كۆرۈش: 109867|ئىنكاس: 129

ئانىنىڭ ئۆمرىدە ئېيتقان 8يالغان سۇزى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
5
يازما
183
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
8136
تىزىملاتقان
2008-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-21 11:43:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر بالا كىچىك ۋاقتىدا ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات بولغاچقا ،دائىم تويغۇدەك تاماق يىيەلمەيتتى . بۇنداق چاغلاردا ئاپىسى قاچىسىدىكى تاماقنى بالىلىرىغا بۆلۈپ بېرىپ ،بالىلىرىم ،تېز يەڭلار ،مېنىڭ قوسىقىم ئاچمىدى دەيتتى ----------بۇ ئانىنىڭ ئېيتقان بىرىنچى يالغان سۆزى .


2.ئوغلى ئۆسۈۋاتقان چاغدا ،جاپاكەش ئانا ئارام كۈنلىرىدە بالىلىرىغا كالتسىي تولۇقلاش ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى دەريالاردىن بېلىق تۇتۇپ كېلەتتى ، بېلىق بەكمۇ يېيىشلىق ،شورپىسىمۇ بەك تەملىك ئىدى ، بالىلىرى بېلىقلارنى يەۋاتقاندا ،ئانا بىر چەتتە ئولتۇرۇپ ئۇستىخىنىنى غاجىلايتتى ، ئوغلىنىڭ ئىچى ئاغرىپ ،قاچىسىدىكى بېلىق گۆشىنى قاچىسىغا سېلىپ بەرگەندە ،ئانا ئۇنى يىمەي ،بالىسىنى چىنىسىگە قايتا سېلىپ ،بالام ،تېز يىگىن ،مەن بېلىق يىيىشنى ياخشى كۆرمەيمەن دەيتتى-----------بۇ ئانىنىڭ ئېيتقان ئىككىنچى يالغان سۆزى .


3.بالا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ،تىككۈچىلىك قىلىدىغان ئانا بالىلىرىنىڭ ئوقۇش خىراجىتىنى غەملەش ئۈچۈن ،ئاھالىلەر كومىتىتىغا بېرىپ سەرەڭگە قېپى ئەكىلىپ ،كەچلىرى ئۇنى چاپلاپ ياساپ نەچچە تىيىن بولسىمۇ پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى قامدايتتى ،قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ،ئوغلى يېرىم كېچىدە ئويغۇنۇپ كېتىپ ،ئانىنىڭ جىنچىراق ئالدىدا مۈكچۈيۈپ ئولتۇرۇپ سەرەڭگە قېپىنى چاپلاۋاتقانلىقىنى كۆردى ،ئوغلى ،ئاپا بولدى ئۇخلاڭ ،ئەتە سەھەردە يەنە ئىشقا بارىسىز ،دىگەندە ،ئانا كۈلۈپ تۇرۇپ ،بالام ئۇخلاۋەرگىن ،مېنىڭ ئۇيقۇم كەلمىدى دىدى-----------ئانىنىڭ ئېيتقان ئۈچۈنچى يالغان سۆزى.


4.بالا ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن يىلى ،ئانا ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىۋاتقان ئوغلىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئىشىدىن رۇخسەت سوراپ كېلىپ ،ئىمتىھان مەيدانىنىڭ ئالدىغا كەلدى ،ئانا تومۇز ئىسسىقتا ئۇدا بىرنەچچە سائەتلەپ تۇردى ،ئىمتىھاندىن چىقىش قوڭغۇرىقى چېلىنغاندا ،ئانا قېنىق دەملەنگەن بىر قاچا چاينى ئوغلىنىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈپ كەلدى ،قېنىق دەملەنگەن بۇ چايغا چوڭقۇر مىھرى -مۇھەببەت سىڭدۈرۈلگەنىدى ، ئوغلى ئانىنىڭ قۇرۇپ يېرىلىپ كەتكەن لەۋ ۋە تەرگە چۆمگەن چېھرىگە قاراپ ،قولىدىكى چاينى ئانىغا ئۇزاتتى ،بۇ چاغدا ئانا ،بالام ،تېز ئىچىۋال ،مەن ئۇسسۇمۇدۇم دىدى--------------بۇ ئانىنىڭ ئېيتقان تۆتىنچى يالغان سۆزى.


5.جۆرىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ،ئانا ھەم ئاتا ،ھەم ئانا بولۇپ ،تىككۈچىلىكتىن تاپقان ئازغىنە پۇلى بىلەن بالىلىرىنى ئوقۇتۇپ ،جاپالىق تۇرمۇش كەچۈردى ،كوچا دوقمۇشىدا سائەت رىمونت قىلىدىغان ئۇستام بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ،ئۇلارنىڭ چوڭ-كىچىك ئىشلىرىغا ياردەم قىلىپ ،كۆمۈر ۋە سۇلىرىنى ئەكىرىشىپ ،ئازراق پۇل ۋە ئاشلىق بېرىپ ،ئۇلارنى قامداپ تۇردى ،خوشنىلار بۇنى كۆرۈپ ،ئانىغا ئۇ كىشىنى سايە قىلىپ ،بۇنداق جاپا تارتقۇچە توي قىلىۋېلىشنى نەسىھەت قىلدى . لېكىن ئانا ئۇزۇن يىلغىچە قايتا ياتلىق بولمىدى ،باشقىلار قايتا -قايتا نەسىھەت قىلغاندا ،ئانا، مەن ئۇنى ياقتۇرمايمەن دەيتتى--------------ئانىنىڭ بەشىنچى يالغان سۆزى.


6.بالىلىرى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ،ئىشسىز قالغان ئانا يېقىن ئەتراپتىكى دىققانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا كىچىك بىر يايما ئېچىپ تۇرمۇش كەچۈردى ، سىرتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان بالىلىرى ئانىغا دائىم پۇل ئەۋەتىپ تۇرغان بولسىمۇ ،لېكىن ئانا بالىلىرىنىڭ پۇلىنى زادى ئالماي ،قايتۇرۋېتىپ ،پۇلۇم بار! دەيتتى-----------ئانىنىڭ ئالتىنچى يالغان سۆزى.


7.بالا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ،ئىككى يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلدى ،كېيىن ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق ئامىرىكىدىكى بىر داڭلىق ئۇنۋىرسىتېتقا دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى ،مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئامىرىكىدىكى مائاشى يۇقۇرى ،شارائىتى ياخشى بىر تەتقىقات ئورگىنىدا ئىشلەپ قالدى ،چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان بالا ئانىنى ئەكىلىۋېلىپ بۇ راھەتتىن بەھرە ئالدۇراي دىسە ،ئانا بۇنىڭغا قوشۇلماي ،مەن ئۇ يەرگە كۆنەلمەيمەن دىدى--------------ئانىنىڭ يەتتىنچى يالغان سۆزى .


8.ياشىنىپ قالغان ئانا ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇپ ،دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى ،يىراق ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئۇ چېتىدە تۇرۇۋاتقان ئوغلى ئايرۇپىلان بىلەن قايتىپ كەلگەن چاغدا ،ئوپېراتسىيىدىن چىققان ئانىنىڭ تېنىقى ئارانلا قالغان ئىدى ،ئوغلى كېسەل ئازابى تارتقان ئانىغا قاراپ ،قاتتىق ئازاپلاندى ،ئۇنىڭ ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرى ئىختىيارسىز تۆكۈلمەكتە ئىدى ،بۇ چاغدا ئانا ، بالام، يىغلىما ،ھېچيېرىم ئاغرىمىدى دىدى------------------بۇ ئانىنىڭ ئېيىتقان ئاخىرقى يالغان سۆزى


كىلىش مەنبەسى:  كۈسەن مۇنازىرە مۇنبېرى

UID
10
يازما
182
تېما
18
نادىر
0
جۇغلانما
5931
تىزىملاتقان
2008-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2013-10-27
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-22 15:14:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىلار ھەقىقەتەن ئىسمى -جىسمىغا لايىق ئۇلۇغدۇر .شۇڭا چوڭلار <<ئاناڭنى كۆتۇرۇپ ھەرەمگە ئاپارساڭمۇ ،ئۇنىڭ باققىنىنى قايتۇرالمايسەن>>دەيدۇ ئەمەسمۇ !

UID
20
يازما
179
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
6302
تىزىملاتقان
2008-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-22 16:57:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق تىمىلارنى كۆرمىسە تېخى .كۆرسىلا ئادەمنى يىغا تۇتقان .
قانداق قىلىمىز ،ئانىمىز شۇنچە جاپالارنى تارتىۋاتسا . بەزىدە تەڭ تاكاللىشىمىز .
قەدرىگە يەتمەيمىز ،ئاغزىمىزدا خۇدايىم بۇيرىسا كىيىن دەپ نۇرغۇنلىغان قەسەملەرنى ئىچسەكمۇ ،
بوپتۇ  يەنە بىر خۇدايىم بۇيرىسا ،،،،،،،،،،
-------------------------------------------------

UID
134
يازما
2
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2008-10-23
ئاخىرقى قېتىم
2008-10-23
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-23 15:22:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاغىنەم  ئانىنىڭ گىپى با ئا تىنىڭ گىپى يوقما

UID
20
يازما
179
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
6302
تىزىملاتقان
2008-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2011-12-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-23 18:48:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىsardar64نىڭ2008-10-23 15:22دە يوللىغان يازمىسى  :
ئاغىنەم  ئانىنىڭ گىپى با ئا تىنىڭ گىپى يوقما



ھە    با  با  ...................................

(تېلىفۇندا )  دادا بۈگۈن ئۆيگە قايتىپ كەلمەمسەن .ئاپام ئىككىمىز  سىنى بەك سېغىندۇق.
سىنى ساقلاپ تاماقلارمۇ سوۋۇپ كەتتى .  

بالام خىزمىتىم بەك ئالدىراش  بارالمايمەن ........................

مانا بۇ بەزى ئاتىلارنىڭ 1_يالغان سۈزى !

باھا سۆز

begana  توغرا  يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 12:24:32
-------------------------------------------------

UID
5
يازما
183
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
8136
تىزىملاتقان
2008-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-10-24 10:24:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەۋھەر  تېمىغا  مۇنداق  يوغان  قىلىپ  بىزنىڭ  دادۈينىڭ  تۇجاڭزىسىدەك  تامغا  باسمايمىزمۇ ....سەل  باشقىچە  تۇرامىكىن  دەيمىنا  

UID
395
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2008-11-13
ئاخىرقى قېتىم
2011-11-26
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-13 16:53:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ياخشى يوللانغان تىما ئىكەن، مەن ئوقۇش شۇنداق كۆز يېشى قىلىپ كەتتىم. شۇنداق ئانا دۇنيادا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان. ئانىلارنى ئاسرايلى، ئۇلارنى قەدىرلەيلى.

UID
399
يازما
1
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1
تىزىملاتقان
2008-11-13
ئاخىرقى قېتىم
2010-11-2
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-13 20:52:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىنىڭ بالىسى ئۈچۈن ئېيتقان يالغان سۈزى سەككىز ئەمەس بەلكى 800 دىن ئارتۇق بۇلىشى مۈمكىن.چۇنكى ئانا بالىسىنى ئون ئاي ،ئون كۇن قوساق كۆتۈرۈپ تۇغقان ئەمەسمۇ ؟ ئانىنىڭ تۈغۈت ئازاۋىنى ھەر قانداق بىر ئاتا بىلىپ يىتەلمەيدۇ.    

UID
5
يازما
183
تېما
19
نادىر
0
جۇغلانما
8136
تىزىملاتقان
2008-10-4
ئاخىرقى قېتىم
2014-6-1
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2008-11-13 23:15:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇكام  كۈنلۈك  ، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى ۋە تىلىنى چۈشىنىدىغانسىز ؟
بۇ  يەردىكى  مەسىلە ، ئانىنىڭ  بالىسىغا سۆزلىگەن  8  ياكى  800  ئېغىز  يالغان سۆزىدە  ئەمەس .....


دەرۋەقە  ئانىنىڭ  تۇغۇت  ئازابىنى  ئانىدىن  ئۆزگە  ھىچكىم  بىلمىگەندەك -  ئانىنىڭ تۇغۇت  بەختىيارلىقىنى . خوشاللىقىنىمۇ  ئانىدىن باشقا ھىچكىم تەسەۋۋۇر  قىلالمايدۇ ....
مەن  بىر  دادا ! - دادىنىڭمۇ  ئۆزىگە  چۇشلۇق بىلىدىغانلىرى ، ھىس  قىلغانلىرى  بولىدۇ .....

تىرىشچان ئەزا

~~~خۇشبۇي~~~

UID
427
يازما
111
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
308
تىزىملاتقان
2008-11-15
ئاخىرقى قېتىم
2011-2-18
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2009-1-31 18:24:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ئانىلار ھەقىقەتەن ئۇلۇغ  ....
بىر ئانا ئون بالىنى باقالايدۇ ،ئون بالا بىر ئانىنى باقالمايدۇ ئەمەسمۇ ؟

باھا سۆز

amamam  ئانىلار ھەقىقەتەن ئىسمى -جىسمىغا لايىق ئۇلۇغدۇر .شۇڭا چوڭلار <<ئاناڭنى كۆتۇرۇپ ھەرەمگە ئاپارساڭمۇ ،ئۇنىڭ باق   يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 14:05:53
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش