ئەسسالامۇئەلەيكۇم،قەدىرلىك تورداشلار،ھەممىڭلارنىڭ يېڭى بىر يىلدا يېڭىچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭلارنى شۇنداقلا سالامەتلىك،ئۈگىنىش،تۇرمۇش،خىزمەت ۋە باشقا ئىشلىرىڭلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولىشىنى تورىمىز ۋە شىركىتىمىز نامىدىن سەمىمىي تىلەكداشمىز !
ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئەلكۈيى تورىدا نامىدىكى ئۆزگىچە بىر تور سۇپىسى دۇنياغا كەلگەن ئىدى.قىسقىغىنا ئون نەچچە كۈندىن بويان مەيلى تورىمىزدا ياكى جەمئىيەتتە بولسۇن «ئەلكۈيى مىكرو بلوگى» ناھايتى ياخشى باھالارغا،زور قوللاشلارغا ئېرىشىپ،تورىمىزنىڭ ئەڭ كۆزنەك سەھىپىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى،شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى،ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى ...قاتارلىق نوپۇزلۇق تاراتقۇلار ئارقىلىق «ئەلكۈيى مىكرو بلوگى» ھەققىدە پىروگىراممىلار ئشلەندى ،شۇنداقلا جەمئىيەتىكى ھەرقايسى ساھە كىشىلىرىنىڭ دىققەت ئىتبارىنى قۇزغىدى..
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى (چارشەنبە) ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «ئۈرۈمچى ئاۋازى»پروگراممىسىدا رىياسەتچى گۈلزەپپەر مۇھەممەد،مويدىن تۇرسۇنلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە دەۋىر تەرەققىياتى ۋە پەن - تېخنىكىنىڭ يېڭىچە مەھسۇلى«مىكرو بلوگ» نامىدىكى سۆھبەت ئويۇشتۇرۇلدى.ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرى مۇنىرە مەخمۇت شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى ماتىماتىكا پەنلىرى ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ،ئۇيغۇر سوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت ۋە ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋارلار تەكلىپ قىلنىپ « ئېنتېرنېت ۋە مىكرو بلوگ »نى چۆرىدىگەن ئاساستا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. رادىيو دولقۇنلىرىدىكى سۆھبەتنى بۇيەردىن ئاڭلاڭ! 
شىنجاڭ ئۇنىۋېرېستېتى ماتىماتىكا پەنلىرى ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى،ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت ئەپەندىم 
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى،ئەلكۈيى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇھەممەدجان ئۈمىدۋار ئەپەندىم
سۆھبەت جەريانىدا ئالدى بىلەن ئېنتېرنېت ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ھەققىدە قىسقىچە بايانلار سۆزلەنگەندىن كىيىن يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن «مىكرو بلوگ » ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈش بېرىلىپ ،«ئەلكۈيى مىكرو بلوگى»نىڭ قانداق شەرتلەر ئاستىدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى،تورداشلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قىززىقىشى ۋە ئىنكاسى،بۇنىڭدىن كىينكى تەرەققىيات يۈلىنىشى شۇنداقلا قانداق قىلغاندا «ئەلكۈيى مىكرو بلوگى»دىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە قىزغىن سۆھبەتلەر بولۇپ ئۆتۈلدى.زىيارەت داۋامىدا رادىيو ئاڭلىغۇچى دوستلار ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ قىززىق لىنىيە تېلىفۇنى ئارقىلىق ئالىم ئەھەت،مۇھەممەدجاندىن ئۆزىنىڭ چۈشەنمىگەن مەسىلىلىرىنى سوراپ مىكرو بىلوگغا بولغان چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈڭقۇرلاشتۇردى.
بىز بۇ قېتىملىق رادىيو سۆھبىتىنى ئاڭلىيالمىغان تورداشلارغا پۇرسەت يارىتىپ بىرىش مەقسىتىدە «ئەلكۈيى مىكرو بلوگى»رادىيو دولقۇنلىرىدا نامىدىكى زىيارەت سۆھبىتىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق،ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭلارنى ھەمدە «ئەلكۈيى مىكرو بلوگى » ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ،ھەر بىر كىشى ئۆزگىچە تور باشقۇرغۇچىسى بۇلالايدىغان بۇ بىر ياخشى تاراتقۇدىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز ۋە ئۈرۈمچى خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!
ئەلكۈيى مىكرو بلوگى تور ئادرېسى: http://alkuyi.cn
كامالىي ئېھتىرام بىلەن:
ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
ئەلكۈيى تور بېكىتى
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى |