ئانام ئېيتقان 5 يالغان
ھىجران فرانسوۋا
ئانچە-مۇنچە ئەقىل كىرگەن چاغلىرىم بولسا كېرەك، بىر كۈنى كېچىدە ئانامنىڭ كىچىك ئۇكام سىيىپ ھۆل قىلىۋەتكەن ئورۇندا ئۆزى يېتىپ ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئۇكامنى ياتقۇزۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ ئۇيقۇچىلىقتا ئۇنىڭدىن سورىدىم:
-- ئانا، ئۇكام چىللە قىلىۋەتكەن بۇ ئورۇندا قانداق ياتىسەم!
-- ئويغىنىپ كېتىپسەن-دە بالام، ئۇخلاۋەرگەن، مەن بۇ ئورۇندا ياتسام بەك ئوبدان ئۇخلايمەن. مانا بۇ مەن ئەقلىمنى بىلگەندا ئانام ماڭئا ئېيتقان تۇنجى يالغان ئىدى.
يەنىلا شۇ قەھەتچىلىك زامانلار بولمامدۇ، خېلىلا چوڭ بولۇپ قالغان چاغلىرىم بولسىمۇ ئاچ قورساقتا ئۇككىللىرىم زاغرا نان تالىشىپ يۈرىدىغان يىللار ئىدى. بىر كۈنى تۇغقانلارنىڭ بىرىدە بىر نەچچە دانە ئاق نان كۆتۈرۈپ ئۆيىمىزگە پەتىگە كەلدى. شۇ چاغدىكى خۇشاللىقنى دەيمەن، ئاكا-ئىنە ھەممىمىز ئاق ناننى كۆرۈپ قەۋتلا خۇشال بولۇپ كەتتۇق، ئاپام ناننى ھەر بىرىمىزگە تەقسىم قىلىپ بەرغىچە نەپسىمنىڭ قانچىلىك تاقىلداپ كەتكىنىنى دېمەيلا قوياي، ئاخىرىدا قارىسام ئاپامغا ئاق نان يەتمەپتۇ.
-- ئۆزەڭگىچۇ ئانا، دەپ سورىدىم ئانامدىن بالىلارنىڭ چوڭى بولغىنىم ئۈچۈن.
-- غەم قىلما بالام، سىلەر يىسەڭلەر ماڭئا تېگىل بولىدۇ. بۇ ئانامنىڭ ئىككىنچى قېتىم يالغان ئېيتىشى ئىدى.
بىر كۈنى يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىپ قارىسام، ئانام جىن چىراغنى يېقىۋېلىپ بىر نەرسىلەرنى ياماپ ئولتۇرۇپتۇ.
-- ئانا ئۇيقۇڭ كەلمىدىمۇ؟-- دېدىم مەن چالا ئۇيقۇدا.
-- ياق بالام، ئۇيقۇم پەقەتلا كەلماۋاتىدۇ. بۇ ئانام ئېيتقان ئۈچىنچى يالغان ئىدى.
كېيىنكى كۈنلەردە ھال كۈنىمىز خېلىلا ياخشى بوپ قالدى، مەنمۇ چوپ-چوڭلا بولۇپ يوغان شەھەرلنىڭ بىرىدە ئۆزۈمنىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىدىغان بولدۇم.
-- ئانا سېنى شەھەرگە ئەكىلۋالايمۇ؟
-- ياق بالام، سەھرادا توپىغا مىلىنىپ يۈرگەن ئادەم شەھەرگە كۆنەلمەيدىكەنمەن. بۇ ئانامنىڭ تۆتىنچى قېتىم يالغان ئېيتىشى ئىدى.
كۈنلەرنىڭ بېرىدە ئانام ئاغرىپ يېتىپ قالدى. بىر تۇغقان قېرىنداشلار ھە-ھۇ دېيىشىپ ئانامنى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇردۇق. بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئانام دوختۇرخانىدىن چىقىپ كېتىدىغاننىڭ جېدىلىنى قىلىپ تۇرۇۋالدى.
ئانام دوختۇرخانىدا ياتقىنى بىلەن يېنىمىزدىن چىقىۋاتقان دوختۇر پۇلىدىن بىئارام بولۇۋاتقىنى ئېنىق ئىدى.
-- ئانا خاتىرجەم داۋالانغىن، كېسىلىڭ تولۇق ساقايغاندا دوختۇردىن چىقساڭمۇ كېچىكمەيسەن.
-- ۋاي-ۋۇي بالام، جاننى خۇدا ئالىدۇ، ھازىر ھېچ-قانداق كېسىلىم يوق، شۇنداق ياخشى تۇرۇۋاتىمەنغۇ! چىقىپ كېتەي! بۇ ئانام ئېيتقان 5-يالغان ئىدى.
ئۇزۇن ئۆتمەي ئەزرايىل ئانامنىڭ ئاجىز تېنىغا چاڭ سالدى.
-- ئانا، رازى بولغىن ئانا...
-- ئەزىز بالىلىرىم، مەن سىلەردىن مىڭ مەرتىۋە رازى، مەن بەك چارچاپ كەتتىم، ئەمدى ئارام ئالاي. بۇ قېتىم ئانام يالغان ئېيتمىغان ئىدى.
ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتتى. يول ماڭسان قەدەملىرىمنى ئېغىر يۆتكەيدىغان بولدۇم. بۈگۈن بىر كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، يول بويىدىكى چىملىقتا ئويناپ يۈرگەن بالىلارغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇلارنىڭ شوخ كۈلكە- چاخچاخلىرىدىن چىققان ئاۋاز... توۋا دەيمەن، بۇ ئاجايىپ ئاۋاز شۇ قەدەر سېھىرلىك، شۇ قەدەر تونۇش، شۇ قەدەر يىراقتا... بۇ ئانامنىڭ ئاۋازىمىدۇ، ياق! ياق! ئۇنداق ئەمەس! ئانام بەكلا يىراققا كەتتى...
http://erkal.lingd.net/article-2554717-1.html