەربىي قىسمدىكى شەھەر خامادەندە يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ كۈنى نىجاد شۇ يەردىكى ئامما ئارىسىدا نۇتۇق سۆزلەشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، نىجاد يارىلانمىغان ۋە پىلان بويىچە نۇتۇقىنى سۆزلەۋەرگەن ھەمدە نەق مەيدان ئەھۋالى ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىلگەن.
يۇقارقىدەك يوشۇرۇن قەستلەش نىجادنىڭ ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئۇنى ئوتتۇرا شەرق سەھنىسى ۋە دۇنيا سىياسى سەھنىسىدىكى ئەڭ قاتتىق قول رەھبەر ۋە سىياسىئونغا ئايلاندۇرغان.

"11-سېنتەبىر ۋەقەسى"پەيدا قىلغان گۇمان

"11-سېنتەبىر ۋەقەسى"ئىران زۇڭتۇڭى نىجادنىڭ غەربلىكلەرگە جۈملىدىن ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيىگە قارشى مۇقام توۋلىشىدىكى سەزگۈز نۇقتىلارنىڭ بىرى. نىجاد ھازىرغا قەدەر "11-سېنتەبىر ۋەقەسى"نىڭ يۈز بېرىشى ۋە نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ "قازا قىلغان"لىقىدىن گۇمان قىلىپلا كەلگەن.

ئۇ ئاخبارات تورىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، "2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە ناتسىستلىرى 6مىليون ئادەمنى قىرغىن قىلغان، مانا بۇ ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقە."، بىراق "11-سېنتەبىر ۋەقەسى" بەكلا كۆپتۈرۋېتىلدى، يالغان ئاخبارات ۋە يوشۇرۇن نەيرەڭ ئىشلىتىش غەربلىكلەرنىڭ سىياسى ئويۇنى، ئەمەلىيەتتە شۇ كۈنى نىيۇيوركىتىكى دۇنيا سودا مەركىزىدە خىزمەت قىلدىغان ھېچقانداق خىزمەتچى ئىشقا بارمىغان. مانا بۇ ئامېرىكا ئويدۇرۇپ چىقارغان ئاتالمىش "11-سېنتەبىر ۋەقەسى"...

نىجاد ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيىگە قارشى سۆزلەشنى مۇشۇ بىر نەچچە قېتىملا قىلغان ئەمەس. ئۇ ئىلگىرى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن نەچچە قېتىملىق چوڭ يىغىنلاردا سۆز قىلغاندا، 2001-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى نىيۇيورك ۋە ۋاشىنگىتوندا يۈز بەرگەن يولۇچىلار ئايروپىلانى سوقۇلۇش ھادىسسىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ۋە ئىراققا ھۇجۇم قىلىشنىڭ باھانىسى، دېگەن.

ئۇ بۇ توغرسىدا مۇنداق دېگەن: كۆرسىتىلگەن خەۋەرلەردە نىيۇيورك دۇنيا سودا مەركىزىدە نۇرغۇنلىغان ئامما پارتىلاش سەۋەبىدىن كۆيۈپ يارىلاندى ۋە خارابىلىك ئىچىدە قالدى دەپ خەۋەر قىلىندى، بىراق ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان يېتەرلىك پاكىتى يوق، چۈنكى بۇ ئاغدۇرمىچىلارنىڭ "ئالدىن پىلانلىغان مەخپى "سۇيقەستى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: ئەمەلىيەتتە شۇ كۈنى دۇنيا سودا مەركىزىدە ئۇنداق كۆپ ئادەم قازا قىلمىغان. چۈنكى ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، ئۇ يەردىكى بارلىق خىزمەتچىلەر ئەتە (9-ئاينىڭ 11-كۈنى )ئىشقا كەلمىسىمۇ بولىدىغانلىقى توغىرسىدا ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالغان.

"ئامېرىكىلىقلارنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەقەدە 3000دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى دېيىلگەن، لېكىن ھېچقانداق بىر دوكلاتتا ئۇلارنىڭ كىملىكىنى، نېمە ئىش قىلدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان." ،"لېكىن كۆپلىگەن كىشىلەر كۆرگەن بولۇشى ۋە ئىشنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن مەن ئىشەنمەيمەن ۋە ئۇنداق بولدى دەپ قارىمايمەن."

ئاۋام ئۈچۈن ئىنقىلاب قىلىش

نىجادنى ھەققى خەلقپەرۋەر دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ  ھەر قېتىم سۆز قىلغاندا "باشتىن ئاخىرى خەلق بىلەن بىرگە بولۇش"نى قايتا-قايتا تەكىتلەپ،ئىران خەلىقنى ھەققى قوغداشنى ئۆزىنىڭ ھەققى بۇرچى دەپ قاراپ كەلگەن. ئەمەلىيەتتە ، 2005-يلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى نىجاد بۇ سۆزىنى دۇنيا 2-قېتىملىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى باي دۆلەت زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ئۇچرىشىش رەسمىي يىغىنىدا بۇ نۇتۇقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ھەمدە ئىران ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئىشخانا ئىچىگە ئۆزىنىڭ رەسمىنى ئاسماي ، ئىراننىڭ مەنىۋى داھىيىسى ھۇمەينى ۋە ھامىنىينىڭ رەسمىنى ئېسىشنى تەلەپ قىلغان.

49ياشلىق نىجاد 24يىلدىن بۇيانقى ئىران تارىخىدىكى دىنىي جەمەتتىن كېلىپ چىقمىغان تۇنجى زۇڭتۇڭ. ئۇ ھۆكۈمەت تەۋەلىكىدىكى ئىنژىنىرلاردىن دىنىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ياكى باشقا ئائىلىدىن بولسۇن ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلغان.

ئۇ زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان دەسلەپكى مەزگىلىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلغان. سىياسى جەھەتتە قىلچە تەجىربىسى يوق مۇشۇنداق بىر ئادەم ئىراننى راستىنلا كونتىرول قىلالارمۇ؟ ئىراندىكى داڭلىق سىياسىيشۇناس ۋە دىنىي ئالىم ، شۇنداقلا داڭلىق كىتاب "دۇنيا رەزىللىك ئوق مەركىزى قۇرۇق سەپسەتە"نىڭ ئاپتورى، ئىران بارۇن ئۇنۋىرسىتتىنىڭ فىرافسورى ئابدۇللا.خەمىھد بۇ چاغدا نىجادقا مۇنداق باھا بەرگەن: "ئىران ھاكىمىيىتى بىر قابىل سىياسىئونغا مۇھتاج، ئۇ جەزمەن ئىران جەمئىيتىنىڭ تۆۋەن تەبىقىسىدىكى ئاۋامنىڭ قىيىنچىلىقىنى چۈشىنىدىغان ۋە ھەل قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. بىر ئۇزۇن يىللاردىن بىرى بۇ مەسىلە ھەل قىلىنماي يوشۇرنۇپ كەلدى، مېنىڭچە نىجاد بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ كېتەلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ بىر تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان."

1979-يىلى ئىران ئىنقىلابى مەزگىلىدە ، ئىران جەمئىيىتىدىكى بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرسىدىكى زور پەرق تەدرىجىي زورىيىپ، ھەل قىلمىسا بولمايدىغان نۇقتىغا بېرىپ يەتكەن. ئۇندىن كېينكى بىر نەچچە قېتىملىق سايلامدا غەلبە قىلغان ھاكىمىيەت ئىگىلىرىمۇ بۇ مەسلىنى ھەل قىلالماي كەلگەن. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئىنقىلابقا قاتنىشىۋاتقان نىجاد بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن.

نىجاد بىلەن قۇرداش بولغان ھەقەمسايىلىرى ئىران ئىسلام ئىنقىلابى ۋە ئىراق-ئىران ئۇرۇشى مەزگىلدە سىياسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن ۋە ئىران ئىنقىلابىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان. بۇ مەزگىلدە نىجاد ئۆزى باشچىلىق قىلىپ "رادىكال ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى"نى قۇرغان ھەمدە 2-قېتىملىق ئىراق-ئىران ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى ئەتىرىتىدە ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ زۇڭتۇڭ بولۇشتىن ئىلگىرى سىياسىي جەھەتتە دېگۈدەك باشقۇرۇش تەجىربىسى يوق بولۇپ، پەقەت غەربىي شىمالى قىسمىدىكى ئەردىئان ئۆلكىسىنىڭ شەھەر باشلىقى ياردەمچىسى ۋە تېھران شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان. مەملىكەت خاراكتېرلىك ھېچقانداق سىياسى گۇرۇھ ۋە تەشكىلاتقا قاتنىشىپ باقمىغان سىياسىي ۋە باشقۇرۇش تەجىرىبىسى ئاساسى جەھەتتىن يوق دېيەرلىك ئىدى. بىراق ئۇ تېھران شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە خىزمەت ئىستىلى دۇرۇس، راستچىل، سەممىي، خەلقپەرۋەر، ھەققانىيەتچىل بولغاچقا ،چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىپ، "ئىران نېفىت كىرىمدىن كەلگەن پايدىدىن ھەر بىر پۇقرانى تويغىچە تاماق يېيەلەيدىغان ۋەزىيەت"گە ئىگە قىلىش تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن ، ئۇنىڭ ئاۋامنىڭ قەلبىدىكى ئورنى، ھۆرمىتى ۋە ئىناۋىتى ئۆسكەن. خەلق ئۇنى ئالقىشلاپ "ئاۋامنىڭ نىجاتكارى-نىجاد" تەرىپلىگەن.

ئىراننىڭ ئىنقىلابىنىڭ روھى ۋە ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارشى

نىجاد زۇڭتۇڭلۇق ئورنىغا ئولتۇرۇپ ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىتتا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى راموسفلىد: "ئىران جەمئىيىتىدىكى ياشلار ۋە ئاياللار ناھايىتى تېزلا ئەخمىدى.نىجادنىڭ  ئىقتىدارسىزلىقىنى  بايقىۋالىدۇ، موللىلارمۇ بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ" دېگەن. بىراق ، ئۇ زۇڭتۇڭ بولۇپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىرىنچى قېتىم مۇھىم بىر سىياسىي تەدبىر بەلگىلەپ، ئىران جەمئىيىتىدىكى ياشلارغا ئۆي سېتىۋىلىش ۋە توي قىلىش تولۇقلىمىسى بېرىش چارىسىنى يولغا قويۇپ، ياشلارنىڭ بۇ قىينچىلىقىنى ئەملىي ھەل قىلىپ ، ئۆزىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى لاھبارنى ئىران نېفىت كىرىمىدىن كەلگەن 130مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى ئاجىرىتىپ "مۇھەببەت فوندى"قۇرۇپ، ئىران جەمئىيىتىدىكى ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، توي قىلىش ۋە ئولتۇراق ئۆي مەسلىسىنى  ھەل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.  

ئىراندا 30ياشتىن تۆۋەن ياشلار ئىران نوپۇسىنىڭ %70نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ياشلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆي مەسلىسى ۋە توي مەسلىسنى ھەل قىلىش ناھايىتى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن ، ئىراندا پەرزەنتلىك بولۇش يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. بۇ 80-يىللاردىن كېينكى تۇغۇلغان ياشلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراق ئۆيگە ئىگە بولالماسلىق، يۇقىرى ئىشسىزلىق ۋە شەھەرلەردىكى ئۆي باھاسى يۇقىرىلاپ كېتىش ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تېھران شەھىرىدىكى ئادەتتىكى بىر ھۆكۈمەت مەمۇرنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى 220دوللاردىن 280دوللارغىچە بولغان بولسىمۇ، بىراق ، كىچىكرەك بىر يۈرۈش ئۆينىڭ ھەر ئايلىق ئىجارىسىنى ئەڭ ئاز بولغاندا 300دوللاردىن كەم ئالغىلى بولمايتتى. شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇنلىغان ئىران ياشلىرى توي قىلغان بىلەن ئۆي سېتىۋالالمىغانلىقى ئۈچۈن كېچىكىپ توي قىلشقا مەجبۇر بولغان، بۇ مەسلە بارا-بارا ئىران جەمئىيتىدىكى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان ئىجتىمائىي مەسلىگە ئايلانغان ئىدى.

شۈبىھسىزكى، بىر قىسىم ئامېرىكا ئالىملىرى نىجادقا رەدىيە بېرىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ  چېچىلاڭغۇ بىر تەرەپلىمە قەھرىمانە روھىنى قىممەت قارشى سۈپىتىدە قوللىنىپ باشقىلارنى ئۆز قارىشىغا ئىشەندۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ، دېيىشكەن. ئامېرىكا ۋاشىنگىتون يىراق شەرق سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فاتىلىك.كەيسېن ئامېرىكا "مۇقاۋا ژۇرنىلى" تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا: "نىجادنىڭ مېڭىسى ناھايىتى ئاددىي خەلقپەرۋەرلىك ئىدىيىسى بىلەن توشۇپ كەتكەن، بۇ ئىران مەسلىسنى تۈپتىن ھەل قىلىپ كېتەلمەيدۇ، ئۇ پۇلنى پاخاللاشتۇرۇش تەدبىرى ئارقىلىق سودا ساھەسىدىكىلەرگە نەپ يەتكۈزۈپ مال باھاسىنى ئۆستۈرۋەتتى. ئۇ يەنە بىر تەرەپلىمە پوزىتسىيە بىلەن چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئىرانغا ئېقىپ كىرىشنى توسۇپ ھەممىگە دۈشمەنلىك نەزىرىدە قاراۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بۇ سىياسىتى "3-دۇنيا ئەللىرى دوگماتىزملىق" دىن ئىبارەت، بۇ ھەرگىزمۇ كارغا كەلمەيدۇ. ، بىراق نۇرغۇنلىغان ئىرانلىقلار نىجادنىڭ سىياسىتىدىن رازى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بۇ مەزگىلىدە ئىقتىساد تەبىئىي ئاشىدۇ. نىجادنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك شېرىن ئايغا ئوخشاش، ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئۇ ئۆزىنى بەكمۇ ئالىيجاناپ ۋە سەممىمىي دەپ چاغلاپ، ئىران جەمئىيىتىدىكى پۇل پاخاللىقى مەزگىلىدە چىرىكلەشكەن بىر قىسىم "پېشقەدەم ئىنقىلابچى"لارنى رەنجىتىپ قويدى. شۇندىن كېيىن خەلق ئۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ، بولۇپمۇ ئەينى چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىر جەڭگاھتا تۇرغان سەپداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى قوللىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆز خەلقى تەرىپىدىن تەبىئىي موللاق ئاتىدۇ......"

دەرۋەقە، ئىران خەلقى ئۇنى قوللىدى ۋە ئىشەندى. بۇنىڭغا قارىتا نىجاد ئىنكاس قايتۇرۇپ: "غەربلىكلەر ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى پەش قىلىدۇ، مېنىڭچە، ئىنىقلاب مېۋىسىدىن ھەر بىر ئىرانلىقلارنىڭ نەپ ئېلىش ھوقۇقى بار، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى تەبىئىيلا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى، شۇڭا ھازىر ھەربىر ئىرانلىق خاتىرجەم تاماق ئۈستىلىدە تاماق يېيەلەيدۇ..."

شۇ يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرسىدا نىجاد ئامېرىكىدا ب د ت نىڭ يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە بۇ قېتىمقى يىغىنىدا ئىران يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار يېڭى لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا ئالىملىرى نىجاد ئاۋامنىڭ يۈزىنى سېتىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى سەپسەتىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئامېرىكىنىڭ "بۈيۈك ئوتتۇرا شەرق دېموكراتىيىسى"گە زادى قانچىلىك ئاۋارىچىلىق كەلتۈرەر؟ نىجادنىڭ بۇ سەپسەتىسى قاچانغىچە ئىران خەلقىگە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بىرەر؟....

نىجاد رەدىيە بېرىپ: "ئامېرىكىلىقلار <ئوتتۇرا شەرق پىلانى>دا ئىراننى كۆرۈشنى خىيالىغا كەلتۈرمىسۇن! ئىرانغا ئۆزىنىڭ قىممەت قارشى كۇپايە."

يوقسۇللارنىڭ "قارا تۇلپارى"

ئۇ مەيلى قەيەرگە بارسۇن ، نېمە قىلسۇن بەكلا ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن، ئۇ بەكلا پىرىنسىپچان ۋە سەمىمىىي ئىدى.ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئەرلەر بىلەن ئاياللار لىفىتقا چىققاندا چوقۇم ئايرىم ئولتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئىراندىكى يوقسۇللارنىڭ ھەقىقىي نىجاتكارى بولغان. بىراق ئۇ ھازىرغىچە تېھران شەھرىدىكى بىر كونا تۇرالغۇدا ئولتۇرغان. 2005-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېين سائەت 6يېرىم ئەتىراپىدا ئىچىگە ھاۋا تەڭشىگۈچمۇ بېكىتىلمىگەن بىر كونا ئۆيگە 100نەچچە نەپەر چەتئەل مۇخبىرى توپلانغان بولۇپ، ئۇلار ھەدەپ نىجادنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ شۇنداق ئەۋزەل ئورنى ۋە شارائىتى تۇرۇقلۇق بۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلىقىنى قىزىقسىنىپ ھەيرانلىق ئىچىدە سوراشماقتا  ئىدى.بىراق ئۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىنى رەت قىلىپ ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

نەچچە كۈندىن كېيىن CNN نىڭ باش مۇخبىرى كىلىستىنا بېشىغا ئەرەبچە ياغلىق ئوراپ، نىجاد تۇرۇۋاتقان تۇرالغۇنى مەخپىي زىيارەت قىلدى.

ھەمدە بىر نەچچە ئۇقۇمۇشلۇق زاتلاردىن ئەھمىدى نىجادنىڭ راستىنلا مۇشۇ يەردە تۇرىدىغان-تۇرمايدىغانلىقىنى ئىگلەپ بەكلا ھەيران قالدى ۋە ئىران خەلقىنىڭ نېمە ئۈچۈن نىجادنى يوقسۇللارنىڭ "قارا تۇلپارى"دەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.

شەھەر باشلىقلىقتىن- زۇڭتۇڭلىقىچە

نىجاد ئىلگىرى دەرۋەقە تېھران شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان، ئۇ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئاندىن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان. كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ نەزىرىدە ، ئۇ ئىراننىڭ مەنىۋىي داھىيىسى ھامىنىي بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋەتتىن پايدىلىنىپ زۇڭتۇڭ نامزاتى قاتارىغا كىرىۋالغان دەپ قارالغان. بىراق ئۇ ھېچبىر ھامىنينىڭ تەخت ۋارىسى ۋە ياكى ئاسراندى ئوغلىمۇ ئەمەس، ئۇ پەقەت ئۆز ئىقتىدارىغا تايىنىپ ئاۋامنىڭ قوللىشى بىلەن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن.

راست گەپنى دېگەندە سايلام مەزگىلدە سايلىغۇچىلار ئۇنىڭدىن ھېچبىر ئىۋەن تاپالماي، ئۇنىڭ ئاشۇ ئاددىي-ساددىلىقى ۋە خەلقپەرۋەرلىكىگە قول قويدى. ئۇ ھېچقانداق يەردە ھېچكىمگە بىر ئالاھىدە پائالىيەت ۋە سايلام تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشنىمۇ تەشەببۇس قىلمىدى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىدى. خەلق رايىنى سىناشتا ئۇ باشقا رىقابەتچىلىرى بىلەن ئىلگىرىمۇ ئەمەس، كېيىنمۇ ئەمەس ئوخشاش ئاۋازغا ئېرىشتى.

رىقابەت ۋە كەسكىن تالىشىش نەتىجىسىدە 18-كۈنى ھاياجانلىق  كۈنلەر يېتىپ كەلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بىرىنچى قېتىملىق باسقۇچ خاراكتېرلىك بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتا، نىجادقا تاشلانغان بېلەت سانى قالغان ئۈچ نەپەر نامزاتنىڭ ئەڭ ئالدىدا بولۇپ چىقتى. كېيىن بارا-بارا ئاخىرىقى بېلەتنى ھىسابلاش ئارقىلىق  2-نومۇرلۇق زۇڭتۇڭ نامزاتى كالوبى بىلەن بولغان پەرق كىچىكلەپ، قالغان نامزاتلار تەدرىجىي شاللىنىپ نىجادنى قوللاش نىسبىتى ئاشتى.

نۇرغۇنلىغان تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرى ئەخمىدى.نىجادنىڭ تۇيۇقىسىز قاتمۇ-قات قورشاۋدىن بۆسۈپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تەييارلىق قىلىۋاتقان تەشۋىقات تېمىسىدا ئۇنىڭغا دائىر ماتېرىيال يوقلۇقىنى ھېس قىلىشتى. مۇخبىرلار جىددىيلىشىپ نىجادقا دائىر ماتېرىياللارنى ئىزدەشكە كىرىشپ كەتتى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ كونا تۇرالغۇسىنىڭ ئالدىدا ئەخمىدى.نىجادنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسۋەتلىك يىپ ئۇچىغا ئېرىشتى.

تۆمۈرچىنىڭ ئوغلى-يوقسۇللارنىڭ ۋەكىلى

ئەخمىدى نىجاد 1956-يىل بىر ئادەتتىكى تۆمۈرچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىدىن باشلاپ دادىسىنىڭ تەسىرىدە ئۆزىدە ئاددىي-ساددا ياشاش، تېجەشلىك، ئىقتىسادچان ۋە سەممىي بولۇش تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن. ئۇ تېھران شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىيگەن كىيمى ۋە يەيدىغان تامىقى باشقا ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭكىدىن ھېچقانداق پەرقلەنمىگەن.19ياشقا كىرگەندە نىجاد ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تېھران سانائەت ئىلىم –پەن ۋە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرىسسىتېتىنىڭ قۇرلۇش بىناكارلىق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئانا مەكتىپىدە قېلىپ خىزمەت قىلغان، 1997-يىلى قاتناش تىرانسپورت قۇرلۇش ئېنژېنىرى باكلاۋىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، دۆلەتنىڭ مۇتەخەسسىسلىك تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان.

ئۇ سىياسىيغا قەدەم باسقان دەسلەپكى چاغلاردا تۇنجى بولۇپ، غەربىي جەنۇبتىكى كورد شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ياردەمچىسى بولغان ، كېيىن مەنسىپى بارا-بارا يۇقىرىلاپ 90-يىللارنىڭ بېشىدا ئەردىبال ئۆلكىسنىڭ ئۆلكە باشلىقى بولۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل دۆلەت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئۆلكە باشلىقى بولۇپ باھالانغان. شۇندىن كېيىن ، ئۇ ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش ئەتىرىتى ئالاھىدە قىسمىنىڭ قوماندانى بولغان.

2003-يىلى 4-ئايدا تېھران شەھىرىنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانغان. ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلىدە تۈرلۈك ئامال ۋە تەدبىر قوللىنىپ، شەھەر مۇھىتى ۋە قاتناش شارائىتىنى ياخشىلاشتا ياخىشى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قوللىنىشقا بولىدىغانكى ئاماللار ئارقىلىق مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

ئەخمىدى نىجادنىڭ خەلقپەرۋەر، سەممىي ئادىتى ئۇنى جەمىئيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى ئاۋام خەلقىنىڭ قوللىشى ۋە مەدەت بېرىشىگە ئىگە قىلغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۇنىڭ سىياسىدا بۇنداق زور ئۇتۇققا ئېرىشىشى تامامەن ئاۋامنىڭ قوللىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىققان. ئۇ سايلام رىقابەت مەزگىلدە، ۋەدە بېرىپ ئەگەر ئۆزىنىڭ زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلىنالىسا، كەڭ ئاممىنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىنى كۆپەيىتىپ، خەلقىنى باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئۇنى قوللىغۇچىلارنىڭ سانىنى شىددەت بىلەن ئاشۇرۋەتكەن دېيىشكە بولىدۇ.

"ئاۋام زۇڭتۇڭى"نىڭ نىيۇيوركىتىكى تۇنجى سەپىرى

2005-يىلى9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىران پايتەختى تېھران خەلقئارا ئايرودرومىدا ئىراننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، ھۆكۈمەت ۋە ھەربىي تەرەپنىڭ ئەمەلدارلىرى زۇڭتۇڭ نىجادنى كۈتۈۋېلىشقا چىقىتى. ئۇ قارىماققا ناھايىتى جەسۇر سالماق قەدەم تاشلاپ چۈشۈپ كەلدى، ئۇ ئىران خەلقىنىڭ زور ئارزۇ ۋە ئۈمىد ئىشەنچىسىنى ئېلىپ ئەمدىلا ئاياقلاشقان ب د ت دۆلەت باشلىقلىرى رەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ كەلگەن ئىدى، بىراق بۇ يىغىن بىلەن تەڭ ئىراننىڭ ۋە نىجاد نامى بىردەمدىلا پۈتۈن دۇنياغا پۇر كەتتى. چۈنكى نىجاد بۇ يىغىندا تۇنجى قەدەمدە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان "پىسخىكىلىق جەڭ"دە ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرىنىڭ قىلچە يۈزىنى قىلماي "تىغمۇ-تىغ ئېلىشىپ" ، بۇ قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئەڭ جەلىپكار "چولپانى" بولۇپ زەپەر قۇچۇپ قايتتى.

ئامېرىكىلىقلارنىڭ يۈزىگە قادالغان مىخ

كۆپلىگەن كىشلەرنىڭ قارىشىچە، نىجاد زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغاندا دىنىي كۈچلەرنىڭ زور دەرىجىدە قوللىشىغا ئېرىشكەن، شۇڭا ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا مۇتەسسىپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ ئامېرىكىغا بىردىن-بىر ئوچۇق قارشى تۇرالايدىغان ئادەم دېيىلگەن. بىر نەپەر مۇتەسسىپلەر ۋەكىلى سايلامدىن كېين مۇنداق دېگەن: "مەن ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بىۋاسىتە قارشى تۇرۇپ، بىزنىڭ  ۋە ئىران خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىيالايدۇ دەپ قاراپ ئۇنىڭغا بېلەت تاشلىدىم."، دەرۋەقە نىجادنىڭ تۇنجى قېتىملىق نىيۇيورك سەپىرى "ئىراننىڭ كەمسىتىلمەسلىكى"بىلەن باشلاندى.

نىجاد زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، بىر نەپەر ئامېرىكا ئارمىيىسىدە ۋەزىپە ئۆتەپ چېكىنگەن پولكوۋنىك نىجادنى 1979-يىلدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانا خادىمنى تۇتۇپ قېلىش ۋەقەسىگە قاتناشقان دەپ ئەيىبلىگەن. مانا بۇ ئىش ئىككى دۆلەت دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالغان. نۆۋەتتە ئامېرىكا تەرەپ بۇ ھادىسىنى يەنىلا تەكشۈرۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ نىجادقا كەيدۈرگەن بۇ "قالپاق"غا قارىتا، پەقەت مىيقىدا "كۈلۇپ" قويغان. ھەمدە مۇنداق دېگەن: بىلمىدىم سىلەر ئامېرىكىلىقلار يەنە قانداق ئويۇن ئوينىماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟...

لېكىن نېمىلا دېسۇن نىجاد يەنىلا ئىرانلىقلارنىڭ "پاسىبانى"، ئۇ ئەزەلدىن ئامېرىكىغا نىسبەتەن قاتتىق قول بولۇپ كەلگەن. ئۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: ئىران ھەرگىز زومىگەرلىكىنى قوبۇل قىلالمايدۇ، "ئامېرىكىنىڭ ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزۈلىشنىڭ سەۋەبى كۆپ، ئىراننىڭ ئىران-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە قارار چىقىرىش ۋە رەت قىلىش ھوقۇقى بار. بۇ جۈملىدىن ئىران يادرو مەسلىسى ۋە ياۋروپا ئىتتپاقى بىلەن بولغان مەسىللەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمەلىيەتتە ياۋروپا ئىتتپاقى يالتا كېلىشمىدە قىلغان ۋەدىسىدە تۇرۇشى كېرەك ئىدى، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ھېچ بىر ئىشنى بىلمىگەندەك كۆرسىتىپ يىراقتا تۇرۇپ باشقىلارغا قول شىلتىيدۇ، خالاس."

"سىپارتاك"چە تۇرمۇش

نىجادنىڭ ئاددىي-ساددا تۇرمۇش ئادىتى ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئامما ۋە كەڭ خەلق ئاممىسنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈرگەن. غەرب مۇخبىرلىرى بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، نىجادنىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان تۇرمۇشى بولسا "سىپارتاك"چە تۇرمۇش. ئۇ تېھران شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلىدە ئۇلار ئىزچىل بىر ئاددەتتىكى 3ياتاق1مېھمانخانلىق ئۆيدە تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، ئۆيىدە ھېچقانداق ئائىلە سايمانلىرى يوق. ھەر كۈنى ئىشقا ماڭغاندا چۈشلۈك تامىقىنى ئۆيدىن ئېلىۋالىدىكەن. ئۆيىدىكى بىردىن –بىر نەرسە 1977-يىلى زاۋۇتتىن چىققان فرانسىيىنىڭ "بئاۋجۈ"ماركىلىق پىكاپى بولۇپ، ماشىندا يا ھاۋا تەڭشىگۈچ يا يامغۇر تازىلىغۇچ يوق. ئۇنىڭ بۇ خىل خالىسانە، ئاددىي تۇرمۇشى ئىستىلى ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلام ۋە كەڭ خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىناۋىتى ۋە ھۆرمىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن.

ئۇ زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىنمۇ تۇرمۇشدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان شۇ بۇرۇنقى ئىستىلى ۋە ئادىتى بويىچە ياشاپ كەلگەن. ئۇنىڭ بىرەر يەردە ھەشەمەتلىك داچىسى ۋە تۇرالغۇسى يوق، پەقەت شەھەر مەركىزىدە بىر كونا زۇڭتۇڭ ئىشخانىسى بار. ئۇ تېخى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئىشخانىنىڭ بارلىق ھەشەمەتلىك زىننەتلىرىنى ئالدۇرۋەتكەن. ئىشخانىسىدىكى داڭلىق پارس گىلىمىنى دۆلەت مۇزېيىغا ساقلاشقا بېرىۋەتكەن.


خاتىمە


ھەممەيلەنگە مەلۇم، ھازىر ئامېرىكا –ئىران مۇناسىۋىتى ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرىپ قالدى، ئامېرىكا ھەدەپ ئىرانغا ھەيۋە قىلىپ، ياۋروپا ئىتتپاقى، ئەرەب ئەللىرى ئىتتپاقى ۋە باشقا ئىتتىپاقداشلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئىرانغا قارىتا كۈچلۈك ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزمەكتە....ئەلكۈيى تورى مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ئامېرىكا –ئىران مۇناسىۋىتى ھەل قىلغۇچ شەخس بولغان دۇنياۋى چولپان،ھەممىگە تونۇشلۇق رەھبەر ئەھمىدى نىجادنىڭ تولۇق تەرجىمھالىنى كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ ھەرقايسى تىللاردىن تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئېلان قىلدى ۋە ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىندى.كەڭ ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ ئەھمىدى نىجاھ ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە قاراشلىرى بولسا تېما ئاستىغا
ئىنكاس شەكلىدە ئېلان قىلىنىشىنى سورايمىز.


ئالاھىدە ئىزاھات :مەزكۇر تېمىنىڭ ھەرقانداق سەۋەب ۋە ھەرقانداق شەكىل بىلەن ئەلكۈيى تورىدىن باشقا بلوگ،تور بېكەت،مۇنبەر،خاتىرەلەردە،كىتاپ ۋە مەتبۇئاتلاردا شىركىتىمىز رۇخسىتىسىز ئېلان قىلىنىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ
.


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
7112
يازما
165
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
4067
تىزىملاتقان
2010-11-8
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
2 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 16:52:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئادەمگە راس قايىلمەن . كىچىككىنە بىر دۆلەت ئامىركىنى قورقۇتۇپ يۈرۈيدۇ.

باھا سۆز

tangirkut  Kirindaxlirim ahmidi nijat uttura xarikti baxka mustabitliga uhxaxla bir sarang talwa uni sadam wa kazafiga uhxatsak artuk katmaydu uning akiwetimu ularningkiga uhxax u kandakmu bir kahirman bulsun b   يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 15:40:24

UID
27735
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-1-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-4
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 18:14:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمىسىمۇ ئەھمىدى نىجات ھەقىقەتەن ۋەتەنپەرۋەر ئىكەن، بۇلۇپمۇ ئىسلام دىنىنىڭ روھىنى  باشقا دۆلەتلەرگە نىسپەتەن تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپتۇ بولمىسا.

UID
10417
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
506
تىزىملاتقان
2011-3-28
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
13 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 18:36:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۈم . ئەھمەت نىجاتنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ قايسى مەزھەپتە ئىكەنلىكى يىزىلماپتا ؟

UID
10479
يازما
93
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2136
تىزىملاتقان
2011-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 19:03:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
akidada يوللىغان ۋاقتى  2012-2-2 18:36
ئەسسالامۇئەلەيكۈم . ئەھمەت نىجاتنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ قا ...

ئەلۋەتتە شىئە بولىدۇ دە...  

UID
15784
يازما
26
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
386
تىزىملاتقان
2011-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-5
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 19:15:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
akidada يوللىغان ۋاقتى  2012-2-2 18:36
ئەسسالامۇئەلەيكۈم . ئەھمەت نىجاتنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ قا ...

ئاجايىپ باتۇر،ھەقىقى ئەركەك،،،،،،ئىرانلىقلارنىڭلار ئەمەس بەلكى پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈلگىسى،سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن قورساق ئۇرۇشى قىلماي ئىناق ئۆتسە بۇلاتتى دەيمەن ھەممىسى مۇسۇلمان بۇلغاندىن كېيىن،،،،سەئۇدى ئەرەبىستانمۇ بىلمەيدىكەن شۇنى،،،،بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىرلىشىپ ئىتتىپاق قۇرۇۋالسا  غەرىپلىكلەر ئانى تاپالماستى دەيمەن،،،،،،ئاللاھ نىجاتنى پاناھىدا ساقلىغاي!!!

باھا سۆز

tangirkut  karmanxah u kandakmu batur kahirman bulsun u utura xariktiki dimguratiyaga karxi sarang mustabit amirkining dimguratiyasi man akiki dimguratiya hama adam bap barawaer digan mana xu yarda qirikliktin a   يوللىغان ۋاقتى 2012-2-10 20:03:12

UID
12313
يازما
86
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1736
تىزىملاتقان
2011-6-16
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-11
توردا
15 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 19:50:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىدى نىجات ھەقىقەتەن،مىللەتپەرۋەر،خەلىقپەرۋەر،ئۆز ئىتقاتىغا چەكسىز سادىق ئۇلۇق رەھبەرلەرنىڭ بىرى،ئۇنىڭ ئىشلىرىغا بەك قايىلمەن

UID
26923
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-1-19
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-11
توردا
26 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 21:41:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمەدى نىجاتــنڭ بۇ تەرجىمالنى ئوقۇپ،شۇنى بىلدىمكى ئادەمدە ئۆزىگە ئىشىنش بىلەن بىرگە سۇنماس ئىرادە. ئالدىغا ئىنتىلىشتەك قەيسەر روھ بۇلغاندىلا كۆزلىگەن نىشانىمىزغا يەتكىلى نۇلىدىغانلىقىنى چۇشۇنۇپ يەتتىم ،شۇنۇڭ بىلەن بىرگە ئەھمەدى نىجاتــنڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرغا ئۇتۇق تىللەيمەن،

ئەلكۈيىدكى بارلىق ئشچى-خىزمەتچىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەخمەت ئىيتىمەن ؟

سالامەت بولڭلار........

UID
15402
يازما
10
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
190
تىزىملاتقان
2011-9-22
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-23
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 21:55:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئەرەب دۇنياسىدىكى كاتتاباشلانىڭ كاللىسى ئىشلىگەن بولسا «ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنى» قۇرغاندىن كېيىن ئۇنى قۇرۇق سۆھبەت ئۈستىلى قىلماي ئەمەلىي ھەرىكەت قىلغان بولسا بۇ چاققە پەلەستىن ئەرەبلىرى زېمىنىنىمۇ تازقۇزۇپ قويمىغان ھەم ئىچكى ئۇرۇش قىلىمىغان بولاتتى .  
ئەمدى نىجادقا كەلسەك ، ئۇنىڭ ئېغزىدكى قۇرۇق گەپ بىلەن ھېچ ئىش ھەل بولمايدۇ. بولسا ئەڭ ئاۋۋال ھورمۇز بوغۇزىنى تاقاپ باقسۇن. سەئۇدى ئەرەبىستانى راستىنىلا مىللەتدىشىغا دېگىنىدەك قىلامدۇ.

باھا سۆز

hijirany  ئەگەر ئۇ بوغوزنى تاقىۋەتسە ئامرىكىغا بانا تېپىپ بەرمەسما بۇرادەر  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 18:02:46
hijirany  بىر ئىسلام دۆلىتىنىڭ رەھبىرىنىڭ مۇشۇنچىلىك قىلىشىمۇ ئاسان ئىش ئەمەس بالا  يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 17:59:54

UID
12025
يازما
56
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1196
تىزىملاتقان
2011-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-23
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 22:21:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىران جەمئىيىتىدىكى ياشلارغا ئۆي سېتىۋىلىش ۋە توي قىلىش تولۇقلىمىسى بېرىش چارىسىنى يولغا قويۇپ، ياشلارنىڭ بۇ قىينچىلىقىنى ئەملىي ھەل قىلىپ

بۇنى ۋىن زۇڭلى  ئوبدانراق ئوقۇسا بولغۇدەك ، ناۋادا ئۇيغۇر ياشلىرىغىمۇ مۇشۇ سىياسەتنى  يۇرگۇزسسە مېنىڭ ئارتۇق پىكرىم يوق جۇمۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش