ھەقىقەتەن خۇشاللىقتىن ياش تۆكۈلگىدەك ئىش بوپتۇ...
دائىم دەرستىن قېچىپ كىتابخانىغا بېرىۋالاتتىم، كىتابخانا خادىمى قوغلاپ ھېرىپ قالاتتى (ئۇ 2-يىللىقتا ئوقوۋاتقان ۋاقىتلىرىم، دەرس ۋاقتى ) بىر كۈنى . كۈتۈپخانا خادىمى '' كۈتۈپخانىدا چاي ئىچكەچ كىتاب ئوقۇساڭ بولمامدۇ ''دىسە، مەن تەنە قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ (ئەمەلىيەتتە كۈتۈپخانا بارلىقىنى ئۇقمايتىم ) كىرمەيدىغان بولغان، كېيىن بىر يىل ئۆتۈپ تۇيۇقسىزلا ناھىيمىزنىڭ بىر بۈرجىكىدە ‹‹كۈتۈپخانا›› دىگەن بىر كىۋادىرات مىتىرلىق ۋىۋىسكىغا كۈزۈم چۈشۈپ قالدى، ئىلگىرى بۇ يولدىن دائىم ئۆتسەممۇ ، كۈتۈپخانا ئالدىنى قىش ۋاقتى كۈمۈرچىلەر، ياز ۋاقتى باققاللار توسۇۋالغاچقا كۈتۈپخانىنى كۆرمىگەنىكەنمەن، ئۇ ۋاقىتتا ئادەم كۆپ دەپ كۈتۈپخانا ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىدا مېڭىپ كۈرۈپ قالدىم، ئەتىسىلا 2يۈەنگە كىتاب كۈرۈش كىنىشكىسى بىجىرىۋېلىپ دەرس خوشياقمىسا ۋە خەنزۇتىلى، ئۇيغۇر تىلى ، مۇزىكا دەرسلىكلىرىدە دەرستىن قېچىپ مۇشۇ يەرگە كىرىۋالاتتىم، ئىككى ئاي پۇل يىغىپ كتاب ئارىيەت ئېلىش كىنىشكىسى بىجىرىۋالدىم، بۇ 4-يىللىقتىكى ۋاقتىم ئىدى. بۇ كۈتۈپخانا خىزمەتچىللىرىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى قانداقكىن، دائىم ئىشىكى تاقاق، كۆپ ئۆمرۈم ئېشىك بېقىپ ئۈتۈپ كەتكەن، شۇ ۋاقىتتا قاقشاپ كەتكەنىدىم. ئىككى يىلغىچە (باشلانغۇچتىن تۇلۇقسزغا ئۆرلىگۈچە ) خېلى كۆپ كىتابلارنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇۋالغان،(ئەسلى خىزمەت ۋاقتىغا دىققەت قىلمىسىمۇ يوقتىن بېرى ياخشىكەنتۇق ) تەلىيىم شۇنچىلىككەن، بۇ كۈتۈپخانا ۋە موزىي كىمگە پۇتلاشقان ، چېقىۋېتىپ يوق بولدى ... ھازىر 5-6 يىلدىن ئاشتى ئىزدەۋاتىمەن، ئۇچرىغانلاردىن سۇراۋاتىمەن، نەگە يۆتكەلگىنىنى تاپالمىدىم... ھەر ئايلىق مۇئاشىم چىققاندا بىر نەچچە پارچە كىتاب سېتىۋالىمەن، ئۆيگە كىرگەنلا كىشى بىر ئىككىدىن قولتۇغلاپ مېڭىپ ، يىل ئاخىردا ماڭا ئېشىپ قالىدىغىنى دوستلىرىم ئاسانلا ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىغان تارىخقا ئائىت كىتابلار... كۈتۈپخانا ئېچىش ... (خىيالىمدىكى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىشەنچىم يوق دىيەرلىك ئارزۇيۇم ئىدى

... ئابلاجان ئاكا ناھايتى ياخشى ئىش قىپتۇ ) تەرەققى قىلىپ تەكلىماكاننىڭ بۇرجىكىدىكى ناھىيىلەرگىچە كېڭىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
كېيىنكى قېتىم ئۈرۈمچىگە بارغاندا چۇقۇم كىرىمەن .