ئىگىسى: 84828

«ئانا يۇرت» رومانىدىن     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
17057
يازما
187
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1297
تىزىملاتقان
2011-11-9
ئاخىرقى قېتىم
2012-3-1
توردا
53 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-2 06:00:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ رومان كىتابخانىغا كېلىپ ئىككىنچى كۈنى چۈشتە بۇ روماننىڭ ئۈچ تومىنى ئېلىپ ئاپاملارنىڭ ئۆيىگە كىرىدىغان كوچىنىڭ ئاغزىغا كەلگەندە بىزنىڭ قورۇدىكى پىشقەدەم مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئۇچراپ قالدى. ئۇ« قىزىم، ‹ ئانا يۇرت› نى ئالدىڭىزمۇ؟» دەپ جىددىي سورىدى. « مانا ئەكىلىۋاتىمەن» ئۇنىڭغا سومكىدىكى كىتابنى كۆرسەتتىم، « رەھمەت ئوبدان قىزىم، ساقلاپ ئوقۇڭلار، ئۇ ئىشلارغا مانا بىز شاھىت» دېدى. قاراپلا قاپتىمەن، بۇ گەپنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمىغۇدەكمەن.
چوڭ ئاپام ئاغزى يامان پىرسۇناژلارغا دەرھال رەددىيە بېرىدۇ، « بۇ روماندا نېمە دېگەن غەلىتە گەپلەر تولا، غېنى باتۇرنى تۈزۈك يازسا بولمامدۇ، ھېچبولمىسا گەپلىرىنى يوشۇرۇپ كۆپ چېكىت قويسىمۇ بولاتتىغۇ.....»
بۇنىڭغا جاۋابەن مۇخبىر چوڭ دادام  شۇنداق دېدى« غېنى باتۇرنىڭ خاسلىقىنى يۇيۇۋەتسۇن دەمسەن؟ كۆپ چېكىت قويۇپ قويساڭ كىمگە ئوخشاپ قالار؟»
مەن بۇنى تازا چۈشىنەلمىگەن ئىدىم، سەھراغا چىقىپ ئەينى يىللاردا ئۇنى مېھمان قىلغان تارانچى بايلارنىڭ ئاغزىدىن بىلدىمكى، غېنى باتۇر گەپ قىلسا، بىسمىللىنىڭ ئالدىدا ئاغزىنى بۇزۇپ بولاتتىكەن.

UID
10257
يازما
15
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
135
تىزىملاتقان
2011-3-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-12
توردا
17 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-3 22:38:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل رۇمان.
نەپسىڭگە بېرىلمە،مۇھەببەتكە قۇل بولما،بۇ ئىككىسى مۇرات_مەقسەت يولىدىكى ئىككى تىك داۋان  ...بەك ياقتۇرىمەن مۇشۇ يىرىنى

تىرىشچان ئەزا

ۋاقىت ھەمىنى ئۇز

UID
14629
يازما
45
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
945
تىزىملاتقان
2011-9-3
ئاخىرقى قېتىم
2012-5-16
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 11:26:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ مەن ھاياتىمدا ئەڭ ياقتۇرغان رومان مۇشۇ
777

كۆيۈمچان ئەزا

گۈلۈم مېنى سېغىندىڭىزمۇ ؟

UID
12992
يازما
275
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
2436
تىزىملاتقان
2011-7-5
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
80 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 12:40:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى !  ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن .

  
‹‹ ئانا يۇرت ›› رومانى ھەققىدىكى تەسىراتلارنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسىدىن ئاسانلىقچە ئۇنتۇلمايدىغانلىقى ئېنىق . چۈنكى زوردۇن سابىر ئىجادىي ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەۋسۇمىدە ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىجادىيىتىنىڭ سەمەرىسى بولالىغان نادىر ئەسەردىن بىر قالدۇرۇپ ئارمان بىلەن كەتتى .
   
    ھەممەيلەنگە ئايان  ،  ‹‹ ئانا يۇرت ›› رومانى ئۇيغۇرجەمئىيىتىدە ئەڭ كۆپ بەس - مۇنازىرە قوزغىغان ۋە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان رومانلارنىڭ سەركىسى . ئېتىراپ قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى ، رومان گەرچە قانچىلىك نادىرلىقىدىن - مەزمۇنى قانچىكى مول ، ۋەقەلىكى قانچىكى مۇرەككەپ ، ئەكس ئەتتۇرگەن تۇرمۇش سەھنىسى قانچىكى كەڭ ، تارىخىي چىنلىقىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى قانچىكى يۇقىرى بولۇشىدىن ؛ زوردۇن سابىرنىڭ يۈكسەك ئارزۇ - ئارمانلىرى ، ئىنتىلىشلىرى ، سۆيگۈ - مۇھەببىتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئەزىز خەلقىدىن كۈتكەن ۋە كۈتىدىغانلىرىنىڭ جەۋھەر ئەدەبىيات كاتېگورىيىسىنى چۆرىدەپ  شۇنچە قايىل قىلارلىق ، شۇنچە ئېچىنىشلىق ، شۇنچە ماھىرلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ تەسىراتى رومانغا نىسبەتەن ھىسسي بىلىش باسقۇچىدىلا تۇرۇپ قالدىكى بۇ روماندىن قانداق ئىبرەت ئېلىشنى ، قانداق ئويغىنىپ قانداق ھەرىكەتكە ئۆتۈشنى ھەقىقىي مەنىدە ھېس قىلالمىدى . بۇھال زۇلپىقار بارات ئۆزباش ‹‹ كىملىك كىرزىسى ›› ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىپ ئۆتكىنىدەك رومان ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن سۆزلەيدىغان ياشلارنى كۆپەيتىۋەتتى ، ئەمما ئۇلار ھەققىي ھەرىكەتكە ئۆتمىدى . ‹‹ ئىبرەت ئالغۇدەك ۋە تەسىرلەنگۈدەك ھېكمەتلەر قەدەمدە بىر ئايان بولۇپ تۇرىدۇ ، ئەمما ھەرىكەتكە ئۆتۈش باشقا گەپ ›› . بۇنى ھىسسىياتچانلىق كېسىلىگە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ ، زۇلپىقار بارات ئۆزباش .
   
   بىزگە ئايان بولغان ھەقىقەتلەردىن بىرى ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئانا يۇرت رومانىدەك جەۋھەر رومانلار ناھايىتى ئاز يېزىلدى ۋە ئاز يېزىلماقتا . بۇ ھەقتە مەنمۇ ئوشۇقراق بىرەر ئېغىز گەپ قىلالمايمەن . ئىقتىسادىي بازىس بىلەن ئۇستقۇرۇلمىنىڭ چەمبەرسىمان قورشاۋلىرىدا تۇرغان بىر جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئۆزگەرتكۈچى ئەھمىيەتكە ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى قۇدرەتكە ئىگە بىرەر ھادىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي  قۇرۇلما ئۆزگىرىشىدىن شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئاڭ ئۆزگىرىشىدىن  بارلىققا كىلىشى مۇمكىن . بۇ ھەقتە ئىقتىسادشۇناسلار ، ئىجتىمائىيەتشۇسلار ، سىياسىيونلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتچىلىرى ھەقلىق ئىككى ئېغىز گەپ قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن . شۇڭا ئۆزەمنىڭ زورۇقۇپ تەھلىل قىلىپ قېلىشىمدىن ساقلىنىشىم ئۈچۈن بۇ ھەقتە گەپ قىلىشتىن ئامال بار ئۆزەمنى قاچۇراي .
  
   ئانا يۇرت رومانىنى يۇقىرىدا ئىنكاس يازغان تورداشلارغا ئوخشاشلا مەنمۇ شۇنداق ياخشى كۆرىمەن . بۇ روماننى ئۇيغۇر رومانچىلىقىدىكى بۈيۈك نامايەندە دەپ ئويلايمەن . ئەدەبىياتشۇناس بولمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ رومان ھەققىدە نەزەرىيەۋىي يۈكسەكلىكتىن يىراقلاشقان سۇبيېكتىپ چۈشەنچىلىرىمنى بايان قىلىشتىن خالىي بولالماسلىقىم تۇرغانلا گەپ . شۇڭا ئىنكاسىمنى مۇشۇ يەردە توختىتىشقا مەجبۇرمەن .

   ئاخىرىدا تېما ئېگىسىنىڭ مۇشۇنداق بىر تېما ئارقىلىق تورداشلارغا ئەركىن پىكىرلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن .

UID
4398
يازما
85
تېما
17
نادىر
0
جۇغلانما
2285
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 11:47:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەت ئابدۇللا ئاكىمىز يازغان ماقالىنى ئوقۇساڭلار بىلىسىلەر ئەزىزلەر،تەپسىلاتىنى مەن يوللاپ بېرەي چۈشتىن كېيىن،شۇ ژورنالنى تېپىپ ئوقۇڭلار ئۆزۈڭلار.

UID
4398
يازما
85
تېما
17
نادىر
0
جۇغلانما
2285
تىزىملاتقان
2010-8-10
ئاخىرقى قېتىم
2012-6-26
توردا
16 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-7 13:41:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ ژورنىلىنىڭ 4-،5-سانىدىكى ئابلەت ئابدۇللا ئاكىمىز يازغان ‹‹ئۇلۇغ قەرزىدار،ئۇلۇغ يازغۇچى-زوردۇن سابىر››دىگەن ماقالىنى ئوقۇساڭلار ھەممىنى بىلىسىلەر.

UID
6771
يازما
7
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
187
تىزىملاتقان
2010-10-26
ئاخىرقى قېتىم
2012-2-12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 00:34:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممەيلەن سۆيۈپ ئوقۇيدىغان بىر رومان، مەن ئۈچ قىتىم ئوقۇدۇم، 3-قىسمىنى 5 قىتىم ئوقۇغاندىمەن مۇشۇ روماننىڭ...

UID
4836
يازما
12
تېما
1
نادىر
0
جۇغلانما
342
تىزىملاتقان
2010-8-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-4-22
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-18 00:08:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش