- ھوقۇقى
- 1
- يازما
- 715
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1105
- تىزىملاتقان
- 2011-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-6
- UID
- 16846
- يازما
- 715
- تېما
- 7
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1105
- تىزىملاتقان
- 2011-11-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-6
- توردا
- 773 سائەت
|
ئەلكۈيىگە پىكىر بېرەي دېسەم، پىكىر يازىدىغان جاينى تاپالمىدىم. شۇڭا مۇشۇ جايغىلا يازدىم.
ئەلكۈيى تورى ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى باشلامچى بېكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، يەنە كېلىپ ئەلكۈيى مۇنبىرىگە ئۇيغۇر سەرخىللىرى توپلانغان. بۇ بىكەت بىزنىڭ ئۇسسىغان يېرىمىزگە بارىدىغان بېكەت بولۇپ قالدى، يەنە بىر جەھەتتىن بۇ بىكەت ۋە مۇنبەر بىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىدىغان مەكتەپ بولۇپ قالدى.
بىراق ئەپسۇسلۇق ئىچىدە شۇنىمۇ كۆرمەي تۇرالمىدۇقكى، بىكەتكە كىرىشىمىز بىلەنلا كۆزىمىزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان خەلقئارا خەۋەرلەر ۋە قىزىق نۇقتا خەۋەرلەرنىڭ تەرجىمىسى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە سەسكەندۈرىدۇ. بىز ئەلكۈيى شىركىتىنىڭ تەرجىمانلىرىغا تەلەپنى قاتتىق قويۇشىنى، سۈپەتسىز تەرجىمىلەرنى يوللىماسلىقنى قاتتىق تەلەپ قىلىمىز. 80 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار بۇ بىكەتكە نىسبەتەن بۇنداق پىشمىغان لاۋزا تەرجىمىلەر نومۇس ھېسابلىنىشى كېرەك.
يەنە بىر مەسىلە ئەلكۈيى ئۆزى يوللىغان بەزى تېمىلار ناھايىتى تېتىملىق، ئېسىل، كىشىگە نەپ بېرىدىغان تېمىلار ئىكەن. بىراق شۇ ئېسىللىقتىمۇ يەنە چېنىپ قالغان يەرلەر بار ئىكەن. مەسىلەن: جوبىس ھەققىدىكى تېمىنىڭ ئاخىرىدا جوبىس ئۆلگەندىن كېيىن بەزى مۇھىم كىشىلەرنىڭ سۆزلىرى بېرىلگەن. شۇلارنىڭ قاتارىدا مۇنداق گەپ بار.
****** نىڭ تەبرىك سۆزىدە........
جوبىسنىڭ ئۆلىمىنى كىم تەبرىكلىگەندۇ؟
يۇقارقى پىكرىمگە قارىتا ئىسپات كۆرسىتىشىم كېرەك. ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ئىنكاسنى كۆرۈپ باققايسىلەر:
ئىلتىماس: باشقۇرغۇچىلار، بىزنى تەنقىدلەپتۇ دەپ ئىنكاسىمنى ئۆچۈرمەسلىكىڭلارنى سورايمەن. بۇمۇ سىلەرنىڭ سەمىمىيىتىڭلار. |
|