تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

كۆرۈش: 778|ئىنكاس: 16

ئويغۇر تىبابەتچىلىكىمىز ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

UID
18331
يازما
24
تېما
2
نادىر
0
جۇغلانما
24
تىزىملاتقان
2011-12-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرتىبابىتى- ئويغۇرلارنىڭ كۆپ ئەسىرلىك ئىشلەپ چىقىرىش ئەمەلىيىتى،تۈرلۈك ئاغرىق-سىلاقلارغا قارتا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى جەريانىدا ھاسىل قىلغان تەجىرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنىدۇر.ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بۇلسا ئادەم بەدىنىنى بىلىش ۋە ئىنسانلار ياشايدىغان مۇھىت ،شارائىتلارنى بىلىش ،ئىنسانلارنىڭ ساقلىق ۋە كېسەللىك ھالەتلىرىنىڭ سەۋەپلىرىنى بايقاش ۋە بىلىش ئارقىلىق ،ئۇلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش،يۈز بەرگەن ھەرخىل كېسەللىك لەرنى تۈرلۈك دورا ۋە باشقاچارىلار ئارقىلىق داۋالاپ ئىنسانلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇلۇپ،ئادەم بەدىنىنىڭ تۈزۈلىشى ،خىزمەت پائالىيەتلىرى،روھىي،ماددىي خۇسۇسىيەتلىرى ،ئادەم ئورگانىزىمنىڭ تاشقى مۇھىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ،ساقلىق ۋە كېسەللىك ئەھۋاللىر ھەققىدە سۆزلەيدىغان ئىلىم .شۇنىڭدەك كېسەللىكلەرنى ئەمەلىي داۋالاش ،ئاكتىپ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللىرىنى ۋە شۇھەقتىكى كىلىنىكا تەجىرىبىلىرىنى ئۆگىتىدىغان پەندۇر.
ئۇيغۇر تىبابىتى ھەممىدىن بۇرۇن قايسى بىر مەشھۇر ھۆكۈما ياكى تېۋىپ تەلىماتلىرىنىڭ گەۋدىلىنىشى بولماستىن ،بەلكى ئەمگەكچان خەلىقنىڭ جۈملىدىن خەلىق ئارىسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئەمچى،ئاتاساغۇن ۋە تېۋىپلارنىڭ سان-ساناقسىز بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ،مۇۋاپىقىيەتلىك ياكى مۇۋا پىقىيەتسىز تېبىي تەجىرىبىلىرى ئاساسىدا مەيدانغاكەلگەن ۋە راۋاجلانغان .بۇ جەرياندا مەشھۇر ھۆكۈمالار ۋە تېۋىپلارمۇ مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان .مەسلەن؛غازىباي،جىۋا،كومىراجىۋا،گەنجۇ قاغىن،جان باشلاق،ئەبۇنەسىر فارابى،ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا،مەھمۇد قەشقىرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ،ئىمادۇدەدىن قەشقىرى،ئەللامە ئەلائىددىن مۇھەممەت خوتەنى،تارىم،جامالى قەرشى،سادىر مىش،مۇھەممەد زىكرىيارازى،زورىخان،گۈلجەمىلىخان ،جامالىدىن ئاقساراي،............................
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي تىبابەتچىلىك دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.ئۇ ئۆزىگە خاس مۇكەممەل،سېستىمىلىق نەزەرىيىۋى ئاساسقا ئىگە .يەنى،تۆت ماددا تەلىماتى،مىزاج تەلىماتى،تۆت خىلىت تەلىماتى،ئەزا تەلىماتى،قۇۋۋەت تەلىماتى،روھ تەلىمەتى،شۇنىڭدەك ساقلىق ۋە كېسەللىك،كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەپلىرى،كېسەللىكلەرنىڭ ئالامىتى،كېسەللىكلەرگە دىئاگىنوز قويۇش ئۇسۇللىرى،داۋالاش قائىدە-پىرىنسپلىرى ۋە ئۇسۇللىرى ،يېمەك-ئىچمەك،كۈتۈش ۋە پەرۋىش قىلىش،دورىگەرلىك ۋە دورا ياسالمىلىرى،ھەققىدە بىر يۈرۈش نەزەر يىلىرى بار.
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ئادەم بەدىنى ۋە بارلىق جانلىق ھاياتنى كەڭ تەبىئەتنىڭ بىر قىسىمى سۈپىتىدە چۈشىنىدۇ.ئومۇمىي بەدەننىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.ئۇ ھاياتلىقنى تاشقى مۇھىت شارائىتى بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ.
مەسلەن؛تۆت چوڭ ماددا(تۆت تادۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ)ئوخشىمىغان تۆت خىل خۇسۇسسىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئوت - قۇرۇق ئسسىق، ھاۋا - ھۆل ئىسسىق ، سۇ - ھۆل سوغۇق ، تۇپراق - قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ.ئۇلار جىسىم ،كەيپىيات ،خۇسۇسسىيەت جەھەتتىن بىر-بىرىگە قارمۇ قارشى زىت بولشىمۇ ئەمما بىر-بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ.ئۇلار كائىناتتا ئىسسىقلىق،سوغۇقلۇق،ھۆللۈك،قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت تۆت خىل كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ،تۆت كەيپىياتنىڭ قارمۇ قارشى نەتىجىسىدە مىزاج ھاسىل بۇلىدۇ.مىزاجلار چوڭ جەھەتتىن قۇرۇق ئىسسىق،ھۆل ئىسسىق،ھۆل سوغۇق،قۇرۇق سوغۇق دەپ تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ.
بۇ قەدىمقى ئەجداتلىرىمىزنىڭ تەبىئەتنى تونۇش كۆزقارشىدىن ئىبارەت بۇلۇپ،ئۇلارنىڭ تەبىئەتنى بىلىشى ئەمىلىيەتتىن باشلانغان ،ئەجداتلىرىمىز توت ئامىلدىن تولۇق بەھىرىمەن بۇلغان.
ئويغۇر تىبابىتى تۆت خىلىت تەلىماتىنى تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بەدەندىكى تەقلىدىي زاھىرى دەپ بىلىدۇ.
تۆت خىلىت بولسا سەپرا،قان،بەلغەم،سەۋدا بولۇپ،بۇلار بەدەننى تەشكىل قىلغان ،بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان مۇھىم سۇيۇقلۇقلار بۇلۇپ،سەپرا خىلىتنىڭ تەبىئىتى-قۇرۇق ئىسسىق،قاننىڭ تەبىئىتى-ھۆل ئىسسىق،بەلغەمنىڭ تەبىئىتى-ھۆل سوغۇق،سەۋدانىڭ تەبىئىتى -قۇرۇق سوغۇق،ئۇلار ئورگانىزىمنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى جەريانىدا سەرىپ قىلىنىپ ، يېڭىدىن ئشلىنىپ تولۇقلىنىپ ،ئۆز ئارا تەڭپۇڭلىقنى ساقلاپ ،ئىنسان ھاياتىنىڭ ساغلاملىق شەرىتلىرىنى ھازىر لايدۇ.
ئويغۇر تىبابىتى ئىنسان بەدىنى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ بىر لىكى ۋە زىدىيىتى ئاساسىدا تەرەقىي قىلىدۇ ۋە ھاياتلىق جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.
ئويغۇر تىبابىتى ئادەمنىڭ ئومۇمىي بەدىنىنى بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قاراپ ئەزالارنىڭ تۈزىلىشىنى يەككە ئەزا ۋە مۇرەككەپ ئەزا،خىز مەت رولىغا قاراپ رەئىس ئەزا،خادىمىي ئەزا ۋە غەيرى خادىمى ئەزادەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىپ كونكىرىت تەرىپلەيدۇ.مەسلەن؛مېڭە،يۈرەك،جىگەر  رەئىس ئەزالار.  ئۆپكە،ئاشقازان،تال،ئۈچەي،بۆرەك......قاتارلىق ئەزالارنى خادىمىي ئەزالار قاتارىغا كىر گۈزىدۇ ھەم يۇقىرىقى ئەزالارنىڭ كونكىرىت خىز مەت رولىغا قاراپ بەزىلىرىنى ھەم باشقۇرغۇچى،ھەم باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار قاتارىغا  تىر ناق،چاچ قاتارلىقلارنى غەيرى خادىمىي ئەزا قاتارىغا كىر گۈزىدۇ.
ئويغۇر تىبابىتى كېسەللىكلەر سەۋەپلىرىنى ئىچكى سەۋەپ ۋە تاشقى سەۋەپ دەپ ئىككىگە بۆلۈپ كونكىرىت تونۇشتىرىدۇ.ھەرخىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تەپسىلىي ئېنىق كۆرسىتىدۇ.كېسەللىكلەرنى چوڭ جەھەتتە يالغۇز كېسەللىكلەر ۋە مۇرەككەپ كېسەللىكلەر دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىيدۇ.يالغۇز كېسەللىكلەرنى مىزاج بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىكلەر ،شەكىل بۇزۇلۇش خارەكتىرلىك كېسەللىكلەر،پۈتۇنلۈك خارەكتىرلىك كېسەللىكلەر دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈپ ،بىر مۇبىر كېسەللىكنىڭ سەۋەبى،ئالامىتى،داۋالاش ئۇسۇللىرىغىچە تەپسىلىي توختىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمەلىي تەجىرىبىلىرىدىن يەكۈنلەنگەن،ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش ،تونۇپ ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇللىرى بۇلۇپ،كېسەللىكنى توغرا تونۇپ دىئاگىنوز قويۇش ،توغرا داۋالاپ بىمارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.
ئويغۇر تىبابىتى -تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى،مىزاج تەلىماتى،خىلىت تەلىماتى،قۇۋۋەت تەلىماتى،روھ تەلىماتى،ئەزاتەلىماتى ئاساسىدا ،مۇھىمى ئادەم بەدىنىنىڭ بىر پۈتۈنلىكى ۋە ئۇنىڭ تاشقى مۇھىت بىلەن بولغان بىرلىكى ،زىددىيىتى ئاساسىدىكى تونىشلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئىچكى - تاشقى سەۋەپ ۋەباشقا ئامىللار ھەمدە كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ۋاستىلىك ۋە ۋاستىسىز ھەرخىل تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىپ دىئاگىنوز قۇيىدۇ.
ئۇيغۇر تىبابىتىدە كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى-قاراپ تەكشۈرۈش،سوراپ تەكشۈرۈش،پۇراپ تەكشۈرۈش،تۇتۇپ تەكشۈرۈش،تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش،چوڭ-كىچىك تەرەتلەرنى تەكشۈرۈش، قۇسۇق ۋە خەپرۈكلەرنى تەكشۈرۈش قاتار لىقلار نى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى كېسەللىكلەرنى نۇقۇل دورا ئارقىلىق داۋالاش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ.ئۇ بىمارنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلاش ،ئېغىر كېسەللەرنى ياتقۇزۇپ داۋالاش،روھى داۋالاش،ھاۋا يۆتكەپ داۋالاش،بىمارنىڭ قۇۋۋىتىنى ساقلاپ داۋالاش،يىمەك-ئىچمەك بىلەن داۋالاش ،دورا بىلەن داۋالاش،ئارشاڭ ۋە قۇياش نۇرى بىلەن داۋالاش،قۇم بىلەن داۋالاش،لوڭقا قۇيۇپ داۋالاش،تېرىگە ئېلىش،يەرلىك ئورۇنغا ئىسسىق ۋە سوغۇق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش،داغلاپ داۋالاش،ئۇۋلاپ ئىسلاپ داۋالاش ،نەشتەر ئۇرۇش،قان ئېلىش،ئوپراتسىيە قىلىپ داۋالاش ،سۇنۇق -چېقىقلارنى تېڭىپ داۋالاش،پەرھىز بۇيرۇش قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ ،داۋالاش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىبابىتى دورا گەرلىك ئىلمى -دورا ماتىرىياللىرىنى تونۇش،ئۆستۈرۈش،يىغىش،ساقلاش،ئىش قوشۇپ پىششىقلاش قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغاندىن سىرىت،دورىلارنىڭ خۇسۇسيىتى ،ئورۇن باسارى،شىپالىق رولى ،ئەكىس تەسىرى تۈزەتكۈچى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي تۇنوشتۇرىدۇ.
ئۇيغۇر تىبابىتى كېلىنىكا جەھەتتە كېسەللىكلەرنى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى،تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى ،تېرە كېسەللىكلەر ئىلمى ،بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمى،ئاياللار كېسەللىكلىرى ئىلمى،بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ئىلمى،يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى ئىلمى قاتارلىقلارغا ئايرىيدۇ.
ئۇيغۇر تىبابىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەقىيات ۋە كىلىنىك ئەمىلىيەتلىرى جەريانىدا تەدىرىجىي شەكىللەنگەن بۇلۇپ،ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىش ئارقىلىق ئۆز مەزمۇنىنى بېيىتقان ۋە ھەرقايسى كېلىنىك بۆلۈملەرگە خاس بولغان نەزەرىيە ۋە كېلىنىك داۋالاش ئىلمى بولۇپ سېستىمىلاشقان.
تۇرپاندىن تېپىلغان............. ئارخولۇگىيېلىك تارىخىي ھۆججەتلەرگە قارىغاندا بۇنىڭدىن 1000-1400 يىل ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تىۋىپلىرى كېسەللىكلەرنى تېرە كېسەللىكلىرى،كۆز كېسەللىكلىرى،قۇلاق،بۇرۇن ۋە بوغۇز كېسەللىكلىرى،چىش كېسەللىكلىرى،نېرۋا كېسەللىكلىرى،نەپەس ئېلىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرى،يۈرەك كېسەللىكلىرى،ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرى،سۈيدۈك يولى ۋە جېنسىي ئەزا كېسەللىكلىرى،جاراسىملىق كېسەللىكلەر،كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى نەسىھەتلەر قاتارلىق 12 چوڭ تۈرگە ئايرىغان.يەنە بىر يۈرۈش مۇقۇم دورا ئۆلچەملىرى بولغان.
بۇ ئۇيغۇر تىباتچىلىكىنىڭ بۇنىڭدىن 10 نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا يۇقىرى دەرىجىدە تەرەقىي قىلغانلىقى ۋە مۇكەممەل سېستىما بۇلۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇر تىبابىتى يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك ئۇزۇن تارىخقا،مۇكەممەل سېستىمىلىق نەزەرىيە ئاساسى ۋە مول تەجىرىبە ،پۈتمەس-تۈگىمەس دورا مەنبەسىگە ئىگە بولۇپ،ئىنسانلارنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ،كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش جەھەتتە مۇھىم رول ئويناپ كەلدى ۋە كەلمەكتە!!!
لېكىن،بىرقىسىم ئالدامچى،ساختىپەزلەر پۇل تېپىشنى كۆزلەپ تىۋپ ۋە دوختۇر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ دۇنياغا مەشھۇر ئۇيغۇر تىبابىتىمز گە ھاقارەت كەلتۈردى.بۇنىڭ بىلەن خەلىقنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىگە بولغان چۈشەنچىسى مۇجمەللەشتى.ھەتتا،ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغان،ئۇنى مەسخىرە قىلىدىغان بۇلدى.مەدەنىيەت تارقاتقۇچى ھېساپلىنىدىغان ئارتىسلىرىمىز،ئىتوت،كۈلدۈرگە چولپانلىرىمىز مۇ قممەتلىك يادىكارلىقىمىز ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى ماختاپ ،ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتمەي ئەكسىچە كومىدىيەلىك ،كۈلكىلىك ئۇسۇللاردا سەھنىلەشتۈرۈپ ئۇنى سۆكتى!
مەسلەن؛داڭلىق كۈلدۈرگە چولپانلىرىمىزدىن ئابدۇرىشىت توختى قۇربان ۋە ئابلىز توختى قۇربان ئورۇنلىغان‹‹پۇل تاپىمەن ››دىگەن ئىتوتىدا ،ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تۇمۇر تۇتۇپ تەكشۇرۈش،قاراپ تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىغا ،ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىغا ۋە تىۋىپلىرىمىزنىڭ تىۋىپلىق ئەخلاقىغا ھاقارەت كەلتۈرگەن.ئابدىكېرىم ئابلىز ئاكىنىڭ ‹‹خىسلەتلىك تىۋىپ››دېگەن ئىتوتىدا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ قاراپ تەكشۈرۈش ۋە تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى كۈلكىلىك ئۇسۇلدا مەسخىر قىلغان.تىبابىتىمىز كۈلكە مەنبەس بۇپقالغان.قېرنداشلارنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئىشىنىشىنى ۋە ئۇنى قوللاپ -قۇۋەتلەپ بېرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

UID
15784
يازما
16
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
376
تىزىملاتقان
2011-10-6
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەرىپچە داۋالاش قېيىنئانامنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلىنى داۋالىيالمىغانتى مىللى تىبابەت داۋالاپ ساقايتىۋەتتىىغۇ؟؟مەن شۇندىن بېرى مىللى تىبابەتكە قايىلمەن!!يېقىندا ئوغلۇمنىڭ كېسىلىنى كۆرسەتكىلى ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىغا بارغاندا خەنزۇ دوختۇر رېتىسىپقا‹زۇكام جەۋھىرى›نى يېزىپتۇ،نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا توردا ئۇيغۇر  تىبابىتى دورىلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆپلەپ  يۆتكىلىۋاتقانلىغىنى  يازغانتىغۇ،مانا بۇ پاكىتلار ئۇيغۇر  تىبابىتىنىڭ بازار تېپىۋاتقانلىغىنىڭ دەلىلى!!!ئۇيغۇر  تىبابىتىمىزنى قوللايلى!!!

UID
10693
يازما
6
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
186
تىزىملاتقان
2011-4-12
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر چەتئەلنىڭ دورىلىرى جىق  تىز  ئۇنۇم بىرىدۇ لىكىن ئەكىس تەسىرى بار ھەمىسى خمىۋىلىك دورا ئەمەسمۇ  
يەنىلا مىللى تىبابىتىمىز ياخشى

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-1-7 12:10):
  دىمىسىمۇ ھازىر ئىتوتچىلىرىمىزنىڭ قىزىق تىمىسىغا ئايلاندى  

باھا سۆز

motiwarlar  ئۇيغۇر تىبابىتىمىز دىسەك ياخشى بولىتى.  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:55

UID
15363
يازما
38
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
908
تىزىملاتقان
2011-9-21
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
21 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەرىپچە تىبابەت بىلەن ئۇيغۇرچە تىبابەتنىڭ پەرقىنى مۇنداق چۈشۈنىشكە بولىدۇ.
ئەخلەت قاپلاپ كەتكەن بىر ئۆي بار، بۇ ئۆينى چىۋىن قاپلاپ كەتكەن، بۇ چىۋىننىلارنى غەرىپ تىبابىتى بويىچە كۈچلۇك ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسى بىلەن بىردەمدىلا ئۆلتۈرۋېتىپ ، ئۆيدە بىرمۇ چىۋىن قويماسلىق.
ئۇيغۇر تىبابىتىدە بولسا ئاۋال بۇ ئۆيدىكى ئەخلەتلەرنى پاكىز تازىلاپ چىۋىننىڭ داۋاملىق ياشىشىغا ئىمكان بەرمەسلىك، ئاخىر چىۋىن ياشىغۇدەك موھىتنى يوقۇتۇش ئارقىلىق چىۋىن ئۆلتۈرۈش مەقسىدىگە يىتىش، شۇڭا بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن ئۇزاقراق ۋاقىت كىتىدۇ، چىۋىن تەل- تۆكۈس يوقايدۇ، غەرىپ تىبابىتىدە بولسا چىۋىن دەرھال يوقايدۇ، لېكىن ئەخلەتلەر يوقىمىغان بولغاچقا  ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسىنىڭ پۇرىقى تۈگىگەن ھامان چىۋىن يەنە پەيدا بولىدۇ.
بىز ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەمدىلاتىن بىلىۋاتىمىز، كىشىلىرىمىز ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىغا ئەمدىلاتىن دىققىتىنى بۇراۋاتىدۇ، ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرىنىڭ قەدرى بىلىنىشكە باشلىشى بىلەن بەزى پۇرسەتپەرەسلەر ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرىدىمۇ ساختىلىق قىلىشقا باشلاۋاتىدۇ.

باھا سۆز

zamani  سىزمۇ ئۇيغۇر تىبابەت خادىمىمۇ؟؟؟  يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:17

UID
14296
يازما
8
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
188
تىزىملاتقان
2011-8-24
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنىڭ تىبابىتىنى يوقاتقان قەۋىم ئۆزىنىڭ تىنىنى ۋە ساغلاملىقىنى ۋە كەلگۈسىنى باشقىلارنىڭ  قولىغا خالىغانچە تاشلاپ بەرگەن مىللەتتۇر دەپ يازغانمەن خاتىرەمگە.

UID
4616
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
125
تىزىملاتقان
2010-8-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىبابىتى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە مۇشۇ ئۇيغۇر دىيارىدا ھايات كەچۈرۈپ كىلۋاتقان خەلىقلەرنىڭ تەن ساقلىغىنى قوغداش،  كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش  ئىشلىرىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن ئىكەن . چۈنكى شىنجاڭغا غەرب تىبابىتى پەقەت 20-ئەسىرنىڭ 10-يىللىرىدا كىرىپ، 30ّّ~40–يىللىرىغا كەلگەندە ئاندىن ئومۇملىشىشقا قاراپ  يۈزلىنىپ ئاجايىپ تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۇرۇپتۇ يۇ ئۆزىمىز ياراتقان ئۇيغۇر تىبابىتىمىز بۇلۇڭدا بويۇن قىسىپ قاپتۇ ، يەنە  بىر ئىشقا بەك كۈلگۈم كىلىدۇ،خۇيزۇ قېرىنداشلار،خەنزۇ قېرىنداشلارنىڭ 90% تى (ئۇيغۇر تىبابىتى维吾尔医 دەيدىكەن ئەپسۇس ئۇيغۇر ئاتالغان بىزدىن  90% كىشى   مىللىي تىبابەت دەيدىكەن تىبابىتىمىزگە  دىيىش شۇنچە ئوڭايكى  ئۆزىمىزنىڭ تىبابىتى بولغاندىكىن ئۇيغۇر سۆزىنى قوشۇپ   ئۇيغۇر تىبابەت دىيىش 90
% خەلقىمىزگە  بەك ئېغىر كىلىدىكەن .  ئۆزى ياراتقان تىبابەتىنىڭ بويۇن قىسىپ قېلشى ۋە ئۆز تىبابىتىنى ئىسمىنىمۇ توغرا ئاتالماسلىقى  بۇبىزنىڭ  كىملىك ،ئۆزلۈك قىممىتىمىزدىكى  تۇزكورلۇق،مەپكۈرلۇق پەلسەپەسىگە ياتامدۇ قانداق؟....   

باھا سۆز

abdukorax  ھەقىقەتەن توغرا ئىيتىسىز ...  يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:02

UID
4616
يازما
5
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
125
تىزىملاتقان
2010-8-14
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
4 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى مەملىكىتىمىز تەرپىدىن ئىتىراپ قىلنىدىغان ئەنئەنىۋى مىللىي تىبابەتلەر بولسا جۇڭيى تىبابىتى،ئۇيغۇر تىبابىتى،مۇڭغول تىبابىتى،زاڭزۇ تىبابىتى،دەيزۇ تىبابىتىدىن ئىبارەتتۇر

UID
17957
يازما
95
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
1685
تىزىملاتقان
2011-12-2
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-9
توردا
19 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر  تىبابىتىمىزنى قوللايلى

UID
18907
يازما
4
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
4
تىزىملاتقان
2011-12-25
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-7
توردا
5 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىندىشىم قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن تولىمۇ ياخشى تىما بوپتۇ.  تۆۋەندە مەنمۇ بىرقانچە كۆزقارشىمنى دەپ ئۆتەي: 1.كۈلدۈرگە چولپانلىرمىزنىڭ شۇ ئىتوتلارنى ئورۇنلىشىدىكى مەقسىدى ھەرگۈزمۇ ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنى سۆكۈش،ياكى چۈشۈرۈش ئەمەس بەلكى ئۇيغۇرتىبابىتىمىزنىڭ نامىنى بۇلغاۋاتقان تۇتىرۇقسىز ئالدامچى تىۋىپلارنى قامچىلاش، ئۇلارغا ئالدىنىپ يۈرۋاتقان بىزلەرگە ئۇلارنىڭ ئەبدى-بەشىرىسنى ئىچىپ تاشلاشتىن ئېبارەتتۇر.2.ئۇيغۇر تىبابىتىمىزنىڭ رولىنى ئاجىزلاشتۇرۋاتىقىنى تىۋىپلا ئەمەس يەنە دورا خام-ئەشيالىرى،بۇرۇنلاردا ئىشلەتكەن بۇغا مۈڭگۈزلىرى بولسا ئوت-چۆپ دورلىرنى يەپ چوڭ بولغان بۇغىلارنىڭ مۈڭگۈزى بولسا ،ھازىر چۇ ھەممىسى قوتاندا سامان ،پوستاق يەپ چوڭ بولغان بۇغلارنىڭ مۈڭگۈزى،بۇرۇنقى ئېگىز تاغلاردا قۇياش نۇرغا چۆمۈلۈپ،ئەركەك سۇلارنى ئىچىپ ئۆسكەن .ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئورنىغا پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن ئۆسۈملۈكلەر خام-ئەشيا قىلىپ ئىشلىتىلگەچكە دورلارنىڭ تازا ئۈنىمى يوق ،شۇڭا خەلقىمىزدە ئۇيغۇرتىبابىتگە تازا ئىشىنىپ كىتەلمەيۋاتقانلار نۇرغۇن.
شۇڭا سەۋەپنى تىۋىپلارغىلا ئىتتىرىپ قويۇشقا بولمايدۇدەپ قارايمەن.
  ئاخىردا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمەنكى   تارىختا نۇرغۇنلىغان ئەل-قەۋىملەر مەلۇم يۇقۇملۇق كىسەللكلەر تەرپىدىن ھالاك قىلىنغان،بىراق بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مۇكەممەل تىبابەت نەزىريىمىز،ۋە ئەمىلى تىبابەت ئۇستىلىرىمىز بولغاچقا نەچچەمىڭ يىللىق پارلاق مەدەنىيەت يارتىپ،تاكى بۈگۈنگە ئۇلاشتۇق ،شۇڭا مىللى مەدىنىيتىمىزنىڭ مۇھىم بىرقىسمى بولغان ئۇيغۇر تىبابىتىمىزنى قوغداش ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتىمىز ۋە مەجبۇرىيتىمىز دۇر.

UID
18563
يازما
27
تېما
0
نادىر
0
جۇغلانما
27
تىزىملاتقان
2011-12-20
ئاخىرقى قېتىم
2012-1-8
توردا
70 سائەت
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى كىسەلنى يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتىدۇ..مەنمۇ پاتپات مىللىچە دورىلارنى ئىستىمال قىلىمەن.ئادەمنىڭ مىجەزىنىمۇ تەڭشەيدىكەن،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

|شىركەت ھەققىدە ئەلكۈيى ھەققىدە| سەھىپىلىرىمىز| مۇلازىمەتلىرىمىز| ئېلان بىرىڭ| ئەلكۈيى چوڭ ئىشلىرى| نەشىر ھوقۇقى | ئالاقىلىشىش

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2006 - 2015 www.alkuyi.com All Rights Reserved
爱酷艺网络科技公司版权权益 نەشىر ھوقۇقى: ئەلكۈيى تور - تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە 新ICP备10001494号-1
شىركەت ئادرېسى : ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شىنخۇا يولى 835- نومۇر گۇاڭخۇي سارىي 13- قەۋەت ئې ئىشخانا
مۇلازىمەت قىززىق لىنىيە تېلىفۇن نومۇرى:3222515-0991 : : 8555525-0991   QQ: 285688588

رەسىمسىز شەكلى|يانفۇن|ئەلكۈيى تورى ( 新ICP备10001494号-1 )

چوققىغا قايتىش