كۆرۈش: 7207|ئىنكاس: 35

شىنجاڭ «بىلكۈچ كۈتۈپخانىسى» نى بىلەمسىز     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
22594
يازما
113
تېما
16
نادىر
1
جۇغلانما
118
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-10
توردا
106 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-25 23:04:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                   بىلىم-كۈچ دېمەكتۇر.

                                   شىنجاڭ «بىلكۈچ كۈتۈپخانىسى»نى زىيارەت
                                                      ئاينۇر دولقۇن

بەرھەق! «قېيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە». بىز خىيالىمىزدا مۇمكىنچىلىكى يوق دەپ قارىغان ئىشلارنى ئۇچراتقىنىمىزدا ئىختىيارسىز يۇقارقى ماقال-تەمسىلنى ئەسكە ئالىمىز. مەنمۇ ئاپتونۇم رايۇنلۇق «بىلكۈچ كۈتۈپخانىسى»غا كىرىپ، سۆيۈنۈش، ھەيرانلىق ۋە تەشەككۈر ئارىلاش ھاياجانلىق تۇيغۇغا چۆمدۈم. دوستۇمدىن دۆڭكۆۋرۈكتىكى قىران بۈركۈت سودا سارىيىدا بىر شەخسىي كۈتۈپخانا ئىچىلغانلىق توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ئاڭلاپ، «شەخسىي» دېگەن سۆز ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتقان ئىدى. چۈنكى ھازىرغىچە كىتابى كۆپرەك كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە دوست-بۇرادەرلەر كىتاب كۆرگىلى كىرىپ ئاتالمىش كۈتۈپخانا شەكىللەنگىنىنى ئاڭلىغان بولساقمۇ، ئەمما رەسمىي تۈردىكى بۇنداق ئورۇننىڭ شەخسىي تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى بىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن يېڭى ئىش ئىدى. بەلكىم نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ باقمىغان يېڭى ئىش بولۇشى مۇمكىن.  
شەھىرىمىزنىڭ قايناق مەركىزىي رايۇنىدىكى قىران بۈركۈت كۈتۈپخانىسىغا جايلاشقان بۇ كۈتۈپخانىغا كىرىپلا كۆڭلۈم يورۇپ كەتتى. كىرىشكە ئۇدۇلدىكى مەمىتىلى ئەپەندىنىڭ
«ئۆگەن تېرىش، ئىلىم ئال ئوغۇل،
ئۇ بېھىشكە باشلىغان بىر يول».
دېگەن مىسرالىرى كۆز ئالدىمدىكى ئازادە كۈتۈپخانا بىلەن قوشۇلۇپ قەلبىمنى لەرزىگە سالدى. چۈنكى كۈتۈپخانا مۇھىتى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرەتتى. كىتابلار تۈرلىرى بويىچە جاھازىلارغا تىزىلغان بولۇپ، ئازادە ھەم يورۇق ئىدى. ئۆگىنىش قىلىش ۋە كىتاب ئوقۇش شارائىتى ياخشى بولغاندىن سىرىت، كۈتۈپخانا ئورنى ياخشى بولۇپ قاتنىشىمۇ قولاي ئىدى. كۇتۇبخانىنىڭ  ئىچى ناھايىتى يورۇق، جەنۇپ تەرەپكە قارايدىغان 40 نەچچە مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چوڭ دېرىزىسىدىن كۈن نۇرى تۇلۇق چۈشۈپ تۇرىدىكەن. كۇتۇبخانا بىنانىڭ 4- قەۋىتىگە جايلاشقان، دېرىزىلىرىمۇ پۇتۇنلەي شاۋقۇندىن خالىي بولۇپ ئىنتايىن تىنچ . كۇتۇبخانىغا ھەرخىل گۈللەر قۇيۇلغان بولۇپ كىرگەن ئادەملەرگە چىمەنزارلىقنى ئەسلىتەتتى.  مېنىڭ ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتقىنى، كۈتۈپخانا مۇلازىمىتى بولۇپ،  ئوقۇرمەنلەرگە قولايلىق يارىتىپ بىرىش ئۈچۈن تاشقى زالغا ئايرىم-ئايرىم ئەر-ئاياللار تازلىق ئۆيلىرى، سومكا ساقلاش ئورنى، مۇلازىمەت ئورنى ۋە خەلىققە قولايلىق ماگىزىن تەسىس قىلىنغان.كۇتۇبخانىنىڭ كىتاب ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش قىلىش چوڭ زالىدىن باشقا،  ئېسىل ئورۇندۇق ۋە شىرەلەر قويۇلغان، تېلىۋىزۇر ۋە DVD قويغۇچ سەپلەنگەن كىچىك-كىچىك خانىلىرى بار. كۇتۇبخانىغا تەسىس قىلىنغان مۇلازىمەت رايۇنىدا ئوقۇرمەنلەر ئېسىل چاي، قەھۋەلەر ۋە مۇسۇلمانچە پىچىنە پىرەنىكلەرقويۇلغان. قايناقسۇ بىلەن تەمىنلەش ئورنىغا قەغەز ئىستاكانلار قويۇلغان ئىدى. ئەگەر سىز كۈتۈپخانىدا مەلۇم كىتابنى كۆرۈپ سېتىۋىلىشنى ئويلىغان بولسىڭىز مۇلازىمەت رايۇنىغا بېرىپ بۇ كىتابنى سېتىۋالالايدىكەنسىز. ئۇندىن باشقا، ئېچىلىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ، شىنجاڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8 دىن كەچ سائەت 8 گىچە ئېچىلىدىكەن. شەنبە، يەكشەنبە، دەم ئېلىش ۋە بايرام كۈنلىرى دەم ئالمايدىكەن. ئەگەر ئوقۇرمەنلەر تەلەپ قىلسا ئېچىلىش ۋاقتىنى يەنە ئۇزارتىپ بېرىدىكەن.
بىلكۈچ كۈتۈپخانىسى ئاپتونۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك كۇتۇبخانا بولۇپ، ئومۇمى كۆلىمى 830 كۋادىرات مېتىر، ئىچكى زال ۋە تاشقى زالدىن ئىبارەت ئىككى بولۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 200 دىن ئارتۇق ئوقۇرمەن ئۆگىنىش قىلالايتى. تاشقى زال ئاساسلىق ماتېرىيال كۆرۈش ۋە ئۆگىنىش قىلىش رايۇنى بولۇپ تۈرلۈك كىتاب، گېزىت-ژۈرناللار، ئۈن-سىن پىلاستىنكىلار، كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئاساسەن ھەرخىل شەكىل ۋە رەڭدىكى ئورۇندۇق ۋە شىرەلەر قويۇلغان. ئىچكى زالغا لېكسىيە ئاڭلاش ئورۇنلىرى، ئايرىم ئۆگىنىش قىلىش ئۆيلىرى ۋە سىنىپلار جايلاشتۇرۇلغان ئىدى.  
پۈتۈن زىھنى بىلەن ھەممىنى ئۆگىنىش قىلىۋاتقان سۈمەييە زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى:
مەن بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردۈم، ئۆيدە ئۇ-بۇ ئىشلار بىلەن ياخشى ئۆگىنىش قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ كۈتۈپخانا ئىچىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، كىلىپلا تىزىملاتقان ئىدىم. مانا كۆرۈپ تۇرۇپسىز، شارائىتى بەك ياخشى، ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن. بۇ يەردىكى ئىنگىلىزچە ماتىرياللارمۇ ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرالايدۇ. بۇ يەردىن ئۆيۈمگە بىۋاستە بارىدىغان ماشىنا بار، كەچتە قورقۇپمۇ كەتمەيمەن. بۇ يەرگە كىلىپ ئۆگىنىش قىلىدىغانلار خىلى كۆپ. چۈشتىمۇ تاماق يەۋىلىپ چىقىپلا ئۆگىنىش قىلىمەن،  قورسىقىڭىز ئاچسا، ئۇسسىسىڭىز يەيدىغانلىرىڭىز بۇ يەردىمۇ تەييار ئەنە.
ئۇ شۇنداق دېگىنىچە مۇلازىمەت سۇپىسىنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ قويدى. مەن قايىللىق ئىچىدە كۈتۈپخانا قۇرغۇچىسى ئابلاجاننى زىيارەت قىلدىم. كۈتۈپخانا قۇرغۇچىسى ئابلاجان ئەزىز، 1972-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسى تاشئېرىق يېزىسى كۈيۈندە ئېرىق كەنتىدە يېرىم دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1972-يىلىدىن 1979- يىلىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە، 1979- يىلى كەنت باشلانغۇچ مەكتىبىگە كىرگەن. 1981- يىلى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى مەكتەبتىن ئايرىلىپ، 1991- يىلىغىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنى ئاساس قىلغان. 1991- يىلىدىن 1994- يىلىغىچە توقسۇ بازىرىدا دەسلەپتە ھەرخىل تىجارەتلەر بىلەن كىيىنچە ئۈن-سىن تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1994- يىلى 11- ئايدا ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ «نىدا» ئۈن-سىن مەركىزىنى قۇرغان ۋە 2005-يىلىغىچە ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى ئىشلەش ۋە تارقىتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەرياندا «سەرسان يەكشەنبە، ئايرىلىش مىنۇتلىرى، شەرق ناۋاسى، تۇغۇلغان ماكان ۋە دوپپام باشىمدا» قاتارلىق بىر قىسىم ئۈن ئالغۇ لىنتىلىرى ۋە VCD پىلاستىنكىلىرىنى ئىشلەپ تارقاتقان. كىيىن خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن،  2001 – يىلىدىن 2004- يىلىغىچە شىنجاڭ كەسپى ئۇنىۋېرستېتى جوڭگۇ تىللىرى فاكولتېتىدا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈم بويىچە خەنزۇ تىلى تەرجىمانلىق كەسپىدە ئوقۇغان. 2005- يىلى ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مالايسىياغا ئوقۇشقا چىققان ۋە مالايسىيا خەلقئارا ئۇنىۋېرسېتىتىدا دەسلەپتە ئېنگلىز تىلى ئىككى يىلدىن كىيىن پەلسەپە، ئەخلاق ۋە بۇگۈنكى دۇنيا مەسىللىرى كەسپىدە ماگىستىرلىق ئۈنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇغان. مەكتەبنىڭ مۇناسىۋەتلىك پەنلىرىنى تاماملاپ بولغاندىن كىيىن، بىر يىلدىن ئارتۇق تىرشىش ئارقىلىق 2010-يىلى 8- ئايدا «ھازىرقى زامان پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىنى ئاشلىقنى ئاساس قىلغان (بۇغداي بىلەن گۈرۈچنىڭ باھاسىنى مال باھا بىرلىكى قىلىش ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى كىرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قەغەز پۇلغا ئەمەس بەلكى ئاشلىقا تاينىش) پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسىغا ئۆزگەرتىش توغرىسىدا تەتقىقات» ناملىق ئىلمى ماقالىسىنى غەلبىلىك تاماملاپ ماگىستىرلىق ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن ۋە شۇ يىلى 9-ئايدا ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن.
- قانداق بولۇپ كۈتۈپخانا قۇرۇش خىيالىغا كىلىپ قالدىڭىز؟- سورىدىم ئابلاجاندىن.
-خۇددى ئەجداتلىرىمىزنىڭ «ئالتۇن ياتسا سايدا، بىلمىسە نىمە پايدا» دىگىنىدەك، بىز تۇرمۇشىمىزدا ئەتراپىمىزدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ۋە پايدىلىق  نەرسىلەرنى بايقيالمايمىز ۋە شۇ سەۋەپلىك ئۇلارنىڭ قىممىتىنى بىلەلمەيمىز ۋە پايدىلىنالمايمىز. مېنىڭچە كۇتۇبخانىمۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە خەلق مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ يېتەلمىگەن ۋە شۇ سەۋەپلىك يىتەرلىك نەپ ئالالمىغان ئورۇنلارنىڭ بىرسى. كۇتۇبخانىنىڭ خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا، ئەقىل- پاراسىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە جۈملىدىن ئومۇمى خەلقنىڭ ئۇنېۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشدە ئوينايدىغان رولىنى تىل بىلەن ئىپادىلەش ئاسان ئەمەس. ئەمما كىشىلەرنىڭ بىلىم ئىلىشىدا كۈتۈپخانا تۆۋەندىكىدەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.
كۇتۇبخانىنىڭ ئەڭ يادرولۇق خىزمىتى بىلىم توپلاش ۋە بىلىم تارقىتىش. كۇتۇبخانىدىكى ھەر بىر كىتاب بىر ئالىم ياكى بىر نەچچە ئالىمنىڭ بىر نەچچە يىل ياكى بىر ئۆمۈر تۆككەن قان تەرىنىڭ مەھسۇلى، ھەر بىر كىتابقا ئاشۇ ئالىملىرىمىزنىڭ بىلىملىرى مۇجەسسەملەشكەن بولىدۇ. كۇتۇبخانا بولسا مانا مۇشۇنداق بىلىم مۇجەسسەملەشكەن كىتابلارنى، گېزىت-ژورناللارنى ۋە باشقا ماتېرىياللارنى يىغىدۇ ۋە خەلقنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇنىدۇ.        ۋاقىت جەھەتتىنمۇ كۇتۇبخانىلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە مەكتەبلەردەك تەتىل كۈنلىرى بولمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا خەلق ھەرۋاقىت كۇتۇبخانىلاردىن بىلىم ئالالايدۇ.كۇتۇبخانىلار ئوقۇرمەنلەرگە نىسبەتەن ياش چەكلىمىسى قويمايدۇ. شۇنداق بولغاچقا ھەرقانداق ياشتىكى ئادەم كۇتۇبخانىلارغا بېرىپ بىلىم ئىگەللىيەلەيدۇ؛ ئوقۇرمەنلەرنىڭ تاللاش ئەركىنلىكى بولۇپ كۇتۇبخانىلار ئوقۇرمەنلەرگە بىلىم ئىگەللەش چەكلىمىسى قويمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەر كۇتۇبخانىلاردا ئۆزىگە ئىھتىياجلىق بولغان بىلىمگە ئېرىشەلەيدۇ. ئەمدى مىنىڭ نىمە ئۈچۈن كۇتۇبخانا ئېچىش قارارىغا كەلگەنلىكىمگە كەلسەك، يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمدەك كۇتۇبخانىنىڭ خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيتىشدا بولمىسا بولمايدىغان ئورۇن ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغانلىقىم ئۈچۈندۇر. مەن ھەرگىزمۇ ساندۇق ساندۇقلاردا ئالتۇن ساقلايدىغان، ئۆيلىرىدە ياكى بانكىلاردا پۇلنىڭ ئىسمى يېزىلغان قەغەز ساقلايدىغان چاشقانباي بۇلۇشنى ئەمەس بەلكى كۈچىنىڭ يىتىشىچە باشقىلارغا بىلىم ئۆگىتىدىغان، باشقىلارنى مەنىۋى جەھەتتە توغرا يولغا باشلايدىغان، ھىچ بولمىغاندا باشقىلارغا ئۆگىنىش قىلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بىرەلەيدىغان بىر ئادەم بولسام دېگەننى ئارزۇ قىلاتتىم. كۇتۇبخانا ئېچىش مىنىڭ بۇ ئارزولىرىمنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا ئەڭ ماس كېلىدۇ. شۇڭا مەن كۇتۇپخانا ئىچىشنى ئويلىدىم ۋە بۇ يولدا تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم.  قارىسام دۆڭ كۆۋرۈك، يەنئەن يولى ۋە مىللەتلەر كوچىسى قاتارلىق رايۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان  ئۈرۈمچىدىكى  ئۇيغۇر ئاھالىلەر زىچ توپلاشقان دائىرىدە كۈتۈپخانا يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۇتۇبخانا ئېچىش مىنىڭ ئوقۇغان كەسپىمگە ماس كېلىدۇ. مەن پەلسەپە ئوقۇغان، بۇنداق ئادەملەر ئۆز ھاياتىنى كۇتۇبخانىلاردا ئۆتكۈزسە ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار كۇتۇبخانىلاردا ئۆزىنىڭ بىلىمىنى مۇكەممەلەشتۈرەلەيدۇ ۋە خەلق ئۈچۈن ياخشى مىراسلارنى قالدۇرالايدۇ. يەنە بىر سەۋەب، كۇتۇبخانا ئېچىش مىنىڭ سودا كۆز قارىشىمغا ۋە تىجارەت قىلىش ئۇسلۇبۇمغا ماس كېلىدۇ. مىنىڭ كۆزقارىشىمدا نەپ بەرمەيدىغان تىجارەت ياكى مۇلازىمەت يوق، ھەرقانداق بىر كەسىپنىڭ گۈللىنىشى ياكى ۋەيران بولۇشى شۇ كەسىپنى قىلغۇچىغا ۋە شۇ كىشىنىڭ تەدبىرىگە باغلىق. مىنىڭ سودا قىلىش ئۇسلۇبۇمغا كەلسەك مەن باشقىلارغا ئەگىشىپ سودا قىلىشنى ياكى باشقىلار قىلغان ئىشنى دوراپ قىلىشنى ياختۇرمايمەن. مەن دائىم يېڭى بىر ئىش قىلىشنى، يېڭى بىر شەيئىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى ئويلايمەن.
        -بىلكۈچ دېگەن ئىسىمنىڭ تاللىنىش جەريانى ۋە بىلكۈچ كۈتۈپخانا بەلگىسىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەمسىز؟
مىنىڭ كۆزقارىشىمدا ھەردانداق بىر نەرسىگە ئىسىم قويغاندا ئىككى ئىشقا دىققەت قىلىش كېرەك: (1) ئىسىم چۇقۇم ئىخچام، تىلغا يېقىن، قۇلاققا يېقىملىق ۋە ئاسان ئۇنتۇلۇپ قالمايدىغان بولۇشى كېرەك؛ (2) ئىسىم مەزمۇنلۇق بۇلىشى ۋە شۇ كەسىپنىڭ خاراكتىرىگە ماس كىلىشى كېرەك. بىلكۈچ دىگەن ئىسىم يۇقارقى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كىلىدۇ. بىلكۈچ دىگەن بەلگىگە كەلسەك بەلگىدىكى كىتاب بىلىمگە شۇنداقلا كۈچكە سىمۇۋۇل قىلىنغان. شۇڭا ئۇ ئۈستىگە قويۇلغان تاغنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.
        -كۈتۈپخانا قۇرۇش جەريانىدا قانداق قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدىڭىز؟ ۋاز كېچىش خىيالىدىمۇ بولۇپ باقتىڭىزمۇ؟
نۇرغۇن كىشىلەر قىيىنچىلىقنى مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشنىڭ قىينلىق دەرىجىسى بىلەن مۇناسىەەتلىك دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبلىك بىر ئىشنى قىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان قىلىش تەس بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىيىن ئىش دەپ قارايدۇ. بىراق مىنىڭ كۆزقارىشىمدا قىلغىلى بولغانلىكى ئىشنى قىيىن ئىش دىگىلى بولمايدۇ. بەلكى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن قىلغىلى بولمىغان ئىشنى قىيىن ئىش دىيىشكە بولىدۇ. مەن كۇتۇبخانىنى قۇرۇش ۋە ماڭدۇرۇش جەريانىدا نۇرغۇن ئىشلارغا يۇلۇقتۇم بىراق ئاساسەن ھەل قىلدىم ۋە قىلىۋاتىمەن. كۇتۇبخانىمىز يېڭىدىن قۇرۇلغان بولغاچقا ماتېرىياللىرىمىزنى تۇلۇق دىگىلى بولمايدۇ، بارغانسىرى تولۇقلاۋاتىمىز. بىراق مەن ھازىرغىچە خېلى كۈچەپمۇ قىلالمىغان ئىش كۇتۇبخانىمىزغا گېزىت ئەكىرىش ئىشى بولدى. مەن 5- ئايدا پوچتىخانا ئارقىلىق شىنجاڭدا چىقىدىغان ئۇيغۇر تىل- يېزىقىدىكى 17 خىل گېزىتكە مۇشتەرى بولغان. بىراق بىرەر ئاي يول مېڭىپمۇ پوچتىخانىدىن بىرەر پارچە گېزىت تاپشۇرۇپ ئالالماي ئاخىرى قايتۇرۋەتتىم. مەن بۇ ئىشنىڭ ماڭا بۇنداق قىيىن توختاپ كىتىشىنى پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن. كۇتۇبخانا ئېچىشتىن ۋازكىچىش ئىشىغا كەلسەك مىنىڭ ھازىرقى تەپەككۇرۇم ۋە ئوي-خىياللىرىمدا بۇنداق سۆز مەۋجۇت ئەمەس.
-بىلكۈچ كۈتۈپخانىسىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆزىڭىز يەتتىمۇ؟
بىر كەسىپنىڭ تەرەققى قىلالىشى مەلۇم جەھەتتىن شۇ كەسىپنى قىلغۇچىلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىگە باغلىق. مۇلازىمەت سۈپىتىنى ياخشىلىساقلا، كۇتۇبخانىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىدىن گۇماللىنىش يوق.
        -كۈتۈپخانىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قانداقراق؟ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات نىشانىڭىز ۋە پىلانلىرىڭىز بار؟
  -كۇتۇبخانىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ياخشى دىيىشكە بۇلىدۇ. چۈنكى يېڭىدىن ئېچىلغان ئايلارغا سېلىشتۇرغاندا ھازىر مۇقىم ئۇقۇرمەنلەرنىڭ سانىدا زور ئۆزگۈرۈش بولدى ۋە بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەققىيات نىشانىمىز ۋە پىلانلىرىمىز كۇتۇبخانىمىزنى رايۇنىمىزدىكى ھەرقانداق بىر تېل-يېزىقتىكى ھەرقانداق كىتاب-ماتېرىياللار بار بولغان كۇتۇبخانىغا ئايلاندۇرۇش؛  ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ ھەرقايسى رايۇن ۋە مەھەللىلىرىگە كۇتۇبخانىمىزنىڭ تارماقلىرىنى ئېچىش؛ كۇتۇبخانىمىزنى ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ھەرقايسى شەھەر ۋە ناھىيەلىرىگىچە كېڭەيتىش؛ كۇتۇبخانىمىزنىڭ تەربىلەش مەركىزىنى قۇرۇپ كۇتۇبخانا مۇلازىمەتلىرى بىلەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى تەڭ ئېلىپ بېرىش؛ شۇ ئاساستا بىلكۈچ كۇتۇبخانىسىنى شەھەرىمىزدىكى ھەقىقى بىلىم خەزىنىسى ۋە بىلىم يۇرتىغا ئايلاندۇرۇش.  -كۈتۈپخانىنىڭ شۇئارى نېمە؟
-كۇتۇبخانىمىزنىڭ شۇئارى بىرلا ئۇ بولسىمۇ «ئىلىملاشتۇرۇش».
شەھرىمىز ئۈچۈن، خەلقىمىز ئۈچۈن خۇشپۇراقلىق گۈللەر بىلەن تولغان بىر گۈلباغ، مول مېۋىلىك باغ، كۆڭۈللەرگە ئارام ۋە راھەت بېغىشلىغۇچى يەنە بىر باغ قوشۇلۇپتۇ. ئابلاجان ئۆزىنىڭ ئارمان گۈللىرى ۋە تارام تەرلىرىنىڭ ئەجرى سۈپىتىدە بۇ خاسىيەتلىك باغنى ئەھيا قىپتۇ. كۈتۈپخانىدىن ئايرىلىدىغان چېغىمدا كۈتۈپخانا زالىدا جىمجىت كىتاب كۆرۈۋاتقانلار ۋە ۋۇجدىدىن جاھارەت ۋە ئۈمىد تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئابلاجان ئاكىغا قاراپ پىچىرلىدىم:
ئابلاجان ئاكا! بىلىپ تۇرۇپتىمىز، ئالدىڭىزدا قېيىنچىلىق كۆپ، ئەمما ئىشىنىڭ، خەلقىمىز سىزنى قوللايدۇ! بۇ گۈزەل باغقا يەنە نۇرغۇن قوللارنىڭ ئەجرى سىڭىدۇ!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇبارەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-26 13:22  


ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

تىرىشچان ئەزا

www.yldiyar.com

UID
13397
يازما
44
تېما
3
نادىر
0
جۇغلانما
1124
تىزىملاتقان
2011-7-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-29
توردا
6 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 12:30:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى بوپتۇ.

UID
20750
يازما
48
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
48
تىزىملاتقان
2012-1-4
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-28
توردا
40 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 12:31:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ياخشى تېما  بۇ ئەتىگەندە  يېڭى سوۋغا تاپشۇرۋالغاندەك بوپ كەتتىم مېنىڭ ئەڭ  قايىل قىلغىنى بۇ ئادەمنىڭ  ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش جەريانى ،،،،،،ھەقىقەتەن  قالتىس ....
تېما  يوللىغۇچىغا  رەھمەت .....ئارىمىزدا  قۇرۇق گەپ قىلماي ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان زىيالىلىرىمىزنىڭ  تېخىمۇ كۆپىيىشىنى ئۈمىت قىلىمەن

UID
10479
يازما
93
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2136
تىزىملاتقان
2011-3-30
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 13:35:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نامىنى ئاڭلىغان. ئۈرۈمچىدە بولغان بولسام كىرىپ تۇراتتىم

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-26 13:35):
مەنپەتلىك ئىش قىلۋاتقانلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

UID
27127
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-1-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-11
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 14:10:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتتىگەندەبەك خۇشاللىنارلىق بىر تېما يوللىنىپتۇ ، ئەجەپ ھاياجانغا سالدى .جانابى اللە ئابدۇللاجان ئاكىمىزغا
شۇنداقلا تىما يوللىغۇچىغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەت ئاتا قىلسۇن!
مەن تىمىنى ئوقۇپ يېرىمىغا كەلمەيلا بىزنىڭ ئىشىكايلىدا ( ) بىر تارمىغىنى ئاچالارمەنمۇ دەپ خىيال قىلغان ئىدىم ، ئابدۇللاجان ئاكىمىزنىڭ تارماق ئورۇنلىرىنى كېڭەيتىش ھەققىدىكى پىلانى مېنى خاتىرجەم قىلدى . اللە
خالىسا مەن بىر نامزات  بىزنىڭ ئىشىكايلىدا ( ).

باھا سۆز

khan  سىز تۇرپانلىق ئوخشىمامسىز؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 18:18:43

UID
12025
يازما
56
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
1196
تىزىملاتقان
2011-6-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-23
توردا
32 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 14:44:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەخسى دەڭ كۆزۇمگە ئىسسىق ياش كەلدى
بىلىپ باقسام باشقا شەھەر يۇرتلارغا كېڭەيتىش ئويى بارمىدۇ ،

UID
18218
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
2
تىزىملاتقان
2011-12-11
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-31
توردا
10 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 14:48:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەكمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ.بۇ كۈتۈپخانىنىڭ تېخمۇ گۈلىنىشىگە تېلەكداشمەن.ئاللاھ خالىسا ئۈرۈمچىگە بارغاندا زىيارەت قىلىمەن.دىيارىمىزدا تارماقلىرى ئېچىلسا ،مېنىڭمۇ  سىېپىڭلارغا قوشۇلۇپ كۈچ چىقىرىش ئارزۇيۇم بار.

UID
9744
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
215
تىزىملاتقان
2011-2-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-18
توردا
8 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 15:23:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئشبۇپتۇ قەدىمىگە مەرھابا

UID
16778
يازما
66
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
126
تىزىملاتقان
2011-11-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-8-6
توردا
62 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 15:56:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ سىزدىن ۋە تېمىدىكى باش قەھرىماندىن بەك سۆيۈندۈم. ھاياتتا كىشى توختىماي تەرەقى قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىشى كىرەك .گەرچە ئىنساننىڭ جىسمانى تەرەقىياتى چەكلىك دەۋەر ئىچىدە توختىسىمۇ،ئۇنىڭ روھىيەت ،يەنى ئەقىلى بىلىش تەرەقىياتى ئەقلى نورمال بولغان ئىنساننىڭ ئاخىرقى نەپسىگىچە بولىدۇ(شۇ نوقتىدىن ،ياش چوڭىيىپ قالدى دىگۈچىلەر پەقەت مەغلۇپ بولغۇچى خالاس). شۇڭا بىز ھەردائىم تەكىتلەيدىغان شۇ كىشلىك ھاياتنى  ئىزدىنىشتىن ئىبارەت بۇ ئىبارە بىلەن يۈكسەك بىرىكتۈرگەن ھالەتتە داۋام قىلشىمىز كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىرادە ،ئەقىل،ئىتقاد، جاسارەتتىن ئىبارەت تۆت نەرسىنى ھازىرلاپ ،ئۇلارنىڭ فۇنكىسيەسىنى تولۇق چۈشىنىپ ، بەلگىلىگەن نىشانىمىز ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىشىمىز كىرەك . بىلىش يولىدا توختىماي قۇربانلىقلارنى بىرىشىمىز كىرەك.ئەلۋەتتە،شۇ بەدەللەر ئارقىلىق ئىرىشكەن بىلىمىز ھامان قىممەت قانۇنيىتىگە بوي سۇنىدۇ،قىممەت يارىتالمىغان بىلىم ھىچقاچان بىلىم سانالمايدۇ!لىكىن بىزلەر ئۈچۈن بۇ قىممەت ھامان ھالاللىقتىن ئايرىلالمايدۇ،ھاللاللىقتىن ئايرىلغان قىممەت ھامان غايەت ساننى 0گە كۆپەيتكەنلىك خالاس! شۇنىڭ ئۈچۈن ،ھەممىمىز  ئۆز كەسپىمىز ئۈستىدە توختىماستىن ئىزدىنەيلى! ھالال قىممەت يارىتايلى ! بارلىقىمىزنى خەلقىمىزگە سۇنايلى ! ھەربىر ئىشنى ئىمكانىمىزچە باشلاپ باقايلى ، چۇنكى باشلاشنىڭ ئۆزى تۇنجى غەلبە!
   بۇ ئاكىمىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ئىشنى باشلىغانلىقىغا چىندىلىمدىن تەشەككۈر ئىيتىمەن! ئۇلۇغ ئاللادىن  ئىشلىرىغا روناقلىق تىلەيمەن! ھەم باھارلىق دوستلارنىڭمۇ بوشۇنداق ياخشى ئىشلارنى روياپقا ئىلىپ چىقىشىغا تىلەكداشمەن!

UID
20119
يازما
28
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
28
تىزىملاتقان
2011-12-27
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-23
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 16:31:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا كىشىنى قايىل قىلىدۇ،ئەلگە خىزمەت قىلىش يوللىرى كەڭ پۇرسىتى كۆپ بولسىمۇ ئەمما بۇ كاتتىنىڭ ئىچىدىكى   كاتتا ئىش بوپتۇ .
ئاكىمىزغا ھۆرمەت!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش