كۆرۈش: 39448|ئىنكاس: 103

ناخشىچى پاتىمە ۋاپات بولدى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
10883
يازما
138
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
4700
تىزىملاتقان
2011-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-27
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 16:56:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ناخشىچى پاتىمە ۋاپات بولدى



ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا «ناخشامنىڭ ساداسى»، «قىزىلگۈل»، « سېغىندىم سېنى» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىسىل ۋە ئۇنتۇلغۇسىز ناخشىلىرى بىلەن زىل-زىلە قوزغاپ،  شۇ چاغدا ياشلىق ھەم باللىق دەۋرىنى ئۆتكۇزىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ  قەلبىدە چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ناخشىچى پاتىمە جىگەر قېتىش كېسىلى بىلەن يېقىندا ئالەمدىن ئۆتتى .
ئاشۇ بىر دەۋر ياشلىرىنىڭ دەرت-ھەسرىتى، مۇھەببەت-نەپرىتى، سەرگەردانلىقى ۋە بارلىق مىزانلارنى چۆرۈپ تاشلايدىغان ئىسيانكارانەروھىنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە پاتىمەنىڭ ناخشىلىرى ئالاھىدە ئۇرۇن تۇتاتتى. ئەڭ ئامراق ئاشىق-مەشۇقلار پاتىمەنىڭ ئۇنئالغۇلىنىتىسىنى بىر-بىرىگە خاتىرەسۈپىتىدە ھەدىيەقىلىشاتتى. پاتىمەنىڭ شۇ ناخشىللىرى كىشىنىڭ خىيال قۇشلىرىنى نە-نەلەرگە ئۇچۇرۇپ كېتەتتى، يۈرەكلەرنى تۇلپاركەبى ئويناقلىتىپ، تەگسىز سېھرى كۈچى بىلەن ئەسىرقىلاتتى.
پاتىمەنىڭ «قىزىلگۈل» قاتارلىق ناخشىللىرى ئەمدىلا مۇدا بولغان يىلى بىزنىڭ ئوتتۇراتېخنىكومنى پۈتتۈرۈپ يېڭىلا خىزمەتكە چىققان يىلىمىزبولغاچقا، جەمىيەتتىكى ھەممە شەيئى بىزگە يېڭى ۋە جەلىپكار تۇيۇلاتتى، جۈملىدىن بۇ ناخشىمۇ شۇنداق ئىدى. ئۇقۇغۇچىلار سۆھبىتى ئۈچۈن يېزا- قىشلاقلارغا بارغاندا ئۆي-ئۆيلەردىن، ئېتىزلىقتكى ئىشلەۋاتقان دېھقانلارئارىسىدىن، يول بۇيىدىكى ئاشپۇزۇل- دۇكانلاردىن... جاراڭلىغان بۇناخشا بىزنى ھاياجانغا سالغان ئىدى. شۇچاغدا مۇشۇ ناخشا ۋەناخشا ساداسى كىلىۋاتقان دېھقان ئۆيلىرى ھازىرقىدەكلا كۆزئالدىمدا تۇرىدۇ، تەپەككۇرۇمدا«قىزىلگۈل» نىڭ جۇشقۇن مىلودىيىسى ۋە كونا دېھقان ئۈيى بىر-بىرىگە سىڭىپ كەتكەن ئىدى. بىزتەرەپتە چاغلاردا تىلىۋىزور بولمىغاچقا پاتىمە، ئەكبەر قەھرىمان دېگەنلەرنىڭ سىماسى قانداقراقتۇ؟دەپ ئويلايتۇق. بۇناخشىلار بىزنىڭ ئوتتەك ياشلىق دەۋرىمىزگە ھەمراھ بۇلۇپ، بىزگە نۇرغۇن شاد-خۇراملىقلارنى ئاتاقىلغان ئىدى. شۇچاغلاردىكى بىرئەۋلات ياشلار پاتىمەنىڭ ناخشىللىرى ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ئۇنتۇلماس ئەسىتلىكلىرىنى ئەسلەيدۇ ۋە سېغىنىدۇ، بىغۇبار مىنۇتلاردىكى ئەڭ كۈڭۈللۈك دەملەرنى ئەسكەئالىدۇ. پاتىمە شۇ دەۋىردە ئۆز نۆۋىتىدە مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ يۈرىكىنى تىترەتكەن ۋە مەنىۋى ئۇزۇق ئاتا قىلغان چولپان ئىدى.
توغرا ، شۇ دەۋرلەردە ئۆزىنىڭ ياڭراق، جۇشقۇن ناخشىلىرى ئارقىلىق ئېتىز- ئېرىق بويلىرىدا، ئىش ئورۇنلىرىدا، تاماق يەۋاتقان، ئارام ئېلىۋاتقان، ئۆگىنىش- خىزمەتتىن چارچىغان چاغلاردىكى ۋاقىتلاردا خەلقىمىز ئارىسىدىكى ئىشچى- دېھقان، زىيالىيلار، ئوقۇغۇچىلار، كاسىپ- ھۆنەرۋەنلەرنىڭ مەنىۋىۋىيىتىگە ئوزۇق ئاتا قىلغان ئەشۇ ناخشىچىلار ھەقىقەتەن تولىمۇ قالتىس ئىدى. ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىمدىن تارتىپ، تا ھازىرغا قەدەر ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ناخشىچىلاردىن ئەكبەر قەھرىمان، ئەخمەتجان مەمتىمىن، پاتىمە، پەرىخە يۈسۈپ ...... قاتارلىق بىرتۈركۈم ناخشىچىلارنىڭ ياڭراق ئاۋازى ھېلىمۇ قولاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ، بۇلاردىن بەزىلىرى ئۆلۈپ كەتتى، بەزىلىرى ھايات بولۇپ، ۋاقتىم بولسىلاشۇلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئىزدەپ ئاڭلاپ كېلىۋاتىمەن. شۇ ياڭراق، جۇشقۇن ناخشىلارنى ئاڭلىغىنىمدا شۇ دەۋر ئېسىمگە كېلىدۇ، نۇرغۇن-نۇرغۇن ئەسىتلىكلەرنى سېغىنىپ ئەسكەئالىمەن. ۋاپات بولغانلارنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا تېخى ئۇلار ھازىرمۇ ھاياتتەكلا تويۇلىدۇ، مانا ئەمدى پاتىمەمۇ ئالەمدىن ئۈتۈپتۇ ئېسىت!... ھايات ئەنە شۇنداق قىممەتلىك ، شۇنداق قىسقا بولىدىكەن، پاتىمەنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋرى كۆڭلۈمنى شۇنداق ئەسكى قىلدى، مۇشۇخەۋەرنىڭ يالغان بۇلۇپ چىقىشىنى خالايتىم.
پاتىمەنىڭ ناخشىلىرى بىزگە پەقەت مۇنداق بىر نەرسىدىن دېرەك بېرىدۇ: 49- يىلدىن كېيىن ئۇيغۇر ناخشىچىلىقىدا ئىجاد قىلىنغان ناخشىلارنىڭ ئىچىدە ئادەمنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك ئىسىل ناخشىلار داڭلىق ناخشىچىلارنىڭ ئازبىرقىسىم ناخشىللىرىدىن سىرىت، ئاساسەن 70 - يىللاردىكى تۆۋەنگە چۈشكەن زىيالىلار ۋە 90- يىللاردىكى جەمئىيەتنىڭ تاشلىۋېتىشىگە دۇچ كەلگەن ياشلارنىڭ ناخشىلىرىدۇر. ھازىر ئازغىنە سەرخىل ناخشىلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا پاتىمە ۋە شۇدەۋىردىكى چولپانلارغا ئوخشاش شەخىسلەر ۋە ناخشىلار بەكمۇ ئاز. بۇ نۆۋەتتىكى سەنئەت ھالىتىنىڭ بىر قېلىپقا چۈشۈپ قېلىپ ئاتام ئېيتقان بايىقى دېگەن كاتاڭدىن چىقالمايۋاتقانلىقىنى، خۇددى بايرام ئۈچۈنلا شىئىر يازىدىغان «بايراملىق شائىر» لارنىڭ تەكرار تۇيغۇ بىرىدىغان مەززىسىزشىئىرىدەك تەمسىز بۇلۇپ قېلىۋاتقىنىنى چۈشەندۈرمەكتە.  خەلىق ھەقىقى سەنئەت ۋە سەنئەتنىڭ ھەقىقى مىۋىسىگە تەشنا. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەقىقى سەنئەتكارغا تەشنا.
مەرھۇم ناخشىچىمىزپاتىمە ئۆزىنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ياڭراق، مۇڭلۇق، جۇشقۇن، ئۇنتۇلغۇسىزكۈي-مىلودىيىسى بىلەن ناخشىخومار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات!
ئارمان03 نىڭ ئەسكەرتىشى: پاتىمە مەن ۋە شۇدەۋىردىكى ياشلىقىنى  مۇشۇ ناخشىچىلارنىڭ ناخشىللىرىغا ئاشىق بۇلۇپ ئۆتكۈزگەن مىڭلىغان ناخشا خۇمارياشلارنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازى مەڭگۈنۇرلۇق ۋە سۈيۈملۈكتۇر.  ئادەمگە تارىخ باھا بىرىدۇ، بىز ئاددى ئىنسانلار باشقىلارغا باھابىرىشكە قادىر ئەمەسمىز.
پاتىمەنىڭ ئۇنتۇلماس كۈيلىرىدىن بىرنەچچىنى سۇندۇم :
«قىزىلگۈل»

«ناخشامنىڭ ساداسى»

«سېغىندىم سېنى»


مەنبە: «ئىزدىنىش مۇنبىرى» نىڭ 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19كۈنى  ناخشىچى پاتىمە ۋاپات بولدى دېگگن بۇخەۋەرنى كۆرگەندىن كىيىن بۇ  تېمامەزمۇنىنى  ئەلكۈيىگە ئۈزۈم يازدىم.

ئەلكۈيى مىكرو بلوگ ئېچىلىش مۇراسىمى

UID
10883
يازما
138
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
4700
تىزىملاتقان
2011-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-27
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 23:30:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈزۈتۈش: بۇ خەۋەر2011-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى «ئىزدىنىش مۇنبىرى» دىكى شۇنامىلىق تېمىغائاساسەن يېزىلغان ئىدى،  ئەمما مەن تەھرىرلەپ تۈزۈتۈش جەريانىدا بىخەسستىلىك قىلىپ، «ئەلكۈيى مۇنبىرى» دىكى ماۋۇتېمائاستىغا « 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋەرگە ئاساسەن يېزىلدى» دەپ ۋاقىت جەھەتتىن زور خاتالىق كۈرۈلۈپتۇ. شۇڭا جىددى تۈزۈتۈش بىرىلدى، ئەپۇقىلارسىزلەر. تۈۋەنچىلىك بىلەن ئارمان03.

UID
10883
يازما
138
تېما
29
نادىر
0
جۇغلانما
4700
تىزىملاتقان
2011-4-25
ئاخىرقى قېتىم
2013-5-27
توردا
54 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-23 23:37:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن بۇخەۋەرنى كۈرۈپ كۆپ قايغيردۇم، پاتىمەنىڭ ناخشىللىرىنى كومپىيۇتىردا قايتا ئاڭلىدىم، مۇرەككەپ ھىسياتلارغا غەرىق بولدۇم. ناخشىلارنىڭ ھەقىقەتەن سەرخىل ۋە سېھرى كۈچكەئىگە ئىكەنلىكىنى يەنەبىرھېس قىلدىم. پاتىمنەنىڭ ئېنىق ۋاپات بولغان ۋاقتىنى (ئاي-كۈن) ئۈرۈمچىدىكىلەر بىلسە تۇلۇقلاپ قويسىمۇ بۇلىدۇ. ئىشىنىمەنكى پاتىمەنۇرغۇن ناخشامەستانىللىرى ئوخشاشلا قايغۇردى.

UID
11445
يازما
38
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
939
تىزىملاتقان
2011-5-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-10-19
توردا
29 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 03:36:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان  يېرى  جەننەتتە بولسۇن  
مەرھۇمنىڭ  ناخشىلىرىنى مەنمۇ  ياقتۇراتتىم    ناخشىلىرى  ئۆزگىچە  ئۇسلۇپقا  ئىگە  ئىدى

UID
26290
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
6
تىزىملاتقان
2012-1-15
ئاخىرقى قېتىم
2012-7-21
توردا
11 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 04:15:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىكنىڭ ناخشىلىرىنى 90يىللاردا ياشلىق باھارىنى ئوتكۇزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ.مەن پىلاستىنكىلىرنى ھازىرغىچە ئاۋايلاپ ساقلاۋاتىمەن. ئۇلۇق ئاللا گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغاي.

UID
8523
يازما
20
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
470
تىزىملاتقان
2011-1-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-31
توردا
3 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 04:20:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىسمىللاراھمانىررەھىم، ئىننا لىللاھى ۋە ئىننا ئىلەيھى راجىئۇن!!

ئۇلۇغ ئاللادىن مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىگە جەننەتۇل رىزۋان تىلەيمەن.
ئۆز ئۆمرىدە بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان سەۋەنلىك جانابى ئاللانىڭ ئەپۇ قىلىشىنى تىلەيمەن. مەرھۇمنىڭ ئاتا-ئانىسىغا، ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا،ساۋاقداش-دوسىتلىرىغا سەۋىر تىلەيمەن.
مەرھۇم پاتىمە- 80-يىللارنىڭ ئاخىرى،90-يىللارنىڭ بېشىدا باش كۆتۈرۈپ چىققان ئاتاقلىق ناخشىچى ئىدى، پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىنى ئۆزىنىڭ سۈزۈك،ياڭراق،ئەۋىرشىم،نازۇك ئەۋازى بىلەن رام قىلىۋالغان،ئۆزى ئىجرا قىلىۋاتقان ناخشىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغان كەم كۆرۈلگۈسىز تالاتنىت ئىگىسى ئىدى، مەرھۇم  ئۆمەر ئوسمان ئىجادىيتىدىكى بىر تۈركۈم ناخشىلارنى ئادەمنى تاڭ قالدۇرغىدەك ئورۇنلاپ نۇرغۇن قىز-يىگىتلەرنىڭ يۈركىنى لەرزىگە سالغان،ياشلارنىڭلا ئەمەس، ياشانغانلارنىڭمۇ يۇققۇرى باھاسىغا ئېرىشكەن ئىستىدات ئىگىسى ئىدى.مەرھۇم پاتىمە بىزدىن ئايىرىلىپتۇ، بىر چاقناپ تۇرغان يۇلتۇز كۆكتىن ئانا تۇپراققا ساقىپتۇ.ئۇيغۇر خەلقى بىر بۇلبۇلىدىن ئايرىلىپتۇ.« لائىلەھەئىللاھلھۇ مۇھەممىدىن رۇسۇللا» دەپ ناخشا ئوقۇپ خەلقىمىزنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىۋەتكەن، بىر مۇسۇلمان ناخشىچى بىزدىن ۋاقىتلىق ۋىدالىشىپتۇ!
ئېسىت ! تولىمۇ ياش كېتىپسىز پاتىمە، تەقدىرىڭىز شۇنداق ئوخشايدۇ، قىسمەت شۇنداق ئوخشايدۇ، ئۆمرىڭىز دەپتىرىگە يېزىلغان ھاياتلىق مۇساپىڭىز شۇنچىلىك ئوخشايدۇ. ناخشىڭىزنى قايتا ئاڭلاپ كۆزۈمگە ياش كەلدى...

باھا سۆز

زىبا0996  چۈشەنمىدىمغۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 14:46:09
زىبا0996  .« لائىلەھەئىللاھلھۇ مۇھەممىدىن رۇسۇللا» دەپ ناخشا ئوقۇپ دىگەن گىپىڭىزنى  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 14:45:57

UID
27050
يازما
14
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
14
تىزىملاتقان
2012-1-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-31
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 13:22:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە لىق ياش كەلدى ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي ~

باھا سۆز

aysakam  ۋاي نىمانداق مېھرىباندۇ سىز سەۋىر قىلىڭ ئەمدى  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 00:19:00

UID
10417
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
507
تىزىملاتقان
2011-3-28
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-15
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 14:42:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۈم arman03 بۇرادەر تىنىڭىزنى ئاللا سالامەت قىلسۇن .
تىمىلىرىڭىزنىڭ  ئەستايىدىل ئوقۇرمىنى مەن . تېمىلىرىڭىزنى ئوقۇپ شۇنى ھىس قىلدىمكى ، سىز ئۆزىڭىز  باشقا تىل موھىتىدا ئەقۇپ يەنى (مىنكۇخەن) چوڭ بولغان  بوسىڭىزمۇ . ئۇيغۇر تىل  -  يېزىغىغا پۇختا ،مىللى خاسلىققا ، دىننى خاسلىققا ئىگە دۆلەت مەمۇرى ئىكەنلىكىڭىزگە قايىل مەن .
يۇقارقى تىما توغۇرلۇق گەپ قىلىشنىڭ ئالدىدا ، كىچىكىپ بىلگەن بولساقمۇ ،رەھمەتلىك پاتىمانىڭ گۇناھلىرىنى ئاللا كەچۈرسۇن .  تەۋبىسىنى  ئالا قوبول قىلسۇن .
يۇقۇردىكى بىرنەچچە توردىشىمىز ھەم سىز ، مەرھۇمغا ياتقان يېرىگە جەننەت تىلەپسىلەر . مەرھۇمنىڭ تۇققانلىرى نامىدىن سىلەرگە رەھمەت ئىيتىمەن .
لىكىن مەن شۇنى ئويلاپ قالدىم . جەنەت دىگەن قانداق جاي ؟ قانداق ئادەملەر كىرىدۇ ؟ تىلىگىمىز قانداق ۋاقىتتا ئىجەبەت بولىدۇ ؟
يۇقۇردا پاتىمەنىڭ ئۈچ پارچە ناخشىسىنى يوللاپ قويۇپسىز .بۇ ناخشىلار زادى قانداق ناخشا ؟ بىر مۇسلىمەنىڭ ئېيتىشقا تىگىشلىك ناششىمۇ يوق ؟ سىزنىڭ تىلىگەن تىلىكىڭىزگە توغرا كىلەمدۇ ؟
مەرھۇم  ئېمان ئىتىقادى بىلەن ئۆلۆپ كەتكەن بولسا روھى قورۇنامدۇ يوق؟
ھەربىر مۇسۇلمانمەن دىگەن ۋىجدان ئىگىسى يۇقارقى سوئاللارنى ئويلىنىپ بىقىشى كېرەك . مەرھۇملارنىڭ روھىنى قورۇندۇرمايلى .ھايات ۋاقتىدا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيلى ،ئۆگەندىن كىيىن ياسىن ئوقوغاننىڭ نىمە پايدىسى . تۈنۈگۈن 40 ياشقا كىرىپ ، ئىككى سەبى بالىسى بىلەن ئايالىنى تۇل قويۇپ كەتكەن بىر قىرىندىشىمىزنىڭ  نامىزىغا قاتنىشىپ قالدۇق . مىيىت نامىزى ئالدىدا ، مىھرىبان دادىسى جامائەت ئالدىدا : « ئوغلۇم 40 يىل ياشىدى ، ئوقۇش ، خىزمەت دەپ  پەرھىز ئەمەللەرنى قىلالمىدى . مەن 30 يىللىق پەرھىز ئەمىلىمنى ھەدىيە قىلدىم .» دەپ ھەم پۇشايمان ھەم تەسىرلىك ، تەزىيە نوتىقى سۆزلىدى . ئويلاپ باقايلى بۇ ئاتىغا نىمە قالدى ؟ ئاللا قوبول قىلامدۇ ؟ بۇنىڭغا ھىشكىم بىرنىمە دىيەلمەيدۇ .
بۇدىيىشىم بىلەن  ئۇنى قىلساقمۇ - بۇنىقىلساقمۇ بولمىسا  ، ئۆزىمىز ياختۇرغان ئاداملەرنى ئەسلىسەك  ، ياخشى تىلەكلەرنى تىلىسەك بولمامدۇ ؟ دىيىشىڭلار مۈنكىن ھەممە نەرسىنىڭ يولىبار شۇ ئازىراقلا ئويلانساق ئىزدەنسەك، ئاتا بۇۋىلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ناھايىتى ياخشى يوللارنى كۆمۈلۈپ ياتقاللىغىنى بىلىمىز . «ئىسمى جۈمە لىكىن جۈمەگە كىرمەيدۇ » دىگەنگە ئوخشاش ئىش قىلمايلى .
arman03 بۇرادەر ئالدىنقى تىمالىرىڭىز ناھايىتى ياخشى ئىدى . ئۆزىڭىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ،  بىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا ماس كىلىدىغان ،نەپ بىرىدىغان  ياخشى تەرجىمە تېمىلارنى كۆپرەك يوللىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن . دوس يىغلىتىپ ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ دەپتىكەن . دوس بىلىپ پىكىر بايان قىلدىم . توغرا چۈشۈنۈڭ .
ئاخىرىدا يەنىلا  دەيدىغىنىم : رەھمەتلىك پاتىمانىڭ گۇناھلىرىنى ئاللا كەچۈرسۇن .  تەۋبىسىنى  ئالا قوبول قىلسۇن ئامىن.


باھا سۆز

زىبا0996  ئاللاھ بىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن قېرىندىشىم.  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 14:47:58

UID
26885
يازما
7
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
7
تىزىملاتقان
2012-1-24
ئاخىرقى قېتىم
2013-7-8
توردا
7 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 14:42:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناخشىلىرىنى ئاڭلاپتىكەنمەن ، ئەمما ئۆزىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن ... مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن .

باھا سۆز

aybarqn  نىمىشقىمۇ كۆرمىگەنسىز،ئەمدى مەڭگۈ كۆرەلمەيدىغان بولدىڭىز  يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 00:51:20

UID
27398
يازما
13
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
13
تىزىملاتقان
2012-1-23
ئاخىرقى قېتىم
2013-6-28
توردا
9 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-24 14:48:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاتاقلىق ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرىنى مەنمۇ بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايتىم .بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بەكمۇ بىئارام بولدۇم..يولداش پاتىمەنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش