ئادەتتە بىر ئادەمىنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشى ۋە كىيىنىشىگە قاراپ دەسلەپكى قەدەمدە شۇ كىشىگە باھا بەرگىلى بولىدۇ ، ئەگەر ھېلىقى ئىمتاھان ئالىدىغان باشلىق مەن بولۇپ قالغان بولساممۇ دەل شۇنداق دەپ يولغا سالغان بولاتتىم . ھازىر بىز  ياشلار ئەنە شۇنداق ئەركىن ئازادە كىيىنىشكە ئامراق ، لېكىن ئۇ قىز ھەرگىزمۇ ئۆز تەڭتۇشلىرىنىڭ ئالدىغا كىرمىگەن بەلكى ئۆزىدىن ياشتا چوڭ بىرسىنىڭ ئالدىغا كىرگەن .... 
ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيسام چوڭلارنىڭ ئالدىدا ئەنە شۇنداق «ئەركىن -ئازادە» كېيىنىپ مېڭىپ يۈرۈشنى مەن ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن ، ھەرقانداق ۋاقىتتا چوڭلار ئالدىغا ئامال بار ئۇنداق زىيادە«ئەركىن ئازادە» كېيىنىپ چىقمايمەن ، ئەگەر شۇنداق ئەھۋال بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ئامال قىلىپ كېيىمىمنى ئالماشتۇرىۋىتىمەن .... بۇ ھەرگىزمۇ ئىدىيسى قاتماللىق ئەمەس ، كاللىسى دەۋرنىڭ ئارقىدا قالغانلىقمۇ  ئەمەس ، بەلكى چوڭلارغا قىلىنغان بىر خىل ھۆرمەت . ئۇ قىز مەيلى يولداشلارنىڭ ئالدىغا كىرسۇن ياكى ئۆز قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئالدىغا كىرسۇن  كېيىنىشكە دىققەت قىلىپلا قالماي ، ئۆزىنىڭ ئۇششاق ھەركەتلىرىگىمۇ دىققەت قىلغان بولسا بەلكىم شۇ ئىش ئۇرنى شۇ قىزنىڭ بولۇپ قالار ئىدى .
 بەزىدە بىز مانا مۇشۇ قىزغا ئوخشاش ئالقىنىمىزغا كىرىپ بولغان پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويىمىز . .....شۇڭا ھەممەيلەن دىققەت قىلايلى ،
