ئىگىسى: arman03

ناخشىچى پاتىمە ۋاپات بولدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
41892
يازما
61
تېما
5
نادىر
0
جۇغلانما
61
تىزىملاتقان
2012-6-20
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-20
توردا
121 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 16:38:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار:
             بەزىدە نەچچە رەت كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغا كىلىپ بولۇپ يەنە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كىتىمەن،بۇنىڭ سەۋەبى-مانا مۇشۇنداق ئۈلۈپ كەتكەن بىر مەرھۇم ئاجىزەنىڭ كەينىدىنمۇ غەيۋەت قىلىدىغان نومۇسسىز كىشىلەرنى ئۇچرىتىپ كۆڭلۈم يېرىم بولىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن.
             رەھمەتلىك پاتىمە چىرىگەن جەمئىيەتنىڭ تەسىرىدىن شۇنداقلا ئۆزقەدىمىنىڭ خاتا بېسىلغىنىدىن بىر ئۆمۈر ئۆزى ئېرىشىشكە تىگىشلىك شان-شەرەپكە،ئىقتىدارىغا لايىق نام-ئەمەلگە ئېرىشەلمەي،بىر ئىللىق ئائىلە قۇرالماي،بىر ئوماق پەرزەنت يۈزى كۆرەلمەي كۆزى ئوچۇق كەتتى.نەچچە يىل بۇرۇن ئوغۇل پەرزەنتىدىن،ئىككى يىل بۇرۇن جۆرىسىدىن،ئۆتكەن يىلى پاتىمەدىن ئايرىلغان دادا يالغۇز قالدى.
              رەھمەتلىك كىشىگە يامانلىقى يوق ئايال ئىدى،نىمە قىلسا ئۆزىگە قىلدى،15يىل بۇرۇن شۆھرەت قازانغىنىدا ئۇنى بېشىدا ئېلىپ كۆتۈرگەن خەلقىمىز ھازىرمۇ ھەم ئۇنىڭ ۋاپاتىغا قاتتىق قايغۇردى،پەقەت بىر قىسىم چاكىنا ھايۋانلارمەرھۇمنىڭ كىچىككىنە ئاڭلىۋالغان ئاجىزلىقلىرىنى تۇتقا قىلىپ تور دۇنياسىدا بىلجىرلاپ يۈرمەكتە.دىققەت قىلايلى قېرىنداشلار،بىر مەرھۇم ئاجىزەنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشتىن ئۇيىلايلى!
             ھە راست،ماۋۇ ئەلكۈيىگە كەلگەن ئاخىرقى زامان پەيغەمبەرلىرىگە دىققەت:  
                      ياراتقۇچى ئادەمنىڭ بىر ياخشى ئەمەلى بىلەن ئۇنى جەننەتكە بۇيرىسام،بىر سەۋەنلىكى بىلەن دەۋزاخقا بۇيرىيمەن دىگەنىكەن،ھەر قايسىڭنىڭ پاتىمەگە جەننەت ياكى دەۋزاخنى بەلگىلەپ بېرىش سالاھىيتىڭ يوق پەسكەشلەر،بىر مۆئمىنىڭ يەنە بىر مۆئمىنگە جەننەت تىلىشى ۋاجىپ.
                    مەن ئۇلۇغ ئىگەمدىن بۇ دۇنيانىڭ خوۋلىقىنى كۆرمىگەن پاتىمەنىڭ گۇناھىنى تىلەيمەن،شۇنداقلا ئۇنىڭ بىر ياخشى ئەمەلى بىلەن ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتە بولىشىنى ئۈمىدى قىلىمەن،ئۇ ئاللاھقا يارىغاچقا شۇنچە ياش كەتتى.....يەنە بىر قېتىم چىن كۆڭلىمدىن ئۇنىڭغا ئىگەمنىڭ جەننەتتىن ئورۇن بېرىشىنى تىلەيمەن.....!

UID
50808
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2012-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-12-14
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 20:57:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  مەرھۇمنىڭ ناخشىلىرىنى 91- يىلى 1- ئايدا ئاچام تەتىلدە ئېلىپ كەپتىكەن .ئاڭلاپ بەكمۇ ياختۇرۇپ قالغان ئىدىم . مەرھۇمىنى كىيىن تىلىۋىزوردىن ئىچكىرلەپ تۇنۇشۇش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن ئىدىم .مەرھۇم 2005- يىلدىن كىيىنغۇ دەيمەن ئاندىن پىلاستىنكا چىقارغان شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانىستى «تەڭرىتاغ كۈيلىرى » پىروگىراممىسىدا سۆھبەتتە بولغان . مەرھۇم تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىناتتىغۇ دەيمەن .ئەپسۇس بۈگۈن كىچىكىپ ئاڭلاپ بەك قايغۇردۇم .مەرھۇمنىڭ بۇرۇنقى ئۈنئالغۇ پىلاستىنكىسى مەندە ھازىرمۇ  بار بۇلۇپمۇ پىلاستىنكا بېشىدا سۆزلىگەن گەپلىرى بەكمۇ مەنىلىك  ئىدى خەيىر ياتقان يىرىڭ جەننەتتە بولسۇن پاتىمە

UID
49098
يازما
71
تېما
11
نادىر
0
جۇغلانما
71
تىزىملاتقان
2012-11-7
ئاخىرقى قېتىم
2013-3-18
توردا
84 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 21:30:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمەنىڭ ئىمانى سالامەت بولسۇن،ئۇ ناخشىنى ئۆزگىچە ئېيتاتتى،كىيىنىشلىرىمۇ ئادەتتىكىچە،ھازىر بىر قىسىم ناخشىچىلار ئېيتقان ناخشىنىڭ تايىنى ئاجايىپ-غارايىپ كىيىنىپ سەھنىگە چىقىۋالىدىغان بولدى،لېكىن پاتىمەدە خېلى تالانت باردەك بىلدىم...رەھمەت ئارمان ئەپەندى

UID
49494
يازما
14
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-11-16
ئاخىرقى قېتىم
2013-1-2
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-16 23:23:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qaraxaniy يوللىغان ۋاقتى  2012-12-14 21:30
مەرھۇمەنىڭ ئىمانى سالامەت بولسۇن،ئۇ ناخشىنى ئۆزگىچە ئ ...

پاتىمەنىڭ ئالەمدىن ئۈتكەنلىگىنى ئاڭلاپ بەكمۇ كۈڭلىم يىرىم بۇلدى. ئۇ  ناخشىنى ئۈزكىچە ئۈسلۇپ بىلەن ۋايىغا يەتكۈزىپ  ئىيتاتتى. ئۇنى ئىكراندا كۈرمىگىنىمگە خىلى يىللار بۇلغان  ئىدى،تۇلىمۇ ئەپسۇس ئۇنىڭ ئەڭ نادىر ناخشىسىنى بىرلا قىتىم ئاڭلاپ ئۇنىڭ يۇشۇرىن تالانتىنى ھىس قىلغان ئىدىم.ئۈزىممۇ بىر سەنئەتكار بۇلغاشقا ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۇچرۇشىشنى ئارزۇ قىلاتتىم.ئەمما ئارىلىغىمىز يىراق بۇلغاشقا كۈرىشىش نىسىپ بۇلمىغان ئدى. بۈ گىنكى دەۋرىمىزدە كۈندىن-كۈنگە چىرىكلىشىۋاتقان بىر ئۇچۇم ئادىمىي ھايۋانلار مىللى سەنئىتىمىزنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى،ۋە مىللى مەدەنىيىتىمىزنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمەيدۇ، قىسقىسى ئۈزلىك ۋە كىملىگىمىزنى بىلمەيدۇ، ئۈزىمىزدىن يىتىشىپ چىققان پاتىمەدەك،تالانت ئىگىلىرىنى ھاقارەتلەيدۇ،ھەتتا پانى ئالەمدىن باقى ئالەمكە سەپەر قىلغاندىمۇ تۈگمىدەك سەۋەنلىگىنى تۈگىدەك قىلىپ نام شەرىپىگە دەغ تەككۈزىدۇ، ئەكسىچە چەتتىن كىرگەن ناخشىچىلار سەھنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشىسىنى بۇزۇپ ئىيىتسا سەھنىنى كۈلدەستە بىلەن تولدىرىۋىتىدۇ،ۋە خۇدىنى بىلمەي چاۋاك چىلىپ ئالقىشلايدۇ.  ئۈتكەن يىلى ئۈزبەك ئستاننىڭ ئاتالمىش ناخشا چولپىنى  يۇلتۇز ئوسمانىۋا، ئۈرىمچىگە كىلىپ ئىككىيۈزيۈئەندىن بىلەت سىتىپ ناخشا ئىيىتقادا تىياتىرخانىغا كىرگەن ئۈيغۇر تاماشىبىنلارنىڭ چىقلىقىدىن ئۇرۇندۇقلار يىتىشمەي ياشلار ئۈرە تۇرۇپ  ئاڭلىغان ئىكەن،ئاڭلىشىمچە يۇلتۇز ئوسمانىۋا شۇقىتىم ئۈرىمچىدە بىرنەچچە مەيدان ئۇيۇن قۇيۇپ ۋەتىنىگە قايتىپ بارغاندا نەچچە ھەسسىلەپ باي بۇلۇپ كىتىپتىمىش.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش